elan ornielan orni
كۆرۈش: 2122|ئىنكاس: 56

ئۈچ بۇرجەكلىك مۇھاببەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مۇكەممەل بولغان ئۈچ بۇرجەكلىك مۇھاببەت، MSN نىڭ سىرىنى يىشىش


1.jpg

MSN توپ تېپىشنى بىلىپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۇلار بىرلىشەلەيدۇ!!!!!!!!!!!!!!

2.jpg

MSN كۆپىنچە كىشىلەر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تاقىلىپ قالغان ئالاقىلىشىش دېتالى دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن، بىراق بۈگۈنكى كۈندە مىسسى، سۇيارىس ۋە نېيماردىن تۈزۈلگەن يىڭى بىر گۇرۇپپا MSN دىگەن بۇ سۆزنى قايتىدىن باشقىلارنىڭ يادىغا سېلىشقا باشلىدى.

3.jpg

مىسسى بولسا ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشىشتىكى ئارزۇسى، مارادونانىڭ ئىز باسارى . سۇيارىس بولسا ئۇرۇگۋاي دۆلەت كوماندىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەزانىڭ بىرى. نېيمار بولسا بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئۈمۈد يۇلتۇزى، پۇتبول شاھلىقىنى قايتۇرۇپ ئەكىلشتىكى مۇھىم شەخىس.

4.jpg

بۇ ئۈچەيلەن بارسىلوناغا جەم بولغان شۇ كۈندىن باشلاپ MSN نامى كۆپىنچە كىشىلەرگە ئىلگىركى ئالاقە قورالىنى ئەسلەتتى، ھازىر MSN دىسە كىشىلەرنىڭ بۇرۇن ئويلايدىغىنى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دىتال بولماستىن بەلكى بارسىلونا كوماندىسنىڭ قورقۇنۇشلۇق ھۇجۇم گۇرۇپپىسى بولدى.

5.jpg

ئۈچەيلەندىن تەركىپ تاپقان MSN زادى قانچىلىك قورقۇنۇشلۇق؟ بۇ خۇددى قورقۇنۇشلۇق چۈش ئىچىدە يەنە بىر قورقۇنۇشلۇق چۈش كۆرگەنگە ئوخشاش ئىش. ئۇلارنىڭ ئىپادىسىگە ئىپادىسىگە ھەقىقەتەن كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.

6.jpg

ئەڭ قورقۇنۇشلۇق بولغىنى بولسا ئۇ ئۈچەيلەندىن خالىغان بىرىنى تارتىپ چىقسىمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك ، چۈنكى ئۇلار ئاللىقاچان بارسىلونا بىلەن بىرىكىپ كەتكەن، ئۇلار مەيدان ئىچىدە سەبداش بولۇپلا قالماستىن مەيدان سىرتىدىمۇ يېقىن ھەمراھلار.

7.jpg

بەلكىم MSN دىگەن بۇ سۆزدىن كىشىلەر بىر مەنانى چۈشىنىشى مۇمكىن يەنى ئۇلار ئۈچىدىكى بىرىكىش بىرلىشىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆگۈنىشى مۇمكىن.

8.jpg

بۇ خۇددى يۈئەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بىر ئايالنىڭ ئىككى لاي قونچاق ياساپ يازغان ‹ سىنىڭ لېيىڭدا مەن بار، مىنىڭ لېيىمدا سەن بار› دىگەن سۆزى ھازىرغىچە ناخشا قوشاق بولۇپ كەلگەندەك بىر ئىش.

9.jpg

گەرچە بۇ 我侬词 ناملىق شىئىردا ئىپادىلەنگىنى ئەر خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ھىسىياتنى ئىپادىلىسىمۇ، بىراق سىرتتىن قارىماققا MSN نى شۇنىڭغا ئوخشايدۇ دىسە ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولمايدۇ.

10.jpg

ئۈچەيلەننىڭ شەخسى مۇناسىۋىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، جەنۇبى ئامرىكىدىن چىققان بۇلارنىڭ ئوخشاشلىقى ئىنتايىن كۆپ، يەنە ئۇلار ياۋرۇپادەك بۇ چوڭ زېمىندا يۇرتداشلىرىنى تېپىۋالغاندەك ھىسىياتتا بولماقتا.

