ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 479 |
تۆھپىسى: سەر |
|
سىلەرنىڭ ئىچىڭلارنى پۇشۇرىدىغان نەرسىنى باشلايلى…… ئەمدى ئۇيغۇرلارنىڭ ماركىلىرىنى بىر دەم ساز قىلامدۇق…… (مىنى كەچۈرۈڭلار) 1. سەنەم چاچ سوپۇنىدا چېچىمنى تولا يۇيۇپ،سەنەم مىجەز بوپ قالدىما! 2. قاناس سۈت پاراشوكىنى بالامغا ئىزچىل ئىچكۈزۈپ،ئاخىرى نوپۇس دەپتەردىكى يۇرتى دىگەن يەرنى قاناسقا ئۆزگەرتتىم. 3. ھۆسنىگۈل داغ سەپكۈن يوقتىش مىيى بىلەن داسىتخاندىكى داغلارنى پاكپاكىز تازىلاپ چىقاردىم. 4. سەردار چىش ئارقارتىش پاستىسىنى كۆيگەن ئورۇنغا دەرھال سۈركىسىڭىز،كۆيگەن تېرىدە داغ قالمايدۇ. 5. مەن ACEنى كۆپ ئىچىپ،ئىنگىلىزچەم تېز سۈرئەتتە ئىلگىرلىدى. 6. مۇئەللىم تاختا كومپىيوتىرى ئىمتىھاندا كۆچۈرۋاتسام،مىنى تۇتىۋالدى. 7. مىترو!ئىنىگىريە ساي يولىدا ئېغىر قاتناش قىستەڭچىلىقىدا قالدى. 8. ئېھ رەنا~پورتمالىڭىز چۈشۈپ قالدى ! 9. ئەزىز بالىلار زاكىسىنى نىمە ماسكا قىلىپ تاقىۋالدىڭ؟ سۇ ئۆتكۈزمەيدىكەن،چۆمۈلگىلى بارماقچىتىم…… 10. -مەشرەپ !ھوي مەشرەپ! -دادا،نىمە توڭلاتقۇغا قاراپ ۋارقىراۋېرىسىز. 11. -باغقا كىرىپ،شاخقا چىقىپ. ياساپ چىقتۇق،ھۈنەر بىلەن. خوشاللىقىم تەنگە تېپىپ. -نېمىنى ياسىدىڭلار؟ -رەگەتكە 12. -ئادىشوي،يۈز تېرەڭ بەك ياخشى ،بەك سىلىق بوپ كېتىپتۇ،نىمە ئىشلەتتىڭ؟ -پامىر سىلىقلاش مىيى -پامىر؟ -پـــــــــاـمىر! 13. ئارمان قۇۋۋەت تالقىنىدا خېمىر يۇغۇرسام،پەقەت كۆپمەپتۇ جۇمۇ…… 14. بىر توپ ئوماقلا بۈگۈن ئۆزى ئەڭ ياخشى نەرسە،يەنى ئايپەد نى كۆتۈرۈپ چىقىشتى. ھازىرچە مۇشۇلار بولسۇن ئۇيغۇر ماركللرنى مازاق قلش ئويۇم يوق،پەقەت چاقچاق قىپ قويدۇم،ئوت يۈرەك دوستلارنىڭ تەنقىدىنى كۆتىرەلمەيمەن……) |
|