ياۋروپا تاراتقۇلىرىنىڭ دورىتمونىد مەستانىلىرىغا بەرگەن باھالىرى
3-ئاينىڭ 14-كۈنىدە ئېلىپ بېرىلغان دورىتمونىد بىلەن مايىنىزنىڭ مۇسابىقىسىدە بىر دورىتمونىد مەستانىسىڭ تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ قېلىپ قارزا قىلغان . بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان پۈتۈن مەيداندىكى مەستانىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ قازا قىلغۇچىغا ھۆرمىتىنى بىلدۈردى . بۇ ئىش دۆلەت ئىچىدىلا غۇلغۇلا قوزغاپلا قالماي ، ياۋروپادىكى تاراتقۇلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارىتتى ....ئۇنداقتا تاراتقۇلار بۇ .ئىشقا قانداق ئىنكاس قايتۇردى ؟
«مۇھاپىزەت گېزىتى » (ئەنگىلىيە ) :
گېرمانىيە پۇتبولى قايغۇ ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىق بىرلىكنى نامايەن قىلدى . بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ھەر ئىككىلى تەرەپ جىمجىتلىقنى ساقلىدى . گەرچە كاگاۋا توپ ئۇرۇپ غەلبىنى مۇقۇملىغان بولسىمۇ ، لىكىن .ئۇ تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلىمىدى »
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » (ئەنگىلىيە ) :
دورىتمونىد مەستانىلىرى كىشىنى تەسىرلەندۈردىغان ئۇسۇلدا قازا قىلغۇچىغا تەزىيە بىلدۈردى . دورىتمونىدنىڭ مەشھۇر جەنۇبى كۆرۈش سۇپىسىمۇ قازا قىلغۇچىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى ...
« قۇياش گېزىتى » ( ئەنگىلىيە ):
مەستانە تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى . مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كىيىن دورىتمونىد توپچىلىرى كۆرۈش سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، مەستانىلەر بىلەن بىرلىكتە « سەن مەڭگۈ يالغۇز ئەمەس » ناخشىنى ئېيتىپ قازا قىلغۇچىنى ئۇزۇتۇپ قويغان ....
«ئەينەك گېزىتى » ( ئەنگىلىيە ) :
مەستانە تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. بۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان مەستانىلەرنىڭ ئىپادىسى دۇنياۋى دەرىجىلىك بولدى ...
«لىۋىرپول ئەكىس سادا گېزىتى » (ئەنگىلىيە ):
قازا قىلغۇچى ئۈچۈن ئوقولغان «سەن مەڭگۈ ئيالغۇز ئەمەس » دېگن ناخشا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ . مۇسابىقە جەريانىدا پۈتۈن مەيداندىكى 80 مىڭ مەستانە 15 مىنۇتقا يېقىن جىمجىملىتقىنى ساقلاپ قازا قىلغۇچىغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى .
«مۇستەقىللىق گېزىتى » ( ئەنگىلىيە ):
دورىتمونىد توپچىلىرى ، مەستانىلەر بىلەن بىرلىكتە « سەن مەڭگۈ يالغۇز ئەمەس » ناخشىنى ئېيتىپ قازا قىلغۇچىغا تەزىيە بىلدۈردى ...
«مىلان تەنتەربىيە گېزىتى » (ئىتالىيە ):
دورتمونىد قازا قىلغۇچى ئۈچۈن ناخشا ئوقۇدى . دورىتمونىد مەستانىلىرى يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تەرىپىنى نامايەن قىلدى . غەلبىنى تەبرىكلەشتە بولسا توپچىلار مەستانىلەر بىلەن بىرلىكتە «سەن مەڭگۈ يالغۇز ئەمەس » دېگن ناخشىنى ئېيتىشنى تاللىدى ...
«كۈندىلىك تەنتەربىيە » (ئىسپانىيە) :
دورىتمونىد « سەن مەڭگۈ يالغۇز ئەمەس » ناخشىنى ئېيتىپ قازا قىلغۇچىغا تەزىيە بىل ...بۇ خەۋەر 80 مىڭ مەستانىنى ھەيرەتتە قالدۇردى ...ئۇلار ساپ ئاۋازى بىلەن « سەن مەڭگۈ يالغۇز ئەمەس » ناخشىنى ئېيتىپ قازا قىلغۇچىنى ئۇزۇتۇپ قويدى ....
قۇشۇمچە :
你永远不会独行 بۇ ناخشا لىۋىرپولنىڭ كوماندا ناخشىسىكەن ھەم مەشھۇر پۇتبول ناخشىكەن ، بۇ ناخشىنىڭ ئىسمىنى قانداق ئالسام مۇۋاپىق بولىدىغىنى بىلەلمەي « سەن مەڭگۈ يالغۇز ئەمەس » دەپ ئېلىپ تۇردۇم ، مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمەن ...
رەسىملەر بولسا دورىتمونىد جەنۇبى كۆرۈش سۇپىسىنىڭ رەسىملىرى
|