ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيىرلىك بولسۇن .
تۈنۈگۈن ئوينالغان ، ئىسپانىيە 28- ئايلانما مۇسابىقىسدە ، پورتۇگالىيەلىك چولپان رونالدو ، دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسنى جارى قىلدۇرۇپ 4 توپ ئۇرۇپ ، كوماندىنى 7-1 چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن غەلبە قىلشقا يىتەكلەپ ماڭدى .
مۇسابىقگە 68 مىڭ مەستانە كەلگەن ، مۇسابىقدىن بۇرۇن مادرىد مەستانىلرى داۋاملىق زىدانى قوللايدىغانلقى توغرىسدا سادالار ياڭراپ تۇرغان .
مۇسابىقنىڭ 41- مىنۇتتا ئىسكو بۇلۇڭ توپ باشلىغان پې پې بىر توپ ئۇرۇپ سېلتانىڭ دەرۋازىسنى ئاچقان ، رونالدو 5 توپ ئۇرغۇدەك ھالەت بىلەن مۇسابىقە ئوينىغان بولسىمۇ ، تەلەيسىزلىك تۈپەيلى 5 توپ ھوسۇل ئالالمىدى ، 50- مىنۇتتا يىراقتىن دۇنياۋىي سەۋىيلىك بىر توپ ئۇرغان ، توپ ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىر تەرەپتىن تەبرىكلەش ھەركىتى ئىشلەپ ، بىر تەرەپتىن بارمىقى بىلەن قۇلىقنى كۆرسەتكەن ، ماركا گېزىتى : بۇ رونالدونىڭ تۇنجى قېتىم توپ مەستانىلرنىڭ مادرىدنى قوللاشنى تەلەپ قىلشى ئەمەس ، ئۇنىڭ بىلەن مەستانىلەر مۇناسىۋىتنىڭ بىر خىل يېقىن ئىكەنلكنى بىلدۈرىدۇ دەپ خەۋەر بەرگەن .
بۇ مۇسابىقە پەسلىدە رونالدونىڭ ئىسپانىيە ئا بىرلەشمىدىكى ئۇرغان توپى 27 گە يىتىپ ، 2- ئورۇندىكى سۇئارىزدىن 2 توپ ئېشىپ چوقىغا چىقتى .
ئىسپانىيە بىرلەشمىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەر قاتاردا 252 توپ بىلەن سالادىن ئېشىپ 2- ئورۇنغا چىققان ، سالا 251 توپ ، مېسسى 305 توپ بىلەن 1- ئورۇندا .
رونالدو 2009-يىلى مادرىتقا قوشۇلغان ، مېسسى 2009-2010 - يىللىق مۇسابىقدىن باشلاپ ھېساپلىغاندا 251 توپ ئۇرغان ، رونالدودىن 1سى ئاز .
زىدانى رونالدوغا باھا بېرىپ : ئۇ دۇنيادا پەقەتلا بىر ، پەقەت ئۇلا مۇشۇنداق قىلالايدۇ ، زىدانى: ئەگەر مەن بۇ توپلارنى بىر تەرەپ قىلغان بولساممۇ ، بۇ مۇسابىقدە ھەرگىز 4 توپ ئۇرالمايتىم دېگەن .
رونالدو ئىپادە بىلدۈرۈرپ : ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسنىڭ ھالقىلىق باسقۇچلىرغا كەلدۇق ، بۇ بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم دېگەن .
رونالدو 27 توپ بىلەن ئىسپانىيە بىرلەشمىدە مەرگەنلەر قاتارىدا ۋاقتىنچە 1- ئورۇندا تۇرۋاتىدۇ . ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقدە 12 توپ ئۇرۇپ يۇقىرى توپ سانى پەرىق بىلەن 1- ئورۇندا ، مادرىد بۇ پەسىل ئسپانىيە بىرلەشمىسى چىمپىيۇنلۇقدىن ئاساسەن خوشلاشتى ، مۇشۇنداق پەيتتە رونالدو ئۇزغۇنلۇق ۋە بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇق ئالتۇن بوتىس ئۈچۈن تىرشۋاتامدۇ ؟ |