11.png

ئۈچەيلەننىڭ بىرلىشىشى قارىماققا بۇرۇنلا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بولغاندەك قىلاتتى، جەنۇبى ئامرىكىدىكى شۇنچە چوڭ قۇرۇقلۇقتا بۇ ئۈچ چولپاننىڭ تۇغۇلغان جايى خەرىتىدىن قارىماققا تۈز بىر سىزىققا ئوخشايتتى.

12.png

مىسسى مۇنداق دەيدۇ: بىز ئۈچەيلەننىڭ بىرگە بولىشىمىز بىر بىرىمىزنى تولۇقلايدۇ، شۇندىلا بىز تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ كېتىمىز............

13.jpg

نېيمار مۇنداق دەيدۇ: بىز ئۈچەيلەن جەنۇبى ئامرىكىدىكى ئوخشىمىغان ئۈچ دۆلەتتىن كەلگەن بولساقمۇ بىراق بىز يېقىن دوسلاردىن، بىزنىڭ مەيدان سىرتىدىكى مۇناسىۋىتمىزمۇ ئىنتايىن ياخشى. بىز ئۈچەيلەن بىرلىكتە توپ تەپكەن ۋاقىت بولسا ئەڭ خۇشاللىق ۋاقىتلار، شۇنداق ئىككى چولپانغا ھەمراھ بولۇش مىنىڭ شەرىپىم.

14.jpg

سۇيارىس مۇنداق دەيدۇ: مەن مىسسى ۋە نېيمار ئۈچەيلەننىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ياخشى، مەيلى مەيدان ئىچى ۋە سىرتىدا بولسا مەن مىسسىغا ھەسەت قىلمايمەن، چۈنكى ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس توپچى.

15.jpg

ئەلۋەتتە ئۈچەيلەننىڭ بىر بىرىگە مۇشۇنداق باھا بىرىشى ئارتۇقچە، چۈنكى ئۇلارنىڭ توپ تەپكىنىنى كۆرگەن ھەر قانداق ئادەم ئۇلاردىكى بىرلىشش، ماسلىشىش قا قاراپلار بۇنى ھېس قىلالايدۇ.

16.jpg

ئالدىنقى پەسىل MSN گۇرۇپپىسى بارسىلونا ئۈچۈن 122 توپ ئۇردى، بۇ پەسىل بولسا ئۈچەيلەننىڭ ئۇرغان توپ سانى 100 يېتەي دەپ قالدى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكى رىكورتىنى يىڭىلىشى پەقەت ۋاقىت مەسلىسى بولۇپ قالدى خالاس.

17.jpg

بۇلارغا ئوخشاش قورقۇنۇشلۇق ھۇجۇم گۇرۇپپىسىدىن دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر ۋارتار ئەنسىرمەي تۇرالمايدۇ ئەلۋەتتە.

18.png

مىسسىنى مۇداپىئە قىلسا نېيمار توپ ئۇرىدۇ، نېيمارنى مۇداپىئە قىلسا سۇيارىس مەسىلىنى ھەل قىلىدۇ، ئەگەر سۇيارىسنى مۇداپىئە قىلسا ئۇنداقتا مىسسى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بۇ مەسىلە ھەقىقەتەن مەشقاۋۇللارنىڭ باش ئاغرىقى بولۇپ كەلمەكتە.

19.jpg

پۇتبول مەيدانىدىكى MSN ۋەزىپنى تەڭ بۆلىشىۋالغان بولۇپ، ھەر بىر ئادەم شۇ ھۇجۇمدىكى ئاساسلىق ئەزا، ئۈچەيلەننىڭ يۈگۈرۈش ئورۇن ئېلىشلىرىغا قاراپ تېنى ئايرىم بولغان بىلەن جىسمى بىركەن دەپ قالىسىز.

20.jpg

بۈگۈنكى كۈندە بارسىلونا بىرلەشمىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا، شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى مىسسىدىن باشقا نېيمار ۋە سۇيارىس بولسا ئىلگىرى خان مادرىد كوماندىسىغا ئەڭ يېقىنلاشقان ئىككى توپچى ئىدى.

24.jpg

2013- يىلى نېيمار بارسىلوناغا قوشۇلدى، بۇنىڭ ئالدىدا بىرازىلىيەلىك بۇ يىگىتنىڭ مادرىدقا قوشۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي چىققان ئىدى، لېكىن مىجەزى ئۆزگىچە بولغان شۇ ۋاقىتتىكى مادرىد مەشقاۋۇلى مورىنىئونىڭ قوشىۋېلىش تىزىملىكىگە كىرەلمىگەن.

22.jpg

بىزگە خورازنىڭ لازىمى يوق› مانا بۇ مورىنىئونىڭ سۆزلىرى، شۇنداق قىلىپ بارسىلونا پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نېيمارنى قوشىۋالغان.

23.jpg

سۇيارىسنىڭ ئەھۋالىمۇ نېيمار بىلەن ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان بولۇپ ، مادرىدقا قوشۇلۇش توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۈزۈلمەي چىققان ئىدى، ھەتتا ئىككى تەرەپ توختامغا قول قويسىلا بولاتتى.

24.png

بىراق ئادەم چىشلەش ۋەقەسى يۈز بەرگەن دىن كېيىن سۇيارىس مۇسابىقىدىن چەكلىنىش جازاسىغا ئۇچرىدى، فىلورىندىنومۇ سۇيارىستىن ۋاز كىچىپ جامىسنى قوشىۋالدى.

25.jpg

ئۈچەيلەننىڭ تۇنجى قېتىم ئوينىغان مۇسابىقىسى بولسا دۆلەت دېربىسىدىن باشلانغان بولۇپ، چەكلىنىش جازاسى توشۇپ مەيدانغا قايتىپ كەلگەن سۇيارىس نېيمارنىڭ توپ ئۇرىشىغا پاس چىقارغان، گەرچە 3-1 نەتىجە بىلەن مادرىدقا يېڭىلگەن بولسىمۇ بىراق ئۇلارنىڭ تۇنجى مەيداندىكى ماسلىشىشى ئىپادىسى ياخشى بولغان.

26.jpg

شۇنداق قىلىپ ئۈچەيلەننىڭ بىرىكىشى بارغانسىرى ياخشى بولغان، 14-15 مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇلار ئۈچى توسىۋالغىلى بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەن، شۇنداقلا شۇ يىلى ئۇزغۇنلۇق، بىرلەشمە، شاھلىق، ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقرى لوڭقىسى قاتارلىق لوڭقىلارنى كۇلۇپنىڭ شەرەپ سارىيىغا كۆمىۋەتكەن.

27.jpg

بۇ يىل مىھمان مەيداندا مادرىدنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، بىر توپ كەتكۈزمەي دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىغا ئېرىشكەن، يەنە كىلىپ ھازىر كىشىلەر بارسىلونانىڭ ئالدىنقى قېتىم مەغلۇپ بولغان ۋاقتىنى ئۇنتۇپ قالايلا دەپ قالدى.

28.jpg

ئۇلار ئۈچى ھەر مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگەندىن باشقا مەستانىلەرگە ئۇنتۇلماس ئېسىل بولغان تالانتلىرىنى ۋە مۇسابىقىلەرنى سوۋغا قىلىپ كەلمەكتە.

29.jpg

مىسىسنىڭ نوقتا توپ ئارقىلىق پاس چىقىرىشى

30.jpg

سۇيارسىنىڭ ھاۋادا توپ تېپىشى

31.jpg

نېيمارنىڭ نەپىس ھەركەتلىرى

32.jpg

پۇتبول تارىخىدا ھۇجۇم كۈچى كۈچلۈك بولغان گۇرۇپپا كەم بولۇپ باققان ئەمەس، مەسىلەن رونالدو، رونالدىنخو ۋە رىۋالدو   يەنە ھېنتو، پۇسكاش ۋە دىسىتىفانو يەنە ئەڭ داڭلىق بولغان ئۈچ قېلىچۋاز رىجكارد، ۋانباستىن ۋە گۇلىت قاتارلىقلار.

33.jpg

بىراق مىسسى، سۇيارىس ۋە نېيمارلارغا ئوخشاش ئۆز ئارا بىرىكىپ كەتكەن گۇرۇپپا چىقىشى تەس بولغان بىر ئىش .

34.jpg

ئۈچەيلەننىڭ ھېكايىسى بىزگە توپ تېپىشنىڭ قورقۇنۇشلۇق ئەمەسلىكىنى، ئەڭ قورقۇنىشلىقى بولسا توپ تەپكەنلەرنىڭ ئۆز ئارا بىرلىشىشنى ئۆگىنىۋىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەردى.

35.jpg

ھازىر نۆۋەتتىكى MSN گۇرۇپپىسىدىن ئۇلارنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن پۇتبول ماھارىتىدىن ھۇزۇرلىنىشىتىن باشقا  ئۇلارنىڭ بىرىكىش روھىدىن ئۆگىنىشىمىز كىرەك.


بارسىلونا مەستانىلىرىگە سوۋغا!!!!!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 18مۇنبەر پۇلى +2235 يىغىش سەۋەبى
ھەقىقەت + 50 قالتىس!
ئېلىخو + 50 رەھمەت !!~
تەڭىرتاغ + 50 قالتىس!
ئويچان + 50 قالتىس!
ئۇچتىكىن + 50
جاغىستاي120 + 1000 قالتىس!
باشئەگىم + 500 قوللاش!
رونالدوCR7- + 10 قوللاش!
قۇتيار + 50 قالتىس!
~virus~ + 50 قالتىس!
غەيۇر + 25 كۆپتۈرمە
nayil + 50 قالتىس!
bora818 + 50 قالتىس!
kamalt + 50 ئالقىش
قەشقەرئوغلانى + 50 داۋاملىق قالتس!
surat220 + 50 قالتىس!
باتىستۇتا11 + 50 قالتىس!
داۋىس + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-8 11:59:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بولاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 12:03:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىزگە قايىللقىم قوزغاۋىتىدۇ جۇمۇ ڭىھ ڭىھ ،   بۇ ئۈچىگە ھازىر قانداقلا مەدھىيلەشلەر تامامەن ماس كېلدۇ ، ئارتۇق گەپ قىلىش ھاجەتسز !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 12:04:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانزاد1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-8 12:06  

نادىر تىما ، ئ‍ىجادى تىما ، ئ‍ۆزگىچە يىزىلغان تىما ·  مانا بۇ ئىتتىپاقلىقنىڭ،  ئۇيۇشۇشچانلىقنىڭ پايدىسى ۋە ئەھمىيتى. سىلەرگە ۋە قابىليىتىڭلارغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 12:05:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز گە ئەمەسما      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 12:08:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن سەنسىز بۇرادەرگە رەھمەت… بۇ ھۇجۇم  گۇرۇپىسى پۇتبولچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى بولسا سەنسىز   ئىناق ئىجىل  مۇنبەر بەرپا قىلىشىمىزنىڭ  ئۈلگىسى…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 12:11:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما. مادرىتتىمۇ مۇشۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 12:13:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن خاس نادىر تېما ئۇقۇيدىغان كۈن ئوخشايدۇ، م س ن نىڭ ھەمكارلىشىپ ئۇرغان توپلىرىدىن ئارىيە:

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 12:16:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما بەك ئىسىل چىقىپتۇ ، ئاپىرىن!!!!!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 12:16:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل يازما بۇپتۇ ، بۇلارنى ھازىرچە تەرىپلەشكە سۆز تاپالمىدىم ، پەقەتلا دىيەلەيدىغىنىم بۇلار پارچىلانمىغۇچە مادرىتقا كۈن يوق .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 12:16:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنسىز بۇرادەرگە قول قويدۇم،   بەك ياخشى يېزىپسىز بۇ تېمىنى  ،  ھەقىقەتەن ھازىر بۇ ھۇجۇم گۇرۇپپىسىغا گەپ توغرا كەلمەس بوپ كەتتى مېنىڭ ئۈمۈد قىلدىغىنىم بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ھەمكارلىشىشىنى ئۈمۈد قىلمە  ،  نادىر تېمغا بىر بېلەت كەتتى
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-8 12:16:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىن ھۇجۇم تەشكىللەپ پاس بىرىشى،ھالقىلىق ۋاقىتلاردا ئىختىيارى توپتىن نۇمۇر ئېلىپ قاتماللىقنى بۇزۇشى،نېيمارنىڭ تېز سۇرئەتتە  بۆسۇپ ئۆتۇش بىلەن بىرگە نەپىس ھەركەتلىرى ،سۇئارىزنىڭ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە  پۇرسەت تۇتىشىنىڭ ياخشى بۇلىشى بارسىلونانىڭ  غەلبە قىلىشنىڭ ئاساسى…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-4-10 22:43

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش