elan ornielan orni
كۆرۈش: 1037|ئىنكاس: 52

FIFAOL3 ھەققىدە پاراڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زېرەك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-12 19:47  

8f543cb9642bb74bb21ae8d613d03e88.jpg


ئويۇن ئىچىدە سودا-سېتىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئويۇنخۇمارنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى نەپسىنى قوزغىتىش كېرەك. ئويۇنخۇمارلارغا نىسبەتەن ئادىل بولغان ئويۇن ياساپ چىقىش ناھايىتى تەس، شۇڭا ئادىل بولمىغان مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق، ئويۇنخۇمارلار ئارىسىغا زىددىيەت سېلىش، بىر بىرىگە ئۆچلەشتۈرۈش، ئاچچغىنى كەلتۈرۈش كېرەك. شۇندىلا ئۆلتۈرۋەتسىمۇ ئويۇنغا پۇل قاچىلىمايدىغان ئويۇنخۇمارلار، ئامالسىز پۇل قاچىلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

يۇقارقىسى مارىيو ئاتىسى مىياموتونىڭ گېپى.

مەنمۇ بىر ئويۇنخۇمار بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تورداشلارغا دۆلىتىمىزدىكى تور ئويۇنلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن ئازراق خەۋەر بېرىپ ئۆتەي، دۆلىتىمىزدىكى تور ئويۇنلىرى ئاساسەن ئۆسۈپ يېتىلىش  قىزغىنلىقىنى ئاساس قىلىدۇ، فىفادىكى ئادەم كۈچلەندۈرۈش، دەرىجە مۇسابىقىسى (排位)مۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. سىزنىڭ قىلغىنىڭ ئەمەلىيەتتە سىزگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ، ئادەم كۈچلەندۈرۈشنى مىسالغا ئالساق، ئىككى كارتىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر كارتا قىلىسىز، ناھايىتى ئەھمىيەتسىزلا بىر ئىش، قولىڭىزغا بىر توپلام گېزىت بېرىپ يىرتقىنى سالغىنىدىنمۇ قىزقارلىق ئەمەس، ئەمما ب ئادەم كۈچلەندۈرۈشنىڭ نەتىجىسى سىزنى خۇشال قىلىدۇ، مەيلى مۇۋاپپىقيەتلىك بولسۇن ياكى مەغلۇب بولسۇن،نەتىجە شۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ كاللىڭىزنىڭ دوپامىن سۇيۇقلىقى ئىشلەپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھاياجانغا تولدۇرىدۇ. چەتئەلنىڭ ئويۇنلىرى بولسا سىزگە كەچۈرمىشنىڭ خۇشاللىقىنى ئاتا قىلىدۇ، مەسىلەن سىيۇپىر مارىيو، GTA، تەقلىدى تۇرمۇش، مەدەنىيەت قاتارلىق ئويۇنلار سىزگە يېڭى بىر دۇنيا ئاتا قىلىدۇ، ئويۇندا سىز مەلۇم بىر رول سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئويلىنىش، تاكتىكىلاردىن كېيىنكى تاللاش ئارقىلىق خۇشاللىق تاپىسىز، سىزنىڭ ئەسلىدىنلا قىلىۋاتقان ئىشىڭىز مەنىلىك ئىشتەك ھېسياتقا كەلتۈرىدۇ.

بەلكىم بەزىلەر FIFA مۇ كەچۈرمىشنى ئاساس قىلىدىغۇ؟ ئۆزىمىز كوماندا تاللاپ، توپچى يىغىپ غەلبە قىلىپ خۇشاللىق تاپىمىز دەيدۇ. راسىت، FIFA دا ئۇتۇش ئارقىلى خۇشاللىق تاپقىلى بولىدۇ، ئەمما بۇ يەنىلا ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئاساس قىلىدىغانلار تۈرىگە كىرىپ كېتىدۇ، ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان FIFA16 نى مىسالغا ئالساق، بىردىنبىر پەرقى كۈچلەندۈرۈش سېستىمىسىنىڭ بار يوقلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى FIFA16 ئويۇن سېتىش ئارقىلىق كىرىم قىلىدۇ، ئەمما FIFAOL3 كىرىم قىلىمەن دەيدىكەن، ئويۇن ئىچىدىكى سودا - سېتىقنى بارلىققا كەلتۈرىشى كېرەك.

46de18bbc69493fb82cff0d4e370b52c.jpg


مانا بۇ ئەڭ چوڭ توزاق، ئويۇن مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچىلەر بىر ئاماللارنى قىلىپ ئويۇنخۇمارلارنى ھەقسىز ئويۇنغا پۇل قاچلاشقا قىززىقتۇرىدۇ. مىياموتو ئىلگىرى تور ئويۇنلىرىغا باھا بەرگەندە مۇنداق بىر كىلاسسك ئويۇن نەزىريەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان:«تور ئويۇنلىرى ويۇن ئىچىدە سودا-سېتىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئويۇنخۇمارنىڭ مەۋھۇم دۇنيادىكى نەپسىنى قوزغىتىش كېرەك. ئويۇنخۇمارلارغا نىسبەتەن ئادىل بولغان ئويۇن ياساپ چىقىش ناھايىتى تەس، شۇڭا ئادىل بولمىغان مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق، ئويۇنخۇمارلار ئارىسىغا زىددىيەت سېلىش، بىر بىرىگە ئۆچلەشتۈرۈش، ئاچچغىنى كەلتۈرۈش كېرەك. شۇندىلا ئۆلتۈرۋەتسىمۇ ئويۇنغا پۇل قاچىلىمايدىغان ئويۇنخۇمارلار، ئامالسىز پۇل قاچىلاشقا مەجبۇر بولىدۇ » .

تەڭپۇڭسىزلىق شەكىللەدۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەرىجىگە ئايرىشتۇر، ھەممەيلەن ئەسلىدىنلا پۇتبولنى سۆيىدىغان ئويۇنخۇمارلار ئىدۇق، دەرىجىگە ئايرىش پەيدا بولغاندىن باشلاپ، مەيلى يېڭى بولۇڭ ياكى ئويۇن پىرى بولۇڭ، بىر كوللىكتىپقا تەۋە ئەمەس بولدۇق.

يەنە قارايدىغان بولساق، ئويۇندىكى پاراڭلىشىش ئىقتىدارى 90% ئەھۋالدا بىر- بىرنى تىللاشقا ئىشلتىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا بۇ ئىقتىدارنى ساقلاپ قالىدۇ؟ بۇمۇ ئەلۋەتتە تەڭپۇڭسىزلىق شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈندۇر. تەڭپۇڭسىزلىق شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ ئارىسىغا زىددىيەت سېلىش ئويۇن ئاچقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى. ئۇتتۇرۋېتىپمۇ يەنە تىل ئاڭلاش كىشنىڭ كۆڭلىنى ئاسانلا بىئارام ئىلىدۇ. ئويۇن ئويناش تېخنىكىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ياخشىلاش مۇمكىن ئەمەس،  ئەڭ تېز ئۈنۈملىك ئۇسۇل كارتا بوغچىسى سېتىۋېلىپ، ياخشى توپچىلار چىقسا، كۆڭلىدىكى ماۋۇ ئورۇندىكى توپچىلىرىم ياخشى ئوينىيالمدى، ئالماشتۇرسام كېيىنكى قېتىم چۇقۇم ئۇتتۇرمايمەن دېگەن ئوينى يوق قىلىپ، كۆڭۈلنى تېنىچلاندۇرۇش.

تېخنىكىسى ياخشى ئويۇنخۇمارلار «پۇلدار بايۋاتچە» لەرنى ئاسانلا يېڭىۋالالامدۇ؟ خاتالاشتىڭىز. ھازىرقى ئويۇن ساھاسىگە، دۇنيادىكى ئەقىللىق كىشىلەر يىغىلغان، ئۇلار داڭلىق مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن، ئەقلى بۆلۈنمىسى يۇقرى، خىزمىتى ئېنىق بۆلۈنگەن، كومپىيوتېر تېخنىكىس ۋە پىسخىكىغا ماھىر، كىشلەرنىڭ ئاجىزلىقىنى بايقاشقا ئۇستا، نەچچە يۈزلىگەن كىشلەردىن تەركىب تاپقان گۇرۇپپا مەخسۇس سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدىكى پۇلنى قانداق قولغا كەلتۈرۈشنى ئانالىز قىلىدۇ. سىزنىڭچە سىزدەك بىر ئاددى ئادەم شۇلارنىڭ توزىقىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتەلەرسىزمۇ؟

FIFAOL3 نىڭ ئەڭ چوڭ قىلتاقلىرىنىڭ بىرى بولسا ھەممىزنىڭ ئېغىزىدىكى تەڭپۇڭلۇق پىرىنسىپى. سىز مەندىن تەڭپۇڭلۇق پىرىنسىپى بارمۇ دېسىڭىز، سىزگە ئايرىم خەت يېزىپ مەن بار دەيمەن. مەن بۇ ئويۇننى ئويناشتىكى ئىككى يىل جەريانىدا تەڭپۇڭلۇق پىرىنسپىنىڭ ئەڭ ئېنىق ئىپادىلىشنى دەرىجە ئۆرلەش مۇسابىقىسى ۋە دوستلار ئارا ئوينىغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە ئىپادىلىنىدۇ. دەرىجە ئۆرلەش مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇش ئاسانلا كىشىنىڭ پىسخىكىسىنى قالايمىقان قىلىدۇ، كەينىدىنلا پۇل قاچلايسىز ياكى ئادەم كۈچلەندۈرىسىز، دوستلۇق مۇسابىقىسىدە تونۇشلارغا ئۇتتۇرۇپ قويۇش كىشىنى تېخىمۇ ئاسان بىئارام قىلىدۇ، شۇڭا كەينىدىنلا پۇل قاچىلاپ توپچى سېتىۋېلىش، توپچى كۈچلەندۈرۈش ئادەتتىكى ئىشلار بولۇپ قالدى. ھەممىنى يىغىپ ئېيتقاندا، سىزدە ئىككىلىنىش ھاسىل قىلىپ، توپچىلىرىڭىز ياخشى ئوينىيالمايۋاتقاندەك،  سەپ شەكلى ئالماشتۇرىشىڭىز لازىمدەك ھېس قىلدۇرىدۇ. دۆلەت سىرتىدا تەڭپۇڭلۇق پىرىنسىپى ئوچۇق ئاشكاردە بىر نەرسە. بۇ دۆلەت سىرتىدا handicap دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، سىن تور بېكەتلىرىدىن handicap دەپ ئىزدىڭىسز بىر تالاي نەتىجىگە ئېرىشىسىز. مۇۋاپىق بولغان تەڭپۇقلىق پىرىنسىپى ئويۇننىڭ تەرەقىياتىغا پايدىلىق ئەمما FIFAOL3 تە بۇ سەل ھەددىدىن ئاشۇرۋېتىلگەن.

(长文)谈谈fifaonline3中的一些坑,省的大家走弯路.gif


تېخىمۇ ئېنىق بولغان يەنە بىر ھادىسە بولسا، يېڭى سېتىۋالغان توپچىلار بەك ياخشى ئويناپ، سىزنى رازى قىلدۇ. ھەرگىزمۇ ھالىتى (状态) ئەڭ ياخشى ھالەتتىكى ياخشى ئوينىشى ئەمەس، «نورمالسىز» ياخشى ئوينايدۇ. چۈنكى ئويۇنغا ھازىر جاۋاب سېستىمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، سىز پۇل خەجلىدىڭىز، سىزگە ياخشى بولغان جاۋابنى قايتۇرىشى كېرەك، شۇندىلا سىز رازى بولۇپ داۋاملىق سېتىۋالىدىغان ھالەتتنى شەكلىلەندۈرىسىز.  ئاخىردا قولىڭىزغا ياخشى توپچىلارنىڭ ھەممىسى يىغىلغاندىن كېيىن، ئادەم كۈچلەندۈرۈش سېستىمىسى كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. بىر تاق كارتىنى مىسالغا ئالساق 100 لىك ئىقتىدارى  107 لىك كۆمۈش كارتا(+5)نىڭ ئىقتىدارى بىلەن 7 نۇقتا پەرق ئېتىدۇ. تاق كارتا كۆمۈش كارتىنىڭ 93%گە تەڭ، ئاددى ماتېماتىكىلىق مىسالدىن بىرنى ئالساق، بېلنىڭ 50 مىتىرغا يۈگۈرشى تاق كارتا بىلەن كۆمۈش كارتىدا پەرق چىقمايدۇ، ئەمما يۈز مىتىردا ئازراق كۆز بىلەن پەرق ئېتەلىگۈدەك ئارلىق پەيدا بولىدۇ. تېزلىك پەرقى مۇشۇنچىلىك، باشقا پەرقلەر تېخىمۇ چىمايدۇ، ھەم كۆز بىلەنمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ.

ھەممە ئىشلارنى بىلىپ تۇرساقمۇ، يەنە نېمىشقا قولىمىزنى باشقۇرالمايمىز؟ توپچى كۈچلەندۈرۈشمۇ 10 قېتىم دو تىكىپ 9 قېتىم ئۇتتۇرغانغا ئوخشايدۇ، پايدا ئالىدىغىنى ھامان تېڭشۈن، زىيان تارتىدىغىنى ھامان سىز، توپچى كۈچلەندۈرۈشنى ئېغىرراق قىلىپ ئېيتقاندا قىمار دېسەكمۇ بولىدۇ، نىمىشقا ئويۇن توغۇرلۇق يازمىلارنىڭ ھەممىسىدە ئادەم كۈچلەندۈرۈش گېپى؟ چۈنكى قمارنىڭ كىشىگە ئاتا قىلغان ھاياجىنى، بىر مەيدان مۇسابىقەنىڭ ئاتا قىلغان ھاياجىنىنى بېسىپ چۈشىدۇ، شۇڭا مۇسابىقىدىن كېيىنلا ئادەم كۈچلەندۈرۈش ئادەتكە ئايلانغان.

تېما تەرجىمە تېما، قېنى قالغانلار ئىنكاستا ئۆزىمىزنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشساق.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
ئېسپانFCB + 50 قوللاش!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-12 19:52:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك جېق قاچىلىۋەتتىڭلارمۇ زىرەكچاق، شۇنداق يېرى بولسا بۇنىڭدىن كېيىن سىلىنى يەڭمەي، ئۇتتۇرۇپ بىرەي ئۇنداق ئاچچىقلانماڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 19:58:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-12 20:00  

4+3 قاتسا مۇۋاپىقىيەت قازنىشى يۇقىرى بولىدۇ دىگىنى پەتۈنلەي يالغاندەك ھىس قىلدىم ! 4+3 ئارقى - ئارقدىن قاتسىمۇ كۆيىدىغان ئىشلار بەكلا جىق ئىكەن ... تاساددىبى تەلىيى كەلمىسە 95% كۆيىدىكەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-12 19:58:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sensiz يوللىغان ۋاقتى  2016-3-12 19:52
بەك جېق قاچىلىۋەتتىڭلارمۇ زىرەكچاق، شۇنداق يېرى بولسا ...

ھازىرغا كەلگۈچە ئۈچ نۇمۇرىمغا جەمئى 30 كويچە قاچلىدىممىكى ، لېكىن ئۇتتۇرغاندىن كيىنلا توپچى كۈچلەندۈرىدىغان ئادەت راس بار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 20:01:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2016-3-12 19:58
ھازىرغا كەلگۈچە ئۈچ نۇمۇرىمغا جەمئى 30 كويچە قاچلىدىم ...

بۇنىڭغا ئىشىنىمەن، داۋاملىق مەشىق قىلىڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 20:02:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېڭشۈننىڭ ھازىرغىچە ئادىل،  ئادەمنىڭ ئىقتىدارىغا تاينىپ ئوينايدىغان بىرمۇ ئويۇننى كۆرۈپ باقمىدىم ، ھەممىسى شۇ  كىمنىڭ يانچۇقى توم بولسا  شۇ يامان بولىدىغان ئويۇنلا ، فىفانىڭمۇ  بۇرۇنقى نۇسخىسمۇ شۇ  ، ھازىرقى نۇسخىسغا خېلى  ئادىلراق قىپتكەن ، قول ئاران كۆنەۋاتىدۇ ........، لىكىن ئادەم كۈچەيتسەم توختىماي زىيان  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 20:06:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ  راسىت +1ياكى +2 +5بولسۇن  ھەممە  ئىقتىدارىغا  ئارانلا 1ياكى 2لا  ئىقتىدار قوشۇلدۇ  شۇ  پەقەت  باھاسىلا  ھەسسىلنىپ  ئۆسىدىكەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 20:12:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈچەيتىشنىڭ ھازىرغىچە نۇرغۇن قائىدىسنى ئاڭلاپ كەتتىم ، ھەممىسى شۇ  تەلەي ، شەخسىي پەرەزگە تايىنىپ كۈچەيتىدىكەن ، بولمىسا 2 يىلدىن ياقى خىلمۇ خىل ئۇسۇلدا تەتقىق قىلىپ باقتىم ئېنىق قائىدىسى يوقكە ... بەزى قائىدىلەر بىر مەزگىل يەنى بىرە ھەپتە كارغا كەلگەن بىلەن  يەنە تېڭشۈندىن قالايمىقانلاشتۇرۋېتىكەن دەپ ئويلىدىم ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-12 20:20:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچتىكىن يوللىغان ۋاقتى  2016-3-12 20:12
كۈچەيتىشنىڭ ھازىرغىچە نۇرغۇن قائىدىسنى ئاڭلاپ كەتتىم  ...

يېڭى باشلىغانلار قائىدىگە بەك ئىشىنىپ كېتىدۇ، كېيىنسىرى چۈشەنگەندىن كېيىن قائىدىنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك كارتىلار ئاسانلا قائىدىگە چۈشۈپ قالىدۇ، چوڭ كارتىلار تەلەي.

يەنە چوڭ كارتىلارنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ ئالدىدىكى كىچىك كارتىلارنى كۆيدۈرۈشمۇ ئۆزىگ پىسخىكىلىق تەسەللىنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ، بەزىدە كارتا كۆيدۈرمەي بىۋاستا سالسىمق كۆيىدۇ، بەزىدە كارتا كۆيدۈرسىمۇ ئەگىشىپ كۆيىدۇ، ئىشقىلىپ ھەممىسى تەلەي.
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 20:21:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېرەك يوللىغان ۋاقتى  2016-3-12 20:20
يېڭى باشلىغانلار قائىدىگە بەك ئىشىنىپ كېتىدۇ، كېيىنس ...

شۇ گەپ ، ھەممسى ئۆزىنىڭ تەسەللىيسى بويىچە سالىدىغان گەپكە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 20:28:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ىشقىلىپ بەك  مازكەن  بۇ  ئ‍ويان  بۇرۇن  بەك  ئ‍وينايتىم  ھازىر  تۇتىۋالدىم   ئ‍ۆزەمنى
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 20:29:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن زىكتىم يىڭلىغانڭزى بۇ ئويۇندىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 03:13

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش