ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 8620 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مانچىستىر شەھىرى گۇئادىيۇلانى ئورگان تورىدا ئىلان قىلغاندىن باشلاپ بىرلەشمىدە ئاساسەن ئۇتتۇرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن چىمپىيۇنلۇققا ئەڭ يىقىن كوماندا مۇشۇ ئىدى. بۇنىڭدىن مەن بەزى نەرسىلەرنى ھىس قىلغاندەك بولىۋاتىمەن. مەسىلەن پىلىرگىرىنى مانچىستىر شەھىرىنى قەستەن ئالدىنقى تۆتنىڭ ئىچىگە كىرگۈزمەسلىك غەرىزىدە بولىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.شۇنداق بولغاندا ئۇلار كىلەر پەسىل ئۇزغۇنلۇق ئوينىيالمايدۇ.پىلىرگىرىنىنىڭ مەخسىتىمۇ شۇ بولىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ گو تىرنىرنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىلان قىلىۋەتكىنىگە قاتتىق خاپا. ئۇ مانچىستىر يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۆزىگە ئازراقمۇ ھۆرمەت بىلدۈرمىگەنلىكىدىن قاتتىق نارازى بولغان. بەلكىم بىرلەشمىدە ئۇدا ئۇتتۇرۇپ كوماندىنى ئىتىپاققا چۈشۈرۈپ قويۇپ ئاچچىقىنى چىقىرىۋاتقان بولىشىمۇ مۇمكىن. بولمىسا بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە ئۇزغۇنلۇقتا يەنىلا ئىپادىسى ياخشى ئەمما بىرلەشمىدە شىددەت بىلەن چۈشىۋاتىدۇ.مىنىڭچە بۇ نورماللىق ئەمەس.مانچىستىر شەھىرى ئۇزغۇنلۇقتىن مەھرۇم قالماي دىسە پىلىگىرىنى دەرھال كەتكۈزىۋىتىپ ياردەمچى مەشقاۋۇلنى ۋاقىتلىق ئورنىغا قويۇپ تۇرغىنى ياخشى. |
|