elan ornielan orni
كۆرۈش: 1763|ئىنكاس: 60

گۇئاردىئولانىڭ بايرىندا قىلغان خاتا ئىشلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نۇرغۇن توپخۇمارلارنىڭ نەزىرىدە گۇئاردىئولا دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇل بولمىغان تەغدىردىمۇ ئەڭ مۇنەۋۋەرلەرنىڭ بىرى . مەيلى بارسېلونا ياكى مىيۇنخېندا بولسۇن ئۇنىڭ توپ مەستانىللىرىگە قالدۇرغان تەسىرى چۇڭقۇر .

1.jpg


ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان غەلبە قىلىش ئۈنۈمى ۋە مۇكەممەللىكنى قوغلاشقان مۇسابىقە ئۇسلۇبى ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ يەنە ياشلارنىڭ تېخنىكىسىغا بولغان تەلەپچانلىق ۋە تەربىيلەش ئۇسۇلى بار . ئەلۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇلنىڭ بىرى بولغان گۇئاردىئولادىمۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن تەرەپلەر بار .

دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەشقاۋۇلنىڭمۇ خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى بولىدۇ ، گۇئاردىئولانىڭمۇ شۇنداق . بولۇپمۇ مۇشۇ يېقىنقى بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە گۇئاردىئولانىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمۇ ئۇنىڭ يەنىلا مۇكەممەل ئەمەسلىكىنىڭ ئىسپاتى.

بۇ مانچىستىر شەھىرىنىڭ كەلگۈسى مەشقاۋۇلى گەرچە مىيۇنخېندا قىلغان نۇرغۇن ئىشلىرى توغرا بولسىمۇ بىراق Squawka ئۇنىڭ بەش چوڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى :



14.jpg


1. ئاممىۋىي سورۇندىلا كىمىچنى تەنقىدلەش

گەرچە مىيۇنخېن دورتىمەندكە ئۇچراپ پەقەتلا بىر نۇمۇرغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ، بىراق بۇ يەنىلا كوماندىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئېرىشىدىغان تۆتىنچى قېتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسىغا يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .

گەرچە ھازىر مىيۇنخېندا ياۋرۇپادىكى ئەڭ قالتىس ھۇجۇم گۇرپىسى بولسىمۇ ، بىراق دورتىمەند بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كېيىن ، ئۇنىڭ 21 ياشلىق كىمىچقا بولغان تەنقىدلەش سۆزى سەل ئېشىپ كەتكەن .

بۇ كۆپ ئىقتىدارلىق ياش يېقىنقى نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئەڭ قالتىس ھالىتىنى جارى قىلدۇرغان ، سېرىق ھەرىلەر بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تېخىمۇ شۇنداق . مۇسابىقىدە ئۇ ئىككى قېتىم كاللا توپ تالىشىپ مۇۋاپىقىيەت قازانغان ، ئىككى قېتىملىق خەتەرلىك توپنى مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىرۋەتكەن ، ئىككى قېتىملىق ئېتىپ پۇت سېلىپ تارتىۋېلىشىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان ، پاس ئۈنۈمدارلىقىمۇ %95 كە يەتكەن .

كىمىچنىڭ ئىپادىسى ئەسلىدە كىشىدە چۇڭقۇر تەسىر قالدۇرسا بولاتتى ، بىراق گۇئاردىئولا مەيداننىڭ ئىچىدىلا مۇبالىغە ھەركەت بىلەن كىمىچنى تەنقىدلىگەن ھەم ئاگاھلاندۇرغان .

گەرچە بۇ ئىشتىن كېيىن گۇئاردىئولا ، كىمىچنىڭ ئىپادىسىنى " قالتىس" دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن بولسمۇ ، بىراق گۇئاردىئولا بۇ ماختاش بىلەن ئالدىدىكى تەنقىدلەشنىڭ سورۇنىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان . ئەسلى ئاممىۋى سورۇندا ماختاپ ، شەخسىي تەنقىدلەپ قويغان بولسا توغرا بولاتتى .




3.png


2. پەسىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا مانچىستىر شەھىرىگە يۆتكۈلۈشىنى ئېلان قىلىش

ھازىر گۇئاردىئولا بۇ مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مانچىستىر شەھەرنىڭ مەشقاۋۇلى بولىدىغانلىقى ھەممە كىشى بىلىدىغان خەۋەر . مانچىستىر شەھىرى بىلەن بايرىن ئىككىنچى ئايدا بۇنى ئېلان قىلىشنى قارار قىلغان . بەلكىم ئۇلار ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ توختىماي پەرەز قىلىشلىرىدىن زېرىكىپ مۇشۇنداق قىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن .

