elan ornielan orni
كۆرۈش: 1555|ئىنكاس: 42

ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە نەزەر...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مۇنبەر ئەھلى قانداقراق ئەھۋلىڭلار ؟ ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيېرلىك بولسۇن !!!

تىما يوللاي دەپ قارىسام ،   تەرجىمە قىلىپ يوللىغۇدەك تۈزۈك تىمىمۇ يوق . پەقەت ئىككى چوڭامنى بىرىنىڭ ماختاپ ، بىرىنىڭ چۈشۈرگەن تىمىلار جىق ئىكەن . شۇڭا ئىسپانىيە بىرلەشمىسى توغورلۇق  ، مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا بارسېلونا ۋە رېيال مادىرىددىن بۆلەك 18 كوماندىنىڭ ھازىرقى  بىرلەشمىدىكى ئەھۋالىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشايلى دەپ ،كەلسۇن  كەلمىسۇن جىجاپ باقتىم . ھوزورۇڭلاردا «ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە نەزەر » ...

image.jpg
   ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 29-ئايلانمىسى سەھەر ئوينىلىپ تۈگىدى .تۆۋەندە بۇ ئايلانمىدىن كىينكى بىرلەشمىنىڭ ئەھۋالى ..


نەتىجىلەر :

مالاگا 1-1 شىخوڭ رىقابەت
بارسېلونا 6-0 خىتافى
سېرتا 1-0 خانلىق جەمىيەت
مادېرىد رىقابەت 3-0 لاكىرۇنىيە
بالىكونا 1-1 ئەيۋار
لەيۋەنتى 1-0 ۋالۇنسىيە
سەرۋىلىيە 4-0 بىللارىيال
بىلباۋ رىقابەت 3-1 خانلىق بىنتىس
لاسپارماس 1-2 خانلىق مادىرىد


ئەڭ كۆپ توپ كىرگەن مۇسابىقە:
بارسېلونا 6-0 خىتافى


ھەيران قالارلىق نەتىجە :
سەرۋىلىيە 4-0 بىللارىيال


يۇقۇرقى 10 مەيدان مۇسابىقىدە جەمىئىي  26 توپ چۈشكەن بولۇپ ، ھەر مەيدانىغا 2.6 توپتىن توغرا كەلگەن .

بۇ ئايلانمىدىن كىيىن ئەڭ كۆپ توپ  ئۇرغان كوماندا يەنى ھۇجۇم كۈچى ئەڭ يۇقۇرى بولغان كوماندا  بارسېلونا بولۇپ 29 ئايلانمىدا 84 توپ ئۇرغان . ھەر مەيدانىغا 2.89  توپتىن توغرا كەلگەن .
image.jpg
ھۇجۇم كۈچى ئەڭ ئاجىز كوماندا ، يەنى ئەڭ ئاز توپ كىرگۈزگەن كوماندىلار بولسا  ، 20-ئوروندىكى لەيۋەنتى ،  17-ئوروندىكى خىتافى ۋە 11-ئوروندىكى خانلىق بىنتىز قاتارلىق ئۈچ كۇلۇپ 29 مەيدان مۇسابىقىدە 27 توپ ئۇرغان بولۇپ ، ھەر 1.07 مەيدان مۇسابىقىدە ئاران بىر توپ ئۇرغان .

مۇداپىيەسى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا بولسا ئاتلىتكا مادىرىد بولۇپ ، 29 ئايلانمىدا 12 توپ كەتكۈزگەن . ھەر مەيدانىغا 0.41 توپ ئىستىمال قىلغان .

مۇداپىيەسى ئەڭ ناچار كوماندا يەنى ئەڭ جىق توپ ئىستىمال قىلغان كوماندا بولسا ،  14-ئوروندىكى ئىسپانىيلىكلەر كوماندىسى بولۇپ ، 29 مەيدان  مۇسابىقىدە 54 توپ ئىستىمال قىلغان . يەنى ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 1.86 دىن توپ ئىستىمال قىلغان .


بۇ ئايلانمىدىن كىيىن رەت-تەرتىپ...
image.jpg
ئۇزغۇنلۇق ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار :

1- بارسېلونا
2- ئاتلىتكا مادىرىد
3-رېئال مادىرىد
4-بىللارىيال


ئىتتىپاق ئۈچۈن چىپىۋاتقانلار :

5-سەرۋىلىيە
6-بىلباۋ ئاتلىتكا

image.jpg
دەرىجە ساقلاش رايونىدىكىلەر :
7-سىرتا
8-ئەيۋار
9-مالاگا
10-خانلىق جەمىيەت
11-خانلىق بېنتىس
12-ۋالۇنسىيە
13-لاكىرۇنىيە
14-ئىسپانىيلىكلەر
15-لاسپارماس
16-بالىكونا
17-خىتافى


دەرىجە چۈشۈش رايونىدىكىلەر :
18-گىرانادا
19-شىخوڭ رىقابەت
20-لەيۋەنتې


يۇقۇرىقى ھەرقايسى رايوندىكىلەرنىڭ كۈرىشى ...

چىمپىيۇنلۇق:

بارسېلونا ئىككىنجى ئوروندىكى ئاتلىتكىدىن 8 نۇمۇر ئىشىپ كەتكەن بولسىمۇ ، لىكىن بىرلەشمە تۈگەيدىغانغا يەنە 9 ئايلانما بار .  تولۇق ئالالىسا 27 نۇمۇر دىگەن گەپ ،  گەرچە بارسېلونا بىلەن ئاتلىتكىنىڭ ئۇچرىشىشى تۈگىگەن بولسىمۇ ، دۆلەت  دىربىيسى ئاتلىتكىنىڭ ئاخېرقى ئۈمۈدى . بارسېلونا 3 مەيدان مەغلۇپ بولسا ئاتلىتكا ئۇدا ئۇتسا ئاتلىتكىدىمۇ چىمپىيۇن بولۇشتا ئۈمۈد بار .مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا بۇ پەسىللىك بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقىنى بارسېلونا بىلەن ئاتلىتكىلا تالاشقۇدەك ماجال بىلەن چىپىۋاتىدۇ  .(گەرچە تەس بولسىمۇ )..

image.jpg
ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىش  ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار :

خانلىق مادىرىد بىرلەشمىدىن ئاساسىي جەھەتتىن ئۈمۈد ئۈزدى . ئۇلار بارلىق نىشانىنى  بۇ پەسىللىك ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا قاراتتى . ئاخشامقى مۇسابىقىمۇ بۇنىڭ تىپىك مىسالى . خانلىق بۇ پەسىل بىرلەشمىدىكى ئاساسلىق نىشانى بولسا ئالدىنقى 4 تىن چۈشۈپ قالماسلىق .

ۋىللارىيال بولسا 4-ئوروندا خانلىق مادېرىددىن 10 نۇمۇر كەينىدە قىلىپ ، كىلەر پەسىللىك ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىش ئۈچۈن ، تېرىشىپ كىتىپ بارىدۇ .

سەرۋىلىيە بولسا بۇ پەسىل يەنىلا شۇ ئىتتىپاق لوڭقىسى چەمبىرىكىدە يۈرگەن بولۇپ ،  4-ئوروندىكى ۋىللارىيالنى 4-0 نەتىجە بىلەن يىڭىپ ئۇلارنىڭمۇ ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈمۈد تۇغۇلدى . ئۇلارمۇ بەلكىم ئەمدىكى نىشانىنى ئۇزغۇنلۇق چەمبىرىكىگە كىرىشكە ئۆزگەرتىشى مۇمكىن . ئەگەر بۇداقى ئايلانما سەرۋىلىيە ئىپادىسى تازا تۇراقسىز بولىۋاتقان خانلىق مادېرىدنى مەغلۇپ قىلالىسا ، ئۈستىدە كىتىپ بارغان سىرىق سۇ ئاستى كىمىسى ئالەم كوماندىسى بارسېلونا بىلەن تۇتۇشىدۇ . ئۇچاغدا ۋىللارىيالدىن ئىشىپ كىتىش پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالىدۇ .
بىلباۋ ئاتلىتكىمۇ سەرۋىلىيە بىلەن ئوخشاش قاراشتا بولۇپ نۇمۇر پەرىقى پەقەت 1 نۇمۇر ..

image.jpg
ئىتتىپاق لوڭقىسىغا قاتنىشىشنى تەما قىلىۋاتقاندىن :
بۇ پەسىلنىڭ بىشىدا ئىپادسى قالتىس بولۇپ ، بۇ پەسىللىك «قارا تۇلپار » دەپ قارالغان  7-ئوروندىكى سىرتامۇ بار بولۇپ ، 45 نۇمۇر بىلەن  ئۈستۈدىكى بىلباۋ رىقابەتتىن 2 نۇمۇر تۆۋەنلىكتە چوققىغا قاراپ ياماشماقتا ...

8-ئوروندىكى ئەيۋاردىن باشلاپ  مالاگا ، خانلىق جەمىيەت ، خانلىق بېنتىس ، ۋالۇنسىيە ،لاكىرۇنىيە ۋە ئىسپانىيلىكلەر بولسا بۇ پەسىل پەقەت دەرىجە ساقلاش ئۈچۈن كۈرەس قىلىدۇ . ئۇلار ياۋرۇپا سەھنىسىگە قايتىش ئۈچۈن بۇداقى پەسىلنى كۈتۈشى كىرەك .
image.jpg
لاسپارماس ، لاكىرۇنىيە ،  خىتافى  قاتارلىقلار گەرچە دەرىجە چۈشۈش چەمبىرىكىدە بولمىسىمۇ لىكىن يەنىلا دىققەت قىلىشى كىرەك   . چۈنكى ئۇلار دەرىجە چۈشۈش رايونىدىكىلەر بىلەن پەقەت 3~4 نۇمۇر پەرىق بىلەنلا ئۈستۈنلبكتە تۇرماقتا . ئاستىدا جان تالىشىۋاتقانلار ھەر زامان ئۇلارنىڭ پۇتىدىن تارتىۋىتىشى مۇمكىن ...

دەرىجە چۈشۈش رايونىدىكى  گىرانادا ، شىخوڭ رىقابەت ۋە لەيۋەتنىلارمۇ ھەرزامان يەنە 9 ئايلانما قالغان ئەھۋلدا بۇ رايوندىن قۇتۇلۇپ چىقالىشى مۇمكىن ...

image.jpg
  ئاخېرىدا مەرگەنلەر ۋە «تۆھپە پاس» چىلار :

مەرگەنلەر :
[/color
1- س.رونالدو :  27 (6 ) توپ (رېيال مادېرىد)
2-سۇئارىز : 26 (1) توپ (بارسېلونا)
3-مىسسى : 22(3) توپ (بارسېلونا )
4-نىيمار : 20(3) توپ ( بارسېلونا)
5-بىنزىما : 19 توپ ( رىيال مادېرىد)
6-ئادۇرىز : 17(2) توپ ( بىلباۋ ئاتلىتكا )
7-گىرىزمەن : 16(1) توپ (ئاتلىتكا مادېرىد)

تۆھپە پاسچىلار :
1-سۇئارىز : 12 پاس
2-مىسسى : 10 پاس
3-نىيمار : 10 پاس
4-س.رونالدو : 9 پاس
5-كوكى : 9 پاس
6-بىل : 8 پاس
7-سوردادو : 8 پاس

ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققۇچىلار :
1- س.رونالدو :  2610 مىنۇت
2-روبىرتو روسالىس : 2610 مىنۇت(مالاگا)
3-گۇيتا : 2610 مىنۇت ( خىتافى)
4-ئارىيوۋلا : 2610 مىنۇت ( ۋىللارىيال)
5-ئوبولاك : 2610 مىنۇت ( ئاتلىتكا مادېرىد)


مەنبە : bbs.putbol.cn دىن :

(ھەمراھ)

[size]
image.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-14 23:37:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىرۋېليە بىلەن ۋېللا  رېئالنىڭ  نەتىجىسى خاتا  بولۇپ  قاپتۇ . (4-2) .  بەك ھەيران  قالغۇدەك  نەتىجە  ئەمەس  ئۇ  ، ئۇزغۇنلۇق ئويناش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كوماندا بەكلا يامانلىشىپ كېتىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 23:41:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 23:44:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام،ئالامەت يىزىۋىتىپسىز،بىرلەشمىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ھارقانداق كوماندا شاش تۇرمىسا چاتاق چىقىدۇ،بارىسلۇنانىڭ داۋاملىق ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ،ئاخىرغىچە بەل قويۋەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلمەن…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 23:44:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتلىتكىنىڭ مۇداپىئەسى بەك ياخشىكەن سىمونىي يامان تىرنىركەن زادى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 23:46:33 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىلمۇ بارسىلۇنا چىمپىيون بوغىدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 23:47:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋالۇنسىيە گە بۇ يىل نىمە بولغاندۇ ھىچ ئىشەنگىم كەلمەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 23:55:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىللارىئال بىلەن سەرۋىلىيانىڭ تىرىشسىلا بىرسىدە ئۈمىد باركەن، لىكىن رەقىپلىرى ھەر ئ‍ىككىلىسىنىڭ كۈچلۈككەن…زىدانى راسلا ئ‍ۈمىدىنى ئ‍ۇزغۇنلوققا قاراتقان بولسا، ئ‍وتتۇرا مەيداننى تەرتىپكە سىلىپ ھۇجۇمغا ماسلىشالايدىغان سەپ شەكلى قۇرۇپ چىقمىسا بولمايدۇ. يەنە بىرسى مۇداپىئەسى تازا مۇككەممەل بولمايۋاتىدۇ، مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلسىلا ھۇجۇمدا ھەر ھالدا رۇنالدۇ بىر نىمە قىپ كىتەتتى، مايمۇنەك بىلەن بىنزىما قارىم تولۇق ئ‍ەسلىگە كىلىپ مۇسسابىقىنى داۋاملاشتۇرالىسىغۇ گۇلىگە، گۇل كىلەتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-15 00:02:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىمجان يوللىغان ۋاقتى  2016-3-14 23:41
ئىسپانىيەلىكلەر نىڭ پۇتلىشىپ دەرىجە چۈشۈپ كىتىشىنى ئۈ ...

ئەڭ كۆپ توپ  يەپ شالاقشىپ كېتىپتىغۇ ئاينا ياللانما قوشۇن   باكا ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-15 00:06:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېربىدا بولمىغاندا 1 لام نومۇر ئەپ قويسا بىرلەشمىنىڭ ئىشى پىشتى  ،  ئاندىن كىيىن 6 نومۇر يوقاتقان ھالەتتىمۇ ‹‹شومتەك مادىرتنى ›› قوش بوغۇزلاش نامى بىلەن چېمپىيۇنلۇق  تەنتەنىسىنى قىلىۋېردىغان گەپ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-15 00:09:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ ئىنىم مىلاننىڭ رىكورتىنى بۇزغان خەۋەرلەرنى يازمىدىڭىزغۇ ؟ تايلىق 46 مەيدان يېڭىپ 1- بولغاندا  يازاي دەۋاتامسىز يا ، ئاڭىغىچە تىكلىگەن ئىناۋەت مەنتەڭ بولۇپ كېتىپ تاسادىبى يىقىلىپ چۈشكىچە يازغاچ تۇرۇڭ ،  سىزگە كۆتىرە ئەمسە مۇشۇ مەزمۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-15 00:15:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتىستۇتا11 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-15 00:02
ئەڭ كۆپ توپ  يەپ شالاقشىپ كېتىپتىغۇ ئاينا ياللانما قو ...

ئۇلارنىڭ  جىق  توپ  ئۇتتۇرغان  مۇسابىقىسى ئۇنچە جىق ئەمەس ،  ئەمما  ئىككى  ئايلانمىدا يېگەن 12توپ  ئاينىتۋېتىپ  قاپتۇ  بۇ  سانلارنى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-4-11 15:55

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش