elan ornielan orni
كۆرۈش: 1020|ئىنكاس: 28

ئارسىنال كوماندىسى چىمپىيۇن بولالامدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ئارسىنال كوماندىسىنىڭ، يىقىنقى بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقدىكى ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار بولدى. ئەڭ ئاۋال، دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدىن دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن خول شەھرى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسىدە، بارسلونا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقلىشىپ،ئۆز مەيدانىدا،  2-0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولدى. ئۇنىڭدىن كىيىن مانچىستىر بىرلەشمىسى بىلەن مۇسابىقلىشىپ 3-2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولدى. ئۈلۈشكۈن سىۋانسى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقلىشىپ، 2-1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ بولدى. ئۇدا ئۈچ مەيدان مەغلۇپ بولۇش، ئارسىنال مەستانىلىرىنى ئۈمۈدسىزلەندۈردى.
1457067645778.jpg
مەيدان سىرتىدا مەستانىلەرنىڭ ھەرخىل نارازلىق كەيپىياتلىرى ئۈزۈلمىدى. ھەتتا بەزى ئارسىنال مەستانىلىرى ئارسىنال كوماندىسىنىڭ كىيمىنى يىرتىپ، ئۇلارنىڭ مەيدان ئىچىدىكى رىقابەتتە، ئۇدا يىڭىلىپ قالغانلىقىنى، بوشاڭلىق قىلغانلىقى توغرىسدا نارازلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىر ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ نۇمۇر پەرقىگە قارايدىغان بولساق، ئارسىنال كوماندىسى، 51 نۇمۇر بىلەن ئۈچۈنچى ئورۇندا تۇرماقتا.  توتىنھام رىس كوماندىسى بولسا 54 نۇمۇر بىلەن 2- ئورۇندا تۇرماقتا. لىىستىر شەھرى كوماندىسى 57 نۇمۇر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا مۇستەھكەم ئولتۇرماقتا.
ئارسىنال كوماندىسىنىڭ بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولۇش چۈشى ئىنتايىن قىيىن بولۇپ،  لىچىستىر شەھرى ۋە توتىنھام كوماندىسىنىڭ ئۇدا نەچچە مەيدان مەغلۇپ بولۇشىنى كۈتۈش، ۋە ئۆزى ئۇدا غەلبە قىلىپ نۇمۇرىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇشتىن باشقا ئامال يوق بولۇپ قالدى.
1457067631699.jpg
ئارسىنال كوماندىسىنىڭ يىقىنقى ئەھۋالى توغرىسدا، ئارسىنال كوماندىسنىڭ ئىلگىركى توپچىسى ھىنرى سۆز قىلىپ مۇنداق دىدى: 
ئارسىنال ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى گىرۇد توپ ئۇرمىغىلى 10 مەيدان بولدى. ئالكىس سانچىسقىمۇ ھەم شۇنداق.  كوماندىدا پەقەت بىر نەچچە ھۇجۇمچىغىلا تايىنۋىلىشقا بولمايدۇ. باشقا توپچىلارمۇ ئۈزلۈكسىز توپ كىرگۈزۈپ، ھۇجۇمچىلارنىڭ بىسىمىنى يەڭگىللىتىشى كىرەك. ئەينى يىللىرى بىز ئارسىنال كوماندىسى بىلەن بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولغاندا،  مەن توپ كىرگۈزەلمىگەندە سەبدىشىم توپ كىرگۈزۈپ بىر بىرمىزنىڭ بىسىمىنى يەڭگىللىتىپ كەلگەن. لىچىسيىر كوماندىسىغمۇ قاراپ بىقىڭلار،  ۋاردى توپ كىرگۈزەلمىسە، مەھرىز كىرگۈزىدۇ. مەھرىز كىرگۈزەلمىسە ئوكازاكى كىرگۈزىدۇ. مانا بۇ ماسلىشىش......
توغرا ھىنرى ئىيتقاندەك،  ئارسىنال كوماندىسىكى ھازىرقى ئەڭ ئاجىز ھالقا ھۇجۇم، ئەگەر ھۇجۇمنىڭ ئوت كۈچى كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك بولمىغاندا،  مۇداپئەچىلەرگە ئىغىر بىسىم بولىدۇ. ھۇجۇم  قىلىپ توپ كىرگۈزۈش، مەيداندىكى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. سەبداشلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردۇ، مەستانىلەرگە ھاياجان ئاتا قىلىدۇ.
