ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1537 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەركەردە77 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-13 11:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . مۇنبەرداشلار مۇشۇۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن
جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 2-ئايلانما مۇسابىقە خەۋىرى .
2016-3-12كۈنى دىيارىمىز ۋاقتى 5:30 دە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە تىيەنجىن تەيدا كوماندىسى سايىپخان مەيدانىدا گۇئاڭجۇ فۇلى كوماندىسنى كۈتىۋالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ ئالدىنقى 0-0 ئاياغلاشتى. كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 57 مىنۇت بولغاندا گۇئاڭجۇ فۇلى كوماندىسدىكى 33 نۇمۇرلۇق ماھىر بىر توپ ئۇردى ، تىيەنجىن تەيدا كوماندىسى كۈچلۈك ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ 1-0 ئۇتتۇرۇپ قويدى .
2016-3-12كۈنى دىيارىمىز ۋاقتى 5:30 دە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە گۇئاڭجۇ خىڭدا كوماندىسى سايىپخان مەيدانىدا چاڭچۇن ياتەي كوماندىسنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 7مىنۇتتا مارتىنىس تۇنجى توپنى ئۇردى ، 13 مىنۇتتا گولرات بىرتوپ ئۇرۇپ ئالدىنقى مەيدان 2-0 بىلەن ئاخىرلاشتى . كىيىنكى مەيدان باشلىنىپ 50 مىنۇتتا گاۋلىن بىرتوپ ئۇرۇپ، گۇئاڭجۇ خىڭدا كوماندىسى 3-0 نەتىجەبىلەن غەلبە قىلدى .
قالغان مۇسابىقىلەر بۈگۇن ئوينۇلدۇ .
ئەڭ يىڭى پۇلبول خەۋەرلىرى ۋە مۇسابىقە خەۋەرلىرىدىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز مۇنبىرىمىزنى كۆرۈڭ . |
|