elan ornielan orni
كۆرۈش: 1660|ئىنكاس: 104

قارا تاشلىق خاتىرە...

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەردار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-7 19:08  

يوغان دەرۋاز ئىچىلدى ......

    ئوڭ قولىدا يوغان بوپىغا چىگىلگەن شىڭلى (يوتقان كۆرپە ) سى  ، سول قولىدا قارا تاشلىق بىر خاتېرىنى تۇتقان ھالدا ھارغىن قەدەملىرى بىلەن ، لىكىن كۆزلىرىدىن ئۇزۇندىن بىرى كۈتىۋاتقان نەرسىسىنى كۆرگەندەك كۆپكۆك ئاسمانغا قاراپ ، چوڭقۇر  بىر نەپەس ئىلىۋىتىپ ، مىنى كۆردى  ۋە يىنىمغا مىڭىشقا تەمشەلگەن . مەن دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم . ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن  قۇچاقلىشىپ كۆرىشىۋەتكەندىن كىيىن ، قولىدىكى شىڭلىسىنى كۆتۆرۆپ ، سول قولىغا قارىشىم ئۇ دەرھال خاتېرىنى كەينىگە يەنى مەندىن يۇشۇرغاندەك تارتتى . ئوشۇقمۇ گەپ قىلماي ئۇنىڭ بىلەن ماشىنىغا چىقتۇق .  يولدا كىتىپ بارىمىز تۇرۇپلا ئۇنىڭدىن  « قولۇڭدىكى نىمە؟ »  دەپ ، سورىدىم .
ئۇ جىمجىتلىقتا تۇيۇقسىز سورىغان گىپىمدىن چۆچۆپ كەتتىمۇ ، سەل ئەندىكىپ تۇرۇپ : « خاتېرە .. قارا  ..تاشلىق خاتېرە . » دىدى سەل دۇدۇقلاپ  .
راست گەپ قىلسام ئۇنىڭ ئىچىگە نىملەرنىڭ يىزىلغىنىنى بەكلا بىلگۈم بار ئىدى . قىلىنلىق قىلىپ  ،  « ئوقىغىنە ئاڭلاپ باقاي .. » دىدىم . ۋە ماشىنىدىكى مۇڭلۇق موزىكىنى قويۇپ قويدۇم . ئۇ موزىكىدىن مۇڭلاندىمۇ؟ ياكى مىنى ئۆز كۆردىمۇ (ئۇمىنىڭ ئەركىنىلىكىم تۇرسا ئەلۋەتتە ئۆز كۆرىدىدە ... ) ئىشقىلىپ ،  تارتىشىپ  يۈرمەيلا خاتېرىنى ئىچىپ ئوقۇشقا باشلىدى ....




                                                               تۈرمىدىكى «قارا تاشلىق » خاتېرە


    mf821-02908567.jpg
مەن سەيياھ ! مەن كىرەلمەيمەن . مەن ئاچالمايمەن . تۇرۇپ ،تۇرۇپ كۆرىمەن لىكىن سۆز قىلىش ھوقۇقۇم يوق !! مەن قىلالمايمەن.. مەن   ... مەن ...


مانا بۇ « چەكلەنگەندىن كىيىنكى  ھايات» نىڭ   ئاچچىق قىسىملىرىنىڭ ، ئەڭ يۇقۇرى ئەۋىجىسىنىڭ  ، كىچىك بىر كارتىنىسى !




مەن ئەتىگەن قوپۇپ ، ئىشلىرىمنى بىرقۇر تۈگۈتۈپ بولغاندىن كىيىن ، كومپىيۇتېرنى ئاچتىم ۋە « b » ئەپەندىم بىلەن  ئىشقا ماڭدىم . يولدا ماڭغاچ «b2 »  ئىنىم  ، ۋە «s» ئاكام ئىككىسى بىلەن كۆرىشىپ ، ئۇلارنىمۇ ئىلىپ ، « . »  «  توساق ئۆڭكۆر » غارىدن ئۆتۆپ . « putbol » دىگەن بىكىتىدىن 6 سىنى ئىلىپ ، يەنى بىر « . » كۆۋرىكىنىڭ ئىچىدىن ئۆتۆپ .«cn» لار بىلەن بىرلىشىپ ، «Enter » جاننىڭ ماقۇللۇقىنى ئىلىپ . بۇ ئىسىل ماكان ، پۇتبۇل چىلار جەمگاھى  ،مەستانىلەر ئارامگاھسى .مىللىتىمىز جۈملىدىن دۆلىتىمىز ھەم ياۋرۇ - ئاسىيا شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا پۇتبۇلچىلىقىنىڭ خەۋەرلىرى ، ۋە نادېر مۇسابىقىلىرى يوللىنىدىغان  مۇنبەر يۈزىگە چىقتىم .

مۇنبەرنىڭ يوغان  بىر  كۆك ئاسمانرەڭ دەرۋازىسى   بولۇپ ، دەرۋازا ئۈستىدە بۇ دەۋرۋازىغا يىڭى كەلگۈچىنىڭ ئىسمى . يەنى بۇ  « bbs.putbol.cn » شەھەردە  يىڭى تۇغۇلغۇچىنىڭ ئىسمى  « BBC917» دەپ بىرىنىڭ ئىسمى يىزىغلىق ئىدى  . ئۇنىڭ يىنىدا :   مۇشۇ شەھەردە ئىچىلىدىغان تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنىڭ ، ۋە شۇ مۇسابىقىلەرنىڭ ئالدى كەينىدىكى خەۋەرلەر . مۇسابىقىلىشىدىغان كوماندىدىكى چولپانلارنىڭ تۈرلۈك خەۋەرلىرى ،قانداقتۇر بىرىنى ماختىغان . قانداقتۇر بىرىنى چۈشۈرۈپ يازغان تىمىلار شۇ چولپانلارنى دەپ بىر-بىرىگەقارشى دۈشمەن بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئىنكاسىغا گۇۋاھچى بولغان . مۇنازىرە تىمىلىرىنىڭ » مۇشۇ شەھەر ئىچىدىكى سانى  38530 دەپ تۇراتتى .

شۇنىڭ ئۈستىدە  شۇ تىمىلارنى ئوقۇيدىغان ،  كۆرىدىغان . بەزىلىرى ھەتتا  تىمىنى چەتكە قايرىپ قويۇپ تاماششا كۆرگىلىرى كىرگەنلەر ،ۋە  مۇشۇ تىمىلارنى ھۇجۇتقا كەلتۈرگەن .بەزى تىمىلارغا 10 مىنۇت ۋاقتىنى كەتكۈزگەن بولسا ، بەزىلىرىگە بىرەر سائەت ۋاقتىنى ئاجراتقان . يەنە بەزىلىرىگە بىرەر كۈن ، بىرەر ھەپتە گاھىسىغا ھەتتا بىرەر ئاي كىتىدىغانلارنىڭ . سانى يىغىپ ئىيتقاندا مۇشۇ شەھەر ئاھالىسىنىڭ  نوپۇستىكى  16284 دىگەن سانى تۇراتتى . ئوڭ -سول ئاستىدا بولسا مۇشۇ تىمىلارغا چۈشكەن . « سالام -سائەت ، دوسلىشىش ، خوشلىشىش ، ماختاش ، چۈشۈرۈش ،  مۇلاھىزە ، ئورۇنلۇق پىكىر ۋە دەرت-تالاشلارنىڭ بۈگۈنكى ۋە تۈنۈگۈنكىلىرىنىڭ 1021 ۋە 987 دىگەن  قىتىم سانى پاقىراپ يىنىپ تۇراتتى .

مەن شۇ يەرلەرگە بىر قارىۋىتىپلا  ئاستىدىكى  « باش بەت » ، «ۋىدىئولار  » ، رەسىملەر » ، تور تىلىۋىزىيەسى  » ،  دىگەن بىكەتلىرىدىن ئۆتۆپ ، «دوختۇرخانا »  دىگەن يىرىدىن بىرخىل مەن ياقتۇرمايدىغانلىقىم چىقىپ تۇرغان چىراي ئىپادەم بىلەن چاققان -چاققان بۆسۆپ ئۆتۆپ ، «تىما يوللاش » ، «يىڭى يازمىلار » دىگەن  بىكەتلىرىدىن كۆزنى يۇمۇپ ، ئاچقۇچە ئۆتۆپ . «يىڭى تىمىلار » دىگەن لىۋىتىغا كەلدىم . ۋە پەسكە شۇڭغۇدۇم ..


                 پەستە ھەرخىل تىمىلار تۇراتتى ..

بەزىلىرىنى مەن يازغان . بەزىلىرى بولسا باشقا مۇنبارداشلار يازغان نۇرغۇن تىمىلار تۇراتتى ! ئۈستۈنكى قۇردا « تىلىفۇندا تىما يوللاش دەرىسلىكى » دەپ مەن بىرەر يىل ئالدىدا يازغان تىمام تىخىچە كۆك رەڭدە پارقىراپ تۇراتتى . ئۇ يەرلەردىن مەمنۇنلۇق ھىسىياتى بىلەن ئۆتۆپ كەتتىم .. ۋە پەستىكى  يىڭى تىمىلارنى بىر-بىرلەپ ئوقۇپ چىقتىم  . ھەم بەزىلىرىگە ئانچە-مۇنچە   شىكەر يالىتىلغان بومبىدەك ئىنكاسلارمۇ يىزىپ قويدۇم . نىم بولدۇمكىن بىر چاغدا يولنىڭ ئىككى قاسىنىقىدىن  ئۇچۇسىغا ئاق رەڭلىك  «خانلىق ماىرىدتنىڭ » كىيمىنى كىيۋالغان «كۈسەنى » بىلەن . مايكىسىنى يىشىۋىتىپ ئاستىغا قىزىل كوسار كىيۋالغان . بىر قاراشتىن  قەيەرنىڭ مەستانلىكىنى بىلگىلى بولمايدىغان «koz » ئىككىسى چىقتى . بۇلار  بەلكىم بايىقى قويۇپ قويغان بومبامغا دەسسىۋالغان بولىشى ياكى  باشقىچە مەقسىتى بولىشى مۇمكىن ئىدى . بۇلار بىلەن ئۇنى-بۇنى دىيىشىپ  پالتا-پىچاقلارنى تەييارلاپ تۇراتتۇق . ياندىكى تامدىن  ،  بارسېلونانىڭ 2009~2010-يىللىق مۇسابىقە كىيمىنى پاككىز قىلىپ كىيىۋالغان  ، ئۆزى دوغىلاق ،  ئوڭ بىلىكىگە «adalat10 » دەپ چىكىۋالغان لىكىن ھازىرقى نوپۇستىكى ئىسمى «ساداقەت » سەكرەپ چۈشتى . بىز 2-2 بولغان ئىدۇق . بىر چاڭ چانىشىشتىن كىيىن . ئاڭلىسا ئادەمنىڭ مىڭىسىنى  قوچۇۋەتكۈدەك ، چىرقىرايدىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ . يوغان بىر قاپقارا ماشىنا كەلدى . ماشىنىنىڭ تىشىغا يوغان قىلىپ  ، دوختۇرخانا مەخسۇس ماشىنىسى دەپ يىزىغلىق تۇراتتى . مەن تىخى بىزنىڭ يارلانغان يىرىمىزنى داۋالايدىغان دوختورخانىغا ئاپىرىدىغان ماشىنا ئىكەندە دەپ ، بەك كۆپ ئويلاپمۇ كەتمەپتىمەن . ئۇلار بىزنى ماشىنىغا سىلىش ئۈچۈن  ماشىنىدىن چۈشتى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا   «بوۋاي »كاممۇ بار ئىدى . ئۇنى كۆرۆپ كۆڭلۆم خىلى جايىغا چۈشكەندەك بولغان . لىكىن ئۇنىڭ ماڭا  ئۈمۈدسىزلەنگەن . ۋە خاپا بولغانلىقى ، ئىچى ئىچىشقانلىقى چىقىپلا تۇرغان كۆزلىرى بىلەن بىرئالىيىۋىتىپ ، قولامغا قىستىسىمۇ بىسىپ تۇرۇپ  كويزا سىلىۋاتقاندا ، كۆزلىرىدىن تامچىغان بىر تامچە  ئۈمۈدسىزلىنش يىشىنى مەن كۆرۆپ قالدىم ...
QQ图片20160307181159.jpg
قالغان ئۈچى بولسا  exanq ۋە بارچۇق ، يەنە بىرى كىم بولغىيتى  ئىشقىلىپ شۇ ئۈچى قالغان مەن بىلەن  سوقاشقان ئۈچىنى  سۆرەشتۈرۈپ ئىلىپ ماڭدى .  تۇرۇپلا مىنى دەپ جىدەلگە ئارلىشىپ قالغان . «ساداقەت » كە ئىچىممۇ ئاغرىپ قالدى . لىكىن تۇرۇپلا «دوختۇرخانىدا »ياتقاندا بىر ياتاقتا ياتساق ھال-مۇڭ بولۇشنى ئويلاپ ، كۆڭلۆم جايىغا چۈشكەنمۇ بولدى . ئا ئىككىسىنى بولسا ئىلىپ  مىڭىۋاتقانلار « يەنە سىلەرما؟ » دىگەندەك سۆزلىرى بىلەن تارتىشتۇرۇپ ماشىنىغا ئىلىپ چىقتى !...



مىڭىۋاتىمىز  .. نەگە كىتىپ بارىمىز ئۇنى بىلمەيمەن ... چۈنكى بىشىمىزدا بىر قارا خالتا ، قولىمىزدا كىشەن .. ماشىنىدا ماڭغاچ .... «بوۋاي » كامنىڭ قانداقتۇر بىرنىمىلەرنى دەپ ئۇھسىنىشلىرى ،..  بارچۇقنىڭ  بولسا  دائىم بىزنىلا بۇيرىغان مۇشۇنداق ئادەم ئەكىلىشكە دىيىشىلىرى  قۇلۇقۇمغا كىرىپ تۇرسىمۇ مىنىڭ كاللام يەنىلا بايىقى مۇنبەردە قالغان ئىدى .  ھەرخىل گادارماچ خېياللار بىلەن ئالاھەزەل بىرەر سائەت ماڭغاندىن كىيىن ماشىنا توختىدى .

  ئۇلاربىزنى يەنە ماشىنىدىن ئىلىپ چۈشتى . ۋە بىشىمىزدىكى خالتىنى ئىلىۋەتتى . كۆز ئالدىمدا  «سېھىرلىك ئۈزۈك » كىنوسىدىكى «زۇلمەت دەرۋازىسى » دەك  يوغان ھەيۋەتلىك ، ۋە قاناتلىرىغا تىكەنلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان  ۋە ئۈستىگە «تۈرمە » دىگەن خەت  «ناتسىت » يىزىقىدا يىزىلغان . دەۋرازا تۇراتتى ! مانا ئۆزەمنىڭ ئەسلى «تۈرمىگە » كەلگەنلىكىمنى ئەمدى بىلدىم . بايىقى «بوۋاي »نىڭ كۆزىدىكى بىئارامسىزلىقنى ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم ..

دەرۋازا   چىڭ چىلىنغان  بىر «گۈدۈك » ئاۋازىدىن كىيىن  «غااااارىتتت » قىلغان سەت بىر ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىچىلدى . ئىچىگە كىردۇق  . . دەرۋازىدىن كىرگەندىن كىينىلا ئىچىدە كەڭ كەتكەن بىر مەيدان بار ئىكەن . بۇ مەيدان تۈرمىدىكىلەرنىڭ «سەيلە »قىلىدىغان مەيدانى ئىكەن .مەيدان  ئىچىدىكىلەر نىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ماڭا  تونۇش چىراي تۇيۇلدى .. بەزىلىرىنى مەن تىخى بىرەر ھەپتە ئالدىدا مۇنبەردە كۆرگەنلەردىن تارتىپ ، ئالدىغا بىرەر يىل ھەتتا ئىككى -ئۈچ يىل بۇرۇن كۆرگەن ئادەملەرمۇ تۇراتتى . ئۇلارنىڭ كىيۋالغان كىيمىدە پەقەت نۇمۇرلا بولۇپ ، ئۇ ئۇلارنىڭ  نوپۇس نۇمۇرى  ھەم كامىر نۇمۇرى ئىدى .ئۇلارنى قانداق تونارمەن دىسەم ھەممىىسىنىڭ بىلىكىدە ئىسمى بار ئىكەن  . ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ماڭا قاراپ  مەنسىتمىگەندەك كۈلگەن بولسا ، يەنە بەزىلىرىنىڭ كۆزلىرىدىن ماڭا ئىچ ئاغرىتىش ھىسىياتى بىلەن قاراۋاتقانلىقى  چىقىپلا تۇراتتى .
بىزدەك يىڭى كەلگەنلەر بۇيەردە «سەيلە » قىلالايلىمۇ ؟ بىزنى ئاۋۋال ئۇلارئىككى تەرىپىگە سىرىق رەختكە قىزىل رەڭلىق قىلىپ  «پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى ! »  دەپ يىزغىلىق پىلاكاتلار ئىسىلغان كارىدوردىن ئۆتۆپ ، زەي پۇراپ تۇرىدىغان ..  ھەر خىل ۋارقىراشلارنى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان مىنىڭ جۈملىدىن بىز تۆتىمىزنىڭ ئەمدىكى كۈندىلىك پائالىيىتىمىزنى ئىلىپ بارىدىغان كامىرىمىزغا كەلگەن ئىدۇق  . بىز  ئۇ كامىرلارغا تولغان زالنىڭ بىر چىتىدە خىلى ئۇزۇن تۇردۇق . ئۇ چاغدا بىزنى ئەكىلىپ  قويغان «بوۋاي » قاتارلىقلار كىتىپ بولغان ئىدى . بىر ئاش پىشىم ۋاقىتتىن كىيىن   « exanq »  كىلىپ بىزگە بىر قۇردىن قاراپ چىقتى . ماڭا كەلگەندە بىرخىل ئاچچىق قىلىپ كۈلۈپ قويدى . ۋە ھەممىمىزگە يىڭىدىن « نەدىمۇ يىڭى بولسۇن » بىردىن كىيىم بەردى ! ماڭا بەرگىنىگە قارىسام  كەينىگە يوغان قىلىپ «13870 » دەپ يىزىغلىق سان بار ئىكەن . ئەسلى  ئوخشاش بىر كىيىمنى كىم كىرسە شۇنىڭ نوپۇس نۇمۇرىنى بىسىپ بىرىدىكەن .بۇ كىيمدىن بىرخىل بەتبۇي پۇراق كىلىپ تۇراتتى .  بىزگە  فورمىمىزنى بىرىپ بولۇپلا ھەمىمىزنى ئايرىم ، ئايرىم كامىرلارغا بۆلىۋەتتى ! مەن «ساداقەت » بىلەن قىيمىغان ھالدا خوشلىشىپ . بىر-بىرىمىزگە بىر ئىشارەتلەرنى قىلىپ يۈرۈپ ئايرىلدۇق .

