elan ornielan orni
كۆرۈش: 2357|ئىنكاس: 126

پۇتبۇل مۇنبىرىدىكى ئىنگىلاند مەستانىلىرى (خانزاد1 )

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانزاد1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-3 18:27  

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم . مىھرى ئاتەش ! قەلبى گۈلخان ! يۈرۈكى  ھەرۋاقىت «مۇنبەر !! » « شىنجاڭ پۇتبۇلچىلىقى !! » قىسقىسى يىغىپ ئىيتقاندا  شۇ يۇمىلاق قاسماق توپنى دەپ ھەر ۋاقىت   شوخ -زوق  بىلەن سوقىۋاتقان پۇتبۇل مەستانىلىرى جەمگاھىدىكى مۇنبەرداشلىرىم مۇشۇ ۋاقتىڭلار خەيېرلىك بولسۇن !!!

مەن بۇ مۇنبەرگەئەزا بولغان  تۆت  يىلنىڭ ياقى نۇرغۇن مۇنبەرداشلىرىم بىلەن تونىشىپتىمەن . نۇرغۇنلىرى بىلەن كۆرىشىپتىمەن . نۇرغۇن-نۇرغۇن تېمىلارنى كۆرۆپ ، ئىنكاسلارنى يىزىپتىمەن . ھەم  ئانچە-مۇنچە تېمىمۇ يىزىپ قويۇپتىمەن .  ئۆزۆمنىڭ تەجرىبىسى كامچىل ، بىلىمىم چولتا بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن تۆھپىكار ئەزالاردەك تەرجىمە تېمىلارنى كۆپلەپ يوللاپ كىتەلمىدىم . شۇ ۋەجىدىن نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقى يىزىشنى ئويلىغان . ئەمما قولۇمغا (كۇنۇپكا تاختىسى ) قەلەمنى ئىلىپ  ، نىمىدەپ باشلاشنى بىلەلمەي توختىتىپ قويغان ئۈشبۇ تېمامنى بۈگۈن ئاخېرى يىزىپ پۈتتۈرۈشكە بەل باغلاپ كوم ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن . ئاللاھ نىسىپ قىلسا پۈتۈپمۇ  قالا .....




   باھار ئايلىرىنىڭ باشلىرى  ، ھەممە يەر قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ ، يىتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرغان باھارنىڭ جۈملىدىن يازنىڭ تەييارلىقى بىلەن ئالدىراش ئىدى . ئاخشام چىققان شامال پۈتۈن جاھاننى خۇددى پەرۋىشكار ئانا ھويلىنى پاككىز  تازلاپ چىققاندەك پۈتۈن جاھاننى  پاككىز قىلىپ سۈپۈرگەن بولسا ، سەھەر ياغقان يامغۇر چىچەن قىزنىڭ ھويلىغا سۇ چىچىپ چىققىنىدەك ھەممە يەرگە تەكشى سۈيىنى چاچقان ئىدى . يامغۇردىن كىيىن چىققان قۇياش نۇرى پۈتۈن جاھانغا ئۆزىنىڭ سىخىي نۇرىنى چىچىۋاتاتتى . گەرچە بۈگۈن قۇياش بۇلۇتلارئارىسىدىن كىچىكىپ چىققان بولسىمۇ ، بۇ كەنىتنىڭ ئادەملىرى سەھەردىلا كوچىلارغا چىقىپ ، دىھقانچىلىقلىرىنى باشلاپ، بىرقۇر تۈگۈتۈپمۇبولغان ئىدى . بۇ كەنىت بۈگۈن باشقىچە جانلانغان بولۇپ ، چۈنكى بۈگۈن بۇ كەنىتتە «ئات بەيگىسى » ئۆتكۆزۆلىنەتتى .كىشىلەر ھەممە ئىشلىرىنى تۈگۈتۈپ بۇ كەنىتنىڭ ئەڭ قايناق يىرىگە ياسالغان «ئات بەيگە مەيدانى »غا يىغىلدى .
   بۇكەنىتنىڭ ئاتلىرى شەھەرگىمۇ داڭلىق بولۇپ ، مۇشۇ كەنىتتىكى بەيگىدە ياخشى نەتىجىگە ئىرىشكەن ئاتلار شەھەردىكى  بەيگىلەردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىپ ، شۇ ئاتنىڭ ئىگىسىگە شۇنداقلا بۇ كەنىتكە ياخشى نام-ئاتاقلارنى ئەكىلەتتى . باشقا كەنىتنىڭ ئاتلىرى بۇ كەنىتنىڭ ئاتلىرىنى كۆرگەندە پۇت-قوللىرى دىرىلدايتى .
  بەيگە باشلاندى . مەستانىلەر توختىماي چۇقان-سۈرن قىلاتتى . شۇ شاۋقۇنلار ئارىسىدا  «چاپ ! چاپ! ئىتىم چاپ !  » دەپ بىرىنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى !ئۇ بولسىمۇ كونا ئات بەيگىچىسى ئادىلنىڭ ئاۋازى ئىدى  .ئادىلنىڭمۇ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر « بەش قاشقا » ناملىق ، ئالدى ۋە كەينى تۆت پۇتىدا ۋە بىشىدا ئاپپاق قاشقىسى بار يۈگۈرۈك ئىتى بار  بولۇپ ، مۇسابىقە باشلىنىپ ھەر بىر ئايلانمىدا ئادىل توختىماي ئاتقا مەدەت بىرەتتى  ، «بەش قاشقا » گاھى ئالدىدا چاپسا ، گاھى ئارقىدا قالاتتى . لىكىن ئادىل مەدەت بىرىشنى توختاتمايتتى ! ئاخېرى مۇسابىقە ئاخېرلاشتى .بۈگۈنكى مۇسابىقىدە بۇ ئات ئۇنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماي چىمپىيۇن بولدى  . ئۇ خوشال بولدى  ، ۋاقىرىدى   ، ئۆزىنىڭ غەلبىسىدىن ئۈمۈد كۈتكەن ئىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويناي چىمپىيۇن بولغانلىقىدىن سۆيۆندى .

كۈنلەر ، ئايلار ، يىللار ئۆتتى ! ئۇ ئاتمۇ قىرىدى شۇ قىتىمقىمدەك يەنە بىر نەچچە قىتىم چىمپىيۇن بولغان بولسىمۇ ، كىيىنچە  بۇ كەنىتكە بەزى بىر بايلارنىڭ مەبلەخ سىلىپ سورۇتلۇق ئاتلارنى ئىلىپ كىلىشى ، ۋە تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن «بەش قاشقا » بۇرۇنقىندەك چىمپىيۇن بولالماس بولۇپ قالدى . سىزچە ئادىل قانداق قىلغاندۇ؟
ئادىل گەرچە ئۇ ئات چىمپىيۇن بولالمىسىمۇ ، ئادىلغا يەنە بۇرۇنقىدەك خوشاللىق ئاتا قىلالمىسىمۇ ، ئادىل ئۇ ئاتنى تاشلىۋەتمىدى . ئۇ مۇسابىقىگە قاتناشسىلا ئۇنىڭغا مەدەت بىرەتتى . بەيگىگە 20 ئات قاتناشقان بولسا «بەش قاشقا » تولىسى 4-بولۇپ قالاتتى . باشقىلار ھەتتا بۇ ئاتنى «تۆت قاشقا » دەپ مازاق قىلسىمۇ ، ئۇ يەنىلا ئۇنىڭغا مەدەت بىرىشنى توختاتمايتتى  !

  نىمىشقا؟

چۈنكى ئۇ  «5 قاشقا »نى سۆيىدۇ . چۈنكى ئۇ ئەمدىلىكتە ئۇنى تاشلىۋەتسە بۇرۇن «5 قاشقا »نىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن  ،ئۇنىڭغا  ئاتا قىلغان خوشاللىقلىرىغا يۈز كىلەلمەيدۇ .ئۇ ھەم «5 قاشقا »نىڭ بالىسىنىڭ ياكى نەۋرىلىرىنىڭ ھامان بىرىنىڭ يەنىلا «5 قاشقا »نىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلايدىغانلىقىنى  ۋە قايتىدىن يەنە شۇ بەيگىلەردە چىمپىيۇن بولالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ .
  بۇ كەنىتتە «بەش قاشقا »  ۋەقەلىرى ئىنتايىن كۆپ ، ئەينى چاغلاردا  بۇ يۈگرۈك ئاتلار توپلاشقان بۇ كەنىت ئەمدىلىكتە بۇرۇنقىندەك باشقا كەنىت ئاتلىرىغا تەھدىد ئىلىپ كىلەلىگۈدەك يۈگرۈك ئەمەس  بولۇپ قالدى  . بۇ كەنىتنىڭ بۇرۇنقىندەك نامىمۇ قالمىغان مۇشۇ كۈنلەردە لىكىن بۇ كەنىتتىكى «ئادىل » لار يەنىلا كۆپ بولۇپ ، ئۇلار ھامان بۇ كەنىتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۆرۆپ شۇ شەھەرنى قايتىدىن سورايدىغانلىقىغا  ئىشىنىدۇ .






            - ئېلاۋە ئورنىدا .


نىم دىمەكچى بولغىنىمنى ئاساسىي جەھەتتىن چۈشەندىڭلار ھەقىچان ؟  مەن بۇ تىمامدا خۇددى شۇ كەنىتتىكى سادىق قوللىغۇچىلارغا ئوخشاش ھازىقىندەك ئىسپان كۇلۇپلىرىنىڭ ياۋرۇپا شۇنداقلا دۇنيانى سوراۋاتقان مۇشۇنداق مەزگىلدىمۇ ئۆزى سۆيگەن ۋە مەستانە بولغان ئىنگىلاندتىكى كۇلۇبىنى تاشلىماي ھازىرغىچە مەدەت بىرىۋاتقان  مۇنبىرىمىزدىكى ئىنگىلاند كۇلۇپلىرى مەستانىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ چىقماقچى . ئۇلارغا ھۆرمەت بولسۇن !!!!!
image.jpg
ئەمسە تېمامنى  مۇنبەر قۇرغۇچىسىدىن باشلاپ كەتتىم ...


  نىجات
image.jpg

ئەركىنلىك جەڭچىسىنىڭ رەسمىنى باش رەسىم قىلۋالغان بۇ كىشى،  دەل پۇتبول مۇنبىرمىزنىڭ قۇرغۇچىسى، مىنىڭ پۇتبول مۇنبىرگە شۇنداقلا پۇتبول مەيدانىغا ئىشتىياق باغلىشىمغا سەۋەپچى بولغان كىشى. مەن 2008- يىلى نىجات بىلەن يۈز تۇرانە كۆرشۈپ پۇتبول توغرىسدا سۆھبەتلەشكەن. ۋە پۇتبول مۇنبىرنىڭ تەرەققىياتى توغرىسدا مۇڭداشقان.ۋە شۇ قىتىمقى سۆھبەتتىن كىيىن مەن پۇتبول مۇنبىرنىڭ بىز ئەزاسى بولۇپ قالغان.  نىجات تولىمۇ كەمسۆز ھەم ئاق كۆڭۈل بولۇپ كىشىگە تولىمۇ ياخشى تەسىر بىرىدۇ. ئۆزىنىڭ خىزمىتى تولىمۇ ئالدىراش بولسىمۇ كىچە كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مۇنبىرمىزنىڭ ھازىرقى سەۋىيەگە كىلشىگە ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان .
نىجات ،مانچىستىر بىرلەشمىسى مەستانىسى بولۇپ،  ھەتتا پۇتبول مەيدانىمۇ مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ كىيمىنى كىيىپ مەيدانغا چۈشىشى ئۇنىڭ قىزىل ئالۋاستىلارغا قانچىلىك مىھرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
image.jpg
بەزىدە بىكار بولغاندا نىجاتنىڭ نەچچە يىللار ئاۋالقى مانچىستىر بىرلەشمىسى توغرىسدىكى تىما ئىنكاسلىرىنى ئىز قوغلاپ ئوقۇپ قويىمەن. نىجات مۇنبەرنى قۇرۇپ مۇشۇ كەمگىچە كۇلۇپ كۆچمىگەن ۋە  مانچىستىر بىرلەشمىسىنى تولۇق چۈشىنىدغان،  پۇتبول بىلىمى يۇقۇرى بولغان ببىر ئىنگىلاند بىرلەشمىسى مەستانىسىدۇر.نىجات ھازىر بۇرۇنقىندەك كۆپ تېما ، كۆپ ئىنكاس يازمايدۇ . لىكىن ئۇ ھەرۋاقىت مۇنبەر ئۈچۈن ، ئالۋاستىلار ئۈچۈن جۈملىدىن ئىنگىلاند كۇلۇپلىرى ئۈچۈن «ھۇرراھ ! » توۋلايدۇ !
        

ئىلىمخۇمار

image.jpg
ئەسەبى ئادەم مورىنھونىڭ «بوغۇزلايمەن» دىگەن قول ئىشارىتىنى باش رەسىم قىلىپ ئىشلىتۋاتقان بۇ توردىشىمىز ، مۇنبەرداشلارغا ناتونۇش ئەمەس، ئىلىمخۇمارنىڭ، چىلىسى توغرىسىدىكى تىمىلىرى ۋە ئىسىل ئىنكاسلىرى ،شۇنداقلا مەيدىسىدىكى ساڭگىلاپ پاتماي قالغان مىداللىرى  ئۇنىڭ مۇنبىرمىزدىكى مۇنەۋۋەر ئەزا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئىلىمخۇمارنىڭ تەلۋە ئادەم مورىنھوغا، مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتى تولىمۇ كۈچلۈك بولۇپ،  سىز ئىلىمخۇمارنىڭ ئالدىدا ھەرگىزمۇ مورىنھونىڭ يامان گىپىنى قىلىپ سالماڭ،  ئۇ سىزگە مورىنھونىڭ ئىرىشكەن نەتىجىلىرى،  ئىسىل تاكتىكىلىرى، ۋە قانچە لوڭقا ئالغانلىقى، نەچچە كۇلۇپنى تۇتۇپ دۇنياۋى نەتىجە قازانغانلىقىنى تەپسىلى دەپ بىرىدۇ.
image.jpg
ئىلىمخۇمار ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى كۆك قوشۇن چىلىسى توغرىسدىكى تىما يىزىلسسىلا ھەر ۋاقىت ئىنكاس يىزىپ تۇرىدۇ.ئۇ ئىنكاس يازغاندا كۆپىنچە «خ »ھەرپىنىڭ ئورنىغا «غ» ھەرپىنى ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ. مەسىلەن (تىخى) دىگەن سۆزنى  (تىغى)  دىگەندەك...
ئىلىمخۇمار مۇنبىرمىزدىكى ،ئەدەپ ئەخلاقلىق،  ئۆزىنى تۇتىۋالغان، ئىسىل مەستانىلەرنىڭ بىرى. ئۇ ھازىر كومتىت ئەزاسى بولۇپ،  مۇنبەر ئۈچۈن يەنىمۇ چۇڭقۇرلاپ تۆھپە كۆرسەتمەكتە.

ساراڭ

image.jpg
رونىنىڭ ھۆركىرەپ تۇرغان باش رەسىمىنى چىقىرۋالغان بۇ كىشىنىڭ ئىسمىغا قاراپ ھەيران قالماڭ، گەرچە مۇنبەردىكى ئىسمى ساراڭ بولسىمۇ،  نىرۋا كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا بىر قىتىممۇ بىرىپ باقمىغان.
بۇ كىشى ئىسىمى جىسمىغا لايىق ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ ئەسەبى مەستانىسى. ئۇ 2007- يىلى مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە مۇنبەردىن ئايرىلىپ باقمىغان  مۇنبەر تۆھپىكارلىرىنىڭ بىرى. بۇ توردىشىمىزنىڭ ھازىر جاۋاپلىقى،  ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنى ئۆز ئائىلىسىنى چۈشەنگەندەكلا چۈشىنىشى كىشىنىڭ ھۆرمىىنى قوزغايدۇ. سىز ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى 20 نەچچە كوماندىنىڭ ئارخىۋىنى تەرجىمھالىنى شۇنداقلا نەچچە يۈز تەنھەركەتچىنىڭ قاچان ھازىرقى  كوماندىسىغا يۆتكەلگەنلىكى ۋە  مەيداندىكى ئىپادىسىنى شۇنداقلا ئىسىم فامىلىسىنى سورسىڭىز ئۇ ئىككىلەنمەي،  ئىزدەش تور بىكەتلىرىدىن ماترىيال كۆرمەى تۇرۇپلا سىزگە ئىيتىپ بىرىدۇ. ئۇنىڭ ئىنگلاند بىرلەشمىسگە بولغان چۈشەنچىسى مۇنبىرمىزدىكى ھەرقانداق ئەزادىن يۇقۇرى ئورۇندا تۇرسا تۇرىدىكى ھەرگىز تۆۋەن تۇرمايدۇ.  بەزىدە ئويلاپ قالىمەن. «ساراڭ»  ئىسىملىك بۇ توردىشىمىز، ئۇيغۇرلاردىن چىققان (جەنجۈن) بولۇشقا لايىق.
بۇ توردىشىمىزنىڭ باش رەسىمگە قاراپ،  مانچىستىر بىرلەشمىسى مەستانىسى دەپ ئويلىسام،  ئىنگىلاند بىرلەشمىسى توغرىسدىكى يازمىلىرىغا قاراپ ئۇنىڭ ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ھەممە كوماندىنى ئورتاق ياقتۇردىغانلىقىنى ھىس قىلدىم. پۇتبول مۇنبىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى، مانا مۇشۇنداق پۇتبول بىلىمى يۇقۇرى تورداشلىرمىزنىڭ كۈچ قوشىشىدىن ھازىرقى سەۋىيەگە كەلگەن.

