ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 8492 |
تۆھپىسى: سەر |
|
«ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇراگۋاي تەرەپ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بىرازىليە بىلەن بولغان مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان توپچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 28 توپچى بۇ تىزىملىككە كىرگەن، باشقا ئۆزگۈرۈش بولمىسىلا، سۇئارىز بۇ قېتىملىق تىزىملىكتىن ئورۇن ئالىدۇ.
دۇنيا لوڭقىسىدا ئادەم چىشلىگەنلىك سەۋەبىدىن، سۇئارىز دۆلەت كوماندىسىنىڭ 9 مەيدان مۇسابقىسىدىن چەكلەنگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن بارسىلونا مەرگىنى سۇئارىز ئالدىنقى يىللىق جەنۇبى ئامرىكا لوڭقىسىغا قاتنىشالمىغان. ھازىر سۇئارىز جازا مۇددىتى توشقان بولۇپ، ئۇراگۋايغا ۋاكالىتەن مۇسابىقە ئوينىسا بولىدۇ.
ھازىر ئۇراگۋاي دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىنقى 4 ئايلانمىدا 3 ئۇتۇپ بىر ئۇتتۇرۇپ، 9 نۇمۇر بىلەن ئىكىۋاتورنىڭ كەينىدە 2- بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ. رەقىبى بولغان بىرازىليە 7 نۇمۇر بىلەن كەينىدىنلا قوغلاپ كەلمەكتە.
بۇ قېتىملىق ئۇراگۋاينىڭ چوڭ تىزىملىكىگە قېتىلغان يېڭى توپچىلار ئاز ئەمەس بولۇپ، ئىتالىيە گىنويا كوماندىسىدىكى دىگو لاكسالت بىلەن ئېنگىلاند مانچېستىر بىرلەشمىسىدىكى ۋارېلامۇ بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان.
مەنبە:http://news.zhibo8.cc/zuqiu/2016-03-05/56da467c2118e.htm |
|