elan ornielan orni
كۆرۈش: 2948|ئىنكاس: 184

ئۇزغۇنلۇق شاھى رونالدو

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

1.jpg

سېلتا بىلەن بولغان بىرلەشمىدە 4 توپ ئۇرغاندىن كېيىن كىرىستىيانو رونالدو ئۇزغۇنلۇق مەيدانىدىمۇ توختىماي قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ، ساھىبخان مەيدانى بولغان بىرنابۇدا رونالدو تەلۋىلەرچە ۋاراتارغا قارىتىپ توپ تېپىپ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئۇزغۇنلۇق ھاياتىدىكى ئۇرغان توپ سانى 90 غا يېتىپ نۇرغۇن رېكورتلارنى ياراتتى، شۇنداقلا بۇ پەسىل ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئۇرغان توپ سانى 40 قا يېتىپ ئۇدا 6 پەسىل ئۇرغان توپ سانى 40 تىن ئاشقان پۇتبولچى بولۇپ قالدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقە رونالدونىڭ 57 مەيدان ئۇزغۇنلۇق شاللاش مۇسابىقىسى بولۇپ 56 مەيدان ئوينىغان شاۋى ۋە 55 مەيدان ئوينىغان كاسىللاس تىن ئېشىپ ئۇزغۇنلۇق شاللاش مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ مۇسابىقە ئويىنىغان پۇتبولچى بولۇپ قالدى، ئۇنىڭدىن باشقا 363 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ مادرىد تارىختىكى باشقا دۆلەت توپچىلىرى ئىچىدە مەيدانغا چىقىش سانى جەھەتتە 4- ئورۇنغا تىزىلىپ سانمارىئا، كارلوس، دىسىتىفانو، مارسىلو قاتارلىق توپچىلارنىڭ كەينىدىلا تۇردى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان لۇكاس باسكىنىڭ ئۆلچەملىك تاشلىغان پېسىنى رونالدو ئەپچىللىك بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ مادرىد 7- نومۇرىنىڭ ھەيۋىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدى، شۇنداق قىلىپ رونالدونىڭ بۇ پەسىل ئۇرغان توپ سانى 40 قا يېتىپ ئۇدا 6 پەسىل ئۇرغان توپ سانى 40 تىن ئاشتى، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بەش پەسىل ئۇرغان توپلىرى بولسا 50 تىن ئېشىپ كەلگەن ئىدى يەنى 53، 60، 55، 51، ۋە 61 توپلارنى ئۇرغان. بۇ توپ بولسا رونالدونىڭ مادرىدقا قوشۇلغاندىن كېيىنكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ كوماندىلىرىغا ئۇرغان 13- توپى بولۇپ بۇ جەھەتتە رائولغا يېتىشىپ كۇلۇب تارىختىكى بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا.
بۇ پەسىل ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە رونالدو 13 توپ ئۇرۇپ بولغان بولۇپ بۇ 13 توپ رىم كوماندىسىدىكى ھەممە توپچىلار ئۇرغان 11 توپتىن 2 سى ئارتۇق. يەنە بۇ 13 توپ بىلەن ئۇزغۇنلۇق تارىخىدىكى رەت تەرتىپدە بىر پەسىلدە ئۇرغان توپ سانى جەھەتتە ئۆزى ياراتقان 17 توپ ۋە مىسسى ئۇرغان 14 توپتىن كېيىنلا تۇرۇپ 3- ئۇرۇندا تۇرماقتا.  ئۇنىڭدىن باشقا يېقىنقى 6مەيدان رىم بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيلى مانچىستىردا توپ تەپسۇن ياكى مادرىدتا توپ تەپسۇن 5 توپ ئۇرۇپ رىم كوماندىسىنىڭ ئاخىرلاشتۇرغۇچىسى بولۇپ قالغان.
رونالدونىڭ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە جەمئىي ئۇرغان توپى 90 توپقا يېتىپ مىسسىنىڭ 82 توپى ۋە رائولنىڭ 71 توپىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا مەيدانىدىكى ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە پورتۇگالىيەلىك بۇ چولپان 92 توپ ئۇرۇپ 85 توپ ئۇرغان مىسسى ۋە 76 توپ ئۇرغان رائولدىن ئېشىپ كەتكەن. پەقەت ئۇزغۇنلۇق شاللاش مۇسابىقىسىدە 41 توپ ئۇرۇپ بولغان بولۇپ بۇ جەھەتتىمۇ 35 توپ ئۇرغان مىسسى ۋە 3- ئورۇندا تۇرغان رائولدىن ئېشىپ كەتكەن، يەنى 3- ئورۇندىكى رائۇلنىڭ ئۇرغان 20 توپىنى ئىككى ھەسسلىۋەتكەن.  ئۇنىڭدىن باشقا بۇ رونالدونىڭ كەسپى ھاياتىدىكى 61 مەيداندا توپ ئۇرىشى بولۇپ بۇ جەھەتتىمۇ 56 مەيدان توپ ئۇرغان رائۇلدىن ئېشىپ كەتكەن، مىسسىدىن بولسا 10 مەيدان ئېشىپ كەتكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا رونالدو بۇ پەسىل مادرىدنىڭ مەرگىنى بولۇپلا قالماستىن يەنى پاس شاھى، ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 13 قېتىم پاس چىقارغاندىن باشقا سەپداشلىرىغا 3 قېتىم ئالتۇندەك پۇرسەت ياراتقان.
2012-2013 مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە رونلائودنىڭ ئۇزغۇنلۇق مەيدانىدىكى پاس سانى 11گە يېتىپ 10 قېتىم پاس چىقارغان دىمارىيا ۋە 9 قېتىم پاس چىقارغان لام ئىنىستالاردىن ئېشىپ كەتكەن شۇنداقلا شۇنداقلا شۇ دەۋردىكى ئۇزغۇنلۇق پاس سانى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان،. رونالدونىڭ ئۇزغۇنلۇق ھاياتىدىكى پاس سانى 27 قېتىمغا يېتىپ ھازىرقى توپ تېپۋاتقان توپچىلارنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا مىسسى ۋە ئىنىستا 23 قېتىم پاس چىقارغان. ( ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ ھىسابىلىشىچە رونالدو ۋە مىسىنىڭ ئۇزغۇنلۇقتىكى پاس سانى 24 ، بىراق رونالدونىڭ ياراتقان توپ سانى 115 توپ بولۇپ مىسسىنىڭ 106 توپتىن ئارتۇق).
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-9 11:47:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇستا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-9 11:51  

تەھرىرلەندى.....................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-9 11:50:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  پەسىللىك  ئ‍ۇزغۇنلۇقتا  يەنە  5توپ  ئ‍ۇرۇپ  قويساڭ  بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-9 11:51:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام يەنە بىر توپنىمۇ ئۇرۇپ كىرگۈزگەن بولسا ، نەتىجە تېخمۇ قالتىس بوپ ، رىكورتلار تېخىمۇ ئاشاتتىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-9 11:51:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turgunjan يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 11:50
بۇ  پەسىللىك  ئ‍ۇزغۇنلۇقتا  يەنە  5توپ  ئ‍ۇرۇپ  قويساڭ  ب ...

ھازىر  توپتا  بىرسى   مۇشۇ گەپنى  قىلغان  تېخى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-9 11:52:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچتىكىن يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 11:51
ئاخشام يەنە بىر توپنىمۇ ئۇرۇپ كىرگۈزگەن بولسا ، نەتىجە ...

ئالدىرمىساقمۇ  ئۆزى بۇزدۇ  ئۆزىنىڭ  رېكورتىنى بۇزۇق گۇي بۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-9 11:53:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما  شەخسىيەتچى  رونالدو  پاستىمۇ  بىرنجى  ئىكەن  ھە  تېخى  مەرگەنلىكتىلا  ئەمەس........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-9 11:54:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو غا ھازىر بىر نەرسە توغرا كەلمەيدىغان بوپ كەتتى  رونالدو ھازىر ئەسەببىيلىشىش كەتتى  ھالغا بىرنابۇ  ئەركىسى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-9 11:57:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇيىل يۇغان قۇلاقنى بىر كۇتىرىۋەتسەڭ ،بۇنىڭدىن كىيىنكى ئ‍ىپادەڭنىڭ قانداق بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر ھەممە ساڭا مەڭگۇ قايىل بۇلاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-9 12:09:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر  يۇغان  قۇلاقنى  ئىلۋەتسە قالتىس  ئىش بۇلاتتى  ئالغا  رونالدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-9 12:17:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستا يوللىغان ۋاقتى  2016-3-9 11:51
ھازىر  توپتا  بىرسى   مۇشۇ گەپنى  قىلغان  تېخى

مادىردنىڭ ئۈندىدار توپىغا مەن پاتامدىم؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-9 12:18:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىردنىڭ مۇداپىئەسىدە مەسىلە ئېغىركەن، ناۋاسنىڭ قالتىس ئىپادىسى بولمىغان بولسا ئۈچنى يەيدىكەنمىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-4-11 03:55

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش