ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 591 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قىرىنداشلار خەيىرلىك ئەتتىگەن!
ئاخشام ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ داۋامى ئوينالدى.ئاخشام ئوينالغان مۇسابىقىدە مىسسى قالپاق ئويۇنى ئويناپ،بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنى بارلىققا كەلتۈردى.مىسسى ئاخشامقى ئۇينىغان قالپاق ئويۇنى بىلەن ئىسپانىيە ھەر قايسى مۇسابىقىلەردىكى رونالدونىڭ 35قىتىملىق قالپاق ئويۇنى رىكورتى بىلەن تەڭلەشتى.شۇنداقلا20قېتىم نوقتا توپسىز قالپاق ئويۇنىنى تاماملىدى.كەسپى ھاياتىدىكى38-قېتىملىق قالپاق ئويۇنىنى تاماملىدى.مىسسىنىڭ ئاخشام ئۇرغان توپى بىلەن بىرلەشمىدىكى ئومۇمى توپ سانى19غا يىتىپ بىنزىما بىلەن ئۈچىنىچى ئورۇنغا تىزىلدى.شۇنداقلا ئالدىدىكى ئىككى مەرگەنگە خىرىس پەيدا قىلدى.مىسسى يىڭى يىل كىرگەندىن بۇيان ئىككى ئاي ئىچىدە 16 مەيدان مۇسابىقىدە 20توپ ئۇرۇپ،2016يىلى كىرگۈزگەن توپ سانىنى ئاشۇرۇپ،5چوڭ بىرلەشمە مەرگەنلەر تەرتىپىدە بىرىنجى ئورۇندا ئولتۇردى.ئىككىنجى ئورۇندىكىسى سۇئارىز بولۇپ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان15توپ ئۇرغان.مىسسىنىڭ رىقابەتچىسى بىرنابۇ ئەركىسى رونالدو9 توپ ئۇرغان.مىسسىنىڭ يىڭى يىل كىرگەندىن بۇيانقى توپ ئۇرۇش ئۈنىمى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ،ھەر بىر مەيدانغا1.25دىن توغرا كەلگەن.مىسسى مۇشۇ ھالىتىنى ساقلىيالىسا ئۇزۇنغا قالماي بىرلەشمە مەرگەنلىكىدە ئولتۇرۇشتىن ئۈمىد زور.ئىككى ئاي يارلىنىپ قايتىپ كەلگەن مىسسى ھەقىقەتەن قورقۇنۇچلۇق.
مىسسنىڭ بۇ ھالىتى بولسىلا بارسېلونانىڭ قايتا ئۈچ شاھ بولىشى ھەرگىزمۇ چۈش ئەمەس.مىسسى ئۆزىنىڭ91توپلىق رىكورتىنى بۇزۇش بۇزالماسلىقىمۇ بىر قىززىق نوقتا ئۇ 91توپ ئۇرغان شۇ يىلى ئوخشاش مەزگىلدە17توپ ئۇرغان.ئۇ بەلكىم بۇنىڭدىن كىيىن، بىرلەشمە چوققىسىدىكى سۇئارىزنى يۆلىمەي نوقتا توپنى ئۆزى ئۇرۇپ، رونالدونىڭ ئالتۇن كەش ئېلىشىنى ئۆزى توسۇشى مۇنكىن.يەنە بىر نەتىجە مىسسى توپ ئۇرغان يىقىنقى 56مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا ئۇتتۇرۇپ باقمىغان.49مەيدان ئۇتۇپ 7مەيدان تەڭلەشكەن.ئالدىنقى قېتىم مىسسى توپ ئۇرغان مۇسابىقىدە ئۇتتۇرغان ۋاقتى2014-يىلى9-ئايدا پارىژ بىلەن ئوينالغان مۇسابىقە.مىسسى بۇ ئىپادىسى بىلەن يەنە نۇرغۇن رىكورت،ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشى مۇنكىن.
|
|