ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3787 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم پۇتبول سۆيەر ئەزىز قىرىنداشلار ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيىرلىك بولسۇن .
خانلىق مادرىد 3-1 لېۋانت
بۈگۈن سەھەر دىيارىمىز ۋاقتى سائەت 2.00 دە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 27.ئايلانمىسىدا لىۋانىت بىلەن مادرىد مۇسابىقىلەشتى ، مۇسابىقە ناھايتى كەسكىن بولدى .
مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي رونالدو سىرىق كارتا ئىستېمال قىلدى ،مۇسابىقىنىڭ 32.مىنۇتىدا لىۋانىت مۇداپىئەچىسى لوكاس باسكىسنى يىقىتىۋەتتى رىپېر نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلدى ، بۇ توپنى رونالدو ئۇرۇپ كىرگۈزدى ،نەتىجە ۋاقىتلىق مادرىد بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە ئۆتتى ،مۇسابىقىنىڭ 37.مىنۇتىدا مادرىد قايتارما ھۇجۇمدا دانىلو پاس بەردى مايورال مادرىدتىكى تۇنچى توپىنى كىرگۈزدى ، ئارقىدىنلا لىۋانىت ئەزاسى 38.مىنۇتىدا بىر توپ قايتۇرۋالدى ، نەتىجە ۋاقىتلىق مادرىد بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاياقلاشتى .
مۇسابىقە داۋاملىشىپ 65.مىنۇتىدا رونالدو تۈۋرۈك سوقتى ، مۇسابىقىنىڭ 72.مىنۇتىدا كاسمىرو يارلىنىپ ئورنىغا كىۋاچىچ چىقىتى ، مۇسابىقىنىڭ 79.مىنۇتىدا جامىسنىڭ ئورنىغا ئىسكو مەيدانغا چىقتى ، مۇسابىقىنڭ 84.مىنۇتىدا مايورالنىڭ ئورنىغا خىس مەيدانغا چىقتى ، مۇسابىقىنىڭ قوشۇپ برىلگەن بۆلىكىنىڭ 91.مىنۇتىدا ئالمىشىپ مەيدانغا چىققان ئىسكو بىر توپ كىرگۈزدى ، شۇنىڭ بىلەن مۇسابىقە ئاياقلاشتى .
بۇ مەيداندا مادرىدتىن مەيدانغا چىققان ئەزالار ،
ۋاتا : ناۋاس ،
مۇداپىيەچىلەر :دانىلو ، پىپى ، ۋارانى ، ناچو ،
ئوتتۇرا مەيدان :كىروس ، كاسمىرو ( كىۋاچىچ )،
ئالدى بەل : رونالدو ، جامىس (ئىسكو)، لوكاس باسكىز ،
ھۇجۇمچى : مايورال (خىسەي )
|
-
|