ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1074 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مىسسىغا چاپلىشىپ تۇرۇپ ئۇنى مۇداپىئە قىلىش ئىنتايىن تەس،چۈنكى ئۇنى كۆزىتىشكە ،ئۇنى مۇداپىئە قىلىشقا مەسئۇل بولغان ماھىر چوقۇم ئىنتايىن يۇقىرى سەۋيەلىك، ئىنكاسى ئىتتىك ماھىر بۇلىشى كىرەك. مىسسىنىڭ خەتىرىنى ئۈنۈملىك تۇسۇپ قېلىش ئۈچۈن كوماندىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قىلچىلىك خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكى، ئۇنى ئامال بار توپ بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىقى كىرەك. ئەگەر سىز بارسىلونا ئۈستىدىن غەلبە قىلىشنى ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۇلار بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە چوقۇم ئوتتۇرا مەيدانغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىڭىز، يەنى ئوتتۇرا مەيداندا كۆپرەك ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەيداننى مونوپۇل قىلىۋىلىشىدىن ساقلىنىشىڭىز كىرەك . ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەيدانىنى ئۈنۈملۈك تارمار قىلالىسىڭىزلا، ئۇلار توپنى ئۆز ئەنئەنىسى بۇيىچە ئەركىن ئويناشقا ئامالسىز قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەيدانى پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا مىسسىنىڭ توپ بىلەن ئۇچىرىشىش پۇرسىتى ئازلايدۇدە ئۇمۇ ئامالسىز كەينىگە يېنىشقا مەجبۇر بۇلىدۇ.. دىمەك ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەيدانىنى قالايمىقان قىلۋىتەلىسىڭىز، ئۇنداقتا مىسسى سىزنىڭ كوماندىڭىزنىڭ قاپقىسىدىن يىراق تۇرىدۇ. مانا بۇ سىزگە كىلىدىغان خەتەرنىڭ سىزدىن بىرقەدەم يىراقلاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بىز ھەممىمىز مىسسىنىڭ تۇيۇقىسز بۆسۈپ كىرىپ نۇمۇر ئېلىش ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ چەكلەنگەن رايۇن سىزىقى ئەتراپىدا مەركەزلىك ھەرىكەت قىلدىغانلىقىنى بىلىمىز. شۇڭا سىزنىڭ توپچىلىرىڭىز مىسسى مۇشۇ رايۇندا پۇتىدا توپ بار ھالەتتە پەيدا بولغاندا چوقۇم قاتتىق ھۇشيار بۇلىشى كىرەك. چۈنكى ئۇنىڭ قارشى تەرەپنىڭ قاپقىسىغا بىر مىتىر يېقىنلىشىشى توپ كىرگۈزۈش ئېھتىماللىقىنىڭ بىر بالداق يۇقىرى كۈتۈرىلگەنلىكىنى بىلدۈردۇ. بارسىلوناغا تاقابىل تۇرۇشتا پەقەت بۇلا يىتەرلىك ئەمەس. سىز مۇشۇلارنىڭ ھەممىنى ئوڭۇشلۇق قىلالىغان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئاۋارچىلىقتىن قۇتۇلالمايسىز. چۈنكى بارسىلونانىڭ مىسسىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يۇشۇرۇن قوراللىرى بار. ئەگەر سىز پۈتۈن دىققىتىڭىزنى يالغۇز مىسسىغىلا مەركەزلەشتۈرۋالسىڭىز، ئۇنداقتا خەتەر باشقا تەرەپتىن كىلىشى مۇمكىن. گەپنىڭ قىسقىسى مەن بايا دەپ ئۆتكەندەك مەيلى قانداقلا قىلماڭ بارسىلونانى چوقۇم مەغلۇب قىلىمەن دەيدىكەنسىز، ئۇنداقتا كوماندىدىكىلەرنىڭ كوللىكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئۇلارنى مەغلۇب قىلىشتىكى يادرولۇق كۈچ ھىسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار قارشى تەرەپنىڭ قايسى ئورۇنىدىكى ئەزا بۇشاڭلىق قىلسا شۇ ئورۇندىن ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. شۇ ئورۇننى قارشى تەرەپكە بېسىم چۈشۈرۈشتىكى ئاساسلىق كوزىر قىلىۋالىدۇ.»
ماۋۇ گەپلىرى ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق |
|