ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 327 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئىسپانىيە "مەخپىيەتلىك تورى" نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىلورىندىنو ئىككىنچى قېتىملىق رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇشنى قارار قىلغان. رەئىسنىڭ يېقىنلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە رەئىس بۇ يىل يازدا سايلام ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ ھەمدە ئۆزى سايلامغا قاتناشمايدىكەن.
مادرىد دېرىبىسىدا مادرىد رىقابەتكە ئۇتتۇرغاندىن كېيىن تۈمەنلىگەن مەستانىلەر مەيلى مۇسابىقىدىن بۇرۇن ياكى كېيىن بولسۇن رەئسىنىڭ ئىشتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش سادالىرى ئۈزۈلمىگەن، كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىدىمۇ مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش توغرۇلۇق سۆز چۆچەكلەر ئۈزۈلمىگەن، بۇ ئىشلاردىن كۆڭلى سۇۋۇغان رەئىس ئىستىپا بىرىشنى قارار قىلغان.
رەئىسنىڭ ئىستىپا بىرىشى ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم مەغلۇب بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، خان مادرىد مەيلى ياۋروپا سەھنىلىرىدە ياكى بىرلەشمىدە بولسۇن بارسىلونانىڭ كۆلەڭگىسىدىن قۇتۇلالمىغان، رەئىسنىڭ داغدۇغا بىلەن بازارغا سالغان پۇتبول ئۇسلۇبى ۋە سودا قىممىتىنى كۆپرەك ئويلىشىپ تۈزۈپ چىققان سەپ شەكىللىرى ئارقا ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان، نۇرغۇن قارارلار ئالدىراقسانلىق بىلەن چىقىرىلغان بولۇپ، ئۇزاق مەزگىلنى ئويلىشىدىغان قارارلار ناھايىتى ئاز بولغان.
ماكا گېزىتى يېقىندا " مادرىتنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە كىم مەسئۇل" دىگەن تېمىدا راي سىناش ئېلىپ بارغان بولۇپ، 25816 ئادەمنىڭ ئىچىدىن 57.60% ئادەم رەئىسنىڭ مەسئۇلىيىتى دىگەنگە بىلەت تاشلىغان.
مەيلى لوڭقا ئالسۇن ئالمىسۇن دۆلەت دېربىسىدا بارسىلوناغا، مادرىد دېربىسىدا ئاتلىتكىغا بوزەك بولۇش مەستانىلەرنىڭ ئەڭ كۆرۈشنى خالىمايدىغان نەتىجە بولۇپ قالغان. ئارقا- ئارقىدىن بارسىلونى ۋە ئاتلىتكىنى ئۇتالماسلىق مەستانىلەرنىڭ سەۋر قاچىسىنى توشقۇزغان بولىشى مۇمكىن.
|
|