
ئىۋىرتون بىلەن بولغان مۇسابىقىدە چېلسى كاپىتانى تىررى مۇسابىقىنىڭ 85-مىنوتىدا كىنىدىغا ئالماشتۇرۋىتىلدى، بۇ تىررنىڭ چېلسى ھاياتىدىكى 700-مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى،مۇسابىقىدىن كىيىن چېلسى ئورگان تورى ماقلە ئىلان قىلىپ تىررىنىڭچېلسى ھاياتىدىن قىسقىچە خولاسسە چىقاردى.
تىررى 1980-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۇنى تۇغۇلغان ئىنگىلادتا تۇغۇلغان،14يىشىدا چېلسى تەربىيەلەش بازىسىغا كىرگەن،1998-يىلى 3-ئايدا كەپسپى پۇتبولچى بولغان،1998-يىلى 10-ئاينىڭ 28-كۇنى 17 ياش 10 ئايلىق بولغان تىررى بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان ( چېلسى 4-1 نەتىجە بىلەن ئاستىن ۋىيلانى يەڭگەن ) بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قىتىم چېلسى ئۇچۇن مەيدانغا چىقىشى ئىدى،1999-2000-مۇسابىقە پەسلىدە تىررى نودىنھام ئورمان كوماندىسىغا ئىجارە بىرلىپ 6 قىتىم مەيدانغا چىققان.

تىررىنىڭ 100-مەيدان مۇسابىقىسى
تىررى چېلسىغا قوشۇلغاندىن بۇيان 2012-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلىق لوڭقىسىغا،2005-، 2006-،2010-،2015-يىللىرى ئىنگىلاد بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىغا،2013-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسىغا،2000-،2009-،2010-،2012-يىللىىرى ئويۇشما لوڭقىسىغا، 2005-2007-،2015-يىىلىرى ئىنگىلاد بىرلەشمە لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىغا،2005-،2007-يىللىرى رايۇن قالقىنى لوڭقىسىغا ئىرىشكەن.
شەخسى نەتىجە جەھەتتىنمۇ ئۇ چېلسىدا خىلى زۇر ئوتۇقلارغا ئىرىشكەن،2009-يىلى چېلسىدا ئالاھىدە تۆھپە موكاپاتىغا،2001-يىلى ۋە 2006-يىلى چېلسىدا يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر شەرىپىگە،2006-يىلى PFA نىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىرى شەرپىگە،2005-،2008-،2009-يىللىرى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرپىدىن قىممىتىگە لايىق بىك شەرپىگە،2005-،2006-،2007-،2008،2009- يىللىرى خەلىقارا پۇتبولچىلار جەمىيىتى باھالاپ چىققان ئەڭ مۇنەۋەر سەپ شەكلىگە كىرگەن.

تىررىنىڭ 200-مەيدان مۇسابىقىسى
تىررىنىڭ 100-مەيدان مۇسابىقىسى 2002-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۇنى چېلسى 0-0 جەنۇبى ئامپىتۇن بىلەن تەڭلەشكەن مۇسابىقە بىلەن ،200-مەيدان مۇسابىقىسى 2005-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۇنى 2-0 نەتىجە بىلەن توتىھامنى يەڭگەن مۇسابىقە بىلەن،300-مەيدان مۇسابىقىسى2007-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۇنى بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 2-1نەتىجە بىلەن ئارسىنالنى يەڭگەن مۇسابىقە بىلەن،400-مەيدان مۇسابىقىسى 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۇنى 3-1 نەتىجە بىلەن فۇلىھامنى يەڭگەن مۇسابىقە بىلەن،500-مەيدان مۇسابىقىسى 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 30 كۇنى 2-1 نەتىجە بىلەن توتىنھامنى يەڭگەن مۇسابىقە بىلەن،600-مەيدان مۇسابىقىسى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 29 كۇنى 2-1 نەتىجە بىلەن لىۋىرپولنى يەڭگەن مۇسابىقە بىلەن تاماملانغان ئىدى، ئەپسۇسكى 700-مەيدان مۇسابىقىسى .....

تىررىنىڭ 300- مەيدان مۇسابىقىسى
تىررى كۆك قۇشۇننىڭكاپىتانى بۇلۇش سالاھىيتى بىلەن 567-مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان،بۇنىڭ ئىچىدىكى 100-مەيدان مۇسابىقىسى 2005-يىلى 8-ئاينىڭ 7-كۇنى رايۇن قالقىنى مۇسابىقىسىدە 2-1 نەتىجە بىلەن ئارسىنالنى يىڭىپ ،200-مەيدىنى بۇلسا 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۇنى بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 4-0 نەتىجە بىلەن ھول شەھرىنى يەڭگەن مۇسابىقىدە،300-مەيدان مۇسابىقىسى بولسا 2009-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۇنى ئۇزغۇنلىقتا 1-0 نەتىجە بىلەن پورتونى يەڭگەن مۇسابىقىدە،400-مەيدىنى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۇنى 1-3 نەتىجە بىلەن ئاستىن ۋىيلاغا ئۇتتۇرغان مۇسابىقە بىلەن،500-مەيدانى بولسا 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۇنى 2-1 نەتىجە بىلەن خىرىستال ئوردانى يەڭگەن مۇسابىقىدە تاماملانغان.

تىررىنىڭ 400-مەيدان مۇسابىقىسى
تىررى چېلسى ۋە ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۇزگەن بىك ،ئۇ 66 توپ كىرگۇزگەن بولۇپ،بۇنىڭ 40 نى بىرلەشمىدە كىرگۇزگەن ،11نى ئويۇشما لوڭقىسىدا كىرگۇزگەن،2نى بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كىرگۇزگەن،10نى ئۇزغۇنلىق مۇسابىقىسىدە،3 نى ئىتتىپاق لوڭقىسىدا كىرگۇزگەن.چېلسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۇزگەن ۋە ئەڭ كۆپ شەرەپكە ئىرىشكەن كاپىتان بولۇپ قالغان.
تىررى 700 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 429 مەيدان غەلبە قىلغان،154 مەيدان تەڭلەشكەن،117 مەيداندا مەغلۇپ بولغان،بۇنىڭ ئىچىدە 480 قىتىم ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىققان،55 قىتىم ئويۇشما لوڭقىسىدا مەيدانغا چىققان،35 قىتىم بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە مەيدانغا چىققان،6 قىتىم رايۇن قالقىنى مۇسابىقىسىدە ،111 قىتىم ئۇزغۇنلىقتا مەيدانغا چىققان ،11 قىتىم ئىتتىپاق لوڭقىسىدا،1قىتىم ياۋروپا غالىپلار لوڭقىسىدا 1 قىتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسىدا مەيدانغا چىققان.

تىررىنىڭ 500-مەيدان مۇسابىقىسى
چېلسى تارىخدا ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان 10 توپچى بولسا : رون - خارىس ( 795 قېتىم ) ، پېتېر بۆرتالا نېتتى ( 729 قېتىم ) ، جون - تېررى ( 700 قېتىم ) ، فرانك - لامپارد ( 648 - يىلى ) قېتىم ، جون خوسسىن ( 592 - قېتىم ) ، پېتېر چىرچىل 494 - ( قېتىم ) ، دەنىس خلورد ( 445 قېتىم ) ، سىتىف - كلارك ( 421 - قېتىملىق ) ، كېررى دىكسون ( 420 - قېتىملىق ) ۋەئەيدى ماكىلىد( 410 قېتىم ) .

تىررىنىڭ 600-مەيدان مۇسابىقىسى
دۆلەت كوماندىسىدا تىررى 2006-يىلى خەلىقارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرپىدىن چولپانلار سەپ شەكلىگە كىرگەن،2004-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتناشقان ( 3 قىتىم مەيدانغا چىقىپ بىر توپ ئۇرغان) ،2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان ( 5 قىتىم مەيدانغا چىققان ) 2010-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان ( 4 قىتىم مەيدانغا چىققان) 2012-يىلى ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتناشقان (4 قىتىم مەيدانغا چىققان ) چېلسىدا توپ ئوينىغان مەزگىلىدە ئىنگىلاد دۆلەت كوماندسىغا ۋاكالىتەن 78 قىتىم مەيدانغا چىقىپ 6 توپ ئۇرغان.