ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 6163 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئاس گىزىتىنىڭ خەۋەر قىلشىچە ئاتلىتكا مادرىد مۇداپىئەچىسى فىلىپ لۇيىس يېقىندا بىرازىلىيەدىكى بىر ئاخبارات ۋاستىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مىسسى ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ غەمخورلىقىغا ئېرىشىۋاتىدۇ دىگەن.
فىلىپ لۇيىس بارسىلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مىسسىنى تېپىپ سالغانلىقتىن قىزىل كارتىغا ئېرىشكەن، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: شۇ ۋاقىتتىكى ھەركەت زادى قىزىل كارتىغا لايىق ئىدى، رېپىر خاتالاشمىدى، ئۇ بىر ئادىل بولغان ھۆكۈم. مەن مەيداندىن چۈشۈپ كەتتىم ۋە يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەندىم.
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەسلى توپقا ئېتىلىپ بارغان، بىراق ئۇنىڭ مىسسى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بۇ خىل ھەركەت ھەممە مەيدان مۇسابىقىلەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ، بىراق مىسسى بولسا ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە بىرلەشمىنىڭ غەمخورلىقىغا ئېرىشىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ھەممە ئادەم قالتىس بىر توپچىنىڭ مەيداندىن ئايرىلىشىنى ۋە ئۇنىڭ توپ تېپىش ماھارىتىدىن مەھرۇم قېلىشنى خالىمايدۇ، بۇ ئىشلار شۇڭا مۇشۇنداق بولغان.
ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ھەيئەتلىرى فىلىپ لۇيىسنىڭ بۇ ھەركىتىگە ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلىنىش جازاسى بەرگەن بولۇپ بىراق ئاتلىتكا مادرىد كوماندىسىنىڭ ئەرىز قىلىشى بىلەن ئاخىرىدا پەقەت بىرلا مەيدان مۇسابىقىدىن چەكلەنگەن. |
|