exaniq

image.jpg
تەلۋە ئادەم مورىنھونىڭ سۈرىتىنى باش سۈرەت قىلغان ئىشەنچ ئىسىملىك بۇ توردىشىمىز،ئەملىيەتتە ياش نوتىلارنى مىننەتسىز تەربىيلەپ، ۋەتەن خەلىققە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشنى شۇنداقلا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۈگىتىدىغان تەربىيچى بولسا،  مۇنبىرمىزدىمۇ ئوخشاشلا، پۇتبولغا بولغان مىھرى مۇھەببىتى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان تورداشلارغا ئىسىل يازمىلارنى تەقدىم قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرماقتا. سىز پۇتبول مۇنبىرمىزدە چىلىسى توغۇرلۇق خەۋەرنى كۆرگەن بولسىڭىز، ئۇنى چوقۇم ixanq ئىسىملىك توردىشىمىز يازغان بولۇشى مۇمكىن. ھازىرغىچە 500 دىن كۆپرەك تىما يوللىغان ۋە نەچچە يۈز تىمىلارنى تەستىقلىغان بۇ تۆھپىكار باغۋەن پۇتبول مۇنبىرى ئۈچۈن كىچە كۈندۈز  مىننەتىسز ئەجىر قىلماقتا.  ئۇنىڭ يوللىغان تىمىلىرنىڭ كۆپرەكى چىلىسى خەۋەرلىرى بولۇپ،  «چىلىسى دىمەك ئىشەنچ دىمەك» دىگەن مەزمۇننى ئىپادىلەپ تۇرماقتا. بۇ تۆھپىكارىمىزنىڭ« بىز نىمىشقا ئىنكاس يازىمىز» ، «مۇنبەردىكىلەر نەگە كەتتى» قاتارلىق نادىر ، ئىسىل يازمىلىرى قەلىب تارىمىزنى چەككەن بولسا،  ئۇنىڭ كىچە سائەت 12 لەردىمۇ، مۇنبەردىن ئايرىلماي،  تىما يازمىلارنى تەستىقلاپ ۋە تەھرىرلەپ، كومپىيوتىر ئالدىدا تىنىمسىز ئەجىر قىلۋاتقانلىقى مۇنبەر ئەھلىنىڭ شۇنداقلا تورداشلارنىڭ ھۆرمىتىنى قوزغىماقتا.
ئىشەنچ قىرىندىشىمىز ،پۈتۈن مۇنبەر ئەھلىنىڭ ۋە پۇتبولخۇمارلارنىڭ شۇنداقلا ئىنگىلاند بىرلەشمىسى مەستانىلىرىنىڭ ئۈگۈنۈش ئۈلگىسىدۇر. رەھمەت سىزگە سىز بىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەتتىڭىز. سىز ئۆز مەكتىبىڭىزنىڭلا مۇدىرى ئەمەس بەلكى پۇتبول مۇنبىرمىزنىڭمۇ مۇدىرى. گۈللەپ ياشناڭ قارىغاي يېشىدا ياشاڭ.

كۆك بۆرە

image.jpg
ئاتاقلىق كۈلدۈرگە ئارتىسىمىزمىڭ ھەجۋى رەسىمىنى باش سۈرەت قىلىپ چىقىرۋالغان بۇ توردىشىمىزمۇ، ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنى چۈشىنىدغان،  ياقتۇردىغان ۋە ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى تىمىلارغا دائىم ئىنكاس يىزىپ تۇردىغان پۇتبول بىلىمى ئىنتايىن يۇقۇرى قىرىندىشىمىزدۇر. ئۇنىڭ پۇتبول مۇنبىرگە قەدەم باسقىنىغا 8 يىل بولۇپ قالدى. كۆك بۆرە ئىنكاس يازغاندا ،ئىنتايىن ئىلمى،  قايىل قىلارلىق،  تارازىغا توختۇغۇدەك يازىدۇ. بەزى ئىنكاسلىرىنى يۇمۇر دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.  كۆك بۆرىمۇ مۇنبىرمىدىكى ھەقىقى پۇتبول بىلىمى يۇقۇرى، ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنى ياخشى چۈشىنىدغان پۇتبولخۇمارنىڭ بىرسىدۇر.
كۆك بۆرىمۇ، مۇنبەردىن ئۈگەنگەن پۇتبول بىلىمىنى ئىشقا سىلىپ،  مۇنبەر لاتارىيەخانسدا چوڭ ئىناۋەت ،يۈز ئابروي تاپقان بولۇپ،  مۇنبىرمىزدىكى نەچچە يۈز مۇنبەر لاتارىيە ھەۋەسكارلىرى ئىچىدە ئىككىنچى ئورۇندا مەزمۇت ئولتۇرماقتا.
كۆك بۆرىنىڭ مۇنبىرمىز ئۈچۈن تىخىمۇ كۆپ كۈچ قوشىشىغا تىلەكداشمەن.

مەھمۇدىيە

image.jpg
گىتلىرنىڭ رەسىمىنى چىقىرۋالغان بۇ كىشى،  تورداشلارغا ناتونۇش بولمىسا كىرەك. شۇنداقتىمۇ ئىككى ئىغىز سۆزلەپ ئۆتەي. يىشى 40 قا ئۇلاشقان بولسىمۇ،  16 ياشلىق ئىنىلىرمىز بىلەن مۇنبەردە ئەسرارلىشىپ تۇردىغان بۇ كىشى،  يۈكسەك ئارزۇلارنى كۆڭلىگە پۈككەن. دىيارىمىز پۇتبۇلچىلقى ئۈچۈن ئۈن تىنسىز ئىزدىنۋاتقان،  يوشۇرۇن، ئاشكارا،  تىنىمسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان كىبىرسىز  بىر كىشىدۇر. بۇ كىشى نەق مەيداندا پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ قالسا، يەۋاتقان ئىشىنى، سېتۋاتقان چىنىسى قويۇپ تۇرۇپ نەق مەيداندىن مۇسابىقە كۆردىغان ئوت يۈرەك پۇتبولخۇماردۇر.
مەھمۇدىيە ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى كۆك قوشۇن چىلىسىنىڭ ئەسەبى مەستانىسى بولۇپ،  چىلىسىدىكى ھەر بىر ئەزا توغۇرلۇق سۇئال سورىسىڭىز تەپسىلى چۈشىنىشلىك،  ۋە قايىل، قىلارلىق جاۋاپ بىرىدۇ. مەھمۇدىيەنىڭ پۇتبول بىلىمى ۋە چۈشەنچىسى مۇنبىرمىزدىكى پۇتبولخۇمارلار ئىچىدە ئالدىقى قاتاردا تۇرىدۇ.
ئەمدى مەھمۇدىيەنىڭ باش رەسىمى توغرىسدا ئازراق توختۇلۇپ ئۆتەي. مەھمۇدىيەنىڭ ئىلگىركى باش رەسىمى بولسا،  مارجان دوپپىنى ياراشتۇرۇپ كىيگەن،  ئۇچىسىغا ئالتۇن ئۆسمۈر تورسىنىڭ چىلىسىدىكى كۆك رەڭلىك جەڭ  كىيمىنى كىيىپ،  ئۆيىدىكى 88- يىلنىڭ قار لەيلىسى ماركىلىق تىلۋۇزۇرنىڭ ياپقۇچىسىدىكى چىلىسىنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ تۇرغان بىر ئۇماق قىزىمىزنىڭ رەسىمى بار ئىدى. ئۇ گويا دادسىغا،  دادا نىمىشقا تىلۋۇزۇردىكى چىلىسىنىڭ كىيىمى مىنىڭكىگە ئوخشاش كۆك رەڭلىك ئەمەس دىگەندەك قىلاتتى.  دۇنيا لوڭقىسىدا گىرمانىيە كوماندىسى، دىدەكلەر قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىن شۇنداقلا دۇنيا لوڭقىسىنى دەس كۆتۈرگەندىن كىيىن،  گىتلىرنىڭ ھازىرقى رەسىمنى باش رەسىم قىلىپ ئىشلەتكەن. (بەلكىم ئۇتتۇرۋەركەن بولۇشى مۇمكىن). ھى ھى ھى چاق چاق.
مەھمۇدىيەنى مۇنبەردىكى ھەممە تىمىلاردىن تاپالمايسىز،  چىلىسى توغۇرلۇق تىمىلارنى ۋە دىيارىمىز پۇتبولچىلىقى توغرىسدىكى يازمىلارنى ئاقتۇرسىڭىىزلا شۇ ھامان پەيدا بولىدۇ.
سىز ئۇنىڭدىن، بەيرىن بىلەن چىلىسى تۇتۇشۇپ قالسا قايسسىسغا ھۇررا توۋلايسىز دەپ سورىسىڭىز،  ئۇ ئىككىلەنمەيلا 0-0 تەڭلىشىپ قىلشىنى ئۈمۈد قىلىمەن دەپ جاۋاپ بىرىدۇ.
مەھمۇدىيە قوش ماكانلىق مەستانە بولسىمۇ،  باشقا بىرلەشمىدىكى كوماندىلار بىلەن ئىنگىلاند بىرلەشمىسىكى كوماندىلار مۇسابىقلەشسە، ھەرۋاقىت ئىنگىلاند كوماندىلىرغا ھۇررا توۋلايدىغان ھەقىقى،  چىن ئىنگىلانتلىق مەستانىدۇر.

ئازىغ

image.jpg
بىكخامنىڭ قىزىل ئالۋاستىدىكى 7- نۇمۇرلۇق جەڭ ساۋۇتىنى باش سۈرەت قىلۋالغان بۇ توردىشىمىز، مانچىستىر بىرلەشمىسنىڭ كونا، قەدىناس مەستانىسىدۇر. ۋانگالنىڭ ئىشتىن چۈشۈش خەۋىرى توختىماي چىقۋاتقان پەيتتە، مانچىستىر بىرلەشمىسى، رەقىبىگە ئۇتتۇرسىلا، ۋانگال ئىشتن چۈشىدۇ دىگەن خەۋەر ۋە ئىنكاسلار مۇنبىرمىزنى قاپلىدى. شۇ ۋاقىتتا، ئازىغنىڭ يازغان بىر ئىنكاسى ماڭا ئىنتايىن تەسىر قىلدى. توردىشىم ئازىغ بۇرادەرگە ھۆرمىتىم قوزغالدى.ئۇنىڭ ئىنكاسى مۇنداق ئىدى.«
   بەزىلەردىدى، ۋانجالنى ئىشتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن بولسىمۇ مانچېستىرنىڭ بۇ مەيداندا ئۇتتۇرىۋىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن دەپ. مەن دىدىم مەيلى لىجۈن مەشقاۋۇل بولسۇن مەن مانچېستىرنىڭ بىر مەيدان ئۇتۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن». مانا بۇ ھەقىقى چىن مەستانىدۇر.
image.jpg
ئازىغ يەنە ،مۇنبىرمىزدە ئىنتايىن تەجىربىلىك«قىمارۋاز» بولۇپ،نەچچە مىڭ ئادەم ئوينايدىغان مۇنبەر لاتارىيەخانىسدا ئۆز ئەقىل پاراسىتىگە تايىنىپ 3- ئورۇندا كىتۋاتماقتا...


چوكىنات

image.jpg
ئارسىنال كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى، كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. بىر قىتىممۇ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئالالماسلىق، 2004- يىلدىن كىيىن بىر قىتىممۇ بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولالماسلىق،  ھەر يىلى بىرلەشمىدە 4- بولۇپ،  باشقا كوماندىدىكىلەرنىڭ ۋە باشقا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ مەسخىرلىك«4- » دىگەن لەقىمىگە ئىرشىش.....
پۇتبول مۇنبىرمىزدىكى ھەقىقى ئارسىنال مەستانىلىرىنى بارمىقىم بىلەن ساناپ باقسام ، نەچچە بارمىقىم ھاۋادا لەيلەپ قالغۇدەك .....   بىر كوماندا دەرىجە چۈشۈش رايۇنىدا لەيلەپ يۈرسىمۇ ،  باشقا كوماندىلاردىن نەچچە توپ ئستىمال قىلىپ قىرغىن بولۇپ كەتسىمۇ، ۋە نەتىجىسى كىشىنى ئۈمۈدسىزلەندۈرسىمۇ، ئەڭ ئاخىرغىچە بەل قويىۋەيمەي، مەستانە كوماندىسىنى ئۆزگەرتمەيدىغان ۋە ئاداققىچە شۇ كوماندىغا ھۇررا توۋلايدىغان مەستانە ھەقىقى چىن پۇتبول مەستانىسىدۇر. بىر كوماندا ئەنە شۇنداق پۇتبولخۇمارلار بىلەن ھۆرمەتلىكتۇر.
چوكىنات بولسا، مۇنبىرمىزدىكى دەل مۇشۇنداق مەستانىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئارسىنال توغۇرلۇق تەھلىل تىمىلىرى ياكى خەۋەر تىمىلىرى يىزىلسا، چوكىنات دەل ۋاقتىدا پەيدا بولىدۇ.ئۇ ھازىرغىچە نەچچە يىل مابەينىدە ئىزچىل ئارسىنالغا ھۇررا توۋلاپ كەلمەكتە...
يىقىنقى بىر نەچچە يىل مابەينىدە، چوكىناتنىڭ ئىسىل تىمىلىرىنى مۇنبىرمىزدە ئۇچرىتالماس بولۇپ قالدۇق. بەلكىم خىزمەت  ئالدىرشچىلقىدۇر. مۇمكىن بولسا، چوكىناتنىڭ ئارسىنال توغۇرلۇق تىمىلىرىنى مۇنبەردە ئۇچرىتىپ تۇرساق دىگەن ئۈمۈدتە مەن.

ۋۇلقان

image.jpg
لىۋىرپولنىڭ يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى نەتىجىسى تورداشلارغا ئايان،  ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسىغمۇ ئاران تەستە، تىرشىپ تىرمىشىپ قاتنىشۋاتماقتا،  لىكىن لىۋىرپولنىڭ شانلىق تارىېخىنى ۋە ئىنگىلاند بىرلەشمىسگە قوشقان تۆھپىسىنى ھەرگىزمۇ ئىسىمىزدىن چىقىرىپ
قويمايمىز.
image.jpg
لىۋىرپولنىڭ، كوماندا گىربىنى باش رەسىم قىلغان، ۋۇلقان ئىسىملىك بۇ  توردىشىمىز،  لىۋىرپولنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. لىۋىرپولنىڭ مۇسابىقسى بولسىلا، كىچە ياكى كۈندۈز دىمەي لىۋىرپولنىڭ مۇسابىقسىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىدۇ. مۇنازىرە ۋە تەھلىل تىمىلىردا ھەرقاچان لىۋىرپول توغۇرلۇق سۆز چىقسىلا، ۋۇلقان شۇ يەردە پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىنكاس يازغاندا،  «بىزنىڭ»  توپچىمىز،  «بىزنىڭ» قاپقىچىمىز، «بىزنىڭ » ھۇجۇمچىمىز،  «بىز»  توپچى سىتۋالىمىدۇق،  دىگەندەك ئىنكاسلىرغا قاراپ،  ئۇنى ھەقىقى لىۋىرپوللۇقمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن. (ئەملىيەتتە شىنجاڭلىق،  ھى ھى ھى)
مىنىڭ ھىس قىلشىمچە،  ۋۇلقان مۇنبەردىكى ئوشۇق ئىشقا ئارلاشمايدىغان،  ئىنگىلاند بىرلەشمىسى ۋە لىۋىرپولنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئەخلاقلىق ئىنگىلاند مەستانىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

ئاخېرلاشتۇرغۇچى
image.jpg
  بۇ ئەزا ھەممىمىزگە تونۇشلۇققۇ دەيمەن؟ كىرىستىيانو رونالدونىڭ قىپقىزىل پورتگالىيە دۆلەت كىيمىنى كىيىپ ، دۆلەت شېئىرى ئوقۇۋاتقان جەڭگىۋار  ، ئىغىر بىسىق ھالىتىنى باش سۈرەت قىلغان . مۇنبەردىكى كونا ھەقىقىي ئىنگىلاند قىزىل ئالۋاستىسى بولغان مانجىستېر بىرلەشمىسىنىڭ ۋە كىرىستىيانو رونالدونىڭ  ، ئۆزىنى تۇتىۋالغان  ، نەقىللىشكە توغرا كەلسە  دەلىل -ئىسپاتنى ئالدىڭىزغا تاشلاپ تۇرۇپ سۆزلەيدىغان سادىق مەستانىلىرىنىڭ بىرى .
image.jpg
توغرا ئۇ ھازىر بۇرۇنقىندەك تېمىلارنى تۆكمە قىلىپ يوللىيالمايدۇ . لىكىن ئۇ مۇنبەرنىڭ بىخ سۈرۈش مەزگىلىدىكى تۆھپىكارلارنىڭ بىرى . ئۇنىڭ باش سۈرەت ئاستىدىكى «مانجىستېر بىرلەشمىسى » دىگەن كۇلۇپ ئىسمى ۋە ئۇنىڭ ئاستىدىكى «پۇتبۇل لۈكچىكى » دىگەن  ئەزا گۇرپىسى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قوشقاندەكلا ياراشقان . ئۇ  2008-يىللىرى پۈتكۈل ياۋرۇپانى سورىغان مانجىستېر بىرلەشمىسىنىڭ مەستانىسى ئىدى . ئەلۋەتتە ھازىر ۋانگالنىڭ قولىدا نابۇت بولىۋاتقان قىزىل ئالۋاستىلارنىڭ يەنە ئۇنىڭدەك ئوت مەستانىسىدىن بۇ مۇنبەردە نەچچىسى قالدى ؟  كىرىستىيانو . رونالدو ئالۋاستىلارنى تاشلاپ كەتتى ، لىكىن ئۇ يەنىلا بار . گىگىس چىكىندى  ئەمما ئۇ  يەنىلا بار . نەچچىسى ئۇنىڭدەك ۋاز كەچمەي ، ئاستىدىكى شۇ كۇلۇپ ئىسمىنى ئۆزگەرتمەي ھازىرغىچە ئالۋاستىلارغا «ھۇرراھ ! » توۋلاپ يۈرەلىدى ...
بۇ ئامىللارنىڭ ئىختىيارسىز بۇ مۇنبەرداشقا بولغان ھۆرمىتىمىزنى قوزغايدۇ ... توغرا ئۇ ئاخېرلاشتۇرغۇچى . ئۇ ئالۋاستىلار توغرىسىدا ئىيتىلغان ھەرقانداق ئۆسەك سۆزلەرنى  دەلىل -ئىسپاتلار بىلەن ئۇ ئۇششاق سۆزلەرنى تۈگىمەس نەقىل-ئىنكاسلارنى ئاخېرلاشتۇرىدۇ .  
ئەلۋەتتە ئۇنى قان دىسەم  بەك ۋەھشى مىكىن دەپ قالماڭ . ئۇنىڭمۇ قىززىقارلىق مىجەز خارەكتىرى بار .  ئۇنى مانجېستېرنىڭ  ۋە  مادېرىدنىڭ ھەممە تىمىسىدا دىيەرلىك تاپالايسىز . قىسقىسى ئۇ شۇ يىللىرى ئالۋاستىلار ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئالۋاستىلارنى خانلىق تەختىگە باشلاپ چىققان كىرىستىيانو .رونالدو نەدە بولسا ئۇمۇ شۇ يەردە بار  لىكىن ئۇ يەنىلا  ئالۋاستىلارغا ئەڭ سادىق ئىسىل ئىنگىلاند بىرلەشمىسى مەستانىسى ...


كۈزىتىش دائىرەمنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەپلىك بۇ تىمىدا ئاران 10 نەپەر ئوت-يۈرۈك ئىنگىلاند مەستانىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ چىقتىم . ئەلۋەتتە ئىسمى ئاتالماي قالغان مۇنبەرداشلىرىم يەنە نۇرغۇن .  «ئەلنىڭ كۆزى ، ئەللىك . » دەپ مەن يىزىشنى ئۇنتۇپ قالغان .مۇنبەرداشلىرىمنىڭ كۆڭلىگە ئالماسلىقىنى . باشقا مۇنبەرداشلارنىڭ كام قالغانلارنى ئىنكاس شەكىلدە تونۇشتۇرۇپ قويىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن ..

ئاخېرىدا دەيدىغىنىم . ئىنگىلاند بىرلەشمىسى بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ئەڭ قىززىيدىغان . رىقابەت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ! تەسېر دائىرىسى ئەڭ چوڭ بىرلەشمە !

ياۋرۇپا بىزنى ساقلاپ تۇر ! يىقىنقى كەلگۈسىدە بىز يەنىلا شاھلىق تەختىگە  «يوغان قۇلاق » ناملىق تاجىنى تاقاپ قايتىپ كىلىمىز !
ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى مەستانىلەرگە يەنە بىرقېتىم چوڭقۇر ھۆرمەت ! ھۆرمەت سىلەرگە !!!!!!






    2016-يىلى 3-نەۋرۇز

image.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 13مۇنبەر پۇلى +1600 تىللا +5 يىغىش سەۋەبى
nayil + 50 قالتىس!
ئەلشىر + 50 قالتىس!
eliborisi + 50 قالتىس!
داۋىس + 50 قالتىس!
ejatkar + 50 قالتىس!
سەركەردە77 + 50 قالتىس!
جاغىستاي120 + 1000 + 5 نادىر مۇكاپاتى
سەنسىز. + 50
laqin1 + 50 قالتىس!
باتىستۇتا11 + 50 قالتىس!
ئىلىمخۇمار + 50 قالتىس!
غەلبە + 50 قوللاش!
abux10 + 50 ئىتالىيە بىرلەشمىسنى.

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-3 19:19:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانزاد1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-3 19:36  

يەنە نۇرغۇن مۇنبەرداشلىرىمنى يازماقچى ئىدىم،  ئەمما ۋاقىتنىڭ قىسلىقى، بىلىمىنىڭ چولتىلىقى، ۋە كۈزىتىش دائىرەمنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكى سەۋەبىدىن يەنە نۇرغۇن تورداشلارنى قوشۇپ يازالمىدىم. ئ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 19:31:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېۋىرپول مەستانلىرى ئىچىدە مەن بەكرەك قول قويىدىغان دىلخۇش ، بەختىيار ، ئاتۇش ئوغلى قاتارلىقلار يوقاپ كەتكىلى ئۇزۇن بولدى .
مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى سەككىز يىل بوپتۇ . مۇنبەر كوماندىمىزنىڭ قۇرۇلىشىدىن تارتىپ غەلبە قىلغانلىرىغىچە شاھىت بوپتىمەن . ئالىي مەكتەپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى يىلىدا ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن مۇنبەرداشلار بىلەن قان قېربنداشتەك ئۆتۈپتىمەن . بىللە توپ تېپىپتۇق ، كېچە كېچىلەپ بىرگە مۇسابىقىلەرنى ئويناپتۇق . ھەتتا سۇ ئۈزگىلى بارساقمۇ بىللە باراتتۇق . لېكىن مۇشۇ توي قىلدۇق ، دادا بولدۇق ، خىزمەتكە چىقتۇق دىگەن باھانىلەر بىلەن كومنىڭ ئالدىغا تازا كېلىپ بولالمايۋاتىمەن . ئۆزىرە …
تېمىڭىزغا رەھمەت !
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 19:31:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍امىركا  دەپ  بىر  ئ‍ەزا  بولىدىغان  بۇرۇن   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 19:33:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە 9 يىللىق ئەزا بولغان مەندەك بىر سادىق مانچىستىر مەستانىسىنى ئۇنتۇپ قاپسىز دە ،كۈزتىش دائىرىڭىزدە مەسىلە باركەن،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 19:34:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تانكىچاق بىلەن ئ‍وۋىن  ---ئ‍ارتۇق سۆز بىھاجەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 19:35:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئوغال نادىر تىما قىلىۋىتىپسىلىغۇ خانزادبەگ ئىلگىرىكىن چىن مىھرىڭلا بادە ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 19:37:39 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇھ……چوكىنات بايام شۇڭا شۇنداق قىپتىكەندە…
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-3 19:39:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tagderem يوللىغان ۋاقتى  2016-3-3 19:34
تانكىچاق بىلەن ئ‍وۋىن  ---ئ‍ارتۇق سۆز بىھاجەت

بۇ ئىككى مۇنبەردىشىمنى مەنمۇ بىلىمەن. لىكىن ئۇلار يىقىنىقى بىر يىل ما بەينىدە مۇنبەرگە كىرمەس بولۇپ كەتتى.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-3 19:41:31 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eliborisi يوللىغان ۋاقتى  2016-3-3 19:33
مۇنبەرگە 9 يىللىق ئەزا بولغان مەندەك بىر سادىق مانچىست ...

سىلىنىمۇ ئومدان بىلىمەن.  يىقىندىن بىرى سىلىنى مۇنبەردە ئۇچرىتالماس بولۇپ كەتتۇق.  


پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 19:47:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئازىغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-3 19:54  

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قېرىندىشىم خانزاد ۋە مۇنبەرداشلار.
مەن بۇ تېمىدا تىلغا ئىلىنغانلىقىمدىن ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن خانزاد ئەپەندىمگە ۋە مىنى قوللىغان بارلىق قىرىنداشلىرىمغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.  بەلكىم ھىسقىلغان بولىشىڭلار مۇمكىن، يىقىندىن بۇيان مۇنبەردە تېما ۋە ئىنكاسلىرىم ئازلاپ كەتتى. ئاللاھ خالىسا بۇ ئالدىراشچىلىقلار ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئاخىرلىشىدۇ. شۇ چاغدا مۇنبەرداشلار بىلەن قايتا، يېڭىچە قىياپەتتە دىدارلاشقايمەن.
                                                 - ئازىغ(مانچېستىر بىرلەشمىسى)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 19:48:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغلاردا سەلكىن مۇنبىرىدىمۇ مۇشۇنداق تىمىلار يىزىلاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-3-21 20:32

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش