ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 7322 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-13 20:46
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 22:00 دە (بۈگۈن كەچ ) 2015 - 2016 - يىللىق ئىنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 4 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدە قىزىل ئالۋاستى مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئۆزمەيدانى تىرانفورددا بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك غەربى ھام كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ ... مانچىستىرنىڭ بىرلەشمە ۋە ياۋروپا ئىتىپاق لوڭقىسىدىكى نەتىجىللىرى ياخشى ئەمەس . مانچىستىر كىلەر پەسىل ياۋروپا مۇسابىقىللىرىگە قاتنىشىمەن دەيدىكەن چوقۇم بۇ تۈردە چىمپىيۇن بولشى كىرەك ...
لىكىن بۇ ئاسانغا توختىماسلىقى مۇمكىن ، ئىككى كوماندا 131 مەيدان مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ مانچىستىر 61 مەيدان غەلبە قىلىپ ، 28 مەيدان تەڭلىشىپ ، 42 مەيدان مەغلۇب بولغان ، ئۇيۇشما لوڭقىسىدا 4 مەيدان غەلبە قىلىپ ، 2 مەيدان تەڭلىشىپ ، 4 مەيدان مەغلۇب بولغان ...
غەربى ھام كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك ئىپادىسى ئالاھىدە كۆرنەرلىك بولغان كوماندا ، بۇ تۈردە غەربى ھام كوماندىسى لىۋىرپۇل كوماندىسىنى شاللاپ ھازىرغا كەلدى . بىرلەشمىدە بولسا بۇ پەسىلگە تەۋە مانچىستىر شەھرى ، چىلسى ، ئارسىنال ، مانچىستىر بىرلەشمىسى ۋە لىۋىرپول كوماندىللىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ 5 مەيدان غەلبە قىلىپ ، 2 مەيدان تەڭلىشىپ ، مەغلۇب بولۇپ باقمىدى ...
مانچىستىر بىرلەشمىسى بۇ مەيدان كۈچىشى ئىنىق چۈنكى بۇنداق بىر پۇرسەتنى ھەرقانداق كوماندىنىڭ قولدىن بىرىپ قويغىسى يوق ... بۈگۈن روننى قاتارلىق بىرقىسىم ئەزالار مەيدانغا يارلىنىش سەۋەبلىك چۈشەلمەيدۇ . ماتا بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە قىزىل كارتا ئىستىمال قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ ، بۇنىڭدىن باشقا مانچىستىر ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى بۈگۈن كەچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ ... ناۋادا بۇ مەيدان مانچىستىر يەنە مەغلۇب بولسا تىرنىر ۋانگالنىڭ ئىشتىن چۈشىشى تىخىمۇ تىزلىشىدۇ ، چۈنكى بۈگۈن مەغلۇب بولسا مانچىستىر ھەرقايسى تۈرلەردە ئۇدا ئۈچ مەيدان مەغلۇب بولغان بولىدۇ (بىرلەشمە ، ياۋروپا ئىتىپاق ۋە ئۇيۇشما لوڭقا ) ...
مانچىستىرنىڭ بۈگۈنكى سەپ شەكىلى : 4231
ۋارتا : دىھيا
بىك : دارمىيەن ، سىمولىن ، بىراند ، روخو .
ئوتتۇر مەيدانچىلار : فىلەينى ، شىنەيدىرلىن ، لىنگارد ، ھىرىرا ، دىپەي .
ھۇجۇمچى : مارشال
مۇسابىقە ۋاقتى كەچ سائەت 22:00 دە ئۈرۈمچى ۋاقتى .
مۇسابىقە كۆرۈش ئادىرىسى :
http://sports.letv.com/live/1020 ... ve/1020160309081621
بۈگۈن كەچتىكى نەتىجە ، غەلبە قايسى كوماندىغا مەنسۇب بولىدۇ ، قىزىقسىزڭىز دىققىتىڭىز مۇنبىرىمىزدە بولسۇن .
|
|