ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1021 |
تۆھپىسى: سەر |
|
سابىق زەمبىرەكچىلارنىڭ كاپىتانى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋېرمالۇن ئارسېنالنى ئەڭ ئوبدان چۈشىنىدۇ .ئارسېنال ئۈچۈن 5 يىل كۈچ چىقارغاندىن كېيىن بۇ بىلگىيەلىك 2014-يىلى بارسېلوناغا قوشۇلدى ……
ئارسېنال بىلەن بولغان ئىككىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىتىن بۇرۇن ۋېرمالۇن بارسېلونا تېلىۋىزيىسنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغان .
“بۇ ئادەتتىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئەمەس .بىز كىچىككىنە نومۇر پەرقى بىلەن ئۈستۈلۈكتە بولساقمۇ لىكىن ئۇلار بىزگە لوندوندا ئوبدانلا ئاۋارچىلىق ئېلىپ كەلدى ”
“ئەينى يىلى مەن ئارسېنالدا توپ تېپىۋاتقان ۋاقتىمدا ,بىز ئۆز مەيدانىمىزدا بىر نەچچە قېتىم بەيرېن مىيۇنخىنغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بىراق بەيرېننىڭ مەيدانىغا كەلگەندىن كېيىن بىز يامان ئەمەس نەتىجىگە ئېرىشتۇق .كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس شۇڭلاشقا سىز ئۇلارنى ئۆزمەيدانىدا مەغلۇپ قىلغان بولسىڭىزمۇ ئۇلارغا سەل قارىماسلىقىڭىز لازىم ”
“ئۇلارنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تىز قابىلىيەتلىك توپچىلىرى بار مانا بۇخىل ئەھۋال تېخىمۇ خەتەرلىك .بىز چوقۇم پۈتۈن زېھنىمىز بىلەن ئۇلارنى مۇداپىئە قىشلىمىز لازىم ”
“بارسېلونا ۋە ئارسېنال ئىككى خىل كوماندا لىكىن توپ تېپىشتا ھەر ئىككىلسى توپ كونتورول قىلىپ ئۇزۇن پاسنى ئاساس قىلمايدۇ ”
“ئارسېنال ئۈچۈن مەن پەقەتلا ياخشى سۆزلەرنى قىلالايمەن .پەسىل بېشىدىن باشلاپلا مەن ئارسېنالنىڭ لوڭقىغا ئېرىشىش پۇرسىتى بار دەپ ئويلايىتتىم بىراق ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇلارنىڭ يېقىندىن ياقى بولغان ئىپادىلىرى ياخشى ئەمەس ئۇلار نومۇر كەتكۈزۈپ قويدى. بىراق لوڭقىدىن تېخى خوشلاشمىدى چۈنكى تېخى بىرلەشمە ئاخىرلاشمىدى .بۇ خىل مۆجىزە بىر قېتىملا يۈز بەرگەن ئەمەس ,بىراق ئۇلار ئۆز ئىشەنچىسنى يوقۇتۇپ قويمىسىلا لوڭقىغا ئېرىشەلەيدۇ مانا بۇ ئەڭ مۇھىم ! ”
“ئەگەرئارسېنال يەنە بىر قېتىم لوڭقىغا ئېرىشسە بەك قالتىس بۇلاتتى ۋە بىز تۇنجى چىمپىيونلۇقنى ساقلاپ قالغان كوماندابولاتتۇق.بىراق بىز مېڭىشقا تېگىشلىك بىر ئاز يول بار لىكىن يىراق ئەمەس .قانداقلا بولسۇن غەلبە قىلىش ئۈچۈن تېرشىشىمىز كېرەك ”دەپ سۆزىنى تاماملىدى …………………………………………………… |
|