  مىنى  بىر  ئانچە ئەسكىمۇ ئەمەس ، كۈن نۇرى بوش چۈشۈپ تۇرىدىغان . ئىچىدە تىخى بىر تال  « قاراخاتىرە » ۋە قەلەم بار  كامىرغا سولاپ قويدى . كىيىن  بىلسەم بۇ «جاغىستاي »نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەن . كۆڭلۆم بىر قىسما بولۇپ كۆزۆمگە ئىسسىق ياش كەلدىيۇ .. باشقىلارنىڭ زاڭلىق قىلىشىدىن قورقۇپ دەرھال ياشلىرىمنى سۈرتىۋەتتىم ...   خوزا ئىچى خىلى رەتلىك ئىدى . لىكىن تاملاردا  «ھەجەپ ئىچىم سىقىلدى  « ،  «خەپ  ! » « بۈكۈنلەرمۇ ئۆتۆپ كىتەر » دىگەندەك  ئاھ -پەريادلار قاپلاپ كەتكەن ئىدى . شۇ خەتلەرنى ئوقىۋىتىپ  كۆزۆمگە تۇرۇپلا بىرىنىڭ ئىسمى چىلىقىپ قالدى . ئۇ بەك غۇۋا يىزىلغاچقا تەستە «@ baggeo @ » دىگەن ئىسىملىكىنى ئوقىۋالدىم . ئەسلى مىنىڭ ئالدىمدا بۇ كامىردا «باگىئو » يىتىپتىكە .... ئىچىمدە  «شۇڭىكەندە ....  » دەپ قويۇپ . كارۋاتقا خيالىمدا ئۆزۆمنى ئۆيدىكى كارۋىتىمغا ئاتقاندەك ئاتتىم . ئاھ  خۇدا ! ۋايجان .. ما ئىشنى كۆرۆڭ ...  كارۋاتتا نەق ئوتتورسىدىن ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى ..  تويە  «ھەمراھ »  ئەمدى يەردە ياتىدىغان بولدۇڭ ....

شۇنداق قىلىپ كەچلىك تاماقمۇ يوق .  قورساق ئاچ  يەرگىلا شىڭلىنى سىلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. كىچىچە ياندىكى كامىرداشلارنىڭ ئالا-تاغىل سۆزلەشلىرى .بەزىلىرىنىڭ ئىيتقان ئاھ-پەريات تۆكۆلۆپ تۇرىدىغان ناخشىلىرى ۋە تىتانىكنىڭ بوغۇق ئاۋازى بىلەن ئىيتىقان « سەن-سەن دۇنيا »  دىگەن ناخشىلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا  خىلى ياخشى ئۇخلاپتىمەن .  چۈشۈمدە  مۇنبەردىكى باتىستۇتا 11 ، باگگىئو  ، خانزاد 1 ، ئىسىل  ، nayli  قاتارلىقلارنى چۈشەپ چىقىپتىمەن .....

   u=3941245962,2539626886&fm=21&gp=0.jpg
  ئەتىگەن قاق سەھەردە  توتتى باشلىقنىڭ «چىخاڭ ! چىخاڭ »  دەپ ۋارقىرىشى بىلەن تەڭلا  چۆچۈپ ئويغىنىپ كىتىپتىمەن .   شۇ تەرىقىدە كامىر ئىشىكى ئىچىلدى . ئالدىمدا   « باھادىر » تۇراتتى  . مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدىم . كامىردىن چىقىۋاتقانلارنى كۆرۆپ ھەقىقەتەن كۆپ ئادەمنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم . بەزىلىرى قىرىپ ، دۈمچەك بولۇپ قالغان بولسا بەزىلىرى چاچ-ساقاللىرى ئۆسۆپ خۇددى ياۋايى ئادەملەردەك بولۇپ كەتكەنلەرمۇ بارئىدى . ئۆزەمنىڭ نەگە ماڭغىنىمنى بىلمىسەممۇ ، تاماق يىگىلى ماڭغان بولشىمنى تىلەپ ماڭدىم ..  بىر چوڭ زالغا كەلدۇق .. زالدا پۈتۈن مۇنبەردىكىلەر بار بولۇپ ،تۈرمە تىشىدىكىلەر بالدۇر كىلىپ ئالدىدىكى ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ بولغان ئىكەن . بىز ئارقىسىدا ئۆرە تۇردۇق . « ھەقانچە بولسا ئۆرە تۇرۇپ تاماق يىمەسمىس؟ » دەپ يىنىمدىكى بويى پاكار ئورۇقراق  بىلىكىدىكى «كۇئىنلۇن » دىگەن خىتى ئۆچۆپ كىتەيلا دىگەن كىملىكىنى تازا پەرىق ئىتەلمىگەن بىرىدىن سورىدىم . ئۇ ماڭا قاراپ بىر كۈلىۋىتىپ : « نەدىكى تاماق ئۇ؟ يىغىن ئاڭلايسا يىغىن .. »   دىدى  .

يىغىن زالىدا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرىدىن   بۇغدا  ، باشئەگىم ، مەن كۆرمىگىلى ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن ئۇچقۇنى ۋە  راكىتالار  تۇراتتى . بىر چاغدا  چىچىنى ئىنىق قىلىپ ئوتتوردىن ئىككىگە رەتلىك تارىۋالغان ، تىخى بۇرتىمۇ خەت  تارتمىغان  «ئۇدۇن  » سەھنىنىڭ نۇتۇق سۆزلەيدىغان مۇنبىرىگە كىلىپ قولىدىكى ئاق قەغەزگە يىزىغلىق « بىز نىمىشقا چەكلىنىمىز ؟ » دىگەن تىمىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ چىقتى . بىر چاغدا بىرىنىڭ مىشىلداپ يىغلىشى قۇلقۇمغا كىرىپ قالدى . كىمكىن دىسەم ، « ساداقەت » ئۆيدىكىلىرىنى سىغىنىپ يىغلاپ  ئىقىپ كىتىپتۇ .. ئۇنىڭ كەينىدە بولسا  مىلەن بىلەن تەنتەربىيە ئىككىسى خىيالىدا يوق كوروت  ئويناپ ئولتۇراتتى ....

ئۇدۇن تىمىسىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن مۇنبەرداشلار  ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىيتىپ ئۆتتى . بەزىلىرى  «ئۇلار ياخشى بالىلار ئىدى . » دىسە ، يەنە بەزىرى  «خوپ بوپتا .. » يىشىۋاتاتتى ...  بەزىلىرى  «مۇنبەرنى پارچىلايلى !!  »دەپ خىتاپ قىلسا ، يەنە بەزىلىرى يادلىنىپ كەتكەن . «ئىتايلى .. قىلايلى .. » دىگەندەك قۇرۇق  شۇئارلارنى توۋلاۋاتاتتى ...

يىغىنمۇ تۈگىدى .
QQ图片20160307181207.jpg

كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە .. كەچتە پەقەت بىرلا ۋاخ تاماق . (قۇرۇق شوۋگىرۇش بىلەن بىرتال موما  )  . تۈرمىگە كىرگەندىن كىيىن بۇرۇنقى  سولانغانلارنى ئىزدىدىم . پەرۋەر ئۇ تۈرمىدىن قىچىپ كىتىپتۇ .. ھازىرغىچە ئىز-دىرىكى يوق ئىكەن . تىتانىك بولسا تۈرمىدىن يىڭى بىر ئىش تىپىۋاپتۇ . باللارنىڭ دىيىشىچە ، تۈرمىدىكىلەرگە كىرگۈزگەن كىيىم  كىچەككە نۇمۇر بىسىش ،  ئىسىم بىسىش ئىشلىرىنى قىلىدىكەن . تەنتەربىيە  بىلەن مىلەن بولسا مەخسۇس يىڭى كىرگەنلەرنىڭ روھى ھالىتىنى  قىززىقچىلىقلىرى بىلەن تەڭشەشكە مەسئۇل ئىكەن . ( بۇ خىزمەتنى بوش چاغلىماڭ  . ئاڭلىسام بۇرۇن نەچچىسى ئاچچىققا چىدىماي ئۆزىنى ئۆلتۆرىۋاپتىكەن .  شۇڭا بۇ ئىككىسىنى مۇشۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىپ قويۇپتۇ . ) ئامرىكا بولسا بىر بۇلۇڭدا  قۇلىقىدا نائۇشنىك ،  ئۆزىنىڭ كامىرىدا رومان ئوقۇپلا ئولتۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ  . ئۇنى ھازىر ھىچكىم ئىزدىمەيدىكەن . چۈنكى ئۇ باشقىلار بىلەن كۆرۆشۆشكە قوشۇلمىغان ئىكەن. ئاڭلىسام ئەسلى  مەن تۈرمىگە كىرىشنىڭ 3 كۈن ئالدىدا ئۇ  بىر يىللىق قاماق جازاسىنى توشتۇرۇپ ، ئازاتلىققا چىقاتتىكەن . نىمىشقىكىن ؟ سىياسەت ئۆزگىرىپ ئۇ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلىنىپتۇ ...  ھەي ئامرىكا ...
QQ图片20160307181112.jpg
شۇنداق قىلىپ  ، ئۈلكەر -  ، ئارگىنتىنا  ، MVP، سىتار  ، FC messi، لار بىلەن كۆرۆشۆپ  بىردەم پاراڭلاشقانىن كىيىن  بىزنى يەنە كامىرغا ھەيدىدى ....


  بۈگۈن بىردەمدە كەچ كىرىپ ، «ئۇخلاڭلار !! » دىگەن بۇيرۇق بىرىلىپ بولغان بولسىمۇ ، ھىچ كۆزۆمگە ئۇيقا كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى . تۇرۇپلا كىمدۇر بىرىنىڭ سەن ئۆزەڭنىڭ ئەركىنلىكىنى بۇ تۈرمىگە تاشلاپ قويۇپ ، مۇنبەرگە كىرسەڭ بولىدۇ . ياكى بولمىسا يەنە بىر نوپۇس بىجىرىپ ، باشقا ئىسمدە كىرسەڭمۇ بولىدۇ دىگەندەك يوليۇرۇقلىرى كاللامغا كەلدى .  ھەم بىر يىڭى نوپۇس بىجىرىپ قايتىدىن مۇنبەرگە كىرمەكچىمۇ بولدۇم . تۇرۇپلا  ئۆزۆمنىڭ نۇرغۇن ئىسسىق -سوغۇقنى باشتىن كەچۈرگەن ، ۋە نۇرغۇن ئەجىر قىلغان . باشقىلار مازاق قىلغان بىلەن ئۆزۆم ئۈچۈن تولىمۇ ھۆرمەتلىك بولغان «ھەمراھ » دىگەن ئىسمىمدىن ۋازكەچكۈم كەلمىدى . ھەم سۆز قىلىش ھوقوقۇم بولمىسمۇ   سۆز قىلىش ھوقۇقۇمنى تۈرمىگە تاشلاپ قويۇپ ، سىرتىدىن مۇنبەر كۆرمەكچى بولدۇم . گەرچە تۈرمە ھاياتى زىرىكىشلىك بولسىمۇ ، بۇ ئىككى ھەپتىنى تۈگۈتۈشكە بەل باغلىغان ئىدىم  ...
QQ图片20160307181249.jpg
  ھەراس مەن تۈرمىگە كىرىپلا  تۈرلۈك قىيىن -قىستاقلارغا تولغان سوراقتىن ئۆتكەندىن كىيىن ، ئۆزۆمنىڭ كامىرىغا يىنىپ كەلگەن ئىدىم . ئارىدىن 4~5 سائەتتىن كىيىن  دىلمۇرات باشلىق مىنى ئىككىسىنىڭ ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئىيتقان ئىدى . چىقىپ قارىسام قادى قاق بىلەن خانزاد بەگە ئىكەن . ئۇلار بىلەن مەيۈسلۈك ئىچىدە كۆرۆشۈپ چىقتىم .

قادى : ھە  !  ئوغاۋۋلا ئىكەك ...  شوقاشقانغا تويدۇقمۇ ؟  دىدى تەنە ئارلاش ..

خانزاد : بولدى قىلىڭلار قادى . ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ يرىملىقىنى كۆرمىدىڭىزمۇ دىگەندەك قىلىپ بىرنىملەرنى  قولىدا مىكروفۇننى تورىۋىلىپ تۇرۇپ  دىگەندەك قىلدى ! ( ئالدىمىزدا ئاۋاز ئۆتمەس ئەينەك بار   ، تىلىفۇدا پاراڭلاشقان ئىدۇق ) . قادى ماڭا بىر ئالىيىۋەتكەندىن كىيىن ، -
گىپىنى داۋام قىلدى  : شۇندق قىلىپ ئەسلى 10 كۈن ياتىدىغان بولغانتىڭ ...  دەپ گىپىنى داۋام قىلىۋاتاتتى . مەن تىخى بۇ «يول » مىڭىپ ئازلىتىپتىدە دەپ ، خوشال بولۇپ تۇرسام .
- يەنە 4 كۈن قاتقۇزۋەتتىم . دەپلا گىپىنى تۈگەتتى .
  خەپ قادى ! خەپ قادى ! سەندىن ماڭا كەلگەن ۋاپا شۇما  ؟ - دىدىم ئىچىمدە ..

خانزاد : ئىنىم . ياخشى ئادەم بولۇپ چىقىڭ . ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىشنى ئۈگۈنۈڭ . نۇرغۇن يەرلەردىن ئەگىپ ئۆتۆپ كىتىڭ  ، بەزىلىرىگە « ھە .. » لا دەپ قويۇڭ ، سىزنى مۇنبەردە ساقلايمىز ...  دەپ  بىرمۇنچە نەسىھەتلەرنى قىلدى . ئۇنىڭ ھەم مىنىڭ كۆڭلۆم راستىنلا يىرىم بولغان ئىدى . دىلمۇرات ۋاقىتنىڭ توشقانلىقىنى ئىيقىنىدا  ، قادى . ماڭا دەيدىغان يەنە نۇرغۇن گەپلىرى باردەك ، ئاغزىنى ئەمدىلا ئۆمەللەتكەن ئىدى . مەن تىلىفۇننى قويىۋەتتىم . ئۇ ئەينەك سىرتىدا قوللىرىدا بىرنىملەرنى ئىپادىلەپلا قالدى ....

شۇنداق قىلىپ 14 كۈن تۈرمىگە سولانغانلىقىمنى  قادىدىن بىلدىم . 14 كۈن ،، 14 كۈن دىگەن .. 2 ھەپتە ..
14 كۈن دىگەن 336 سائەت !
14 كۈن دىگەن  20160 مىنۇت ،.
14 كۈن دىگەن 1209600 سىكۇنىت ..
14 كۈن دىگەن ...
  دىمەك شۇنچىلىك ۋاقىت مەن  بۇ زىرىكىشلىك تۈرمىدە ياشايدىغان بولغان ئىدىم .

QQ图片20160307181215.jpg

شۇلارنى خىيال قىلىپ يىتىۋاتاتتىم . بىر چاغدا  ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلىنىپ كەتتى ! ئەسلى بارسېلونا -ئارسېنال مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدىكى مۇنازىرىلەرئىكەن . بەزىلىرى 10 مىڭ تىكتىم دىسە بەزىلىرى 30 مىڭ تىكتىم دەۋاتاتتى . ئىچىمگە جىن كىردى  . دە مىنىڭ ئازراق پۇل تاپقىم كىلىپ ، «قوسقۇم ئاغرىپ كەتتى !!!! » دەپ قاتتىق توۋلىدىم . دىمىسىمۇ قورسىقىم  راستىنلا بوش  ئاغرىۋاتاتتى . نىمىشكە ئاغرىدى دەمسىز؟ تۈرمىنىڭ قاتتىق مومىسىنى سىزمۇ يەپ بىقىڭ  دولىشىمەن . سىزنىڭمۇ ئاغرىيدۇ .
  مىنىڭ مەقسىتىم قورسىقىمنى داۋالىتىش ئەمەس . دائىملىق چۆپقىتىم «بوۋاي »نى ئىزدەش ئىدى . چۈنكى ئۇ تۈرمىدىكىلەرنى داۋالاشقا مەسئۇل ئىدى .  مەن خىلى ۋاقىرغاندىن كىيىن . ئۇلار بىرئىشىنىپ ، بىر ئىشەنمەي ئاخېرى مىنى  دوختۇرخانىغا ئىلىپ مىڭىشتى . بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن ئۇلار مىنى رەتلىك بىر ئىشخانىغا ئەكىرىپ قويدى . بوۋايغا قارىسام  14 سوڭلۇق تىلىۋىزورىدا بىرچىقىپ ، بىر چىقمايۋاتقان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنى كۆرگىلى تۇرۇپتۇ . قارسام 0-0 ، شۇنىڭ بىلەن «بوۋاي» غا ئەسلى مەقسىتىمنى دىيىشنىڭ پۇرسىتىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىپ گەپ باشلىدىم .
- تىشلىقمۇ؟
- ۋوي بالاڭزا ؟ بۇيەردە يۈرۈيمىزغۇ؟ دىدى ئۇ  پىېرقىرايدىغان ئورۇندۇقىنى ئۆرۆپلا ، مىنى كۆرۆپ ھەيران قالغان ھالدا .
- ھە.. شۇ  .. سەن بىلەن تىكىشەي دەپ ، ئازراق «ئويۇن» ئويناپ قويدۇم . دىدىم مەن .  مىنى تىللاپ كىتەمۇ دىگەندەك سەل قورۇنۇپ .
- ۋۇييۇ .ياڭزاڭ  قۇرۇت . دىدى «بوۋاي « ھىجاراپ .- نەچچە توپ بىرىسە  ؟ دىدى ئۇ ئۇلاپلا .!
يۈركۈم سەل ئورنىغا چۈشكەندەك بولۇپ ،  ئارسېنالنىڭ مەيدانى بولسىمۇ ،  بۇ يەردە زوتالىقنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى بىلىپ  ،
- بىر توپ بىرەي  ..   . دىدىم تەستە .
- ھە بولىدۇ . 30 مىڭدىن كەلدۇق . تەڭلەشسە مەن ئۇتىمەن .دەپلا  ،
- مانى ئەچىقىپ كىتىڭلار . دەپ بۇيرۇق قىلدى .
مەن  بىرخىل خورلۇق ھىس قىلىپ بوۋاي يىنىدىن ئايرىلدىم .

ۋە خوزىغا كىلىپ مۇسابىقە كۆرۆشنى ئارزۇ قىلىپ ياتتىم .بىز كۆرەيلى دىسەك  «  بىرنابۇ   » باشلىق ئۇنمىدى . بىز پەقەت ئۇلارنىڭ ۋاراڭ- چۇڭىدىنلا مۇسابىقىنىڭ قانداق بولىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىپ ياتتۇق ...
خەپ مۇنبەر تىشىدا بولغان بولسام ، نوچى قىلىپ مۇنازىرە تىمىسى يازار ئىدىم . مۇكاپاتلىق سوئاللارنى چىقىرار ئىدىم دەپ ئىچىم بەك سىقىلدى . لىكىن نىم ئامال . كىم بىزنى جىدەل قىلسۇن دەپتۇ ؟ ئۆز ئۆزۆمگە سۆزلەپ ئاۋازىم تىشىغا چىقىپ كىتىپتىكە ..  

ياندىكى كامىردىكى ئۈلكەر -
:
زۇۋانىڭنى يىغە ! مۇسابىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن ... بارسېلونا سەل پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قاپتۇ . يەنە كوتۇلداۋەرسەڭ  سەن بىلەن جىدەل قىلىپ ، « قارا خوزا » غا ئاپىرغۇزىۋىتىمەن .  ئىككىلىمىز  شۇ يەردە ھىچنىم بىلمەي 4 كۈن تۇرۇپ كىلىمىز  ..  
- دەپ ۋاقىرىدى .

مەن بىسىقىپ قالدىم ، چۈنكى مىنىڭ بۇ يەردىمۇ جىدەل قىلغۇم يوق ئىدى . جىممىدە تۇرۇپ مۇنبەردىكىلەرنىڭ ھەرخىل مۇسابىقە توغورلۇق ئىيتقان خەۋەرلىرنى بىلگەچ ياتتىم ...
مىسسى  ..  دەپ  ۋاقىرغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ۋاراڭ چۇرۇڭ باشلىنىپ كەتتى ..
بىرلىرى ،
- ھە چىخ مۇرادىڭغا يەتتىڭمۇ ؟ دىسە ،
- MSN  ھەرقاندىغىنى قاسايدۇ .  دەۋەتاتتى يەنە بىرلىر17:37:23
يەنە بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ،  بەزىلىرى ، يالغان يىقىلدى . دىسە ، بەزىلىرى  بۇلار ئەمدى كىمگە ھۆرمەت بىلدۈرەر ؟ دەۋاتاتتى . قارغاندا نۇقتا توپ كەلگەندەك قىلاتتى .
شۇنداق قىلىپ بارسېلونا 2-0 ئۇتۇپتۇ ...
بۇ مۇسابىقە ئۆمرۆمدە كۆرگەن ، ياق ئاڭلىغان ئىشقىلىپ بەك بىئارامچىلىقتا تۈگەتكەن مۇسابىقە بولۇپ قالدى .
ھىمممم ، بوۋاينى ئەمدى نەدىن تاپارمەن ؟ ئۇ مىنى قويۇپ كەتمەس ھە؟ كىم ماڭا گۇۋاھچى بولا؟
ئىسىت 30000 .....

  ئارىدىن  ئىككى كۈن ئۆتۆپ كەتتى  كۈنلەر بۇرۇقتۇمىچىلىق ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتى . بۈگۈن ھاۋا يىگەچ مەيداندا  ئولتۇرساق قايسى كۈنى بىزنى ئەكەلگەن  قارا ماشىنا چىرقىراپ يەنە كەلدى . مەيداندىكىلەرنىڭ ھەممىسى تور بار يەرگە يىغىلىپ خۇددى ھىچ نىم كۆرمىگەندەك ماشىنىدىن چۈشكەنلەرگە قاراۋاتاتتى . مەنمۇ قىززىقىش نەزىرىدە  «ساداقەت » بىلەن ئۇلار تەرەپكە باردۇق . قارسام ئۇششاق-ئۇششاق ئۈچ بالىنى ئەكەپتۇ. بۇلار تىخى يىڭىلا نوپۇسقا ئىلىنغان نارىسىدىلەردەك قىلاتتى .  «ساداقەت »  ھەي  بىچارىلەر نىمىش قىلغان بولغىيتى؟ كىچىكلا بالىلاركەن دىيىشىگە ، يىنىمىدىراق تۇرغان   چىرايى بۇغداي ئۆڭ . تۈرمىدىن تارقىتىپ بەرگەن . قىزىل-ئاق رەڭلىك كىيمنى بوياپ ، كۆك -قارا قىلىۋالغان .  ئوڭ بىلىكىگە «ئەزمەت9 » دەپ يىزىۋالغان  .  سول بىلىكىدە بولسا «پۇتبۇلچى » دەپ چىكىۋالغان بىرى . ساداقەتكە قاراپ : « سەن دۆتمۇ ؟ يا بىلمەمسە؟ ئۇلار مۇشۇ تۈرمىدىكى ، بەزىلەرنىڭ توقاللىرى  » دىدى ... شۇنىڭ بىلەن مەن . ئەمدى ئۇلارنى قانداق قىلىدۇ ؟ دىسەم .   «ئەزمەت 9 » ماشىنىدىن چۈشۈۋاتقانلارغا قارىغاچ  : « ئاپىرىپ قان تەكشۈرتىدۇ . قىنى مۇشۇ يەردىكى بىرەرسىگە ئوخشاپ قالسا شۇنىڭ توقىلى دىگەن گەپ ، ئۇچاغدا شۇ تۈرمىدە مۇددەتسىزدىن يەنە بىرى كۆپىيىدۇ شۇ .. » دەپلا ، گىپىنى تۈگۈتۈپ كىتىپ قالدى . باشقىلاردىن سورىسام . ئۇنىڭ بۇ نوپۇستىكى «ئەزمەت 9 » دىگەن  ئۆزى بولغان بىلەن . بۇمۇ نەزامان ئەركىنلىكىنى تۈرمىگە تاشلاپ پەرۋەرنىڭ ئالدىدىلا  قىچىپ چىقىپ كىتىپ ، جەمىيەتتە قايتىدىن يۈزتىپىپ ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىۋالغان ئىكەن .  شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغان . ھەم ئۇنىڭغا كۆپ گەپ قىلماس  بولدۇم .
QQ图片20160307181130.jpg
  تۈرمىنىڭ قانۇن تۈزۈم ۋە بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ئىنتايىن مۇستەھكەم بولۇپ ، قىچىپ چىقىپ كىتىش ئاداتتىكى ئىش ئەمەس ئىدى .  (مەنغۇ قىچىشنى ئويلاپ باقمىدىم . ) تۈرمىدە ھەر-ھەر ئىلغار تىپلىق كامىرالار بولۇپ ، ئۇلار ھەتتا سىز چىڭاراق يەل قويۋەتسىڭىزمۇ  شۇ زامانلا باش شىتاپقا يەتكۈزۈپ تۇراتتى . شۇڭا ھەر ئىشتا بەك ئىھتىيات قىلىپ ، ۋاقىتنى چاققانراق توشقۇزۇپ چىقىپ كىتىشنىڭ ئامالىنى قىلغان ئەڭ ياخشى تاللاش ئىدى . بەزىدە ئىشلار سىز ئويلىغادەك ئوڭ تەرەپكە مىڭىۋەرمەيدىكەن . ..  بەزىدە ئىشلىرىڭىز بەزىلەرنىڭ قارلىشى ۋە ئۆزىڭىزنىڭ كىچىككىنا ئىزىپ كىتىشىڭىز بىلەن ئۆزىڭىزگە قانچىلىك چوڭلۇقتا «ئەسكى» نامدىكى قالپاقنى كىيىۋالغىنىڭىزنى بىلمەيلا قالىدىكەنسىز ...
بۈگۈن كۆڭلۆمنىڭ بىر يەرلىرى خوشال بولسا  ، يەنە بىر يەرلىرى خاپا ئىدى . چۈنكى مەن بىلەن بىللە كىرگەن «ساداقەت » بۈگۈن تۈرمىدىكى قىسقىغىنە ، ئامما جاپالىق تۇرمۇشىنى تۈگۈتۈپ ، چۈشتىن كىينلىك ئارام ئىلىش ۋاقتىدا بىزدىن خوشلىشىپ چىقىپ كىتەتتى ! يەنى ئىللىق مۇنبەر قوينىغا قايتىپ كىلەتتى ... شۇلارنى ئويلاپ كۆڭلۆم خوش بولسا ، ئاخشام يىرىم كىچىدە ئاڭلىغان شۇم خەۋەر مىنى بىئارام قىلىۋاتاتتى ! چۈنكى مۇنبەردىكى ناتىق «باگگىئو » مەڭگۈلۈك قاماق جاساسىغا ھۆكۆم قىلىنغانلىقى   ئىدى .  ئەپسۇس ..مىڭ ئەپسۇس .  ئۇ 10 نەچچە كۈن جىدەللەرگە ئارلاشماي تۇرغان بولسا كاشكى . بۇ كامىردىكى ھىلىقى جاغىستايكام قالدۇرۇپ قويغان خاتىرە قەلەمگە يىزىۋاتقان ئۈشبۇ تېمامنى ئوقۇپ بەلكىم شۇ جىدەللەرنى قىلماسلىقى ، جىدەللەرگە ئارلاشماسلىقى ، ئەڭ بولمىغاندا«مۇددەتسىز »  قامالماسلىقى مۇمكىن ئىدى . ....
  ئۇ ئاخشام تۈرمىگە كىلىنىپتۇ . بۈگۈن ساداقەت ئىككىمىز كۆرىشەيلى دىسەك . مۇددەتسىز قامالغانلارنى ئاۋۋال 20 كۈن «قارا خوزا » غا قاماپ ، ھىچكىم بىلەن كۆرۆشتۈرمەيدىكەن ...  «تەنھا » باشلىقنىڭ «بولمايدۇ !! » دىگەن گىپى بىلەن . بىز ئوشۇقمۇ گەپ قىلماي كەينىمىزگە قايتتۇق .
چۈشلۈك تاماق ۋاقتىغا خىلى بار بولغاچقا، «ساداقەت  » ئىككىمىز ئەتىيازنىڭ كىشىگە خۇش ياقىدىغان ئىللىق ئاپتىپى چۈشۈپ تۇرغان كەڭ مەيدانغا بىرىپ ، نۇرغۇن يەرلىرىگە  ھەرخىل ئىسىملارنى ئويىۋەتكەن . ياغاچ ئورۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردۇق ...  «ساداقەت » ئىككىمىز جىم-جىت سۈكۈتتە ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن مەن گەپ باشلىدىم .

- ھە .. كەيپىياتىڭ قانداقراق ؟ دىدىم يالغاندىن كۈلۈپ ، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۆرۆش ئۈچۈن .

- ھە؟ ياخشى  .. دىدى ئۇمۇ زورىغا يالغاندىن بىرنى مىيقىدە كۈلۈپ قويۇپ .
ئۇنىڭغا يەنە  بۇدا جىدەل قىلمايلى . چىرايلىق مۇنبەر ئوينايلى ! ئىتەيلى ! قىلايلى ! ...  دىگەندەك نۇرغۇن تەربىيە تۈسىدىكى گەپلەرنى قىلماقچى ئىدىم . لىكىن ئۇنىڭ يىراقلارغا قاراپ ئىغىر سۈكۈتتە خىيال قىلغان تۇرقىغا قاراپ ئوشۇق گەپ قىلغۇممۇ كەلمىدى ..

چۈشتىن كىيىن تاماقتا بىللە ئولتاردۇق . ئۇ ئۆزىنىڭ تامىقىنى  ( بىرتال موما )ماڭا بىرىۋىتىپ بىللە ئولتۇرۇشۇپ بەردى . تاماقنىمۇ يەپ بولدۇق . ئۇ شىڭلىلىرىنى كۆتۆرۆپ مەن بىلەن ئۇزۇندى-ئۇزۇن قۇچاغلىشىپ تۇرىۋىتىپ بىر ئىغىزمۇ ئوشۇق گەپ قىلماي . كەينىگە ئۆرىلىپلا   «باھادىر  »باشلىقنىڭ كەينىدىن ھىلىقى قارا ماشىنغا چىقىپ كىتىپ قالدى . يوغان دەرۋاز يىپىلدى . مەن ئەمدى ئۆزۆمنىڭ بەكلا يالغۇز قالغانلىقىمنى ھىس قىلىپ قالدىم .... ۋە  ئۇلار كىتىپ ، خىلى ئۇزاپ بولغان  ، دەرۋازا يىپىلىپ بولغان  بولسىمۇ ... شۇياققا قاراپ ئىچىمدە : « بۇدا بۇ يەرگە ھەرگىز كىرىپ قالما !  ساداقەت ! ھەرگىز كىرىپ قالما ! ھەرگىز ....  » دەپ  خىلى ئۇزۇن پىچىرلاپ كەتتىم ...

  ساداقەتمۇ كەتتى . لىكىن كەچ يەنە ئوخشاش كىرىۋىرىدىكەن .  كەچ سائەت  7 يېرىم بولغان ۋاقىت  ، تۇيۇقسىز ھەممە خوزىلارنىڭ ئىشىكى ئىچىلدى . ھەم چوڭ ياڭراتقۇدا : « جىنايەتچىلەر دىققەت ! جىنايەتچىلەر دىققەت ! ھەممىڭلار يىغىن زالىغا يىغىلىڭلار ! يىغىن زالىغا يىغىلىڭلار !! » دەپ ئۈنلۈك ئاۋاز چىقىشقا باشلىدى  . ئادەتتە بۇ ۋاقىتتا ئارام ئالىدىغان ۋاقتىمىز ئىدى . ھەممىسىنىڭ چىرايىدىن بىرخىل ئەنسىزلىك ۋە تىڭىرقاش كۆرۆنۆپلا تۇراتتى  . ھەممىمىز بىر-ئىككى دەسسەپ يىغىن زالىغا يىغىلدۇق . بۇ قىتىم بۇ يىغىن مەخسۇس قامالغانلارغىلا ئىچىلغان بولۇپ ، يىغىن زالىدا باشقۇرغۇچىلار ۋە مۇنبەر شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى «نىجات » ئەپەندىممۇ تۇراتتى  ..
يىغىن باشلىنىپ «نىجات » سالام -سائەتتىن كىيىن سۆزىنى باشلىدى :
ئۇ  مەستانىلەر ئامىلىغا چىتىلىدىغان مەسىلىلەرنى  مۇۋاپىق ھەل قىلىش .ئوخشىمىغان خارەكتېردىكى جىدەل ۋە زىدىيەت مەسىلىلىرىنى ئايرىشقا قاتتىق دىققەت قىلىش ! ئادەەتتىكى سۈركۈلۈشلەردىن كىلىپ چىققان جىدەل بىلەن «ئىككى خىل كۈچ » لەرنىڭ ھەركەت رايونىنى پەرىقلەندۈرۈش !  قىسمەن مەستانىلىك ھوقوقىنى قوغدايدىغان سۆزلەر بىلەن «مۇنبەر بۆلگۆنچىلىكى » لىرىنىڭ سۆزلىرىنى پەرىقلەندۈرۈش ! كونكىرىت مەسىلىلەرنى كونكىرىت  ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ! قايسى مەسىلە بولسا شۇنىڭ جازاسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ! ھەممىسىنى قارا-قويۇق  ھالدا «ئىككى خىل كۈچ » لەر قاتارىدا بىر تەرەپ قىلماسلىق . مەستانىلەرگە بىرقەدەر ئەركىنلىك بىرىش توغرىسىدا باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى  مۇنبەر شەھىرىنى باشقۇرۇش لاھىيەسىنى قىسقىچە سۆزلەپ چىقىپ  ، بىز جىنايەتچىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن سوغۇققان بولۇپ ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ تۆۋەندىكى بەشقۇرۇشلىرىغا ئاكتىپ ماسلىشىشىمىزنى ، ۋە ھەرخىل چوڭ-كىچىك جىدەللەرگە ئارلىشىپ قالماي . مۇنبەر ھاياتىدا بىر قىتىم كىلىدىغان . بۇ شۇ نوپۇستىكى تۇنجى نامىمىزنى قەدىرلىشىمىزنى ۋە بىرەر -ئىككى ئايلىق ياكى ماڭا ئوخشاش بىر-ئىككى ھەپتە قامىلىشلارغا چىداشلىق بىرەلمەي  ، يەنە بىر نوپۇس ئىلىپ ، كىچىك توقالنىڭ پاخاللىدىن ساقلىنىش توغۇرلۇق . ئىنتايىن مەزمۇنلۇق ،  يىغىنچاق قىلىپ ،  سۆزىنى ئاخېرلاشتۇردى .

  كەينىدىن   مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى : «مەھمۇدىيە  » بولسا :
بولسا بىر-ئىككى كوماندىغا مەستانە بولۇپ ، بىرەر كوماندا سەل ئېغىر كۈندە قالغاندا يەنە بىر كوماندىنىڭ غەلبىسىدىن ئۆزىگە تەسەللىي ئىزدەش توغورلۇق  .  مەستانە بولدۇم دەپ ، كۈندىلىك تۇرمۇشىنىمۇ پۇتبۇلغا بەك باغلاپ كەتمەسلىك توغرىسىدا يۇمۇرىستىك لىكىن مەزمۇنلۇق سۆزلىدى .

ئاخىرىدا  « باش ئەگىم » ، «بېرنابۇ » ، « جاغىستاي » ، « بۇغدا » قاتارلىقلار ..
- ئاق ۋە كۆك -قىزىللارنىڭ ئىناق ئۆتىشى توغورلۇق . ۋە شۇ ئايىقى چىقماس دەت-تالاشلاردىن بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشتىن باشقا ھىچ قانداق پايدا ئىلىپ كىلەلمەيدىغانلىقى ، ۋە بۈگۈن كەچتىكى «مادېردېربىي » سىنىڭ كەينىدىن تۈرمىداشلارغا تەنە قىلماسلىق . ئۇتتۇرۋەتكەنلەرگە ئۆز -ئارا تەسەللىي بىرىش ، روھىي كەيپىياتىنى تەڭشەش توغورلۇق سۆزلەرنى قىلدى .

يىغىننىڭ ئاخېرىدا  « ئۇچقۇنى » باشلىقنىڭ تەكلىپى بويىچە ھەممىمىز يىغىن زالىدىكى 208 سوڭلۇق تىلىۋىزوردا 4K ھالەتتە مۇسابىقە كۆرىدىغان بولدۇق . بىردەمدە مۇسابىقە باشلانغۇچە تاۋكا قىززىپ كەتتى ....
ھەممىمىز خوشال ھالدا مۇسابىقە كۆرۋاتىمىز ...
ئاتايىتىن مۇسابىقە كۆرگەنگە چۇشلۇق كۆپ توپ كىرمەي 1-0 نەتىجە بىلەن خانلىق مادېرىد ئۇتتۇرغان بولسىمۇ ، تۈرمىداشلار بىلەن شۇنداق پەيزى چاق-چاق ۋە ئىسىل مۇلاھىزىلەر بىلەن مۇسابىقىنى كۆرۆپ تاماملىدۇق . خانلىق مادېرىد مەستانىلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلەشمىدىن ئۈمۈدنى ئۈزگەنلىكىنى . بولسا  بۇيىلقى ئاخېرقى ئۈمۈدى «يوغان قۇلاق » نى ئىلىشقا تېرىشىدىغانلىقىنى ئەگەر ئالالماي قالسا باشقا بىرلەشمىلەرگە تارتقۇزۇپ قويماي ئىسپانىيە ئۈچۈن ئىسپان بىرلەشمىسى ئۈچۈن بارسېلونانىڭ ئىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى ئىيتتى ! تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم . مۇنبەردە ئەسلى نۇرغۇن ئىسىل باللار بار ئىكەنتۇق . بىر ھىساپتا ئۆزۆمنىڭ قىسقا مۇددەتلىك چەكلىنىپ مۇنبەر شەھىرىنىڭ بۇ «ئاھالىلىرى » بىلەنمۇ بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ باققىنىمدىن رازى بولۇپ قالدىم . ئەسلى ھەرقانداق ئادەم بىرى بىلەن يۈزمۇ-يۈز پاراڭلاشقاندا ھەرگىز بىر-بىرىنىڭ زىتىغا تەگمەيدىكەن . تۇرۇپ يەنە شۇنداق ئويلاپ قالدىم . ئەگەر مۇنبەردە بىر ئىنكاس يىزىش ئالدىدا بۇ ئىنكاسنى مەندىن باشقا 15 مىڭدەن ئوشۇق ئادەم .ماڭا قاراپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ . يەنى ئاڭلايدۇ دەپ ئويلاپ يازساق . نۇرغۇن دىشۋارچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ قىلىپ  ئىناق مۇنبەر قۇرۇپ چىقالايتۇقكەنمىز ...

كۈنلەر شۇ تەرېيقىدە ئۆتمەكتە . بىز مۇنبەردە بولمىساقمۇ مۇنبەر ،  مۇنبەر بولۇپ مىڭىۋىرىدىكەن . خەۋەرلەر يوللىنىۋىرىدىكەن . ئىنكاسلارمۇ ھەم شۇنداق . قامالغان  ئىككى-ئۈچ كۈنگىچە ئانچە-مۇنچە گەپلىرىمىز بولۇپ قالدىكەن . ئاندىن ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ..ئالدىراش  تۈگىمەس دەت-تالاشلار ،. تۈگىمەس سىلىشتۇرۇشلار بىلەن ئالدىراش ئىكەن . بىز كىچە-كۈندۈز مۇسابىقىسىنى كۆرگەن بارسېلونا ۋە خانلىق مادېرىد خالىسا بىزنىڭ قامالغانلىقىمىزغا دەپ ،ياكى قاماتقۇزغىنىمىزغا دەپ ئۇتۇپ،ياكى ئۇتتۇرۇپ يۈرمەيدىكەن ! ھەممىسى ئۆزىنىڭ يولى بىلەن . مەن  مۇنبەردە يوق بارسېلونا يەنىلا ئوخشاش ئۇتىۋەرىدىكەن . مىسسى توپ ئۇرىۋىرىدىكەن . «كۈسەنى »  مۇنبەردە يوق  خانلىق مادېرىدمۇ  خالىسا ئۇتتۇرىۋىرەدىكەن ...  ئويلاپ باقسام بىز بىلەن ھىچ .. ھىچ .. ھىچ......  قانداق بىر مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن ....

قامالغان شۇ كۈنلەردە بىرەرسىنىڭ سىزنى يوقلاپ كىلىشىنى ، كىلىپ پاراڭلىشىپ كىتىشىنى خالاپ قالىدىكەنسىز .. قامالغان شۇ كۈنلىرىمدە مىنى خىلى كۆپ مۇنبەرداشلىرىم يوقلاپ كەلدى ھەتتا مۇنبەردە دۈشمەن كەبى يۈرۈيدىغان «قاينۇق 7 »  ، «ئاخېرلاشتۇرغۇچى » ، « ئۇستا »  لار ... مۇنبەردە ئانچە -مۇنچە كۆرۆنۆپ تۇرىدىغان «تېمتاس » ، قاتارلىقلارمۇ ئانچە-مۇنچە ھال-مۇڭ بولۇپ كەتتى ... «بوۋاي » بولسا دائىملىق مىھمىنىم ئىدى .. «قادىخان »بولسا يوقاپلا كەتتى... «ئا.خوتەنى » ، « nayli » ، « ئىسىل » ، « abux 10 » ،لارمۇ  بىرەر قىتىمدىن يوقلاپ كەلدى.. ئۇلاردىن تولىمۇ سۆيۆندۈم .. مىنى ساقلاپ تۇرۇڭلار .. پات يېقىندا يەنە ئاراڭلارغا قايتىپ كىلىمەن .


   گۈل دىگەننىڭ تىكىنى بولىدۇ ئەلۋەتتە ،
شۇ تىكەننىڭ مىنىڭ بولىشىم غەپلەتتە .
مەن بەلكىم بىر كىچىك ،يۇمران بىر تىكەن .
ساقلاپ قالدىم قوزۇقنىڭ كىرىشىنى دەسلەپتە .

..……


  بۇ شېئىرىمنى خاتېرەمدىن  «مەيكەمتەر » كۆرۆپ قىلىپ تۈرمىدىكىلەرگە تارقىتىۋىتىپتۇ ..شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇلار بۇنى ناخشا قىلىپ توۋلايدىغان بولىۋالدى . بەزىلىرى تىكەن نىمۇ؟ گۈل نىمۇ ؟ قوزۇق نىمۇ  ؟ نىمىنى ئىپادىلىگەن  ؟ بىلمىسىمۇ موزىكىسىغا ئاھاڭ سىلىپ ئىيتىۋىرەتتى . چۈشەنگەنلەر بولسا ئىچ-ئىچىدىن چىقىرىپ توۋلايتتى...

بەزى كۈنلىرى يەنە بىر نوپۇس ئارقىلىق «مۇنبەر » شەھىرىگە بىرىپ كەلگەنلەر قانداقتۇر بىرلىرى بىلەن بەك دىيىشىپ كەتكىنىنى . يەنە قانداقتۇر بىرلىرىنى قىلتاققا چۈشۈرگىنىنى بەس-بەستە ئۆزىچە ھەۋەسلىنىپ سۆزلەيتتى . ئۇلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تۈرمىدە تۇرۇشىنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى ياكى بىئاراملىق ھىس قىلغۇدەك يېرى يوق ئىدى . چۈنكى ئۆزىنىڭ چوڭ نوپۇسى تۈرمىدە بولغان بىلەن توقاللىرى   مۇنبەرنى «سەيلە » قىلىۋىرەتتى . نەچچە قېتىم مىنىڭمۇ قوسقۇمغا  «جىن  »كىردىيۇ..، يەنىلا «ئاز قالدىغۇ...  » دەپ توختاپ قالاتتىم .. بۈگۈن سەيياھ ھالىتىمدە بارلىق «ئەركىنلىك »ىمنى تۈرمىگە تاشلاپ قويۇپ ، سەيياھ شەكلىدە شۇ مېھرى ئىسسىق جايغا كىرگۈم كىلىپ يولغا چىقتىم . ۋە پىيادە مىڭىپ ئاران تەستە  شەھەر دەرۋازىسىغا كەلسەم . يوغان قارا قۇلۇپ  بىلەن ئىتىگلىك تۇراتتى . دىمەك بۈگۈن بۇ شەھەر مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى تاقالغان ئىدى .  دەرۋازا سېرتىدا ئۆزىنىڭ ئەسلى نوپۇسى بىلەن تۇرغانلارمۇ كىرەلمەي ئىچىلىرى سىقىلىپ ، دەرۋازىنى ھەر داراڭلىتىپ قاقاتتى . سادا يوق ! بۇلاركىرەلمەيۋاتقان يەردە ماڭا نىم بار؟ دەپ ئاستا ئېغىرقەدەملىرىمنى ئىلىپ  تۈرمىگە ئەركىنلىكىمنى تاشلاپ قويغان يەرگە قايتتىم ..

مۇشۇ كۈنلەردە مۇنبەر شەھىرىدە نۇرغۇنلىغان ئىسىل ، نادېر تىمىلار ھۇجۇتقا چىقىۋاتاتتى . ئۇ تېمىلارغا شۇنچەكى ئىنكاس يازغۇم كەلسىمۇ مەن ئامالسىز ئىدىم . مەن يەنىلا ساقلاي ... ئاز قالدىغۇ ؟
6 كۈن
5كۈن
4كۈن
3 كۈن
.
.



   توۋۋا  ! ! ! مانا  ھەش-پەش دىگۈچە  بىردەمدە 13 كۈن ئۆتۆپ كىتىپتۇ . تۈرمىگىمۇ خىلى كۆنۆپ قالغان ئىدىم . مىنىڭ ئەتە چۈشتە چىقىپ كىتىدىغىنىمنى باللاربىلگەچكە مىنى ئۇزۇتۇش «چىيى » بەرگەن ئىدى .. بىز خىلى كەچكىچە ئولتۇرۇپ ، تازا ياخشى ھال-مۇڭ بولۇشقان ئىدۇق .  بۈگۈن باشلىقلارمۇ كۆڭلىمىزنى چۈشەنگەندەك قىلىپ ، «ئۇخلاڭلار!! »مۇ دىمىدى . تۈرمىدىكىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ بۇ زىرىكىشلىك يەردىن تىزراق چىقىپ كەتكۈسى كىلەتتى . ئۇلار ماڭا قىيالمايۋاتاتتى . مىنىڭ ئەلۋەتتە ئۇلارنى بىللە ئىلىپ چىقىپ كەتكۈم كىلەتتى ..لىكىن نىم ئامال ؟ بىللە ئىلىپ چىقىپ كىتىدىغان بۇ يا مىنىڭ ئۆيۆم بولمىسا؟ تۈرمىدە ھەقىقەتەن ياخشى ئۆزگەرگەن جىنايەتچىلەر كۆپ ئىدى . ئۇلارنى مۇنبەرگە قويۋەتسىمۇ بىرەرسى بىلەن قىلچە جىدەل قىلماسلىقىغا  قوقماي كىپىل بولغۇدەكلىرىمۇ كۆپ ئىدى .. ئۇلارغا دەيدىغان ، ھەم دىيەلەيدىغان بىردىن-بىر سۆزۆم  .« سەۋېر قىلىڭلار !! » ئىدى ..

  سەۋېر قىلىڭلار .....


   قۇياش بۈگۈن باشقىچە يۇرۇق چىققان بولۇپ . مانا مەن كۈتكەن نەۋرۇز ئىيىنىڭ 7-كۈنىمۇ كەلدى .. كىچىچە بۈگۈننى كۆپ ئويلىغاچقىمۇ ياخشى ئۇخلىيالماي قاپاقلىرىم سەل ئىششىپ قالغان ئىدى . ئەتىگەنلىك  تاماقتا «تىلسىم » ، «130112» ، « ماكانىم » لار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ چاي ئىچتۇق .. ئۇلار خۇددى ماڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى ، ۋەياكى ھاۋالىلىرى باردەك قىلاتتىيۇ ، ھىچ قايسى گەپ باشلىمىدى . ئۇلار دىسۇن ، دىمىسۇن ئۇلارنىڭ نىملەرنى دىگۈسى بارلىقى ئوبدان بىلەتتىم...ئۇلارغا قىيالمىغاچقىمۇ ،   بۇ تاماق ۋاقتى ماڭا بەكمۇ ئىتتىك ئۆتۆپ كەتكەندەك تۇيۇلدى ..

مانا بىر دەمدە چۈشتىن كىيىنمۇ بوپتۇ .. چوڭ ياڭراتقۇدا ئاخېرى مەن نەچچە كۈننىڭ ياقى ئارزۇلاپ كۈتكەن ئاۋاز ئاڭلاندى « 13870 !!!   13870 !!!  13870 !!!  يۈك تاقاڭنى يۇغۇشتۇر !!! ۋاقتىڭ توشتى !!! » ئىھ ! ئەركىنلىك نىمىدىگەن گۈزەل نىمە ؟ ھە! مەن تۈرمىداشلار بىلەن  خوشلىشىپ «ئاھ !! دوسلار خەيېرخوش »نى بىر ئىيتىۋىتىپ «Totti » باشلىقنىڭ كەينىدىن مىڭىپ ، بۇ زۇلمەتلىك ، زىرىكىشلىك ، مەنىسىز ، ئامما تىل بىلەن تەسۋېرلىگۈسىز بىر خىل مۇناسىۋەتتە باشقىلار بىلەن ئەسرالىشىدىغان بۇ « دوختورخانا » نىڭ يوغان دەرۋازىسىدىن  چىقتىم . دەرۋاز يىپىلغۇچە كەينىمگە ئۆرىلىپ قارىدىم ئۇلار تىخىچە قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ  سىم تورغا ئىسىلىپ ماڭا خوش دەۋاتاتتى ... خەيېر!! تۈرمەداشلىرىم . خەيېر ۋاقىتلىق تەقدېرداشلىرىم !!!!




ئۇ خاتېرىنى يىپىۋەتتى  .. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى سېرغىپ ئىقىۋاتاتتى .. مەن جىمجىت ھالدا  ئالدىمغا قاراپ بۇ يولنى بىسىپ ماشىنا رولىنى ئالدىمىزدىكى ئاچالدىن  ئاخېرقى «مۇنبەر » شەھىرىنىڭ چوڭ يولى بار تەرەپكە بۇراپ مىڭىپ كەتتىم ......






                             تۈگىدى .



   ئاخېرىدا بارلىق مۇنبەرداشلىرىمنىڭ ئۇرۇش-جىدەلدىن نىرى تۇرۇپ ، ئىجىل -ئىناق ھالدا مۇنبەر ئوينىشىنى  ھەم يۇقاردىكى ئەرزىمەس يازمامدا ئىسمى ئاتىلىپ قالغان بارلىق مۇنبەرداشلىرىمنىڭ بىرىلگەن روللارنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .



ئىھتېرام بىلەن مۇنبەر «ھۇجۇمچىسى » :



        ھەمراھ


2016-يىلى نەۋرۇزنىڭ 7 -كۈنى .


QQ图片20160307181241.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 27مۇنبەر پۇلى +3150 تۆھپە +25 شۆھرەت +16 تەجرىبە +16 تىللا +14 يىغىش سەۋەبى
ساداقەت + 50 + 10 + 1 + 1 + 3 قالتىس!ساڭا قايىل بول.
سەلكىن + 50 قالتىس!
تەمكىن + 50 قالتىس!
تۈمەن + 50 قالتىس!
خانزاد1 + 50 قالتىس!
قادىخان + 50 + 6 مانا ئ‍ۆرۈم
تەلھە + 50 قالتىس!
helpea + 50 + 3 مادىرىدنىڭ مىدالىنى ئ.
ئۇچتىكىن + 50
پۇتبول + 1 قالتىس!
جۇرئەت829 + 50 قالتىس!
ئويچان + 50 قالتىس ھىي قالتىس
باتىستۇتا11 + 50 قەۋەتلا ئېسىل !!!
surat220 + 50
بارچۇق + 1000 قالتىس!
ozil10 + 50 قالتىس!
مۇھەممەت0999 + 50 قالتىس!
غەلبە + 50 قوللاش!
ئا.خوتەنى + 50 ئىسسىل ئاكا ئىسىىل
nayil + 10 بارىكاللا ساقام ! ئېسى.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-7 20:28:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسىلامۇ ئەلەيكۈم ئەمىراھ، قانداق ئەھۋالىىڭىز قايتىپ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالمىز. گەرچە بىز تازا تونۇشۇپ كەتمىسەكمۇ لىكىن مەن ئۆزۇڭ ئىتقان مۇنبەردىكى تېما يوللاش دەرىسلىگىدىن ئۇنۇملوك پايدىلىنىپ مۇنبەر ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ تۈھپە قوشىۋاتقان بىر ئاددى ئەزامەن.
مەن بۈگۈن خىزمەت گۇرپىسىنىڭ كەنىت ئاياللىرىغا ئۆتكۆزۇپ بەرگەن ئاياللار بايرىمى تەبىرىكلەش پائالىيىتىنى تۈگۈتىپ ياتاققا كىرىپ خىزمەت ھاردۇقىدا كارۋاتقا ئۆزۇمنى تاشلاپ يىتىپ، سۆيۇملۈك مۇنبەرگە كىرىپ يىڭى تېمىلار تىزىملىكىدىكى ‹ قارا تاشلىق خاتىرە › ناملىق ماقالىنى ئوقۇپ ئىسىل بىر كىتاب ئوقۇغاندەك بولدۇم. رەخمەت.........

كىتاپ دىسەم ھەيران قالماڭلار، بۇ تېما گەرچە كىچىك بولسۇمۇ مەززەسى يوق قىلىن كىتاپلارغا قارىغاندا ئىسىل يىزىلغان ماقالە بولغاچقا كىتاب دەپ ئالدىم.
تىمىڭىز ھەقىقەتنمۇ ئىسىل يىزىلىپتۇ، مەن ئوقۇپ تۇيۇقسىز ئۆز ۋاقتىدىكى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ ‹ يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام › دىگەن كىتابى ئىسىمگە كەلدى. بەلكى سىزمۇ ئوقۇغانسىز. ئەنە شۇ كىتاپ چىققاندىن كىيىن، گەرچە بۇ كىتاپ ناھايىتىمۇ كىچىك ھەجىمدە بولسىمۇ، لىكىن كىتاپتىكى مەزمۇنلارنىڭ چوقۇرلۇقىدىن ۋە كىتابتا تەسۋىرلەنگەن سىلىشتۇرمىلارنىڭ ھەقىقىتىدىن، شىنجاڭدا، جۇملىدىن ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغاپ تۇرمۇش ئادىتى، يىمەك - ئىشمەك، كىيىم - كىچەك، تازلىق، ئەخلاق ۋە مەدەنيەت جەھەتتە بىزگە نۇرغۇن ئىجابى   ئۆزگىرشلەرنى ئىلىپ كەلگەن ۋە بىزنى بۇ جەھەتتە ھەر خىل ئويلىنىشلارغا باشلاپ كىرگەن.
مان بۈگۈن سىزنىڭ تېمىڭىزمۇ گەرچە تۇرمە خاتىرىسى بولسىمۇ، لىكىن مۇنبەرگە نىسبەتەن مۇنبەرداشلارنى دوسلۇق، ئىناقلىق ۋە ئەخلاقلىق بولۇشقا ئۇندەيدىغان، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەشنى، ئىززەتلەشنى ئۇگۇتىدىغان ئىسىل كىتاپ بوپتۇدەپ قارىدىم. مەن ئىشىنىمەن سىزنىڭ بۇ كىتابىڭىزنى ئوقۇغان مۇنبەرداشلارمۇ مەندەك ئويلىدى ۋە بۇندىن كىيىن ئەدەپ - ئەخلاق بىلەن ئۆزىنى قوراللاندۇرۇپ مۇنبىرىمىزنىڭ تىخمۇ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قوشىشقا بەل باغلىدى ھەمدە ھەممەيلەننىڭ بۇندىن كىيىن شۇنداق قىلالايدىغىنىغا ئىشىنىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-7 18:58:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس يېزىپسەن ئىينىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 18:59:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەمراھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-7 19:12  

!

تىمىدا ئىپادىلەنگىنى پەقەت بۇ مەۋھۇم دۇنيا بولغان مۇنبەر .. شۇڭا مۇنبەرداشلارنىڭ بەك ئىچكىرى ئويلاپ كەتمەسلىكىنى
تېمىنى تولۇق ئوقىماي تۇرۇپ ، قارا-قويۇق ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-7 19:12:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس قالتىس قالتىس
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-7 19:12:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2016-3-7 18:59
!

تىمىدا ئىپادىلەنگىنى پەقەت بۇ مەۋھۇم دۇنيا بولغان م ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام خوش كەلدىڭ ئاكا....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-7 19:13:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇھەممەت0999 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-7 22:10  

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام  قېرىندىشىم قايتىپ كەلگنىڭىزدىن بەك خوش بولدۇم  . تېما شۇنچىلىك ئ‍ىسىل چىقىپتۇ،        مۇشۇنىڭدىن مۇنبەرگە مېھرىڭىزنىڭ  شۇنچىلىك چوڭقۇرلىقىنى ، مۇنبەرنى ،مۇنبەرداشلارنى  ئ‍ىنتايىن مۇھىم بىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىش  كاللىسى ساق ئ‍ادەم ئ‍ۈچۈن  ئ‍ۇنچىلىك تەسمۇ ئ‍ەمەس....      شۇڭا  ئ‍ىلتىماس  بەزى چاغلاردا  بەزى ماگىنىتلاردىن ئ‍امال بار ئ‍ۆزىڭىزنى تاتسىڭىز    بۇندىن كىيىن سىزنى داۋاملىق مۇنبەردە كۆرۈپ تۇرايلى  تېمىللىرىڭىزدىن  ھۇزۇرلۇنۇپ تۇرايلى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-7 19:20:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ئېسل يىزىپىسىز  قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن  ئاپىرىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-7 19:31:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنسۇبى قۇۋەتلىرىگە بارىكاللا ھەمراقان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-7 19:33:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستايىدىل ئوقۇپ    چىقتىم  ،     تىما يازغۇچىدىن  پۇشايمان قىلغانللىقىنى ،   بىزگە ئىبرەت بولسۇن ئۇچۇن  بەزى ئوخشىتىشلارنى  ئىشلەتكەنلىكىنى   ھىس قىلدىم .     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-7 19:33:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەمراھ يوللىغان ۋاقتى  2016-3-7 16:59
!

تىمىدا ئىپادىلەنگىنى پەقەت بۇ مەۋھۇم دۇنيا بولغان م ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، پەرۋەرنى بىر چەكلەشتە شۇنداراق بىر تېما پۈتۈپ چىققانتى ، خۇش كەپسەن ساقام ، ئەمدى باشقىلار بىلەن جىدەللەشمەي يۈر ، مۇنبەرگە كونا بولۇپ قالدىڭ ، يېڭى كىرگەنلەرنىڭ ئالدىدا سەت تۇرىدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-7 19:44:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزوسىغا قاراپ ۋانگالنىڭ خاتىرسى ئوخشايدۇ دەپتىمەن 。
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-7 19:45:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل  يازما   بوپتۇ   ... ھە  راس   قان بارسېلوناچى ھەمراھ  قايتىپ كەلگىنىدىن خۇشھال  بولدۇم   ...   بۇنىڭدىن ئۇنداق  يەردىن  نېرى  بولغايسىلەر   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 09:16

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش