ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2173 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تەنتەربىيە ساھەسىدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشچە، يېقىندىن بۇيان رىئال مادرىد كوماندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن زەردار كوماندىلار لىۋرىكسون كوماندىسىنىڭ سول يان مۇداپىئەچىسى ۋاندېلغا ئالاھىدە قىزىقىپ قالغان . ئاس گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە بۇ يىل 22 ياشقا كىرگەن بۇ بىرازىليەلىك مۇداپىئەچى ئاس گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيسىنى ئاشكارلىغان بۇلۇپ، ئۇ بۇ ئىش توغرىسىدا مۇنداق دىگەن:« رىئال مادرىدقا ئوخشاش تەڭداشسىز زەردار كوماندىلارنىڭ ماڭا بولغان قىزىقىشى مىنى تېخىمۇ تىرىشىپ دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلار قاتارىدىن بۇلۇش ئىرادەمنى كۈچەيتىدۇ. بۇنداق بولغاندا مىنى سېتىۋالماقچى بولغانلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، بەلكىم يەنە باشقا ئىشلارمۇ يۈز بىرىشى مۇمكىن.»
ئۇ يەنە مۇخبىرلارنىڭ رىئال مادرىدقا قۇشۇلۇشنى خالايدىغان ياكى خالىمايدىغانلىقى توغرىسىدا سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىپ مۇنداق دىگەن:«دۇنيادىكى بارىلىق پۇتبولچىلار مەيلى ئۇلار قەيەرلىك بۇلىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلارنىڭ ھەممىسى رىئال مادرىد كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى مەن ئاخىرغىچە رىئال مادرىد كوماندىسى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى خالايمەن. چۈنكى مادرىدتا توپ تىپىش مەن ئۈچۈن شەرەپ.»
ئۇ يەنە مادرىدتا ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا توپ تىپىدىغان مارسىلو توغرىسىدا سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بىرىپ مۇنداق دىدى:« مارسىلو بولسا بىر مەبۇدە، شۇنداقلا مىنىڭ ئۈلگەم. كارلوس بولسا بىر رىۋايەت. ئەگەر مەن رىئال مادرىدقا ئوخشاش ئۇزاق تارىخىقا ئىگە قالتىس بىر كوماندىدا ئۇلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭالىسام ماڭا نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ئۆتە خوشاللىنارلىق ئىش بولماس، دىمەك مارسىلودەك مۇشۇنداق قالتىس بىر توپچى بىلەن بىر كوماندىدا توپ تىپىپ، بىلمىگەنلىرىمنى ئۇنىڭدىن ئۆگۈنۈش پۇرسىتىگە ئىرىشىش مىنىڭ بەخىت تەلىيىم. راس گەپنى قىلسام ئۇ ئۆتۈپ كەتكەن بەش يىل ئىچىدە دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس سول مۇداپىئەچى ھىسابلىنىدۇ. مۇسابىقە مەيدانىدا مەن داۋاملىق پۇرسەت تېپىپ ھۇجۇمغا ئۆتىمەن، مانا بۇ مىنىڭ ئالاھىدىلىكىم . بۇ تەرىپىم كارلوس بىلەن مارسىلوغا ئوخشايدۇ.»
ئۇ ئاخىردا پۇرسەت كەلسە قايسى كوماندىغا قۇشۇلدىغانلىقى توغرىسىدا سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بىرىپ مۇنداق دىدى: ئەگەر تاللاش پۇرسىتى كەلسە مەن چوقۇم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە بېرىپ شۇ يەردە توپ تىپىمەن. چۈنكى ئىسپانيە بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار مىنىڭ ئالاھىدىلىكىمگە تامامەن ماس كىلىدۇ. ئۇ يەردىكى كوماندىلار ھۇجۇمنى ھەم تېخنىكىنى ئاساس قىلىپ ئوينايدۇ. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقە رېتىمى تېخىمۇ تېز . سەۋىيىسى باشقا بىرلەشمىلەرگە قارىغاندا بىر قەدەر يۇقىرى.»
بۇ پەسىللىك قىشلىق يۆتكۈلۈش بازىرىدا لىۋرىكسون تەرەپ پارىژ سان ژىرمان كۇلۇبىنىڭ ۋاندىلغا قويغان 20مىليۇن ياۋرۇ باھاسىنى رەت قىلۋەتكەن بۇلۇپ، گىرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە لىۋرىكسون كوماندىسى ھەر قانداق كوماندىنىڭ ۋاندىلغا قويغان باھاسى 35مىليۇن ياۋرودىن تۆۋەن بۇلۇپ قالسا ئۇنى ئالدىراپ قولدىن چىقارمايدىكەن.
|
|