elan ornielan orni
كۆرۈش: 1247|ئىنكاس: 35

تەڭرىتاغ يىلپىزى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dobulga تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 22:16  

2015-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ  2016-يىللىق مۇسابىقە پەسىلنى باشلاش ۋە توختاملىشىش مۇراسىمى ئېلىپ باردى، بۇ پائالىيەتكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ۋە پۇتبول باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىق ئىدارە ئورۇنلارنىڭ باشلىقلىرى، شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى، ﻫەر قايسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە رادىيو مۇخبىرلىرى، ﻫەر قايسى پۇتبول مەستانىلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ يۈزگە يېقىن ئادەم بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. بۇ مۇراسىمدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى 2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ئارزۇ ئارمانلىرى، بۇلارنىڭ يېڭى رەﻫبەرلىك قاتلىمى ۋە بۇ يىلىدىكى پىلانلىرى سۆزلەنگەندىن سىرت، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبى بىلەن شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسىنىڭ ﻫەمكارلىق توختام تۈزۈلدى، بۇنىڭدىن سىرت «چوڭ كاناي» دەپ نام ئالغان يۈسۈپ ئاكىمىز پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ يۈرەك سۆزى ۋە ئارزۇلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى، ئاخىرىدا بۇ قېتىملىق مۇراسىمدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىنىڭ ياخشى نەتىجە ئېلىش ئىرادىسىنىڭ مۇستەﻫكەم ئىكەنلىكىنى ﻫەمدە پۇتبول مەستانىلىرى بولغان ئارىلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ بىر گەۋدە بولىدىغانلىقى كەڭ پۇتبول مەستانلارغا بىلدۈرۈلدى، ئەلۋەتتە بىزمۇ شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبنىڭ بۇ يىلدىكى مۇسابىقىدە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز

1.jpg
يۇقارقى رەسىمدىكى جۈنتەي گوروھىنىڭ باش لىدىرى ۋاڭ لىدىر .ئاۋۇ قولىدىكى تىلفۇننى ئەرزان چاغلىماڭ جۇمۇ
2.jpg
چوڭ كاناي يۈسۈپ ئاكىمىز،ئوتتۇردىسىكى مەشئەل پۇتبول كۇلۇبىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇربانجان .ئوڭدىكىسى مەردان .
3.jpg
يۈسۈپ ئاكىمىز شۇنداقلا مۇتەللىپ ئاكىمىز
4.jpg
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ  باش دېرىكتورى خېجۈن .
5.jpg
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ  لىدىرى سۈنئەيجۈن.
6.jpg
ھۇررانىڭ قۇرغۇچىسى ساتتار
7.jpg
شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ  ئىچكى قىسىم خىزمەتچىسى مەمەتجان .


شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ  2016-مۇسابىقە پەسىللىك بېلەت باھاسى ئايرىم ئايرىم ھالدا :30يۈەن 50يۈەن 100يۈەن .

پائالىيەتتىن كىيىن  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ تەكلىپى شۇنداقلا ئورۇنلاشتۇرىشى ئاساسىدا يۈسۈپ ئاكىمىز باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ تەڭرىتاغ پۇتبول مەستانىلىرى كۇلۇبى رەسمىي قۇرۇلدى . كۇلۇب مەستانىلىرى شىنجاڭدىلا بولماي قالماستىن ،تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى بۇ يىل مېھمان مەيدان مۇسابىقە ئوينايدىغان شەھەرلەردىمۇ زور تۈركۈمدە مەستانىلىرى بولغان ،پۈتۈن جۇڭگودىكى تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسى مەستانىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر دائىرىسى زور بولغان ھۇررا قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلغان مەستانىلەركۇلۇبى  ،يىلپىز روھىنى جارى قىلدۇرايلى ،جۇڭگو پۇتبول سەھنىسى بىز كەلدۇق !بىزنىڭ ھۇررا سادايىمىزنى كۆرۈپ قويۇڭلا !
شىنجاڭ تەڭرىتاغ پۇتبول مەستانىلىرى كۇلۇبى ئەزالىق كارتىسى بېجىرىش باشلانغان بولۇپ ،باھاسى 200يۈەن ،15مەيدان ساھەبخان مەيدان مۇسابىقە  ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .تېزدىن بىزگە قوشۇلۇڭ .تىزىملاش ۋاقتى ھازىردىن باشلاپ 4-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە

بۈگۈن چۈشتىن كىيىن مەمەتجان ھەم يۈسۈپكاملار شېنجىنغا يولغا چىقتى مۇتەللىپكام ئەتە يولغا چىقىدۇ .12-چېسلا شېنجىندا كۆرۈشەيلى قېرىنداشلار !

ئەزالىق كارتىسى بېجىرىش ئالاقىلىشىش تېلفۇن نومۇرلىرى :13579297658    13999777607   15719994005
ئۈندىدار :757845440

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-10 22:07:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزالىق كارتىسى بىجىرسە مەيداننىڭ قەيەرىدىن مۇسابىقە كۆرەلەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 22:09:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەسەددۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2016-3-10 22:07
ئەزالىق كارتىسى بىجىرسە مەيداننىڭ قەيەرىدىن مۇسابىقە  ...

ئىشقىلىپ كىشىنى رازى قىلىدىغان مۇقىم ئورۇن با
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 22:10:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
200كوي ھەقىقەتەن ئەرزان ھە ھەي
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 22:11:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dobulga يوللىغان ۋاقتى  2016-3-10 22:09
ئىشقىلىپ كىشىنى رازى قىلىدىغان مۇقىم ئورۇن با

دەيمەنغۇ ئەمدى، ئاتايىن بىجىرىپ، مەيداننىڭ ئۆگزىسىدىن ئولتۇرۇپ كۆرمەيلى دەيمەن ھى ھى ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 22:23:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى قاراپ باقايلى كۇلۇپ رەھپەرلىك قاتلىمىنىڭ پوزىتسىيىسىدە راستىنلا ئۆزگۈرۈش بۇلۇپ ئەستايىدىل ، سەمىمى بولسىلا مىنىڭ مەيدانىمدىمۇ ئۆزگۈرۈش بۇلىدۇ ، بەلكىم ئارلىق يىراق بىر مەيدانمۇ نەق مەيدان مۇسابىقىسىنى كۈرۈش پۇرسىتى بولمىسىمۇ 200 كوي پۇل دىگەن ھىچقانچە ئىش ئەمەس ئەزا بۇلۇپ قوللاپ قويساق بۇلىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 22:28:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەسەددۇللاھ يوللىغان ۋاقتى  2016-3-10 22:11
دەيمەنغۇ ئەمدى، ئاتايىن بىجىرىپ، مەيداننىڭ ئۆگزىسىد ...

رەئىس سەھنىسىنىڭ قېشىدىكى ئورۇن ئوتتۇردىكى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 22:49:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزمەتلىرمىزنىڭ مۇسابىقىسىنى بىر نەقمەيداندىن كۆرۈپ باقسام دەيمەن......يۈرەك دېگەن دۈپۈلدەپ سوقۇپ كېتىدۇ ھە ھاياجاندا.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 23:01:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سالچىلار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-10 23:04  

بۇ قىتىم بۇلار ئالاھىدە تەييارلىق قىلغان ئوخشايدۇ،دىيارىمىزنىڭ كوماندىسى بولغاندىن كىيىن قوللايمىز ئەلۋەتتە،بىز قوللاپ بەرسەك بۇلار ئاندىن تەرەققىي قىلالايدۇ،بىز ئالەم شۇمۇل نەتىجىلەرنى كۆزلەپمۇ كەتمەيمىز،مەيداندا بىزنىڭ بالىلاردىن كۆپرەك بولسا بولدى شۇ كۇپايە،بىزنىڭ بالىلار مەيداننى كۆپرەك كۆرسە،مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى كۆپرەك بولسا ،ئۇلارنىڭ ۋە بىزنىڭ پۇتبولچىلقىمىزغا بەلگىلىك تەسىرى بولۇشى مۈمكىن ۋە شىنجاڭدا پۇتبول قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرلۈشگە ئاكىتىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۈمكىن…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 23:04:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈسۈپجان ئاكىمىزنى تۇنجى كۆرۈپلا تەشكىللەش قابىلىيىتىگە قول قويغانىدىم
image.png
image.jpeg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-10 23:13:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالچىلار يوللىغان ۋاقتى  2016-3-10 23:01
بۇ قىتىم بۇلار ئالاھىدە تەييارلىق قىلغان ئوخشايدۇ،دىي ...

بۇ توغرىسىدا باش لىدىر ئايرىم يۈسۈپكاملارنى چاقىرىپ گەپ قىلدى ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-10 23:19:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسۇن ....

بىلەت باھاسى سەل قىممەتمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 08:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش