elan ornielan orni
كۆرۈش: 2850|ئىنكاس: 138

رونالدو خاتالاشتىمۇ ……?

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇدۇن1314 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-3-3 00:05  

                          ئالدىنقى شەنبە كۈنى ئاق قوشۇن مادرىد دېربىسىدە 1-0 كىرلىگلەرگە ئۇتتۇرۇپ قويدى ,ئەلۋەتتە ئۇتتۇرۇش ئاق قوشۇنغا ناھايىتى ئېغىر كەلدى ,رونالدومۇ مۇسابىقىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا ئاجايىپ سۆزلەرنى قىلىپ بېرنابۇدا زور داۋالغۇش پەيدا قىلدى ,
ئۇنىڭ بۇ سۆزى ئارقىمۇ -ئارقا سىرىتقى دۇنيانىڭ ئىنكاسلىرىغا ئۇچرىدى ……

          image.jpg

رونالدونىڭ ئېيىتقىنى خاتامۇ ۋە ياكى توغرىمۇ  ?بۇ توغرىسىدا ئازراق مۇنازىرە ئېلىپ باقايلى ……


《رونالدو خاتالاشتىمۇ? 》

پۈتۈن ئىش جەريانى مانا مۇنداق ! رونالدو تاراتقۇلار ئالدىدا ئۆزىنىڭ سەبداشلىرنى ئەيىبلىغاندىن باشقا پۇتبول دىگەن بۇ تەنتەربىيەنىڭ كوللىكتىزىملىق تەنتەربىيە ئىكەنلىلىنى ئۇنتۇپ قالدى ,سىرىتقى دۇنيا رونالدونىڭ سەبداشلىرنى ئەيىبلىشىغا قارتا بىز چۇقۇم قەتئى قارشى تۇرشىمىز كېرەك دېدى,رونالدومۇ ئۆزىمۇ بۇ توغرىسىدا سەبداشلىرىدىن سەمىمىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورىدى لىكىن بىر تۈركۈم مەستانىلەر  گەرچە پۇتبول مۇسابىقىسى قايناق چەكسىز ھېسياتلىق مۇسابىقە بولسىمۇ مۇسابىقىدىن كېيىن  قۇرۇق گەپ سېتىش توغرا ئەمەس دەپ رونالدونىڭ كەچۈرۈم سۆزىگە پىسەنىت قىلمىدى ……

گەرچە خانلىق مادرىد 7-نومۇرى ئۇشبۇ سۆزىگە چۈشەنچە بېرىپ “ئەگەر سەبداشلىرىمنىڭ سەۋىيىسى مېنىڭدەك يۇقرى بولغان بولسا خانلىق مادرىد بىرىنچى بولاتتى ”دىگەن سۆزىدىكى “سەۋىيەنى بەدەن ۋە قارشىلىق رىقابەت سەۋىيەسى  ”دەپ چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ بىراق 7-نومۇر نەق مەيداندا ئۆزىنىڭ شەخسى تېخنىكىسىنى ئېيىتقاندەك قىلاتتى  ,بۇ ئەھۋال ئەينى يىلى (dick van dyke )دىك ۋاندايىك “خۇشاللىق كىشىلەر ئچىدە تولۇپ تاشسۇن ”دىگەن ناخشىسىدكى لوندون شىۋىسىدە ئوقۇغان ناخشىسى ئۇقۇشماسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالغا ئوخشاپ قالغان ……

بىراق مىنىڭ قارشىمچە رونالدونىڭ ئەينى ۋاقىتتا“سەۋىيە”نى ئېغىزىغا ئالغان چاغدا ”ئالدى بىلەن  تالانىت ,ئىقتىدارنى ئەڭ ئاخىردا ئازراق بەدەن سۈپەت جەھەتتە توختالغان ”
بىراق نىمىلا بولسۇن ھازىر رونالدونى قارلاۋاتقانلار بەك كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن يەنىلا رونالدونىڭ ئاشۇ سۆزنى قىلغانلىقىغا ھەقىقى جەزمىيەت قىلالمايمەن ۋە يەنىلا رونالدو تەرەپتە تۇرۇپ ئازراق تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى مەن ……

ئالدى بىلەن بىز رونالدونىڭ زىيارەت قۇبۇل قىلغان ۋاقىتتا ئېيىتقان سۆزىنى ئوبدانراق ئويلىنىپ باقايلى …
بىز رونالدونى ئەينى ۋاقىتتا شۇ سۆزنى سەبداشلىرىنى چۈشۈرۈپ قىلغان بولسا باشقىچە سۆز قىلغان بولاتتى لىكىن رونالدو ئەمىلىيەتتە مەنىسى مۇنداق بولغان بىر سۆزنى قىلدى :ئەگەر كۆپ ساندىكى سەبداشلىرىم كۆپىنچە ۋاقىتتا مىنىڭ سەۋىيەرىمگە يىتەلىگەن بولسا ,مىنىڭدەك ھالەتكە ئىگە بولالىغان بولسا بىز ناھايىتى كۆپ توپ كىرگۈزگەن ,ناھايىتى كۆپ لوڭقىلارغا ئېرىشكەن بىرلەشمىنىڭ چوققىسىىدا ماڭغان بولاتتۇق .

          image.jpg

رونالدو خاتالاشتىمۇ ?ياق ئۇ خاتا قىلمىغان ……
     


                      《رونالدو ناچارمۇ 》

بىر كەسپى پۇتبولچى بولۇش سۈپىتى بىلەن رونالدو ئۆزگېرىشكە باشلىدى ,ئۇ ئاللىقاچان بۇرۇنقىدەك تەلۋىلەرچە  گۈزەللىككنى قوغلاشمايدۇ ھەم مۇسابىقىدە يارلىنىشىمۇ ناھايىتى ئاز ,مۇسابىقىلەردە ئۆزىگە تايىنىپ مۇسابىقىنى ھەل قىلىمايدۇ بولۇپمۇ يامانراق رەقىبلەرگە دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا شۇنداق ھالەتنى داۋاملاشتۇردى ……
شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئۇزغۇنلۇق كىچىك گورۇپا مۇسابىقىسدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى ياراتتى لىكىن بۇ پەسىل ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە سۇيارىزدىن 3 توپ ئاز كىرگۈزۈپ ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى .

بىز ئاددى قوشۇش ئۇسۇلى بىلەن ھىسابلىساق بىز چۇقۇم رونالدونىڭ ئۇزغۇنلۇق ۋە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە 35 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 34 توپ كىرگۈزدى ,بۇنىڭدەك سان -سېفىر سۇيارىزدىن باشقا ھەرقانداق ھۇجۇمچىنىڭ ھەسىدىنى قوزغايدۇ …

       image.jpg

تېخى ئۇزۇن  بولمىدى ,ئەگەر  بىر ھۇجۇمچى بىر پەسىلنى ھەرتۈرلۈك 35 مەيدان مۇسابىقىدە 34 توپ ئۇرۇپ ئاخىرلاشتۇرسا ئۇ ھۇجۇمچى ئاللىقاچان كىشىلەرنىڭ نەزرىدىكى ئەڭ قالتىس ھۇجۇمچى دەپ قارىلاتتى ,بىراق بىزنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى رونالدو 3 ئاي ئەمدى كىرىپ بولغىچە بۇ ساننى تاماملىدى ,راس !رونالدو بۇ توپلارنىڭ كۆپراقىنى ئاجىز كوماندىلارغا كىرگۈزگەن ,لىكىن رونالدونىڭ مەلۇم توپى خانلىق مادرىدنىڭ بۈگۈن لوڭقا رىقابىتىدە چېپىپ يۈرگەنلىكىگە زور تۆھپە قوشقانلىقى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ,ئۇزغۇنلۇقتا مالموغا ئۇرغان ئىككى توپى ,رىمغا ئۇرغان تۇنجى توپى قانداقلا بولسۇن رونالدو بىر ياخشى مەرگەن …

ئۇ بۇ پەسىلدە كۈچلۈكلەردىن ھوسۇل ئالالمىغان ,مادرىد ئاتلىتكا ,بارسېلونا, ۋىللارىيال ,سەرۋىلىيا ,پارىژ سانىت گېرمان قاتارلىق كۈچلۈكلەرگە ئۇچرىغاندا  رونالدو توپ ئۇرالمىغان ,بىراق گەپنى قايتۇرۇپ ئەكەلسەك ئارسېنال ,مانچېستىر بىرلەشمىسى ,ئىنتېر مىلەن ,acمىلەن ,دورىتمونىد ,مادرىد ئاتلىتكا ,مانچېستىر شەھىرى  35 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە 1 دىن توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچى ئۈچۈن 60 مىلىيون پۇل چىقىرىشنى خالامدۇ ?مېنىڭچە ئۇلار جان-جەھلى بىلەن چىقىرىشنى خالايدۇ !

دىمەك رونالدو ناچار ئەمەس تېخى ناچار ھالەتكە كەلمىدى ,دۇنيا پۇتبولى تەرەققى قىلىپ 35 مەيدان مۇسابىقىدە 34 توپ كىرگۈزگەن مەرگەننى ناچار دىگۈدەك تەرەققى قىلمىدى دەپ ئويلايمەن ……

《سەبداشلىرى ناچارمۇ 》

ئۈستۈدىكى بىر قاتار سان -سېفىرلارنى مۇنازىرە قىلغاندىن كېيىن مىنىڭ مۇنداق بىر سۇئال سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ ,رونالدونىڭ “ئۇلار مەندەك قالتىس بولغان بولسا خانلىق مادرىد بىرىنچى بولاتتى ” دىگەن سۆزنى قىلىش ھوقۇقى بارمۇ ?مىنىڭچە  رونالدونىڭ بۇ سۆزنى قىلىش ھوقۇقى بار !ئەمىلىيەتتىن قاراپ بېقىڭ ,سان سىفىردىن قاراپ بېقىڭ گەرچە رونالدونىڭ بۇ سۆزى ئادەمنى بىئارام قىلسىمۇ لىكىن بۇ ئەمىلىيەت !

خامىس ,ئىسكو ,كىروس ,راموس,پىپى ,ۋارانى ,بېل ,بېنزىما 35 مەيداندا 34 توپ كىرگۈزدىمۇ ?
ياق قەتئى مۇمكىن ئەمەس !ئۇللارنىڭ ھېچبىرى بۇنچىلىك كاتتا ساننى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدۇ گەرچە بۇ خىل سېلىشتۇرۇش ئادەمنىڭ ئەقلىدىن ئازراق ئۆتمىسىمۇ  ,بېل يارلىنىشتىن بۇرۇن كوماندىنىڭ باش يادروسى ئىدى لىكىن ئۇ ۋاقتىنى يارلىنىپ داۋالىنىش بىلەن ئۆتكۈزدى ,ئەگەر رونالدونىڭ سەبداشلىرى ئىچىدىن رونالدو بىلەن سېلىشتۇرغىدەك توپچى تاپماقچى بولساق ئۇ چوقۇم بېنزىما بىلەن ناۋاس يەنە يارلىنىش بىلەن قانلىق جەڭ قىلىۋاتقان مۇدرىچ ,ئۇنىڭ بۇ پەسىلدىكى قالتىس ئىپادىسى رونالدو بىلەن سېلىشتۇرۇشقا شەكسىز لايىق !

         image.jpg

گەرچە رونالدونىڭ بۇ سۆزى كوماندىنىڭ جەڭگىۋارلىق روھىغا تەسىر قىلسۇن ۋە مەيلى كۇلۇب زور داۋالغۇشقا ئۇچراۋاتقان بۇنداق پەيىتتە بۇ خىل سۆزنىڭ چىقىشى تازا مۇۋاپىق بولمىسىمۇ رونالدونىڭ خانلىق مادرىدنىڭ پۇتبولچىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ قالتىس, ئەڭ داڭلىق ,ئەڭ قىممەت توپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن سەبداشلىرىنى ئەيىبلەب قىلغان ھېچبىر سۆزى خاتا ئەمەس!بىراق ئاخباراتچىلارنىڭ ئالدىدا تېلىۋېزىيە زىيارەتلىرىدە گەپ-سۆزنى ئۇدۇللا قىلىدىغان رونالدو ھەر ۋاقىت پۈتمەس-تۈگىمەس زاڭلىق قىلىشلارغا ۋە سان -ساناقسىز ھۇجۇملارغا ئۇچرايدۇ …

رونالدو مۇسابىقىدىن كېيىن زىيارەتنى قۇبۇل قىلىپ “ئەيىبلەش ”سۆزىنى قىلغاندىن كېيىن بەزى كىشىلەر ئۇنى  كۆرەڭلەپ خۇددىنى يوقۇتۇپ قويدى دېدى ,بەزىلەر ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى ۋەيران قىلىۋاتىدۇ دېدى ,بەزىلەر ئۇنى كاجلىق بىلەن گېپىنى يورغىلتىىۋاتىدۇ دېدى ,بەزىلەر ئۇنى شەخسى مەنپەئەتپەرەس دېدى,بەزەر ئۇنى ئەخلاق تەربىسى كۆرمىگەن سەھرالىق دېدى ,بەزىلەر ئۇنى ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلمايدۇ دېدى ھەتتا ئۇنى نىيىتى يامان ناچار دېيىشىپمۇ ئۈلگۈردى ……

《سۆزلەشكە رۇخسەتمۇ ?》

ھەرقايسى قېرىنداشلار ئويلۇنۇپ بېقىڭلار !ئەگەر ھەقىقى سۆزنىمۇ دىگىلى بولمىسا ئۇنداقتا قايسى سۆزنى دىگۈلۈك ?ئەگەر ھازىرقى مادرىد مۇشۇنداق ئۆتكۈر تەنقىتلەرگە مۇھتاج بولۇپ قالسىچۇ ? بەلكىم بۇنداق نەپرەتنى قوزغايدىغان سۆز  ئەگەر باشقا ئەزالارنى تەسىرلەندۈرۈپ تېخىمۇ تېرشىشغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن !بەلكىم مۇشۇنداق قاتتىق ئارلاشقان سۆز كوماندىنىڭ ئەمىلىيىتىنى بىر بالداق ئۈستۈن كۆتۈرىشى مۇمكىن .

ئەگەر بىز بۇ مۇنازىرەنى ئازراق كېڭەيتىپ پەرەز قىلىپ باقساق ……ئەگەر ھازىر رونالدو كۆپ مۇسابىقە ئوينىيالمىسا ,ئىپادىسىمۇ چېكىنىپ كەتسە  (بۇمۇ يىراق ئەمەسقۇ ئىشقىلىپ ئۇ ياشلىقىدىن ئۆتۈپ بولدى   )  ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى سەبداشلىرىنى ئىلھاملاندۇرۇپ رونالدونىڭ ئىپادىسنى تۇلۇقلاش خانلىق مادرىدقا مۇھىممۇ ?

رونالدونى داۋاملىق “سىقىپ ”ئۇنىڭ بەدەن ۋە روھى تەرپىدىكى رىقابەت روھىنى يەنە بىر بالداق كۆتۈرگۈزۈپ ئۆزى يالغۇز مەيداندىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىنى ئۈستىگە ئېلىشى خانلىق مادرىد ئۈچۈن مۇھىممۇ ?

بۇ ئىككى سۇئالنىڭ جاۋابى :ھەر ئىككىلىسى شەكسىز مۇھىم !

       image.jpg

رونالدو ئۈمۈدسىزلىكتىن ياش تۆكىشىكە تامامەن ھەقلىق !ئۇ بۇ پەسىلدە نۇرغۇنلىغان رىكورىتلارنى ياراتتى ئۆز كوماندىسغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن جېنىنى تىكتى ,باشقا كارۋاخال ,بېنزىما ,بېل ,مارسېلوغا ئوخشاش ئەڭ مۇھىم توپچىلار يارلىنىپ ئارام ئالدى ,ئۇنىڭ ئۈستىگە پەسىل بېشىدا شاھلىق لوڭقىسىدىن شاللاندى لوڭقىدىن شاللاپ قويۇپ پىسەنىتمۇ قىلمىغان تېرنېر ئىشتىن بوشۇتىلدى ,سەبداشلىرىدىن باشقا رونالدو كىمدىن ئاغرىنىدۇ?رونالدو يەنە كىمگە نارازىلىقىنى بىلدۈرىدۇ ?سەبداشلىرىدىن باشقا ئۇ يەنە كىمگە ئاچچىق دەرىتلرنى تۆكىدۇ ?ئاددىسى مادرىد دېربىسىدە رونالدونىڭ قايسى سەبدىشنىڭ ئىپادىسى رونالدودىن ياخشى بولدې?

ئىسپانىيە تاراتقۇلىرنىڭ 14-يىللىق ئالتۇن توپ ساھىبىغا ئۆچلۈك قىلىشدا يەنە بىر سەۋەب بار ئۇ بولسىمۇ سەن قانداق بولىشىڭدىن قەتئى نەزەر ئاشكارا ھالدا سەبداشلىرىڭنى ئەيىبلىمەسلىكىڭ كېرەك !بۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغان بىر ئەھۋال  گەرچە رونالدونىڭ “ئەيىب ” سۆزىنىڭ پاكىتى بولسىمۇ بىراق تاراتقۇلار رونالدوغا ھۇجۇم قىلدى ,رونالدو پەقەت كوماندىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرۈشنىلا خالايىتتى ……

مۇبادا ئۆزىمىزنى رونالدونىڭ ئورنىدا قويساق ئۇشبۇ سۆزنىڭ بېشىغا نۇرغۇن ئاپەتلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ بۇ بىر ئېغىز سۆزنىڭ كوماندا ئىچىدىكى بەزى توپچىلارنىڭ ئىپادىسىگە مەلۇم تەسىر قىلىدغانلىقىنى ئويلاپ قىلىش ئۇنچە خاتا ئىشمۇ ئەمەس ……


ئەلۋەتتە بۇ ئىش رونالدو ۋە پۈتۈن كوماندا ئەزالىرى ئوتتۇرسىغا تەسىر قىلىشى مۇمكىن لىكىن ئىش بىز مەستانىلەر ئويلىغاندەك بولمىدى ,راموس بۈگۈن رونالدونى ئاقلىدى …كېيىنمۇ باشقا سەبداشلىرى رونالدونى چۈشىنىپ راموستەك كۆكرەك كېرىپ چىقىپ رونالدونى ئاقلىشى مۇمكىن !

《خۇلاسە 》

قىسقىسى رونالدونىڭ ئاچچىقلىنىشى مۇۋاپىق ئەھۋال ,ئەگەر رونالدو بۇ يىلمۇ خانلىق مادرىدنى يېتەكلەپ بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشەلمىسە ئۇنداقتا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىگە كەلگەن 7 يىلدىن بۇيان بىر قېتىملا لوڭقىغا ئېرىشكەن بولىدۇ ,بۇنى رونالدودىنلا كۆرۈش كېرەكمۇ ?گەرچە ئۇ  دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس كۇلۇبدا توپ تېپىۋاتقان بولسىمۇ بۇ يەردە مۇۋاپىق تەبتەربىيە نازارىتى ,پۇتبول نازارەتچىسى يوق ,بۇ يەرگە كەلگەن تېرنېر 4-ئايدىن كېيىن ئۆزىنىڭ قەيەردە تۇردىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ئاددىسى ئۇلارنىڭ ئۆزىنى پۇتبولنى بەك بىلەرمەن چاغلايدىغان بىر رەئىسى  بار ……!  


بۇ بىر ئەقلى ھۆكۈم !ئىللىق مۇنازىرە قىلساق دىگەن ئاساستا يېزىلدى ……!
   

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +55 يىغىش سەۋەبى
ezitku + 50 جانلىق تەھلىل
سايرام22 + 5 بىر تەرەپلىمە

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-3-3 00:19:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍اپتۇر  قان رونالدوچى ئ‍ىكىنلىكىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ
ئ‍ېسكو كىروس كارۋاخال نىمىشقا رونالدودەك توپ ئ‍ۇرمايدۇ   بۇ ئ‍ەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس

شاھلىقتىن شاللىنىشنى بىنتىزغا ئ‍ارتىشمۇ خاتا   ھەم سەۋەنلىك يوقمۇ ئ‍ەمەس    رونالدو شۇ توپلانى شەبداشلىرىنىڭ ياردىمىسىز ئ‍ۇرغان ئەمەس،

قىسقىسى قان رونالدوچىلاغا   نىسپەتەن رونالدو نىمىلا قىلسا توغۇرا
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 00:19:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئادەمگە باھا بىرىشكە مەن ئاجىزكەنمە  باشقىلارنىڭ باھاسىنى كۈرەي .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 00:20:12 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىسەم بولار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 00:23:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدونىڭ ئ‍ىپادىسى ياخشى بۇۋاتىدۇ   لىكىن   شەبداشلىرىنى ئ‍ونداق ھاقارەت قىلىش خاتا
ئ‍ۇنۇڭ ئ‍ورنىغا   رەغىبەتلەندۈرۈش كىرەك

ھازىرقى شان شەرەپلىرىنىڭ ياردىمىدە كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 00:24:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جوڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ قوشنا كۇلۇپلارنىڭ ئىچىكى ئىشىغا ئارلاشماسلىقىڭلىنى ئۈمۈت قىلىمەن چوڭ - كىچىك ،توڭ  -  پىششىق بارلىق مەستانىلەر [s:126][s:126][s:126][s:126][s:126][s:126][s:126]
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 00:24:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ رۇنالدۇ خاتا قىلمىدى، شۇنچىلىك كۈچ بىرىپ تۇرۇپ بۇنچىلىك گەپنى قىلغانغا شۇنچىلىكمۇ ئ‍ەزۋەيلەپ كىتەمدۇ…ئۇمۇ كولۇپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئ‍ىتقاندۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 00:25:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىممەڭدىكى مەجبۇرىيەتلەر ئارىسىدا باشقىلارغا باھا بېرىش مەجبۇرىتىڭ يوق -- بىر دانا ئالىمنىڭ سۆزى--
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 00:29:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىگەن بولسا كەچۈرۈم سوراپتىكەنغۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 00:30:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سايرام22 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-3 00:19
ئ‍اپتۇر  قان رونالدوچى ئ‍ىكىنلىكىڭىز چىقىپ تۇرۇپتۇ
ئ‍ ...

شاھلىقتىن شاللىنىش 60% بىنىتىزنىڭ گۇنايى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 00:32:06 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتىستۇتا11 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-3 00:24
جوڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىدا تەۋرەنمەي مېڭىپ قوشنا كۇل ...

سىللى بىر ئىشقا ئازىراق نارازى بولىۋىتىپلا ؟ مەنمۇ بىر ئىشقا ئازىراق نارازى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-3 00:34:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ronalido777 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-3 00:32
سىللى بىر ئىشقا ئازىراق نارازى بولىۋىتىپلا ؟ مەنمۇ بى ...

مەندىن نارازى يەرلىرى بولسا ئۇچۇر قالدۇرسىلا ، چاي قۇياي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-3-21 20:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش