ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1015 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ساخاۋەتچىلىك تەرەپتىن ئېيىتقاندا رونالدو پۈتۈن توپچىلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇشقا لايىق .يېقىندا ئۇ يەنە بىر قېتىم 5ياشلىق سۈرىيەلىك بالىغا خەيىر -ساخاۋەت قىلغان ,ھەم ھەممەيلەننى ساخاۋەت ئىشلىرىغا دەۋەت قىلغان .
رونالدو ئۆزىنىڭ ئالاقە تورىغا كىچىك رونالدو ۋە ئۆزى بىر سۈرىيەلىك ئايمان (ayman ) ئىسىملىك كىچىك ئۆسمۈرنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۋالغان ھالىتىنى ھەمبەھىرلىگەن ,سۈرەتتە كىچىك رونالدو ۋە ئايمان ھەر ئىككىلىسى پۇتبول كۆتۈرۋالغان بولۇپ لىكىن بۇ ئىككى بالىنىڭ ئەھۋالى ئادەمنى سەل چوڭقۇر تېنىشقا سالغان .
رونالدو رەسىمنىڭ ئۈستىگە مۇنداق دەپ يېزىپ قويغان :ئايمانغا ئوخشاش سۈرىيەلىك ئۆسمۈرگە ياردەم قىلىڭ .ئايمان كىچىك رونالدوغا ئوخشاشلا پۇتبولنى سۆيىدۇ ” كەينىگە بىر توربەت ئادرىسنى قالدۇرغان بولۇپ بۇ ئادرىسنى چەككەندە ئىكراندا “ئايمەننىڭ (بالىنىڭ جەمئىيەتتىكى ھوقۇقىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىسمى ئۆزگەرتىلدى )ھېكايىسى پەيدا بولغان ”
ئايمەن 2011 -يىلى بىر ھەربى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن .ئەينى ۋاقىتتا سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى ئەڭ قاينىغان ۋاقىتلار ئىدى ,ئايمەننىڭ ئانىسىڭ ئېيتىشچە :ئايمەن تۇغۇلۇپلا ئۇرۇش ئوقلىرنىڭ ئاۋازى ئىچىدە قورشىلىپ قالغان ئىكەن .
ئانىسى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ “ ئايمەن ھاۋادىكى كۈچلۈك ئوق ئاۋازى سەۋەبلىك كېچىلىرى ئۇخلىيالمايىتتى ,بىزمۇ بەك قورقاتتۇق ئۇخلىيالمايتتۇق .ئايمان پۈتۈن -پۈتۈن كېچىلەپ يىغلاپ كېتەتتى.ئۇرۇش سەۋەبلىك نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىچىنى قان قىلغۇدەك ئېچنىشلىق ئەھۋاللار يۈز بەردى .ئايمەن كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا سۆزلىيەلمەيىتتى ,بىراق ئۇنىڭ دادىسى ئىشخانىدا ئۇنىڭغا توپ تېپىشنى ئۈگۈتۈپ قويدى .پۇتبول ئۇنىڭ بارلىق ئارزۇيىغا ئايلاندى ”
ئانىسى يېشىنى سۈرىتكەن ھالەتتە سۆزلەپ بەردى .
بىز ئۇنىڭ سۆرىتىگە قارايدىغان بولساق ئۇنىمدىگەن خۇشال ھە !5 مىلىيون سۈرىيەلىك ئۆسمۈر ھازىر تاماققا مۇھتاج .رونالدو مۇشۇ توغرۇلۇق كىشىلەرنى ئۇمۇمىيۈزلۈك چاقىرغان ………………………… |
|