بۇ يازمىنى ئاخىرىدا lost تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-9 15:33
بىرنابودا تۈمەنلىگەن مەستانلەر ئالقىش ساداسى ھەم شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا توپ مەستانىلىرى ئارىسدا
3 - ئاينىڭ 9 - كۈنى سەھەر سائەت 1 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋرۇپا ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسنىڭ 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسدە ئىسپانىيە خان جەمەتى مادىرىت كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا ئىتالىيە رىم كوماندىسىنى كۈتۋالدى ، پۈتۈن مۇسابىقە جەريانىدا مادىرىت كوماندىسى 2 توپ ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلبە قىلغان بولسىمۇ لىكىن بىرنابو مەيدانىدا تەسىرلىك بىر كۆرۈنۈش مەڭگۈ مەستانلەرنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدى .
مۇسابىقە باشلىنپ 74 مىنۇت بولغاندا قىزىل بۆرە قوشۇننىڭ مەڭگۈلۈك كاپتانى توتتى بىرنابودىكى تۈمەن مىڭ مەستانلەرنىڭ چاۋاك سادالىرى ئىچىدە مەيدانغا چىقتى ، مۇسابىقە ئاياقلىشىشقا ئاز 15 مىنۇتتىن كۆپرەك ۋاقىت بىرىلگەن بولسىمۇ ئۆزىنىڭ پىشقەدەم تەجىربىلىك توپچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىر نەچچە قىتىم ھۇجۇم تەشكىللەپ بەردى ، توتتى بىرنابودىكى تۈمەنلىگەن مەستانلەرنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن ئىتالىيەلىك 3 - توپچى ( پىئىرلو ، دىل پىرلو ) ، شۇ قىسقىغىنە 30 سىكىنۇت ئالقىش سادالىرى بەلكىم بىرنابودىلا توختام قالمىغان بولۇشى بەلكىم پۈتۈن دۇنيادىكى توپ مەستانلىرىنىڭ ئالقىش ساداسى رىۋايەتلىك توپچىنىڭ ئوزغۇنلۇق ھاياتىغا ئۆز ھۆرمەتلىرنى بىلدۈرگەن بولۇشى مومكىن .
ئەلۋەتتە بۇ شان - شەرەپكە ھەمدە مەستانلەرنىڭ ئالقىشىغا توتتىنىڭ ئىرىشش ھەقلىق ، بىر كوماندىغا سادىق بولۇش ، ئىزچىل قىيىن كۈنلەردە كوماندىنىڭ روھى تۈۋرىكى بولۇش ، يۇقىرى سوممىلىق ئىش ھەققگە ، لوڭقىغا قىزىقماسلىق ، مانا بۇ سادىقلىقنىڭ ئىپادىسى ، ئەينى ۋاقىتتا زەردارلاردىن مىلەن ، چېلسى ، مادىرىت كوماندىلىرى توتتىنى يۆتكەشكە ئۇرۇنغان بۇنىڭ ئىچىدە مادىرىت خىلى كۈچەپ باققان بولسىمۇ توتتنىڭ رىم كوماندىسىغا بولغان سادىقلىقى تۈپەيلى يۇقىرى سوممىلىق ئىش ھەقلىرنى رەت قىلىپ قىزىل بۆرە قوشۇننىڭ مەڭگۈلۈك كاپتانىغا ئايلانغان .
40 ياش ئوزغۇنلۇق سەپىرى بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئەمەس ، 1993 - يىلى توتتى رىمغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئويناۋاتقاندا خامىس 2 ياشقا توشمىغان ، خىسەي تىخى 30 كۈنلۈكمۇ بولمىغان ، توتتى بىرنابودىكى شۇنداقلا ھازىرقى پۇتبول ساھاسدىكى خىلى توپچىلارنىڭ ( 偶像 ماۋۇنى ئۆزۈڭلار بىلۋىلىڭلار ، تەرجىمە قىلسام گەپ چىقمىسۇن يەنە ) . مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن مارىسلو ، كاسمىرو تەشەببۇسكارلىق بىلەن توتتىنىڭ ئالدىغا بىرىپ سالاملاشقان ، بىل كىيىم ساقلاش ئۆيىنىڭ ئالدىدا توتتنىڭ ئىمزا قويۇپ بىرىشنى كۈتكەن .
15 يىللىق ئوزغۇنلۇق ھاياتى بىرنابودىكى رىمنىڭ مەغلۇبىيتى بىلەن ئاياقلاشقان بولسىمۇ توتتى يەنىلا مەستانلەر قەلبىدىكى بىر غەلبە قىلغۇچى . بەلكىم بۇ پەسىل ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئاخىرلاشقاندا يىشىل چىملىقتىنمۇ خوشلۇششى مومكىن ، ئامەت ساڭا يار بولسۇن مەڭگۈلۈك كاپتان ، رىم شاھزادىسى ............. |