ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 55 |
تۆھپىسى: سەر |
|
يەنە ئىككى ئەزمىتىمىز ب دەرىجىلىك كوماندىغا قوشۇلدى
ئاتۇش دىيارىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ، سابىق تاشئالما كوماندىسىنىڭ كاپىتانى پەرھاد ئەبەي بىلەن ئاقسۇ دىيارىنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى مارىس باۋتۇ بۇغا شەھرى كوماندىسىغا قوشۇلدى . كاپىتان پەرھاد ئىلگىرى شىنجاڭ لاتارىيە ، چېڭدۇ شىففىلد ، تاشئالما قاتارلىق كوماندىلاردا توپ تەپكەن بولۇپ توپخۇمارلار نەزىرىدىكى شىر يۈرەك كاپىتان . مارىس بولسا شىنجاڭ تاشئالما ۋە لىتۋا ئا بىرلەشمىدە توپ تەپكەن . بۇ ئىككى قېرىندىشىمىزغا ئامەت تىلەيمىز .
ئەخمەتجان يەنبىيەننىڭ تۇنجى مۇسابىقىسىدە قوش گۈل قىستى
دەرىجىدىن تاشقىرىغا يېڭىدىن ئۆرلەپ چىققان يەنبىيەن كوماندىسىكى ئەزمىتىمىز ئەخمەتجان دەرىجىدىن تاشقىرى تەييارلىق بىرلەشمىسىنىڭ 2-ئايلانمىسىدا ئاساسلىق بولۇپ مەيدانغا چۈشتى ھەمدە كېيىنكى مەيداندا ئىككى توپ ئۇرۇپ جىياڭسۇ سۇنىڭ كوماندىسىنى بوغۇزلاپ تاشلىدى . ئەخمەتجاننىڭ تېزدىن 1- سەپ كوماندىغا كىرىشىگە تىلەكداشمىز .
تەڭرىتاغ يىلپىزىنىڭ تۇنجى توپىنى ئۇرغۇچىسى ئاقسۇلۇق يولداش
يىلپىزلار تۇنجى مەيداندا شېنجېن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى . قارايدىغان بولساق شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك تۇنجى توپىنى ئۇرغۇچىسى ئاقسۇ دىيارىدىن چىققان پۇتبولچى نەنشاۋخېڭ بولۇپ بۇ بىز شىنجاڭلىقلارنىڭ پەخىرلىنىشىگە ئەرزىيدۇ . بۇ يولداشنىڭ ماھارىتى ياخشى بولۇپ بۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقە ئويناش جەريانىدا بەدەن ئېلىش ، سۈرئەت ، توپ ئۇرۇشلىرىغا باشقىچە قايىل بولغان مەن |
|