ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 6873 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تەجەللى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-14 17:26

ئويۇشما لوڭقىسى تۆت كۈچلۇككە كىرىش مۇسابىقىسىدە ئىۋىرتۇن تەرپىدىن شاللانغاندىن كىيىن ،ھىندىك باشچىلىقىدىكى ‹‹كۆك شىر ›› قوشۇنى ئۇزغۇنلىق، بىرلەشمە لوڭقىسى،ئويۇشما لوڭقىسىدىن شاللاندى ، ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدە 10-ئورۇندا تۇرۋاتدۇ ، بۇ يىل چېلسىنىڭ قۇرۇق قول قىلىشى موقۇملاشتى،ئىۋىرتون ھوجۇمچىسى لوكاكۇ كونا ئائىلىسىگە 77-مىنۇت ۋە 83-مىنۇتىدا توپ ئۇرۇپ ،چېلسىنىڭ ئەڭ ئاخرىقى ئۈمۇدىنى يوققا چىقاردى ،ھىندىكمۇ ئۆزىنىڭ پۇتۇنلەي مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئىتىراپ قىلدى،ئۇ چېلسىنىڭ 16-ئورۇندىن 10-ئورۇنغىچە بولغان جەڭلىرىدە پەقەت ئار-نۇمۇس ۋە توپ مەستانىللىرى ئۇچۇن جەڭ قىلغانلىقىنى قەيىت قىلدى.
ئالدىنقى پەسىل چېلسى 3ئايلانما بۇرۇن بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولغان،بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئالغان، بىراق بۇ پەسىل بۇرۇنلا سەپتىن چۇشۇپ قالدى،ئابراموۋىچمۇ مورىنئۇنى ئىشتىن بۇشۇتىپ ھىچقانداق تەييارلىقى بولمىغان ھىندىكنى قۇتقۇزغۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى ، بىراق ھىندىك ئۇزغۇنلىقتا پارىژ تەرپىدىن قۇش بۇغۇزلىنىپ ئۇزغۇنلىقتىن خوشلاشقان بولسا ،ئويۇشما لوڭقىسىدا ئىۋىرتۇنغا ئۇتتۇرۇپ،ئەڭ ئاخىرقى چۇشى بۇزۇلدى ،چېلسى ئابراموۋىچ دەۋرىدىكى ئەڭ ناچار پەىسلنى كۇتىۋالدى ،ئىنگىلاد ئاخبارات ۋاستىللىرى ‹‹ كۆك شىر ›› قوشۇنىنى ‹‹ زاۋال تاپقان ئىمپىرىيە ›› دەپ تەسۋىرلىدى.
تىخى باياملا ئاخىرلاشقان يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە مانچىستىر شەھرى ئويۇشما لوڭقىسىدا ئۆزىدىن كۆپ ئاجىز سانىلىدىغان نوۋىچ كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى،بىرلەشمىدە بولسا بىرلەشمە سەركىسىدىن 9 نۇمۇر ئارقىدا ، ئۇلارنىڭ چىمپىيۇنلىققا ئىرشىشى يولى تىخىچە قاراڭغۇ ،مانچىستىر شەھرى بۇ مۇسابىقىدە بارلىق كۈچىنى چىقاردى، مەيدان جەھەتتىمۇ ئەۋزەل ئورۇندا ئىدى،مۇسابىقىدە قاتىل ھوجۇمچى ئاگىيرو 16 قىتىم ۋارتارغا توپ تەپتى ،نوۋىچ ھوجۇمچىسى بامفۇرىد بىر قىتىم ۋارتارغا توپ تەپتى،پۇتكۇل مۇسابىقىدە ئەڭ خەتەر ئىلىپ كەلگەن توپمۇ شۇ بولدى ،مانچستىر شەھرى دۈچ كىلىۋاتقان مەسلىمۇ ھەرگىز كىچىك مەسىلە ئەمەس،ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئالدىنقى 4نىڭ ئىچىگە كىرىش،ئۇلار ھازىر كەينىدىكى غەربى ھامدىن 2نۇمۇر ئۇستۇنلىكتە،6-ئورۇندىكى مانچىستىر بىرلەشمىسىدىن 4 نۇمۇر ئۇستۇنلىكتە 7-ئورۇندىكى لىۋىرپولدىن 7نۇمۇر ئۇستۇنلىكتە( لىۋىرپول بىر مەيدان كەم ئوينىغان ئەھۋال) ،بۇنىڭدىن كىيىنكى مۇسابىقىلەردە مانچىستىر بىرلەشمىسى ،ئارسىنال،چېلسى قاتارلىقلار بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ ، ئالدىنقى 4نىڭ ئىچىگە كىرىشى يولى تىخىمۇ جاپالىق.
مەنبە: |
|