elan ornielan orni
كۆرۈش: 1086|ئىنكاس: 23

زىدانى مۇكاپاتلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   غەلبە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-14 01:46  

46597250[1].jpg

12-مارت فىرانسىيە پۇتبول ژورنىلى فىرانسىيە تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس پۇتبولچىلارنى باھالاش پائالىيتى ئېلىپ بارغان بۇلۇپ، بۇ قېتىملىق باھالاش پائالىيتىدە رىئال مادرىد كوماندىسىنىڭ ئىلگىركى رىۋايەتلىك توپچىسى ، شۇنداقلا ھازىرقى باش مەشقاۋۇلى زەينىددىن زىدان باھالىغۇچى تەرەپنىڭ  مۇتلەق يۇقىرى باھاسىغا ئىرىشىپ، فىرانسىيە پۇتبولچىلىقى تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس توپچى دىگەن نامغا نايىل بولدى . زىدانىنىڭ بۇ شەرەپكە ئىرىشىشى ھەرگىزمۇ تاساددىبىلىق ئەمەس. چۈنكى ئۇ فىرانسىيلىكلەرنىڭ قەھىرمانى، ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە تالانتىغا تايىنىپ فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى ۋە ياۋرۇپا لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى قوشقان. يەنى زىدانى 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بىرازىليە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرسىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىرازىليە كوماندىسىغا ئىككى توپ ئۇرۇپ فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى بۇلىشىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكارغا ئايلانغان. 2000-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى ئارقىلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، فىرانسىيە كوماندىسىنى 4 كۈچلۈككە ئېلىپ كەلگەن. 4 كۈچلۈككە كىرىش جېڭىدە ئىسپانىيە كوماندىسىغا بىر توپ كىرگۈزۈگەن. يېرىم ھەل قىلغۇچتا پورتىگالىيە كوماندىسىغا بىر نوقتا توپ ئۇرۇپ، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ شۇ نۆۋەتلىك ياۋرۇپا لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشىشىدە ئالاھىدە رول ئوينىغان.
بۇ تىزىملىكتە زىدانى 66% ئاۋازغا ئىرىشىپ باھالىنىشقا قاتناشقانلار ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئىرىشكەن. ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ  سابىق رەئىسى، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ 1984-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشىشىدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكارى مىچىل پۇلاتىنى 18% ئاۋازغا ئىرىشىپ ئىككىنجى ئورۇندا تۇرغان ، فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ 98-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى، ۋە 2000-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسى چىمپىيۇنى بۇلىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئارسىنال كوماندىسىنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى تېررى ھىنرى 3% ئاۋازغا ئىرىشىپ 3-ئورۇندا تۇرغان. 50-يىللاردا رىئال مادرىد كوماندىسىدا توپ تىپىپ ئۈچ نۆۋەت ياۋرۇپا چىمپىيۇنلىق بىرلەشمىسى لوڭقىسىغا ئىرىشكەن ،ۋە 1958-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۆزىنىڭ قالتىس ئپادىسى ئارقىلىق  فىرانسىيە كوماندىسىنى شۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئۈچىنجىلىككە ئىرىشتۈرگەن رىيمون كوبا ، ۋە شۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا 13توپ كىرگۈزۈپ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ مەرگىنى بۇلۇپ باھالانغان ۋە تارىختىكى بىردىنبىر بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىلا 13 توپ كىرگۈزگەن توپچى ھىسابلىنىدىغان جوسىت فونتىين قاتارلىقلار 2% لىك ئاۋازغا ئىرىشىپ 4-ئورۇندا تۇرغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-14 01:54:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 01:55:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 01:56:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارەك   بولسۇن   زىدانى   سەن  مۇشۇنىڭغا  لايىق  ……!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 02:03:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىدانى فىرانسىيە بويىچە ئەڭ داڭلىق توپچىلا بولۇپ قالماي ،..تەنھەركەت تۈرى بويىچە ئەڭ داڭلىق شەخىس،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 02:04:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موبارەك بولسۇن!!!!!!
دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى، 2 يىلدىن كېيىن ياۋروپا لوڭقىسىنىمۇ ئالغانمۇ قانداق؟ئەگەر شۇنداق بولۇپ قالسا بۇ يىل.........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 02:11:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلىتىدە بولسۇن ، كۇلۇبتا بولسۇن ئوخشاش ئىپادىسىنى جارى قىلىدۇرۇپ ماڭالىغان توپچىلار كۆپ چىقمايدىكەن ، زىدانى بۇلۇپمۇ دۆلەت كوماندىسىدا ئۆزىنىڭ رولىنى بەكرەك جارى قىلىدۇرالىغان توپچى ، شۇڭا نەچچە يىلدىن كېيىنمۇ كىشلەر ئۇنى قايتا ئەسكە ئالالىغان گەپ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 02:23:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەققىقەتەن ئەرزىيدۇ،زىدانى فىرانسىيەنىڭ چىمپيۇن بولۇشىغا زور توھپە قوشقان قابىل يىتەكچى…ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولسۇن زىدانى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 02:44:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يامان تاز دە بۇ…مادىرىدنى بىر ياخشىلىۋەتسەك بولاتتى تاز…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 08:46:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي  بۇنىڭ  ئالغان  بىلىتى  ئىككىنجى  ئوروندىكىسى بىلەن   بەك   زور  پەرق  قىلىپ  كىتىپتا  ھەقىقەتەن قالتىس توپچى مەن  قول   قويىمەن  بۇنىڭغا
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 08:58:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسەن زىدەنى سەن ئۆزۈڭ بىر فىرانسىيە،  كەلگۈسىدە دۆلەت كوماندىسغا تېرنىر بولاش ئارزۇيۇم بار دېگەنلىكىڭنىڭ ئۆزىلا ھەممىگە يىتەرلىك جاۋاپ،  ئاللا خالىسا مەشقاۋۇل سۈپىتدىمۇ يەنە بىر دۇنيا لوڭقىسنى تەقدىم ئەتكەيسەن، ھەم شۇنىڭغا ئىشىنمەن..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-14 10:18:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىدانى چوقوم ياخشى تىرنىر بولالايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team ; UI : ھەمراز) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-8-1 10:06

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش