ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1707 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئىبراھىموۋىچ يازدا پارىژدىن كېتىدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى
پارىژ بىلەن تۇلۇۋا ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدىن كېيىن ، پارىژ 8 ئايلانما بۇرۇن چېمپىيون بولدى . مۇسابىقىدىن كېيىنكى زىيارەتتە ئىبراھىموۋىچ بۇ يىل يازدا توختام توشقاندىن كىيىن پارىژدىن كېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى .
ئىبراھىموۋىچ مۇنداق دېدى :
ھازىر شۇنداق دېيەلەيمەنكى ، كىلەركى پەسىل مەن پارىژدا توپ تەپمەيمەن ، مۇنداقچە ئېلىپ ئېيىتقاندا ، مېنىڭ يەنە بىر يېرىم ئاي ۋاقتى بار ... ئەگەر مېنىڭ ھەيكىلىمنى ئېففىل تۈمۈر مۇنارىغا ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتمەكچى بولسا ، مەن ئويلىشىپ قەپ قېلىشنى ئويلىشىمەن ..:
ئىبراھىموۋىچ بۇ پەسىل بىرلەشمىدە 27 توپ ئۇرۇپ بولدى ، ئۇ يەنىلا ھۇجۇم سېپىدىكى مۇھىم ئەزا ھېساپلىنىدۇ . بەلكىم ئىبراھىموۋىچ كەتكەندىن كېيىن ، پارىژنىڭ ھۇجۇم سېپى قايتا قۇرۇلۇشى مۇمكىن ، كاۋانىنىڭمۇ كېتىش خەۋىرى ئۈزۈلمەي چىقىۋاتىدۇ .
ھۇجۇم سېپىنى قايتا قۇرۇشتا ، پارىژ نېيمار ، سىتۇرىچلارنى نىشانلىغان ...
ئىبراھىموۋىچنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ، ئەنگىلىيە تاراتقۇسى ب ب س ئبراھىموۋىچ مانچېستىرغا بارىدۇۈ دەپ قارىماقتا .
ئۇنىڭدىن باشقا ئامرىكا ، جوڭگۇ بىرلەشمىلىرى ئىبراھىموۋىچنىڭ كېيىنكى بېكىتى دەپ قارالماقتا .
مەنبە : تېڭشۈن تەنتەربىيەسى |
|