بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇچتىكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-27 22:39
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۈگۈن كېچە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت9 دا مادىرد شەھىرى بىرنابۇ پۇتبول مەيدانىدا ئىسپانىيە زەردارى رېئال مادىرد كوماندىسى ئۆزشەھىرىدىكى كۈچلۈك كوماندا مادىرد ئاتلىتكا كوماندىسىنى كۈتىۋېلىپ، بىرلەشمىنىڭ 26-ئايلانمىسىنى ئوينايدۇ. بۇ پەسىلدىكى تۇنجى ئۇچرىشىشتا رېئال مادىرد بىر توپ ئالدىدا تۇرغان ئەھۋالدا، خاتا تاكتىكا بىلەن بىر توپ كۈتكۈزۈپ، مېھمان مەيداندا تەڭلىشىشىپ قالغان. ھازىر زىدانى دەۋرى باشلىنىپ بولدى، بۈگۈنكى كوماندا بولسا زىدانى دۇچ كەلگەن ئەڭ كۈچلۈك كوماندا دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر خانلىق مادىرد 54 نومۇر بىلەن 3-ئورۇندا بولۇپ، 55نومۇر بىلەن 2-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئاتلىتكىنى بۈگۈن يەڭسە 2-ئورۇنغا چىقىدۇ
مادرىد ئورگان تەرەپ ئىسپانىيە 26- ئايلانما مۇسابىقسى يەنى مادرىد دىبرىيسىغا قارىتا 19 كىشلىك تىزىملكنى ئېلان قىلغان ، مارسېلو ، پې پې ،بېل قاتارلىقلار يارلىنىش تۈپەيلى چۈشۈپ قالغان ، 2-سەپ كوماندىسدا قالتىس ئىپادىسنى جارىي قىلدۇرۋاتقان مايورال تىزىملىككە كىرگەن .
مادرىد 19 كىشلىك تىزىملىك
ۋاراتارلار : ناۋاس ، كاسلىيا ، يانىس
بېك :ۋارانىي ، راموس ، كارۋاخال ، ناچو ، دانىلو
ئوتتۇرا مەيدان : كىروس ، جامىس ، كاسمىرو ،كوۋاكىچ ، مودرىچ ، ئىسكو
ھۇجۇم : رونالدو ، بېنىزىما ، باسكىس ، خېس، مايورال
مۇسابىقنىڭ كۆرۈش نوقتىلىرى
بۇ قېتىملىق ئىسپانىيە بىرلەشمىسدە مادرىد 71 توپ كىرگۈزۈپ بولدى ، بەش چوڭ بىرلەشمىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن كوماندا . ئاتلىتكا ئاران 11توپ كەتكۈزدى ، مېھمان مەيداندىكى 13 ئايلانما مۇسابىقە ئىچىدە 5توپ كەتكۈزگەن ، بۇ ئىككى سانلىق قىممەت بەش چوڭ بىرلەشمىدە ئەڭ قالتىس ، ئۆتۈپ كەتكەن 180مىنۇت ئىچدە سىمونىينىڭ قوشۇنى رەقىبلرىنى 1 قېتىممۇ ئۆز ۋاراتارىغا توپ تەپكۈزمىگەن ، بۇ قېتىمقى مادرىد دىبرىيسى بەش چوڭ بىرلەشمىدىكى قالقان بىلەن نەيزىنىڭ جېڭى شۇنداقلا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى مۇسابىقە !
مادرىدنىڭ ئۇتالماسلىق قەدىمى
مادرىد 71 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاتلىتكنى 6 مەيدان ئۇتالماسلىق تارىخنى ياراتتى ، 5 مەيدان ئۇدا ئۇتالماسلىق تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ناچار نەتىجە .
رونالدو PK گىرزمەن
رونالدو ئۇدا 4 مەيدان مادرىد دىبرىسدا توپ ئۇرۇپ باقمىدى ، بۇ رونالدونىڭ مادرىتقا قوشۇلغاندىن بۇيان مادرىد دىبرىيسدىكى ئەڭ ئوسال ئەھۋال .ئوخشاشلا گىرزمەنمۇ بىرلەشمىدە 5 مەيدان ئۇدا توپ ئۇرالمىدى ، بۇ ئىككى چولپاننىڭ قايسى توپ ئۇرىدۇ ؟
بىۋاستە كۆرۈش ئادىرسى :
http://pub.pptv.com/player/ifram ... h=600&id=300384
|