بۇ يازمىنى ئاخىرىدا exaniq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-3-8 11:24
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار،پۇتبول مۇنبىرىنىڭ قىزغىن ئىشتىراكچىللىرى ،يىقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزدىن نۇرغۇن ئەزالار ۋاقىتسىز ئايرىلدى ، ئۇلار كەتتى ،بەزىللىرى قىيدىغان بولسا،بەزىللىرى رەنجىدى،بەزىللىرى كىتىشنى ئۆزى تاللىدى،بەزىللىرىنى بىز كەتكۇزۋەتتۇق ،مۇنبەر كىسەلخانىسىمۇ لىق توشتى،مەيلى قانداق سەۋەپلەر بىلەن ئايرىلغان بولسۇن،بۇگۇن ئۇلارغا خوش دەپ قويۇشنى لايىق كۆردۇم،چۇنكى ئۇلار كىرگەندە مەرھابا دەپ قارشى ئالغانمىز،مانا ئەمدىلىكتە ئۇلارغا خوش دىيىش مۇنبەردىكىلەرگە قالدى، يەنە كىملەرنى قارشى ئىلىپ كىملەرگە خوش دەيمىز؟ ئۇنىسى بىزگە نامەلۇم .................
كەتكەنلەرگە خوش دەپ قۇيۇڭلا
ھايات چەكلىك ئۈمۇر قىسقا ،كىتىپ قالغانغا خوش دەڭلا ،
توشۇپ پەيمانى مەنزىلگە ،يىتىپ قالغانغا خوش دەڭلا ،
بىلەرمەنلىك قىلىپ،پونى ئىتىپ قالغانغا خوش دەڭلا ،
قىرىنداشقا قۇرۇپ توزاق ،يېتىپ قالغانغا خوش دەڭلا،
ھەسەتنىڭ قاينىم چوڭقۇر ،پېتىپ قالغانغا خوش دەڭلا .
بىرى دەر ،مۇنبىرىڭ قايناق،ئۇيغۇرۇم سۆزلىرى قايماق ،
بىرى دەر تىمىسى سەر خىل،بولۇپ قالدىم ئەجەپ ئامراق،
بىرى ئۇندا كەسىپ قىلدى،ئايانماستىن خەۋەر يازماق ،
بىرىنىڭ ئادىتى بولدى ،كىرىپ كۇندە بىلىم ئالماق،
ئۆتەلمەي ھىچ سىناقلاردىن ،كىتىپ قالغانغا خوش دەڭلا.
كىرەردە مەخسىدە ھەر خىل،يىشىل چىم سۆھبىتى قۇرماق،
بايان ئەيلەپ پىكىرلەرنى،بىرىگە بىرنى دەپ تۇرماق،
نادانلارغا بىرىپ تەنبىھ ،بەئەينى شام كەبى يۇرىماق،
تالاپەت يەتسە تىللاردىن ،بىرىپلا ئاغزىغا ئۇرماق،
بولۇپ دانىش، ئىلىپ قارغىش،كىتىپ قالغانغا خوش دەڭلا.
ئىدىلەر قاپ يۇرەك پالۋان،رەقىبى ئالدىدا ھەيۋەت ،
تىلىدىن ياغدۇرار ئوقيا ،نەقىللەر شۇنچىلىك دەششەت،
رەھىملەر ئەيلىمەس ياۋغا ،بىرەلمەس قىلچىلىك ھىممەت،
كىمى تولغىسا باشنى،كۆرەركىن ئۇ تۇمەن قىسمەت ،
قىرىنداشقا ئۇرۇپ خەنجەر،كىتىپ قالغانغا خوش دەڭلا.
ئىلىم بەرگەننى تىنماستىن،كۆرەلمەي سۆرىدۇق ئوتقا،
قەدەملەرگە تىزىپ داڭگال،ئسىلدۇق چىرمىشىپ پۇتقا،
يىزىپ بەرسە تالاي نادىر ،ئوقۇدۇق كۇن-تۇنى مۇتقا ،
ئىزىپ كەتسە بىرەر جۇملە،ئەيىپلەشكە قىلىپ تۇتقا،
ئىسىت دەپ ئوھسىنىپ بىزدىن، كىتىپ قالغانغا خوش دەڭلا.
بىلمىدىم پايدىسى بارمۇ ،پەرەڭلەر دېپىنى چالسا ،
قىلىپ غەيۋەت قىرىنداشنى،جىدەلنىڭ ئىچىگە سالسا ،
بولۇپ پالۋان كەبى ھەتتا،كىشىنىڭ ياقىسىن ئالسا ،
يوقارمۇ ئابرۇيى ئۇندا ،سىسىق گەپتىن بىر ئىغىز قالسا،
ئاۋامنىڭ نەپرىتىن ئېلىپ ، كىتىپ قالغانغا خوش دەڭلا.
تىلەيمەن ئىي قىرىنداشلار ،ئويۇشچان ھەم ئىناق بولساق،
تالاش -تارتىش ھەزەللەردىن ،ئەزەلدىن تويمىغان قورساق،
ياراشماسمۇ بىر قەۋىملەرگە ،مىھىر مۇھەببەتكە لىق تولساق،
تۆكەيلى تىلىمىزدىن بال ، ئەمەسقۇ بىز نادان ئاخماق ،
جاھالەت ئۇيقىسىن ئاچماي ،كىتىپ قالغانغا خوش دەڭلا.
مەنبە : 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۇنى كەچ،قاراڭغۇ كىچىدىكى ئۇيقۇسى كەلمىگەن مەن . |