   1457064773384.jpg
ئارسىنال كوماندىسنىڭ ئۇدا مەغلۇپ بولۇش سەۋەبى زادى نەدە؟ 
1- ھۇجۇم كۈچى ياخشى بولماسلىق
ئارسىنال ھۇجۇمچىلىرىنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۈنىمى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ھالقىلىق ۋاقىتتا توپ ئۇرۇپ كوماندىنى غەلبىگە باشلايدىغان كوزۇر نۇمۇر ئالغۇچىسى يوق. ئارسىنالنىڭ بىردىنبىر ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى بولغان گىرۇد، توپ كىرگۈزمىگىنى ئاللىقاچان 10 مەيدان بولدى.سول قانات ھۇجۇمچى ئالكىس سانچىسقا قارايدىغان بولساق،  سانچسىمۇ توپ كىرگۈزمىگىلى نەچچە مەيدان بولدى. ئۇنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسمۇ تۇراقسىز بولماقتا.  ئوڭ قانات، جامبىرلىن، ۋالكۇت، كەمپبىل بولسا بىر مەيدان قالتىس ئىپادىسى بىلەن ئۆزىنى ئىسپاتلىسا، نەچچە مەيدان، ئەجەللىك خاتالىق سادىر قىلىپ«ئىشەنچسىز » دەپ قارىلىپ، ۋىنگىرنىڭ، ئىھتىيات بىلەن، قوقاسقا دەسسىگەندەك، مەيدانغا چۈشۈرۈشىگە سەۋەپچى بولماقتا.
2- ئارقا بەل ماھىرلىرنىڭ تولا ئالمىشىشى ۋە ماسلىشىش كەم بولۇش
   1457067659835.jpg
ئارسىنال ئەزەلدىن (4231) سەپ شەكلىنى قوللۇنۇپ كەلمەكتە.  ئىككى ئارقا بەل، ئارسىنالنىڭ ئۆزگەرمەس، يۈتمەس مۇھىم ئورنى بولۇپ كەلمەكتە.  ئەڭ ئىشەنچلىك ئارقا بەل توپچىسى كازولانىڭ يارلىنىشى بىلەن،  ئۇنىڭ ئورنىنى، فىلامىنى، كوكلىن، ئىنىن، ئارتىتا، ئالمىشىپ ئويناپ كەلمەكتە. ئۇلارنىڭ ئالاھىدلىكى ۋە ئويناش ئۇسلۇبى ئوخشاشمىغاچقا، ئۇلارنىڭ مۇداپئە ۋە ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرى بىلەن ماسلىشىش ئىنتايىن تۆۋەن بولماقتا  . توپ تارتىۋىلىش جەريانىدا ئەجەللىك خاتالىق سادىر قىلىپ، كوماندىنىڭ نەتىجىسگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. يەنە بىر ئارقا بەل توپچىسى رامسەي بولسا،  ئۇدا ئارام ئالماي مەيدانغا چۈشۈپ، چارچاش ۋە ھارغىنلىق سەۋەبىدىنمۇ ئىيتاۋۇر ئىپادىسى تازا ياخشى ئەمەس .....
3- ئوتتۇرا مۇداپئەدىكى خاتالىق ۋە تەجىربىسىزلىك
ئارسىنالنىڭ مۇداپئە سىپىگە قارايدىغان بولساق، ئوڭ مۇداپئەدىكى بىللەيرىننىڭ ئىپادىسى قالتىس بولماقتا.  لىكىن ئۇ كۆپىنچە ھۇجۇمغا ياردەملىشىپ، ئارقىغا يىنىشى ئاستا بولۇپ قالغاچقا ئوتتۇرا مەيدان ۋە مۇداپئە تەڭپۇڭلۇقىنى يوقۇتۇپ
1457068450567.jpg
ئارسىنال مۇداپئەچىلىرگە بىسىم ئىغىر بولماقتا. سول مۇداپئە مونرىئالغا قارايدىغان بولساق، ئۇ ئىزچىل تۇراقلىق ئىپادىسى بىلەن، ئارسىنالنىڭ سول مۇداپئەسىنى مۇستەھكەم قوغدىماقتا.  لىكىن ئۇنىڭ بىردىنبىر ئاجىزلىقى قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسىنىڭ ئوڭ تەرەپتىن كۆتۈرگەن توپىنى تارمار قىلالماسلىق بولۇپ،بۇ قارشى تەرەپنىڭ  نۇمۇر ئىلۋىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئوتتۇا مۇداپئەدىكى، كوسچىرنى ۋە مىرتىساكىرغا قارايدىغان بولساق،  كوسچىرنى ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن، ئارسىنال مۇداپئە سىپىدىكى ئەڭ «ئىشەنچلىك پولات قورغان»  بولۇپ كەلمەكتە.  ئۇزۇن پۇت، شادا پاچاق مىرتىساكىر بولسا،  ئۆزىنىڭ قىرىغانلىقى، ئەمدى پىنسىيگە چىقسا بولىدىغانلىقىدىن شەپە بىرىپ، ھەر ۋاقىت ئارسىنالنىڭ مۇداپئەسىدىن يوچۇق پەيدا قىلماقتا. مىرتىساكىر يەكمۇ يەك توپنى ئاسانلا بىر تەرەپ قىلۋىتەلەيدۇ. لىكىن قارشى تەرەپنىڭ تىز سۈرئەتلىك.قايتۇرما ھۇجۇمى ۋە سۈرئەتكە تايىنىپ توپ ئىلىپ كىتۋاتقاندىكى ھۇجۇمىغا يىتشىپ بولالماي،كوماندىغا يۈك بولۇپ قالماقتا. زاپاس ئوتتۇرا بىك، گابرىئىلغا بىرىلدىغان باھا بولسا «يازدا كوماندىدىن ئايرىلىش ». بۇ بىرازىليەلىك ياش ئوتتۇرا بىك،  ئارسىنالغا ۋە رىتىمى تىز ئىنگىلاند بىرلەشمىسگە پەقەتلا ماسلىشالمىدى.
ئۇ مەيدانغا چىققان كۆپىنچە مۇسابىقدە ئارسىنال ئۇتتۇردى. گابرىئىل خاتالىق سادىر قىلدى.
1457068417952.jpg
ئارسىنال ئالدىمىزدىكى بىرلەشمە مۇسابىقدە، ئالدىدىكى  قان رەقىبى توتىنھام كوماندىسى بىلەن مۇسابىقلىشىدۇ. بەلكىم بۇ قىتىمقى جەڭنىڭ نەتىجىسى ئارسىنالنىڭ چىمپىيۇنلۇق تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويۇشى مۇمكىن. 
مەنبە - ئۆز قەلىمىم


 




پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-4 13:40:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە چېمپىيون ئەمەس يەنە شۇ 4-بولامىكى
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 13:42:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ارسىنال يەنىلا مۇشۇنداق ئ‍وينىسا 4-ئ‍ورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 13:46:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر 3-ئورۇندىكە   ئالدىدىكى توتىنھام بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرسا ئۆزىگە ماس كېلدىغان ئەنئەنىۋى 4-ئورۇنغا چۈشۈپمۇ قالغۇدەك،   ئارسىنال بۇ يىل يەنە نەتىجە قازىنالمىسا ۋىنگىر ئاستا ئىستىپا بەرسە بولدۇ ئۆزىنى سوراپ.
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 13:49:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھىلىل ئىنتايىن جايىدا بوپتۇ…ئارىسنالنىڭ بۇ يىل بولسىمۇ چىمپيۇن بولۇشنى ئۈمىد قىلمەن،ھىچ بولمىغاندا ئۈچىنجى بولۇشنى ئۈمىد قىلمەن …ھى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 13:50:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنڭچە ئ‍ارسىنالغا يەنە پۇرسەت با پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ،ئ‍ۇدا غەلبە قىلىش كىرەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 13:54:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مالىيە جەھەتتە 1.بولمىسا  نىمىشقا شۇنداق تۇرۇپمۇ ياخشىراق ھۇجۇمچى ئالمايدۇ .
مىنىڭچە ئەمدى چىمپىيون بولالامايدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 14:14:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشماق  مانچىستىرلارنىڭ  ئىپادىسى   تۇراقسىز بولغان   مۇشۇنداق  ۋەزىيەتتە   ئارسىنال   تىرىشىپ   چېمپىيون   بوپ  كەتسە  بولاتتى ……
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 14:20:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى ھۇجۇمچىلارنىڭ خاملىقىدىن ئوتتۇرا مەيدانغا چۈشىۋاتقان بېسىم ئاز ئەمەس . ئالايلۇق بېلەيرېننىڭ توپ ئۈزۋىلىپ ھۇجۇم تەشكىللەش ئىقتىدارى ئالاھىدە ياخشى . لېكىن ئۇنىڭ تەشكىللىگەن يان تەرەپتىكى ھۇجۇمىنى جايىدا بىر تەرەپ قىلغۇدەك ھۇجۇمچى بولمىغاچقا ئاسانلا قارىشى تەرەپنىڭ قايتۇرما ھۇجىمىدا ئۆز ئورنىغا قايتىشى ناھايتى تەس . خوش ، ئۇغۇ كەينىگە قايتالمىدى ئۇنىڭ ئورنىنى كىم تولۇقلايدۇ ؟ ۋولكوت ؟ ياق ئۇنىڭدا مۇداپىئە ئېڭى يوق . ئوڭغا مايىل ئوتتۇرا مەيدان رامسەيمۇ ؟ تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ، ئاۋۇ پوق قورساق ھۇجۇمچىنىڭ تايىنى بولمىغاچقا ئۇنىڭ بىلەن ئۆزىل بېلەيرېننىڭ توپ سۈرۈش تېزلىكىدە ئاللىقاچان مۇداپىئە رايونىدىن ئايرىلىپ بولغان بولىدۇ . ئەڭ نېگىزلىك ئورۇن تولۇقلىغۇچى مېرتېساكېر كېلىپ بولغۇچە قارىشى تەرەپنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنىڭ قۇربانى بولۇپ بولىدۇ . مەن بۇ يەردە نوقۇل ئوڭ كىرايغا ئېسىلۋالغىنىم يوق . ئارسېنالنىڭ دائىملىق مۇسابىقىلىرىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇشىنىڭ نېگىزلىك مەسىلىسى دەل جايىغا چۈشكىدەك ئورۇن تولۇقلىغۇچىلار كام بولۇش بىلەن بىرگە ئالدى ھۇجۇمچىلارنىڭ پۇرسەت تۇتالماسلىقى . توغرا ئارقا بەلچۇ دىيىشىڭلار مۇمكىن ، بۇرۇن سوڭ بار ۋاقىتتا ۋېلشىر ئەركىن ھالەتتە توپ ئۈزەلەيتى ، بۇ فابرېگاسنىڭ تېخىمۇ كەڭ بۇلۇڭنى كۈزىتىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرەتتى . يېقىندىن بۇيان  ئارتېتا قېرىدى بۇرۇنقى ئىپادىسى يوق . ئارقا بەلنىڭ تۇراقسىزلىقى بىر بولسا رامسەي بىلەن ئۆزىلنىڭ ئىپادىسىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ .

ئارسېنال قاچان ھۇجۇم ئەڭ ياخشى مۇداپىئە دىگەننى چۈشەنگەن چاغدا ئاندىن ئوڭشىلىدۇ . ئارسېنالنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە مۇسابىقە رېتىمى ناھايتى تېز ، ياش ھۇجۇمچىلارغا ئېگە توتتىنھام كوماندىسىنى ئۇتالىشى بىر مۆجىزە دەپ پەرەز قىلساقمۇ بولىدۇ .
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 14:21:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىنگىر بۇيىل لوڭقىغائەڭ يىقىن يىقىنلاشقان بىر يىل.موشۇ يىل بۇلارنىڭ لوڭقا ئىلىشىنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 14:24:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسىنالىزىمچىلار خاتىرجەم بولۇڭلار ئارسىنال چىمپىيۇن بولالمايدىغاندەك تۇردۇ. ئوخشىغان زىرائەت كۆكىدىن دىگەن گەپكە دەل چۈشىدۇ ئەمەسمۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-4 14:35:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارسىلونا بىلەن بايرىنمىيۇنخندىن ختىنى ئىلىپ چەك چىگىرنى ئايرىسا چوقۇم چىمپىيۇن بولدۇ
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 09:10

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش