ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 6873 |
تۆھپىسى: سەر |
|

3-ئاينىڭ 10-كۇنى يەنە بۇگۇن يىرىم كىچىدە ئۇزغۇنلىق سەككىز كۈچلۇككە كىرىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا چېلسى ئۆز مەيدانىدا پارىژ كۇلۇبىنى كۇتىۋالدۇ ، ئالدىنقى ئۇچرىشىشتا پارىژ كوماندىسى 2-1 نەتىجە بىلەن چېلسىنى قىرغىن قىلغان ( خەۋەرلەردە مۇشۇنداق دىيىلىپتىكەن ) ،بۇ قىتىم چېلسىنىڭ مەيدانىدا تەڭلەشسىلا ئۇتىدىغان پايدىلىق ۋەزىيەتتە تۇرۋاتدۇ ،تىررىنىڭ يارلىنىشى چېلسى ئارقا سىپى ئۇچۇن باش ئاغرىقىنى يەنىمۇ كۆچەيتىۋەتتى.
ياۋروپا سەھنىسىدە چېلسى پارىژ بىلەن جەمئى 7 قىتىم تۇتۇشقان بولۇپ ئىككى ئۇتۇپ 3 تەڭلىشىپ 2 قىتىم ئۇتتۇرغان،10 توپ كىرگۇزۇپ ،8 توپ كەتكۇزگەن،ئالدىنقى ئۇچرىشىشتا 2-1 نەتىجە بىلەن پارىژ بىر قەدەر ئۇستۇنلىككە ئىگە ،ئەگەر پارىژ تاڭلەشسىلا گەپ يوق سەككىز كۈچلۇككە كىرىدۇ ، بىراق چېلسى ئۇچۇن بىسىم چوڭ ، چوقۇم ئئكز مەيدانىدا پارىژنى ياخشى ئۇزۇتىشى كىرەك ئۇنداق بولمايدىكەن ،بۇيىلىقى ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۇدىمۇ يوق بولىدۇ ،پارىژ بولسا بىرلەشمىدە ئىككىنچى ئورۇندىكى موناكۇدىن 23 نۇمۇر ئۇستۇنلىكتە بولۇپ ،ھىچقانداق بىسىم يوق ھالەتتە .
كاپىتان تىررنىڭ يارلىنىشى چېلسى موداپىيەسىنى جىددىيلەشتۇرۋىتىدۇ ،تىررى يوق چېلسى يەتتە مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە توپ كەتكۇزگەن،پارىژ تەرەپتىن ماتۇيدى بىلەن ۋاراتى ياردار ھالەتتە بەلكىم مۇسابىقىگە چۇشەلمەسلىگى مومكىن، چېلسى پارىژ بىلەن بولىدىغان جەڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى تەييارلىق مەشىقىدە كوستا،پىدىرو ،كىنىدى قاتارلىقلار مەشىققە قاتناشقان .
قىنى چېلسى ئۆز مەيدانىدا پارىژنى يىڭىپ ،8 كۈچلۇككە كىرەلەمدۇ ؟ ھىندىك قانداق تاكتىكا بىلەن پارىژغا تاقابىل تۇرىدۇ ، قىزىقساڭلا كىچىدىكى شىرىن ئۇيقىدىن ۋاز كىچىپ نەخمەيدان كۆرۇڭلار ! |
|