بىراق دەل شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ، ئىككىلى كوماندا ئۆزىنىڭ ئىپادىسىنى تاپالمىدى . مانچىستىر شەھىرى بولسا بىرلەشمىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم مەغلۇپ بولۇپ چىمپىيونلۇق چۈشى يىراقلىشىپ كەتتى . بايرىن مىيۇنخېننىڭ ئىپادىسىمۇ ناچار بولۇپ 6 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 2 تەڭلىشىپ 1 ئۇتتۇرۋەتكەن .

بۇ قارار يەنە تېخى مانچىستىر مەشقاۋۇلى پىلەيگىرىگە بولغان قاتتىق ئوسال ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇ چوقۇم بىرخىل "ئاغدۇرۇپ تاشلانغان"دەك ھېسياتتا بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن . بەلكىم بۇ خەۋەر بۇنداق بالدۇر ئېلان قىلىنمىسا توغرا بولار بولغىيتتى ، پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئاندىن ئېلان قىلسىمۇ ياخشى تاللاش بولىشى مۇمكىن ئىدى .



4.jpg


3. كوماندىغا بولغان ئۆزگەرتىشى بەكلا ئېشىپ كەتتىمۇ ؟

ئالدىنقى يىلى 10-ئايدا گۇئاردىئولا كوماندىنىڭ سەپ شەكلىگە ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى . بولۇپمۇ ئۇ ئىشلەتكەن 5-3-2 سەپ شەكلى . بۇ ئۆزگەرتىشلەر ھەقىقەتەن گۇئاردىئولانىڭ تاكتىكىسىنىڭ جانلىق نامايەندىسى . ئۇ بۇ پەسىلنىڭ ئۆزىدىلا ئوخشىمىغان 10 خىل سەپ شەكلى تۈزگەن بولۇپ ، ئارىسىدا تېخى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان 3-1-2-1-3 سەپ شەكلىمۇ بار .

ئىتراپ قىلىشقا بولىدۇكى ، گۇئاردىئولانىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ھەقىقەتەن چاۋاك چېلىشقا ئەرزىيدۇ .

بىراق بەزى ۋاقىتلاردا بۇنداق ھەددىدىن زىيادە ئۆزگەرتىش كوماندىدىكى توپچىلارغا بولغان ئېزىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇلار دائىم ئۆزگۈرۈپ تۇرىدىغان بۇ سەپ شەكلىدىكى ئۆزىنىڭ ئوينايدىغان رولىنى بىلەلمەسلىكى مۇمكىن . بەلكىم ھازىر گۇئاردىئولا ئۆزىمۇ قايسى خىل سەپ شەكلىنىڭ مىيۇنخېنغا ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغاندۇ .




5.jpg

4. كوماندىنىڭ ياۋرۇپا جەڭ مەيدانىدىكى نەتىجىسى چىكىنىپ كەتتى

مەلۇم بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ، ئەمدى "ئۈچتە ئوزغۇن" بولغان كوماندىنى قولغا ئېلىپ خىزمەت قىلىش كىشى ئارزۇ قىلىدىغان خىزمەت  . چۈنكى بۇ سىز قولغان ئالغان كوماندا ياۋرۇپادىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا .

ئەمما بۇنىڭ بىلەن مەسىلىمۇ پەيدا بولىدۇ . كىشىلەر دائىم گۇئاردىئولانىڭ نەتىجىسىنى ئۇ كېلىشتىن بۇرۇنقى كوماندىنىڭ نەتىجىسى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ . ھازىرغىچە گۇئاردىئولا تېخى سابىق مەشقاۋۇل ھاينىكىسنىڭ كوماندىغا ئېلىپ كەلگەن شان-شەرىپىنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كىلەلمىدى .

ئەمەلىيەتتە گۇئاردىئولانىڭ ئالدىنقى ئىككى پەسىل ياۋرۇپا ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىشى قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان نەتىجىدەك كۆرۈنسىمۇ بىراق تاشقى كۆرىنىشى ئىنتايىن مۇكەممەلدەك كۆرۈنگەن بۇ كوماندىنىڭ مادىرىدقا ئومومىي نەتىجىدە 5-0 ، بارسېلوناغا 5-3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۋىتىش كوماندا ئۈچۈن ھەم گۇئاردىئولا ئۆزى ئۈچۈنمۇ ھاقارەت ئىدى . چۈنكى گۇئاردىئولا كىلىشتىن بۇرۇنلا ھاينىكىس بۇ ئىككىلى كوماندىنى ئوزغۇنلۇق تۆت كۈچلۈكتە شاللىۋەتكەن .

بۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر دائىم مىيۇنخېننى ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ مېھمان مەيدانىدا ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى . ئالدىنقى پەسىل مىيۇنخېن ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە جەمئىي ئۈچ قېتىم مېھمان مەيداندا مەغلۇپ بولدى . رەقىبلىرى ، مانچىستىر شەھىرى ، پورتو ، بارسېلونا . بۇ پەسىلمۇ مېھمان مەيداندا ئارسىنالغا ئۇتتۇرۋەتتى ، يەنە تېخى ئىككى توپ ئالدىغا ئۆتۈپ بولغان يۇۋىنتۇس بىلەنمۇ تەڭلىشىپ قېلىپ قايتىپ كەلدى .



6.jpg


5. ئۇنىڭ دوختۇرلار سېپى بىلەن بولغان زىدىيىتى

بىر مىيۇنخېندىن سىرتىدىكى پۇتبول مەستانىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، فورفاد بىر ناتونۇش ئىسىم . بىراق مىيۇنخېن كوماندا ئىچىدە ئۇنىڭ داڭقى بەك يۇقىرى .


بۇ 73 ياشلىق ياشانغان كىشى ئاللىقاچان بايرىن ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا 38 يىل بولغان بولۇپ ، بىر كوماندا دوختۇرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇ بۇ ئارلىقتا جەمئىي 20 نەپەر ئوخشىمىغان مەشقاۋۇل بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان .

بىراق ئالدىنقى يىلى 4-ئايدا بۇ كىشى مىيۇنخېن بىلەن بولغان ئالاقىنى ئاخىرلاشتۇرغان . ئۇ دەل پورتوغا مېھمان مەيداندا ئۇتتۇرۇپ قويغان مۇسابىقىدىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىش بولۇپ ، گۇئاردىئولا فورفاد ۋە كوماندىنىڭ دوختۇرلار سېپىغا بولغان ئۈمىدسىزلىك ھېسياتىدا بولغان . چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا كوماندىدا ياردارلاپ تولۇپ كەتكەن ۋاقىت ئىدى ، يارلانغانلار يەنە كېلىپ كوماندىنىڭ كوزۇر توپچىللىرى ئىدى .

بۇ سېھىرلىك دوختۇرنىڭ داۋالاش ماھارىتى ئەسلىدە قالتىس بولۇپ ، ھەتتا بۇ دوختۇرغا داۋالىنىش ئۈچۈن خانلىق مادىرىد ، چېلسى ، پارىژ ، دورتىمەندنىڭ پۇتبول چولپانلىرىمۇ مەخسۇس مىيۇنخېنغا كېلىپ داۋالىنىپ باققان .

ئەمدىلىكتە بولسا بۇ دوختۇردىن باشقا ئۇنىڭ ئوغلى مۇللېر فورفادمۇ دوختۇرلار سېپىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى ، ئۇمۇ دادىسى بىلەن بىللە كوماندىدىن ئايرىلدى . گۇئاردىئولا بىلەن مىيۇنخېننىڭ بۇ قارارىنىڭ زىيىنى ئەمەلىيەتتە "مورىنىئو بىلەن ئېۋا ۋەقەسى"نىڭ زىيىنىدىن قېلىشمايدۇ .



مەنبە : دوڭچۇۋدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-8 16:41:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن شۇۋاقىتتا نىمە قىلغان بۇلغۇيتى مۇشۇبالا دەپ ئۇيلاپ قالغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 16:45:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 16:46:24 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ بۇ گو سۇمبۇل نىنىشقا بۇنداق قىلىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 16:49:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىڭىلىق يارتىش  ، ياشلانى قىزىش . كوماندا رەتلەشكە ئۇستا . لىكىن  باسا بىلەن مادرىتقا يۇقىرى پەرىقتە ئۇتتۇرۇپ قويشى  ئەڭ چوڭ سەۋەنلىك . لىكىن بەيرىننىڭ نەتىجىسى بۇنىڭلىق بىلەن چۈشۈپ كەتمىدى بۇرۇنقىغا ئوخشاش . بىرلەشمە قولدا . ئۇزغۇنلۇقتا تۆت كۈچلۈكنىڭ دائىملىق مىھمىنى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 16:50:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرنىر نامزاتىنى بەك بالدۇر ئاشكارلىۋەتسىمۇ بولمايدىكەن ، لىكىن ئۇششاق خەۋەر جىق چىقىپ ئادەمنى بىزار قىلىدىكەن . مورىنھومۇ مانچىستىر بىلەن 3 يىللىق توختاملىشىپ بولدى دەپ تىخى يۇقىرى رەھبەرلەرنىڭ ئىتىراپ قىلشىغا ئىرىشكەن ، كىيىن جىمىمپ كەتتى ، قارىغاندا بۇلار يازدا ئىلان قىلايلى دىيىشكەن ئوخشايدۇ ، لىكىن ئۇششاق خەۋەرلەر جىق چىقىپ ئادەمنى ئىلىشتۇرۋىتىدىكەن ... گو تىرنىر بۇ پەسىل بايرېننى 3 شاھ قىلالمىسام تىرنىرلىق ھاياتىمدىكى ئەڭ مەغلۇب بولغان ۋاقتىم بولۇپ قالىدۇ دىگەن ، شۇڭا بايرېننى 3 شاھ قىلىۋەت گو تىرنىر ... كىلەر پەسىلدىن باشلاپ يىڭىچە بىر بايرېننە كۆرىمىز ئەنچىلودى باشچىلىقىدا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 17:07:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھماننى ئۇزىتىپ قويساق بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 17:16:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 17:32:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارروپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇم گۇرپىسى بايرىندىما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 17:40:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ كىمىچ دىگەن ئاداشنىڭ بوينىغا گىرە سىلىپ ئاچچىقلاپ كىتىۋاتاتتى تىخى مەنمۇ ھەيران قالغان ،
ھەي ھەرقانچە بولسىمۇ ئاخپاراتچىلاردىن قۇتۇلماق خىلى تەسكەن ،
ئەمما بايرىننىڭ ھۇجۇمىدا سو   يوق ، لىكىن مۇداپىيەدە مەسىلە خىلى بار
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-8 18:03:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پۇتبول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-8 18:06  
cccc يوللىغان ۋاقتى  2016-3-8 17:16
ھەممىسى  بىر  تەرەپلىمە  گەپلەركەن  .

1.كىمىچنى  تەنقىدل ...


1. دىمەك كىمىچنىڭ تېخنىكىسى ئۆرلەۋەتقىنى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس گۇئاردىئولانىڭ سەۋەبىدىن ئىكەندە ؟ مۇسابىقە كۆرگەنلەرمۇ نېمانچە قىلىق قىلىپ كېتىدۇ دەپ ئېيتىپ ئۆتۈپتۇ ئەنە گۇئاردىئولانى . بۇ يەردە گۇئاردىئولا كىمىچقا باشتىن ئاخىرى زىيانكەشكەنلىك قىلىۋاتىدۇ دىمىدى بىرسى . پەقەت شۇ مەيداندىكى شۇ بىر قېتىملىق ھەركىتىنى ئېشىپ كەتكىنىنى سۆزلىنىۋاتىدۇ .

2. سىز دەپ بېرىڭە ھە گۇئاردىئولانىڭ شەھەرگە بارىدىغانلىقىنى كىم ئاشكارلىدىكىن ؟ ئورگان تورىدا ئېلان قىلىشقا كىم مەجبۇرلىدىكىن ؟

3. كوماندىنى ئۆزگەرتىپ مۇشۇ ھالغا ئېلىپ كەلتۈرۈپ قويسا بىرى ، مۇشۇ ھالىتىدە بىر نەتىجە قازانغۇزماي بىراۋنى كەتكۈزۋىتىشكە كىم چىدايدۇ ؟ يېڭى مەشقاۋۇل كەلسە ئوينىشى تىكتاك توپقا ئوخشاپ قالغان بىر كوماندىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشى ئۈچۈن يەنە قانچىلىك ۋاقىت كىتەر ؟

4. مەنغۇ سىزنىڭ ھازىرغىچە قايسى كۇلۇبقا مەستانە ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەيمەن . بىراق سىزنىڭ ھەرپەسىل تۆت كۈچلۈككە كىرىپ 5 تىن توپ يىسىمۇ يەنىلا شەرەپ دەپ ھېس قىلىدىغان قايسى كوماندىنىڭ مەستانىسى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگىم كېلىۋاتىدۇ .

5. ئەمسە سىز دومىلىشىڭىزنى دومىلاۋېرىڭ . ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغانلار ، گۇئاردىئولا بىلەن كوماندا دوختۇرىنىڭ زىدىيىتىنىڭ كوماندىغا بولغان زىيىنى،  مورىنىئو بىلەن ئېۋانىڭ كوماندىغا كەلتۈرگەن زىيىنى بىلەن پەرقلەنمەيدىكەن دەپ چۈشىنىۋەرسۇن .

ىيۇنخىننڭ  دوختۇرى  مەن  كۈندىلىك م ئەشىققە  قاتناشمەن  ،  مەن تىجارىتىمنى  قىلمىسام  بولمايدۇ  ،  ئاغرىپ  قالسا  ، دوختۇرخانا نامغا  ئەكەلسەڭلار  داۋالايمەن  ،  مەن  ھەرگىز  مەشىق  مەيدانىغا  بىرىپ  قاراپ  ئولتۇرالمايمەن  ،دىسە  ، قايسى  مەشقاۋۇل  ئۇنايدۇ

ئالدىدىكى 20گە يېقىن مەشقاۋۇل ئۇناپتىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 18:04:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلىرى شەخسيى غەرەز ئارلاشقان خاتالىقلىرىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 16:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش