elan ornielan orni
كۆرۈش: 1351|ئىنكاس: 49

ئىككىلەنمەڭلار،مورىنئو دەل مانچېستېر ساقلاۋاتقان كىشى شۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شەپقەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-14 13:22  

        ۋانجالنىڭ تاكتىكىلىرى ۋەزىيەتنى تېخىچە ئوڭشاپ كىتەلمىدى، ئۇنىڭ ئىشتىن چۈشۈش خەۋەرلىرى ۋە مورىنئونىڭ 7- ئايدىلا ئىشقا چۈشۈش خەۋەرلىرى ئۈزۈلمەي چىقىۋاتىدۇ، گەرچە مانچېستېرنىڭ نۇرغۇن مەستانىلىرى مورىنئوغا ئانچە ئىشەنچ قىلالمىغان بولسىمۇ، ئەمما مېنىڭ قارىشىمچە مورىنئو دەل مانچېستىر ئىھتىياجلىق بولغان تېرىنىر شۇ.

133-1603131J344646.jpg


        رىقابەتكە تولغان پۇتبول دۇنياسى بەكلا رەھىمسىز، تىجارەت خاراكتىرلىك پۇتبول دۇنياسى تېخىمۇ شەپقەتسىز، ئۇ بىر كوماندىنىڭ ئۇدا نەچچە يىل مەستانىلەرنى رازى قىلغۇدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكىنى قۇبۇل قىلالمايدۇ، ھەتتا مانچېستېر بولسىمۇ شۇنداق. ئەگەر راستلا شۇنداق بولۇپ قالسا مانچېستېر بىرلەشمىسى بازار تەرىپىدىن شاللىنىدۇ، شۇنداقلا زەردارلار قاتارىدىن ئسمى چىقىرىپ تاشلىنىشىمۇ مۇمكىن، كۇلۇب ئۆزىنى ئسلاھ قىلىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشمىسە بەلكىم كۇلۇبنىڭ ئسمىنى تارىخقا ئايلانغان زەردارلار قاتارىدىن تېپىشىمىز مۇمكىن.
        مانچېستېرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدا ھېچنىمە كەم ئەمەس، كونا زەردار، مەستانە، يىتەرلىك ئىقتىساد ھەممىسى تەل، پەقەت كۇلۇبنى يىتەكلەپ نەتىجە ئالالايدىغان تېرىنىر كەمچىل، تېرىنىرغا بولغان شەرتمۇ يۇقىرى ئەمەس، بىردىنبىر شەرت دەل كۇلۇبقا غەلبە ئېلىپ كېلىش.
        ئۇنداقتا بىز نېمىشقا مورىنئونى مانچېستېرغا غەلبە ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇ مانچېستېرغا ماس كېلىدۇ دەپ ئېيتالايمىز؟
        1. مورىنئو بولسا داڭلىق تېرىنىر، بۇ  بىر جۈملە قۇرۇق گەپ خالاس، ئەمما بۇ سۆزمۇ گۇمانلىق.  مورىنئونىڭ ئارتۇقچىلىقى بار كەمچىلىكىمۇ بار، ھەمىمىلا ئادەمنىڭ ئۇنىڭ قىلىقلىرىدىن ھۇزۇر ھېس قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس . ئەمما ئۇنىڭ تېرىنىرلىق قابىلىيىتى  مانچېستېرنى يىتەكلەشكە تامامەن ماس كېلىدۇ.
        2. ھازىرقى زامان پۇتبولى پەقەت 11 ئادەم ۋە بىر مەشقاۋۇلنىڭلا ئىشى ئەمەس، ئۇ يەنە سىزنىڭ قابىل بىر ۋاستىچىڭىز بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز تېرىنىرنىڭ توپچىلارنى جەلىپ قىلىش كۈچىنى مۇنازىرە قىلغاندا ۋاستىچىنىڭ رولىغا سەل قارىساق قەتئى بولمايدۇ.

133-1603131J304463.jpg


        مورىنئونىڭ ۋاستىچىسى مېندىس. بۇ كىشىنى بۇ يەردە سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ مۇنبەردىكى ھەممە بىلىدۇ. مېندىس مورىنئوغا شەرتسىز ياردەم قىلىدۇ، شۇنداقلا مورىنئونىڭ پۇتبول سەھنىسىدىن غايىپ بولىشىغا ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ. مېندىسقا نىسبەتەن مورىنئو بىر تىللا تۆكىلىدىغان دەرەخ،  مېندىسلا ئەمەس سىز ۋە مەنمۇ شۇنداق بىر دەرىخىمىز بولسا ئۇنىڭ زىمىستاندىن ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن بار كۈچىمىزنى چىقىرىمىز ئەلۋەتتە.
        نەتىجىسى ياخشى بولماسلىق سەۋەبلىك مانچېستېرنىڭ توپچىلارنى جەلىپ قىلىش كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇقەررەر ( داڭلىق چولپانلار ئۇزغۇنلۇقنى كۇلۇب يۆتكىلىشنىڭ شەرتى قىلىۋالىدۇ). مورىنئو ۋە مېندىس دەل مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق نامزاتلاردۇر.
        3. مورىنئو بىر لوڭقا تەلۋىسى، لوڭقا ئېلىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانچە ئىش ئەمەس ( قارىلىغۇچىلارنىڭ بۇ گەپكە ئېسىلۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن)، پۇل بولسا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر سان سىفىر خالاس. فورگېسىن ۋە مورىنئونىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەتلشىشى ۋە مورىنئونىڭ زەردارلارنى يىتەكلەش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ئۇ زەردار كوماندىلارغىمۇ يولباشچى بولالايدۇ. ھازىرقى زەردارلاردىن چېلسى دەل شۇنداق يولباشچىغا ئىھتىياجلىق، ئەمما ئۇ چېلسىدا مەغلۇب بولدى، مانچېستېر ئۇنىڭ ئىككىنچى بېكىتى بولۇپ قېلىشى ۋە بەلكىم  ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسىتى بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەستانىلەر فورگېسىن 26 يىلدا تىكلىگەن خانلىقنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى، فورگېسىنغا ئوخشاش بىر داھىنىڭ  مانچېستېردا قايتىدىن پەيدا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىدۇ، كۇلۇبمۇ مەستانىلەرنى رازى قىلىشنى ئويلايدۇ، ئەمما كۇلۇبنىڭ ئويلايدىغىنى فورگېسىنغا ئوخشاش ئۇزاق مەزگىللىك، كۇلۇبنىڭ سىمۋولى بولالايدىغان تېرىنىرنى ساقلاش، شۇڭا كۇلۇبنىڭ سەۋرچانلىقىغا بىز ھەيران قالمىساقمۇ بولىدۇ. مانچېستېر بەلكىم كېينكى تېرىنىرغا تەۋەككۈل قىلىشى ۋە ئۇنىڭ مانچېستېرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشىنى ساقلىشى مۇمكىن.
        مورىنئو چېلسى ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلماقچى ئىدى، ئەمما پەقەت 2 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا ئېچىنىشلىق مەغلۇب بولدى، ئەگەر ئۇنىڭغا ئىككىنچى قېتىملىق پۇرسەت كەلسە ئۇ بەلكىم قەدىرلىشى مۇمكىن.
        ئەمدىكى مەسىلە مانچېستېرنىڭ ياشلارنى تەربىيلەش بازىسىنىڭ ئىشى، ئەمما دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى مانچېستىېر ھازىر ھەل قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم مەسىلە ياشلار بازىسىدىن يىتىشىپ چىققان ماھىرلارنىڭ مەيدانغا چىقىش ياكى چىقماسلىقى ئەمەس بەلكى ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە لوڭقا ئېلىش ئەڭ مۇھىم مەسىلىدۇر. مانچېستېردەك بۇنداق كاتتا زەردارغا نىسبەتەن بىر نەچچە كىشىنىڭ مەيدانغا چىقىش چىقماسلىق مەسىلى ھېچقانچە گەپ ئەمەس.  يەنە بىرى مانچېستېرنىڭ تەربىيلەش بازىسى خىرىسقا دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى مورىنئو بىر ئادەمنىڭ سەۋەنلىكى دەپ قاراشقا بولمايدۇ.
        مورىنئونىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى بولسا ئۇ تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نۇقتىسى شۇنداقلا ئۇ نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرىنى باشلاپ كېلىدۇ. بەلكىم بۇ سۆزلەرگە مانچېستېرنىڭ سادىق مەستانىلرى مىيىقىدا كۈلۈپ قويار. ئەمما كۇلۇبنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى نەتىجىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك باشقىلارنىڭ مانچېستېرنى ئۇنتۇپ كېتىشىى. ھەمكارلاشقۇچى كارخانىلارغا تايىنىدىغان مانچېستېر بىرلەشمىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا سۈكۈت ياكى ئۇنتۇلۇش دەل ھالاكەتنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.
        ئەلۋەتتە، مورىنئونىڭ بىر مەزگىللىك قىزىق نۇقتا بولىشى كۇلۇب ئۈچۈن زىيانلىقمۇ ئەمەس، ئەمما بىز يەنىلا ئۇنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق ئۇنىڭغا باھا بىرەيلى. چېلسىدا مەغلۇب بولۇش بۇ تەلۋىگە زادى قانداق تەجرىبە ساۋاقلارنى بەردى،  ياكى ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك يەنە ئۆزىنىڭ بىلگەن سەنىمىگە دەسسەمدۇ؟  بۇنى پەقەت ۋاقىت ئىسپاتلايدۇ.

       
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-14 13:35:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ تەلۋىنىڭ ھازىرغىچە ياراتقان نەتىجىسىدىن ۋە زەردارلارغا تېرنىر بولۇش جەريانىغا قارىساق، ئ‍ۇنىڭ مانچىستېر بىرلەشمىسىگە ماس كىلىشىدە گەپگەپ يوق. ھەم مورىنئۇنىڭ بەزى بىر تاكتىكىلىرى ئ‍الۋاستىلارنىڭ ئ‍ويناش ئ‍ۇسۇلى ۋە ئ‍ەنئەنىسىگە ماس كىلىدۇ دەپ قارايمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 13:35:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىنھو چىلسىدىن ئايرىلىپ ، ۋانگال ئۇزۇغۇنلۇقدىن شاللىنىپ ھازىرغىچە مورىنھو ۋە مانچىستىر توغۇرلۇقلا خەۋەر چىقىۋاتىدۇ . ۋاكالەتچى مىندىس ، مانچىستىر يۇقىرى قاتلىمى ، ئىنتىر خوجايىنى ، ئىتالىيەلىك يۆتكىلىش مۇتەخەسىسى ، مورىنھونىڭ مانچىستىرغا باردىغانلىقى مۇقىملاشتۇردى ، مورىنھو گەرچە مانچىستىرغا بارىمەن دىمىگەن بولسىمۇ 7 - ئايدىن باشلاپ يىڭى بىر كوماندىنى قولۇمغا ئالىمەن دىدى ... شۇلاردىن كۆرۋىلىشقا بولدىكى مورىنھونىڭ مانچىستىرغا كىلىشى پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى بولۇپ قالدى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 13:43:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىنھو مانچېستېرغا كەلسە  لوڭقا ئېلشى مۇمكىن لىكىن  ماتانى ، ئۇزتىپ قۇيا مىكى ،  ئۇنىڭ كىلشىنى ئەڭ خالىمايدىغىنى دەل ماتا بولشى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 14:06:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنىڭغا قايلىغاندا تەلۋىنىڭ  كىلىشى  راس  ئ‍وخشايدۇ، سەن كىلىپ مانچىستېرنىڭ ھەقىقى ئ‍الستىلقىنى كۆرسىتىپ قوي،   لىكىن ئېغىزىڭنى سەل يۇغۇشتۇر .
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 14:29:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايرېن يوللىغان ۋاقتى  2016-3-14 13:35
مورىنھو چىلسىدىن ئايرىلىپ ، ۋانگال ئۇزۇغۇنلۇقدىن شالل ...

ياۋرۇپا  لوڭقىسى مۇسابىقىسى  قاچان  باشلىنىپ  قاچان ئ‍اياقلىشىدۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 14:59:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىمخۇمار يوللىغان ۋاقتى  2016-3-14 14:29
ياۋرۇپا  لوڭقىسى مۇسابىقىسى  قاچان  باشلىنىپ  قاچان ئ‍ ...

فىرانسىيە ياۋروپا لوڭقىسى 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى باشلىنىدۇ . بىر ئاي ئەتىراپىدا ئوينىلىدىغۇ دەيمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 15:04:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلە تەلۋە،سەن نىمىلەرنى قىلۋىتىسەن ئەمدى…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 15:46:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلۋە كەلسە يەنە 2  يىللىق بۇلامۇ
ئ‍ەڭ ياخشىسى    گىگىسقىلا تۇتقۇزۇپ باقمىدى    قاچانغىچە مۇشۇنداق ياردەمچى بۇلۇپ يۈرە
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 15:50:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇرىنھۇدا چوڭ خاتالىق يوق، ئەگەر بار دىيىلسە كۆرگەننى كۆرمىگەنگە سېلىپ بېشىنى ئىچىگە تىقىپ يۈرىۋالمايدىغان، ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشتا ئىككىلەنمەيدىغان، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دىگەندەك يەرلەر بىلەن قېيشىپ قۇيىدىغان خاتالىقى بار.
مۇرۇنھۇدا چوڭ خاتالىق يوق ،ئەگەر بار دىيىلسە ئالدىراقسانلىق قىلىدىغان، ئىپادىىسى ناچار بۇلىۋاتقان ماھىرلارنى قوغلىۋېتىپ باشقا كوماندىلاردا قىزىل گۈلدەك ئېچىلىپ كىتىشىگە سەۋەب بۇلىدىغان خاتالىقى بار.
مۇرۇنھۇدا خاتالىق يوق، ئەگەر بار دىيىلسە ھەر تەرەپتىن گەۋدىلەنگەن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بىلەن كىچىككىنە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ بولغۇچە ئاسانلا مۇخبىرلانىڭ ئېغىزىغا چىقىپ قالىدىغان خاتالىقى بار.

گەپنىڭ قىسقىسى تېمىنىڭ ئايىغىدا دىيىلگەن گەپلەر ناھايىتى ئورۇنلۇق بوپتۇ. دىمىسىمۇ مانچىستىرنى مانچىستىر فۇرگېسىن كەتكەندىن كىيىن دۇچ كەلگەن ئېغىر  ئوڭۇشسىزلىقلار تۈپەيلىدىن ئۇنتۇپ قالاي دىگەنلەر مۇرۇنھۇ سەۋەبلىك قىزىل ئالۋاستىنى قايتىدىن ئەسكە ئېلىشى مۇمكىن. چۈنكى مۇرۇنھۇ ئۇ پەقەت ئادەتتىكى بىر تېرنىر ئەمەس. بەلكى ئۇ چولپانلىق خارەكتىرىگە ئىگە تېرنىر. ئۇ ھەر قانداق كوماندىغا تېرنىر بولسا باشقا تېرنىرلادەك ئۈن-تىنسىز ماكانلاشمايدۇ. بەلكى تاراتقۇلاردا نۇرغۇن داغدۇغا قوزغايدۇ.


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 16:04:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گېگىسقا  پۇرسەت  بەرگۈسى  بولسا  مورىنھۇغا  كوماندىنى تۇتقۇزۇشتىن بۇرۇن  تۇتقۇزسا  سەل ياخشى  . شۇنداق  قىلسا گېگىس  مانچېستىرنىڭ گۇادىئاۋلاسى  بولۇپ  قېلىشى  مۇمكىن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 16:11:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مورىنھۇنىڭ  يازدا  مانچېستىر بىرلەشمىسىگە كېلىش ئېھتىماللىقى 15%ئەتراپىدا . گېگىسنىڭ تېرنىر بولۇشى 30% ،  ۋانجالنىڭ  تېرنىر بولۇشى 30% ، باشقا  تېرنىر  تەكلىپ قىلىشى 25% بولۇشى  مۇمكىن .  مانچېستېر ھەرگىزمۇ يېقىنقى ئىككى كوماندىدا ئارقىمۇ-ئارقا  ئىشتىن قوغلانغان تېرنىرنى  تەكلىپ قىلمايدۇ . (تېخى بىرسىدىن يېرىم يولدا قوغلاندى )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 13:03

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش