ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2017 |
تۆھپىسى: سەر |
|
پارژ2—1چېلسى
بۈگۈن سەھەر سائەت 1.45 مىنۇت ئۆتكەندە چېلسى كاماندىسى ئۆزىنىڭ ساھىبخان مەيدانى سىتانفۇرد كۆۋرىكى مەيدانىدا كۈچلۈك بولغان پارژ ساينىت گېرمان كاماندىسىنى كۈتىۋالدى، تۇنجى قېتىملق ئۇچرىشىشتا پارژ كاماندىسى 2—1 نەتىجە بىلەن چېلسىنى ئۇتقان ، بۇ مەيدان مۇسابىقە بولسا ھەر ئىككىلى كاماندا كۈچەپ ئوينىشى ئېنىق.
مۇسابىقىنىڭ 16—مىنۇتىدا ئىبرايىمنىڭ پاس چىقرىشى لابىئوت نىڭ توپ ئۇرشى بىلەن پارژ ئۈستىنلىككە ئۆتتى، 27 مىنۇت بولغاندا دىگو كوستا 1توپ قايتۇرۋالدى،
67 مىنۇت بولغاندا ئىبرايىمموۋېچ بىرتوپ ئۇرۇپ چېلسىنىڭ 8 كۈچلۈككە كىرىش چۈشىنى بەرپات قىلدى، شۇنىڭ بىلەن پارژ ئومۇمى نەتىجە 4—2 بىلەن چېلسىنى شاللاپ 2015—16 پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق 8 كۈچلۈك قاتارىغا كىردى.
بېنفىكا2—1 زىنىت
ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە بىر مەيدان مۇسابىقە روسىيە سانپىتېر بورگ زىنىت كاماندىسىنىڭ ساھىبخان مەدانىدا ئېلىپ بېرىلدى.
ئالدىنقى قېتىملىق مۇسابىقىدە بېنفىكا ئۆزمەيدانىدا1 —0 نەتىجە بىلەن زىنىت نى ئۇتقان .
بۇقېتىملىق مۇسابىقە باشلىنىپ 69 مىنۇت بولغاندا زىنىت توپچىسى خۇلىك توپ ئۇرۇپ ئۆستىنلىككە ئۆتتى،85 مىنۇتتا بىنفىكا بىرتوپ قايتۇرۋالدى ، 96 مىنۇت بولغاندا بىنفىكا يەنە بىرتوپ ئۇرۇپ زىنىتنى بۇغۇزلىدى ،شۇنىڭ بىلەن بىنفىكا ئومۇمىنەتىجە 3—1 زىنىت كاماندىسىنى شاللاپ ئوڭۇشلۇق 8 كۈچلۈك كاماندا قاتارىغا كىرىپ كەتتى.
|
|