ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2546 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مەن تېخى ئىملادا خاتالىق كۆرۈلگەن چېغى دەپ ئويلاپتىمەنكەن ،لېكىن مېنىڭ بىر ناچار تەرىپىم ئۆزۈم توغرا ئويلىدىم دەپ قورقماي ئىشەنگەن ئىشقا قارىتا ھەرقانچە نۇپۇزلۇق مەنبە بولسىمۇ پىكىرىنى ئالدىراپ قوبۇل قىلمايدىغان جاھىل ئادىتىم بار ، بۇ مۇنازىرە سورۇنى بولغانكىن ئازراق مۇنازىرلىشىپ باقساق .سابىق دېگەن گەپكە قارىتا شەخسى كۆز قارىشىمدا مەلۇم بىر ئىنسان مەلۇم بىر تەۋەلىكتىن تۇلۇق چېكىنىپ چىقىپ چىقمىغۇچە ياكى مەلۇم بىر فونكىسيەلىك پائالىيەتتىن تۇلۇق قول ئۈزمىگۈچە ئۇنى سابىق دەپ ئاتىسا بولمايدۇ دەپ قارايمەن ،بۇنى نېمىدىن ھېس قىلدىڭ دېسىڭىز رەھبەرلەريۆتكەلگەندە ھېس قىلدىم ،مەلۇم بىر رەھبەر باشقا ئورۇنغا يۆتكىلىدىغان ۋاقىتتا ئەگەر ئۇ ئىككىنچى ئورۇنغا ئەتىلىككە يۆتكىلىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ (ئەمىليەتتە ئۇنىڭ بىر قىسىم رەسمىيەتلىرى ئىككىنچى بىر ئورۇنغا ئاللىقاچان يۆتكىلىپ بولغان،پەقەت يەنە ئاز بىر قىسىم رەسمىيەتلىرى بېجىرىلمەي قالغان)بۈگۈنسى يەنىلا شۇ بىرىنچى ئورنىغا رەھبەر ھىسابلىنىۋېردىكەن ،پەقەت يۆتكەلگەن ۋاقىتى رەسمى ئېلان قىلىنغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۇ سابىققا ئۆزگىرىدىكەن ،ئەمدى مەنبەنى چىقىرىدىغانلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم بولغاندىكىن ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى سىڭدۈرگەن بۇلىشى مۇمكىن ،شۇنىڭغا ئوخشاشلا مەنمۇ مەنبەگە قارشى ھالدا ئۆزۈمنىڭ تەپەككۇرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقتىم ،لېكىن مېنىڭ بۇ تەپەككۇرنى باشقىلارغا سىڭدۈرۈش نىيتىم يوق ،پەقەت مۇشۇ سابىق دېگەن مەسلىگە نىسبەتەن ئىپادىلىگەن مەيدانىم خالاس |
|