elan ornielan orni
كۆرۈش: 1271|ئىنكاس: 19

ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاياقلاشتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

QQ图片20160227210514.jpg
ئاتۇش  شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن  2016-يىللىق ئاتۇش لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى تۆنۈگۈن ۋە بۆگۈن ئېلىپ بېرىلدى.

تۆنۈگۈن ئېلىپ بېرىلغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئەڭ قىزىغان ۋە ئەڭ كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان ئىككى مەيدان مۇسابىقە بولۇپ قالدى.
چۈشتىن بۇرۇن ئا گورۇپپىدىن بىرىنجى بولۇپ چىققان ئازاق كوماندىسى بىلەن ب گورۇپپىدىن ئىككىنجى بولۇپ چىققان ئۈستۈن ئاتۇش كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئوينالدى،ئىككى كوماندىنىڭ كۈچ پەرقى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولغاچقا مۇسابىقە رېتىمى ناھايىتى تېز،يۇقىرى سەۋىيەدە ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ئىككى تەرەپ كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى، ئازاق كوماندىسى ئاۋال بىر توپ كىرگۈزۈپ ئالدىغا ئۆتتى . كىيىنكى مەيدان توشۇپ قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتتا (يەنى93مىنۇت بولغاندا) ئۈستۈن ئاتۇش كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيەدە بوغوزلاش خاراكتىرلىك بىر توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.قوشۇپ بىرىلگەن 30مىنۇتتا ئىككى تەرەپ قاتتىق تىركەشكەن بولسىمۇ توپ چۈشمەي 1-1 نەتىجە بىلەن نۇقتا توپ جېڭىگە قەدەم قويدى.ئاخىردا ئۈستۈن ئاتۇش كوماندىسى 5-4 نەتىجە بىلەن ئازاق كوماندىسىنى شاللاپ ھەل قىلغۇچقا كىردى.

چۈشتىن كىيىن ب گورۇپپىدىن بىرىنجى بولۇپ چىققان سۇنتاغ كوماندىسى بىلەن ئا گورۇپپىدىن ئىككىنجى بولۇپ چىققان ج خ كوماندىسى مەيدانغا چۈشتى.
ئاۋال سۇنتاغ كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزدى، كىين ج خ كوماندىسىنىڭ 11- نومۇرلۇق ئەزاسى ئارقا-ئارقىدىن 2 توپ كىرگۈزۈپ ئالدىغا ئۆتتى. ئاندىن سۇنتاغ كوماندىسىدىن كاپىتان پەرات نۇقتا توپ كىرگۈزۈپ نەتىجە 2-2 بولدى ،ئاخىردا ج خ كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق نۇمۇر ئالغۇچىسى 11-نومۇر بۇ مەيداندىكى 3- توپىنى كىرگۈزۈپ قالپاق ئويۇنى ئوينىدى.كىيىن نەتىجە ئۆزگەرمەي ئاتۇشتىكى چولپانلارنى يىغىۋالغان سۇنتاغ كوماندىسى ئېچىنىشلىق شاللاندى.
بۆگۈن ئەتىگەن سۇنتاغ كوماندىسى بىلەن ئازاق كوماندىسى 3- لىكنى تالىشىپ مۇسابىقىگە چۈشتى .120مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە توپ چۈشمەي نۇقتا توپ تىپىشىپ، ئازاق كوماندىسى 4-2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلدى.
QQ图片20160227210533.jpg
QQ图片20160227210601.jpg
چۈشتىن كىيىن ئۈستۈن ئاتۇش كوماندىسى بىلەن ج خ كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىدى.
ئۈستۈن ئاتۇش كوماندىسى ئالدىنقى مەيدان كىرگۈزگەن ئىككى توپقا تايىنىپ 2-0نەتىجە بىلەن ج خ كوماندىسىنى يېڭىپ لوڭقا كۆتۈردى.
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تۆنۈگۈن ئوينالغان يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدەك بەك قىزىمىغان بولسىمۇ ،تاماششىبىنلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ 25مىڭدىن30مىڭغىچە تاماششىبىن بۇ مەيدان مۇسابىقىنى كۆردى.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى ئەڭ يارقىن مۇسابىقە ،يېرىم ھەل قىلغۇچتىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقە بولۇپ ،دىيارىمىز پۇتبولچىلىقىنىڭ ئەڭ يوقىرى سەۋىيەسىنى نامايەن قىلغان مۇسابىقە بولۇپ قالدى.
QQ图片20160227210525.jpg
QQ图片20160227210529.jpg
QQ图片20160227210542.jpg
QQ图片20160227210537.jpg
000026cuugvug08g0z0uvo.jpg
235915xv1v1pv4t4l4dgc1.jpg
235849k489z909odyfe8vs.jpg
235833dvdekq9vzv9730vn.jpg
235815mzqgdabttpbefqj5.jpg
235950vp9b8jnuuqwjklnj.jpg
235929qs67kpp20s071036.jpg
بۆگۈن 7:30دا بىرىلىدىغان تەنتەربىيە دۇنياسى پىروگراممىسىنىڭ شىنجاڭ تەنتەربىيەسى سەھىپىسىدە بۇ مۇسابىقە توغرىسىدا خەۋەر بىرىلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-27 21:18:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ قېتملىق مۇسابىقىدە توپچى كىرگۈزۈش ۋە كوماندا چىقىمى ئۈچۈن 550مىڭ يۈەن خەجلىگەن سۇنتاغ كوماندىسى بىلەن ئۆتكەن يىلدىكى چىمپىيۇن ،بۇ قىتىملىق مۇسابىقىدە چىمپىيۇن بولۇش ئىھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى كوماندىلارنىڭ بىرى بولغان ئازاق كوماندىسىنىڭ شاللىنىشى ، بۇ يىلقى مۇسابىقىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى ۋە رىقابەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلەشكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بەردى.

بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا كىلەر يىلدىن باشلاپ ھەر قايسى كوماندىلار ئاتۇش سىرتىدىن 1-2گىچە توپچى كىرگۈزۈپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرسا بولىدىكەن.

دىمەك بۇ مۇسابىقىنىڭ يىلدىن-يىلغا سەۋىيەسى يوقىرى كۆتۈرۈلۈپ، دىيارىمىز پۇتبولچىلىقىنىڭ كەسىپلىششىنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغۇسى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 21:38:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول دىگەننىڭ سىھىرى كۈچى مانا مۇشۇنداق …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 21:39:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبىركلەيمەن ئۈستۈن ئاتۇش باللىرنى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 21:57:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 22:09:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەم دېڭىزى  بوپ  كەتتى  مۇشۇ  ساي  مەيداندا
IMG_20160227_154521.jpg
IMG_20160227_154512.jpg
IMG_20160227_154446.jpg
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 22:16:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن. ئاتۇش خەلقى ھەقىقەتەن پۇتبولخۇمار ئىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 22:18:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپات سوممىسى نەچچە پۇل بولدى،،،   ئۈسناتۇش كوماندىسىغا مۇبارەك،، كىلەر يىلى كۆرىشەيلى ،،،     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 22:20:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاماششىبىنلار ھەقىقەتەن كۆپكەن ، لېكىن مەيدان شارائىتى بەكلا ناچاركەن . قاچانمۇ مەيدان كىرزىسىدىن قۇتۇلارمىز .
تەكلىپ :مۇنبەرنىڭ تور تىلۋىزىيىسىدە پۇتبول دۇنياسى پىروگراممىسىنى ئۇلىنىش قىلىپ قويساڭلار بوپتىكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 22:27:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 22:42:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 23:58:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرەمباغ   ب دەرەجىلىك كۇلۇبتىن  بىرنى قۇرۇپ   ساھىبخان مەيداننى   ئاتۇشقىلام   قىلغان  بولسا  ھە  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 04:57

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش