ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 6161 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مانچىستىر شەھرى 4-2 لىۋىرپول
ئاخشام ئىنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ، كىلوپ باشچىلىقىدىكى لىۋىرپول كوماندىسى بىلەن ، پىللىگىرنى باشچىلىقىدىكى ، مانچىستىر شەھرى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرىلدى. مۇسابىقە لىۋىرپولنىڭ مەيدانىدا ئوينالدى. مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ، جىددى ۋە ئالاھىدە يۇقۇرى سەۋىيەدە ئوينالدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 47 مىنۇت بولغاندا ، ئاگۈيرو توپنى كونتىرول قىلىپ ، ئوڭ تەرەپتىن لىۋىرپول قاپقا رايۇنىغا بۆسۈپ كىرۋاتقان ،فىرناندىنخوغا پاس بەردى. فىرناندىنخو توپنى ئوڭ تەرەپتىن قاپقىغا قارتىپ كۈچلۈك تەپتى. توپ لىۋىرپول قاپقىچىسى مىگۇلاند نىڭ قولىغا تىگىپ كىرىپ كەتتى. مانچىستىر شەھرى ۋاقىتلىق ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى.
لىۋىرپول 1 توپ ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا ، مانچىستىر شەھرىگە كۈچلۈك ھۇجۇملارنى ياغدۇرۋەتتى. ئاگۈيرومۇ نەچچە قىتىم ،لىۋىرپول قاپقىسىغا خەتەرلىك ھۇجۇم قىلدى. مۇسابىقە داۋاملىشىپ ، زاپاس بولۇپ مەيدانغا چۈشكەن لالانا،سەبدىشىنىڭ ئوڭ تەرەپتىن بەرگەن توپىنى ، مانچىستىر شەھرنىڭ قاپقىسىغا تەپتى، توپ قاپقا تۈۋرۈكىگە تىگىپ ينىپ چىقتى . پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان لىۋىرپولنىڭ 10-نۇمۇرلۇق چولپىنى كوتنھو بۇ توپنى ئۇرۇپ قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلىدى. نەتىجە 1-1 بولدى.
مۇسابىقە تىخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى. ھەر ئىككى كوماندا بوش كەلمەي شىددەتلىك ھۇجۇملارنى قىلغان بولسىمۇ ،ئىككى كوماندا قاپقاۋۇللىرنىڭ ئالاھىدەئىپادىسى بىلەن توپ كىرمەي 90 مىنۇت تەڭلىشىپ قالدى. كىيى 30 مىنۇت قوشۇپ بىرىلدى. بۇ مۇسابىقە بۆلكىدىمۇ توپ كىرمەي ئىككى كوماندا ،ئىچىنىشلىق نوقتا توپ جىڭىگە كىرىپ كەتتى. نوقتا توپ جىڭىدە ، مانچىستىر شەھرنىڭ قاپقاۋۇلىنىڭ ئىسىل ئىپادىسى بىلەن 2-4 نەتىجە بىلەن مانچىستىر شەھرى لىۋىرپولنى مەغلۇپ قىلىپ ،2015-2016يىللىق ئىنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.
مانچىستىر شەھرى غەلبە تەنتەنىسىگە چۈمدى.
|
|