elan ornielan orni
كۆرۈش: 835|ئىنكاس: 7

تىل پاساھىتى ……!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                






         image.jpg
        

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پۇتبول مۇنبىردىكى بارلىق چوڭ- كىچىك  قېرىنداشلىرىم، ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن،مەنكى مۇنبەردىشىڭلار ئۇدۇندىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام،ئالىي ئېھتىرام، ھەممىڭلارنىڭ ھەر بىر  كۈنى شادلىق ئىچىدە ئۆتكەي،باسقان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنگەي،  ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق،ئائىلەڭلارغا خۇشاللىق تىلەيمەن ، خىزمەت ئالدىراشلىقى ۋە بەزىبىر سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۈگۈن   مۇنبەردە ھەرقايسىڭلار بىلەن دىدارلاشمىلىدىم  ھەم تېما يوللىيالمىدىم ..

بۈگۈنكى مەقسەت -سۆزۈمنى مۇنۇ ئىككى كۇبلىت شېئىر بىلەن باشلىماقچى مەن :


يەتتە رەت يۇيساڭمۇ دەريادا ئىتنى،
يەنىلا ئىپلاستۇر بولسا ئۇ ھامان.
ئەيسانىڭ ئېشىكى مەككىگە بارسا،
قايتقاندا يەنىلا ئېشەكتۇر ھامان.




پىيالە ئالدىدا باش ئېگىپ چەينەك،
كەمتەرلىك بابىدا بولىدۇ ئەينەك.
بىردەملىك پەرۋازى ئۈچۈن غادىيىپ،
ئەخلەتلەر ئارىسىغا تاشلىنار لەگلەك.


بۇ ئىككى كۇبلىت شېئىر ‹‹ئاي يامغۇرى››ناملىق روماندىن ئېلىندى.


         

ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك : يېقىننىڭ ياقى بەزىبىر مۇنبەرداشلىرمىز مۇنبەر تەرەققىياتى توغرۇلۇق نۇرغۇن ياخشى پىكىرلەرنى بىرىپ ئۆتتى .ئۇشبۇ پىكىرلەر ئىچىدە مۇنبەر تۆھپىكارلىرى ,چوڭلىرىنىڭ پات-پات مۇنبەرگە كىرىپ بىز بىلەن سالام -سائەتلىشىپ  بەزى تېمىلارغا ئىنكاس يېزىپ ئۆتسە بىزنىڭ جۈملىدىن پۈتۈن مۇنبەردارلاشنىڭ كۆڭلىنىڭ ناھايىتى ئېچىلىپ قالىدىغانلىقىنى سۆزلەندى  .

مانا بۈگۈن خىزمەتتىن بىكار بولۇپ ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرىدىغان پۇتبول مۇنبىرىگە كىردىم ۋە پۇتبول دۇنياسىكى نۇرغۇنلىغان يېڭى خەۋەرلەردىن بەھرىمان بولدۇم .ۋە يەنە مۇنبەرداشلارنىڭ نۇرغۇنلىغان ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان ئىنكاسلىرنى ئۇقۇدۇم .
لىكىن نىمە ئۈچۈندۇر ئۇزۇندىن بېرى بەزى بىر مۇنبەرداشلارنىڭ مۇنبەر چوڭلىرىغا جۈملىدىن بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز ئۈچۈن جاپا چېكىپ ئالتۇندەك ۋاقتىنى سەرىپ ئىتىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارغا ,مۇنبەر قۇرۇلغاندىن باشلاپ سان -ساناقسىز ئەجىر مېھنىتىنى بىلەن مۇنبەرگە زور تۆھپە قوشقان  كونا ئەزالارغا ھۆرمەتسىزلىك  ,مەڭسىتمەسلىكتەك سۆزلەرنىڭ چىقىشى مىنى ناھايىتى ئوڭايسىزلاندۇردى .ئويلاپ قالدىم بىز مۇشۇنداق ۋاپاغا جاپا قىلدىغان چوڭلارنى ھۆرمەتلەش كىچىكلەرنى ئىززەتلەشدەك كاتتا ئەخلاقلارنى ئۆزىمىزگە مۇجەسسەملىمىگەن سۆز گۈزەللىكىمىز باشقىلارنىڭ قەلبىگە جاراھەت پەيدا قىلىدىغان  ھەر بىر ئېغىز سۆزىمىز بىلەن قېرىنداشلىرمىزنىڭ قەلبىدە باغۇ-بوستانلارنى پەيدا قىلالمايدىغان مەدىنىيەتسىز كىشىلەر جۈملىدىن پۇتبول مەستانىرلىمۇ ?

لىكىن جاۋاب ھەرگىزمۇ ”ھەئە” ئەمەس بەلكى  ”ياق !”

      

تارىخقا ھېكمەتلىك كىتابلارغا نەزەر سېلىڭ !سۆز شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلۇغكى، ئۇ ئىنساننىڭ كۆڭلىدىن چىقىدۇ. بىر شەخسنىڭ سۆزلەش سەنئىتى كۆپىنچە ھاللاردا شۇ كىشىنىڭ بىلىمى، ئىقتىدارى، ئەخلاق- پەزىلىتى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.
سەۋر- تاقەت تىزگىنىنى قولدىن بېرىپ، زەھەرلىك تىل قىلىچى بىلەن كۆڭۈللەر بوستانىنى تىلسىڭىز، مەڭگۈلۈك جاراھەت دېغى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز دوستنىمۇ دۈشمەن قىلىسىز، ياخشىدىن ئايرىلىپ قالىسىز. ئەقىل- پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز «تىغ يارىسى ساقىيىدۇ، تىل يارىسى ساقايمايدۇ» دەپ ناھايىتى جايىدا ئېيتقان.
«سۆيگۈزگەنمۇ تىل، بەزدۈرگەنمۇ تىل»، «ئادەمنىڭ سۆزى- ئەقىلنىڭ تارازىسى»، «ياخشى سۆز روھىي ئوزۇق، يامان سۆز باشقا قوزۇق»، «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ؟»..دېگەندەك چوڭقۇر پەلسەپىۋىي ھېكمەتكە ئىگە ماقال- تەمسىللەردىنمۇ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىل ئىشلىتىشتە گۈزەل ئىبارىلەرگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. بۈيۈك پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەشھۇر ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك»تە «ئىككى نەرسە بىلەن ئادەم قېرىمايدۇ: بىرى، ياخشى ھەرىكەت، بىرى، ياخشى سۆز» دېگەن بولسا، ئەلشىر ناۋايى: «ھەر قانداق كۆڭۈلگە قاتتىق تىلدىن جاراھەت يېتىدۇ. يۇمشاق سۆز، شېرىن تىلدىن راھەت يېتىدۇ، مۇلايىم، چىرايلىق سۆز ياۋىلارنىمۇ دوستلۇققا باشلايدۇ» دېگەن ئىدى.





مانا سىز ھەر بىر سۆزىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ قەلبىنى جاراھەتلىك قاينام قىلماي ھەر ۋاقىت سۇ چىقىرىپ سىزگە روھى زوق ئاتا قىلىدغان بۇلاققا ئايلاندۇرۇپ بېقىڭ ?سىز چۇقۇم بۇنى قىلالايسىز ,سىز ئۇلارنىڭ بىر كۈن سىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىنىڭ ھاردۇقىنى بىر ئېغىز سۆزىڭىز بىلەن چىقىرىپ قويالايسىز !چۈنكى سىز ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىسى ……

گەپلىرىم بەكمۇ ئۇزۇنمۇ ئەمەس پەقەت ئۆزۈم ھېس قىلغان بەزى ئەخلاقى مەسىلىلەرنى ساددا كۆڭۈللۈك بىلەنلا سىزلەرگە تاشلىدىم ئەگەر مۇنبەردە بۇنداق ئەخلاقسىز بالىلار يوق سىز ئارتۇق ئويلاپ كېتىپسىز دىسىڭىز مەن تېخىمۇ خوش چۈنكى جاراھەت پەيدا بولۇپ ساقايغاندىن پەيدا بولماستا ساقايغىنى ئەۋزەل !ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى ——ئىككى ئۈچ كۈننىڭ ئىچىدە مۇنبەر ئەزاسىدىن بەش-ئالتىسى چەكلەندى .سىز دىشىڭىز مۇمكىن ئۇلار چەكلىنىشكە لايىق دەپ لىكىن مەن ئويلايمەن ئۇلارمۇ دۇنياۋى سەۋىلىك ھەممىزنىڭ گۈزەل ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىغا ھەمراھ بولۇپ چوڭ بولغان پۇتبولنى مۇنازىرە قىلىش ئۈچۈن مۇشۇمۇنبەرنى ئىزدەپ كىرىپ ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى ئۈستىدە بىر نەرسە يېزىۋاتقانلار . ئۆىنىڭ شەخسى ھېسياتى سەۋەبلىك بولمىغۇر بىر نەچچە سۆز بىلەن چەكلىنىپ مۇنبەردىكى كاتتا مۇنازىردىن قۇرۇق قالغانلار .شۇڭلاشقا بۇ ئاددىغىنا يازمام بىلەن ھەربىرىمىزنىڭ ھەر بىر كىچىككىنە سۆزنىمۇ ئالدى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ھېسياتىنى ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىمىزنىڭ ھېسياتىنى ئويلۇشۇپ كۆڭلىمىزىكى مۇۋاپىق بىر يول بىلەن قىلىشىمىزغا  ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئازراق ھېسيات ۋە غورۇرىنى دەپ ئەمدى يېتەي دەۋاتقان مايسىلارغا ئوت چاچماي كىچىك كۆڭۈللۈك بىلەن ئۇلارنى تەربىيەلەپ سېپىمىزغا قۇشۇۋېلىشقا بولغان ئازراق تەۋسىيەرىم  ……!



باشقىلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياخشىلىق قىلايلى،يامانلىقتىن يىراق تۇرايلى.بىر –بىرىمىزنىڭ دىلىغا ئازار بېرىشتىن ساقلىنايلى ،‹‹ياخشىلىق قىلالمىساڭمۇ ،يامانلىق ئەيلىمە››دەيدىغان بىر ھېكمەت بار....

   

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +150 يىغىش سەۋەبى
غەلبە + 50
ئېلىخو + 50 ئىسىل ئاغىنەم .!
ئېسپانFCB + 50

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-12 06:02:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
esil esil     rasmi  oylangudak  tima     tima  igisiga rahmet
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 08:14:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە بېرىلگەن تەكلىپلەر قانداقتۇر  ئۇلارنى كۆزگە ئىلماسلىق، مەنسىتمەسلىك بىلەن ئېيتىلغان سۆزلەر ئەمەس،بەلكى ئەمىليەتنى چىقىش قىلغان ھالدا بېرىلگەن تەكلىپلەر، ........
چەكلەش ئىشغا كەلسەك بېرىلگەن تەكلىپتىمۇ ،سىزنىڭ قارشىڭىزغا ئوخشاش ، ئۇلارنى ئۇزۇن چەكلىمەسلىك، بولسا چەكلىمەي تەربىيە بىلەن ئۇلارنى ئۆزگەرتىپ، كىچىك نۇمۇرلارنىڭ ئالدىنى ئالساق دېگەن مەزمۇنلار،........
ئەسلى بۇ پىكىرنى ئاشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكىلدە يازسىڭىز تېخىمۇ مۇۋاپىق بولاتتىكەنتۇق،.......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 12:46:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە رەھمەت !!! بەك ئىسىل بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 12:48:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي قېرىندىشىم ئۇلارمۇ بىركۈنى چۈشىنىدۇ،بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرگەن كۆپىنچە ئەزالار ئاساسەن ياشلار،ئۇلارنىڭ قېنى تازا قىززىق ۋاقىتلىرى،بەزى بىر ئىنكاسلارغا بەكرەك سەزگۈر بولۇپ كىتىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىلىپ-بىلمەي ئاغزىدىن سەت گەپلەر چىقىپ كىتىپ قالىدۇ،يەنە بەزىلەر چوڭ نومۇرىدا چەكلىنىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ،كىچىك نومۇر بىلەن قارشى تەرەپكە تىل سالىدۇ،يەنە ئاز ساندىكى مۇنبەردىكى كونا ئەزالار ئۆزىنىڭ كونا ئەزالىقىنى ،ئۆزىنىڭ پۇتبول بىلىمىنىڭ يۇقىرلىقىنى،قانداقتۇر ناتىقلىقىنى پەش قىلىپ ئۇلارغا بەزى قالايمىقان گەپلەرنى قىلىپ قويىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ تىل سىلىشقا باشلايدۇ،مۇنبەر ئاساسىي جەھەتتىن ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈندى، بۇ ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش مۇنبەردىكى ئىچكى ئۇرۇشقا سەۋەپ بولۇپ قالدى،بىرسى-بىرسىنىڭ يىغىرىنى تاتلايدۇ،بەزىدە سىسىق گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ،ئارقىسىغا چاقچاق دەپ يىزىپ قويىدۇ،بۇنى كىملا بولسا بىلۋالىدۇ،مۇنبەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن،مۇنبەردىكى كونا،چوڭ،ئالىي،تۆھپىكار ئەزالار مۇنبەر قىزىقچىسى بولۇشقا ئالدىرماي،مۇنبەرگە كىرگەن ھەربىر يىڭى ئەزاغا مەسئول بولۇشى،ئۇلارنى يىتەكلىشى،ئۇلارغا مۇنبەرنىڭ ھەققىي سېھرى كۈچىنى ھىس قىلدۇرۇشى كىرەك،مۇنبەرگە كىرگەن يىڭى ئەزانىڭ باش سۈرئىتى،ئامراق كوماندىسىغا قاراپلا،ھە پالانچى كۇلۇپنىڭ مەستانىسىدىن بىرسى كۆپەيدى دەپ، قارغۇلارچە يىقىنچىلىق قىلماي،ئۇنىڭغا مۇنبەرنى ياخشى چۈشەندۈرۈپ،قانداق ئىنكاس،قانداق تىما يىزىشىنى،نىمىلەرگە دىققەت قىلىشنى ئۈگىتىشىمىز كىرەك،ھەممىمىز ئۆزىمىزگە ئىگە بولساق ،مۇنبەردىكى باشقۇرغۇچى خادىملار ئۆزلىرى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن…سالچىلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 13:20:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە تەكلىپ بىرىش قانداقتۇر مۇنبەر چوڭلىرىنى كۆزگە ئ‍ىلمىغانلىق ئ‍ەمەستۇر. تەكلىپ پىكىرنىڭ ياخشى ياكى يامان بولىشى بۇ مۇقەرەر. زىدىيەتسىز جەمئىيەت تەرققىي قىلاممايدۇ دىگەندەك، بۇ خىل تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ چۇشكىنى ياخشى ئ‍ىش. گەپ ئ‍ەمدى قانداق قىلغاندا مىغىزىنى ئ‍ەپ قىلىپ شاكىلىنى تازلىۋىتىشتە دىمەكچى قوبۇل قىلىش قىلماسلىق مەسىلىسى. ھىسام قۇربان چاقچاق پىشۋاسى ئ‍ىتقاندەك ھەممە نەرسىنىڭ ئ‍ىككى تەرىپى بار، مەسىلەن سىنىڭ ئ‍الدى، كەينىڭ يوقمۇ دىگەندەك…بۇ تەكلىپ پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىشتا ئ‍ويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.
ئ‍ەلبەتتە مەلۆم نەرسىنىڭ ياراتقۇچىى ۋە بەرپا قىلغۇچىسى بولغىنىدەك بۇ مۇنبەرنىڭ قرغۇچىلىرى بار بۇنى بىزمۇ بىلىمىز، مەن ئ‍ويلايمەن ئ‍ۇلار بۇ مۇنبەرنى قۇرۇشتىن بۇرۇن بۇ خىلدىكى تەكلىپ پىكىرەرگە قارىتا ئ‍ىدىيىسىدە تەيارلىق قىلغان. دىمەكچى بۇ خىل پىكىرلەرنىڭ بىرىلىشى مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن. ئ‍ەمدى مۇنبەر چوڭلىرى دەپ مۇنبەردە كونىلىقنى تەششەبۇس قىلىدىغان قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ ياشلارنىڭ يىڭى-يىڭى ئ‍ىدىيىلىرىنىڭ ئ‍ىلغار تەرەپلىرىنى قوبول قىلىشىمىز كېرەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 13:49:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                             
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-12 19:52:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوردام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-12 19:58  

ئادەملەر ئارىسىدا ياشىغانلىقىمىز ئۇچۈن شۈنى ئەستە ساقىلىشىمىز لازىم، يەنى ‪:‬ھەرقانداق ئىشنى ئادەم قىلىدۇ، ئىنسان قىلىشتىن ئەمەس ئويلاشتىنمۇ سەسكىنىدىغان مەينەت پاسىق ئىشلارنىمۇ ئادەم قىلىدۇ، كىشىنى سۆيۈندۇردىغان ئىسىل ئىشلارنىمۇ يەنە شۈ ئادەم قىلىدۇ، مۇنبەرگە تېزىملىتىپ كىرەلىگەن ئىنسانمۇ ئاق بىلەن قارىنى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئازدۇر كۆپتۇر ئايرىيالىغىدەك ئادەملاردۇر، شۇڭا ئادەم مۇشۇ ياشقا كىرگەندە ھەرقانداق ئىشنى ھەرقانداق گەپنى بىلىپ قىلىدۇ، بىلمەي قىلىپ قاپتىمەن دېگەن قاپقارا يالغان گەپ، پەقەت شۈ بىردەملىك ھاياجىنىنى باسالماي قالغان يېرى بار، ئۇلارمۇ ۋاقتى سائىتى كەلگەندە ياكى ئىمزا سۆزۈمدىكىدەك ھاياجان ئىلكىدە سايرىغان بۇلبۇل ئۇچۇپ ئۇچۇپ كالتەككە قوندى دېگەندەك بىرەر قېتىم كالتەككە قونۇپ بۇرنى قانىسا ياكى ماڭا ئوخشاش بىرەر ئۇستامنىڭ دۇككىنىغا چۈشكەندىن كىيىن ئاندىن بىلىدۇ، ئىنسان ھەرقانداق زامان ماكاندا مۇئەييەن چەكلىمە ئىچىدە ياشايدۇ، شۇڭا ئاغزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرگەن بىلەن مۇشۇنداق كۇنگە قالىدىغان گەپ، كونىلار بەك توغرا دېگەن ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە، پۇت يۇگرىكى ئاشقا ئېغىز يۇگرىكى باشقا، ئاز سۆزلەپ كۆپ ئاڭلا..... دېگەندەك، شۇڭا مۇنبەردە كۆرگەننىڭ ھەممىسىگە ئارلىشىدىغان ۋەزىپە بولمىغاندىكىن بىلىدىغانلارنىڭكىنى كۆرۈپ ئولتۇرساقمۇ بولىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 02:46

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش