elan ornielan orni
كۆرۈش: 2273|ئىنكاس: 57

تۆگە ھەققىدە قىسسە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 19:10  

9FMI075S00DE0005[1].jpg


ئىسمى : زىلاتان.ئىبراھىموۋىچ (Ibrahimovic)
دۆلەت تەۋەلكى : شىۋىتسىيە
ھازىر توپ ئويناۋاتقان كوماندىسى : پارىژ سانىت ژىرمان
تۇغۇلغان ۋاقتى :1981-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى
يېشى: 34ياش
مەيداندىكى ئورنى : ئوتتۇرا ھۇجۇمچى
كۇلۇبتىكى نۇمۇرى:مالىمو-- [19-نۇمۇر] ، ئاجاكىس--[9-نۇمۇر]، يۇۋىنتىس--[9-نۇمۇر]، ئىنتىر مىلان[8-نۇمۇر]، بارسىلونا[9-نۇمۇر]،ئاس مىلان[11-نۇمۇر] پارىژ سان-ژىرمان[10-نۇمۇر]
دۆلەت كوماندىسىدىكى نۇمۇرى: 10-نۇمۇر، شۇنداقلا دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى.
ئېغرلىقى :86 كىلوگىرام
بوي ئىگىزلىكى:1.92 مىتىر
توپ تەپكەن كوماندىلىرى:بالكان،مالىمو،ئاياكىس،يۇۋىنتىس،ئىنتىر مىلان،بارسىلونا،ئاس مىلان،پارىژ سانت ژىرمان

5f44e6cdf8ac9f430fb34591[1].jpg


ئالاھىدىلىكى : كۈچلۈك بولغان بەدەن قۇۋۋەت ، يۇقىرى تىخنىكىلىق پاس تاشلاش ، ئادەم ئالداپ ئۈتۈش ، ۋە مۇداپىيئەگىمۇ ئاكىتىپ ماسلىشش ، قىينلىق دەرىجسى يۇقىرى بولغان توپلارنى كىرگۈزۈش ، سۈرئىتى تىز بۇلۇشتەك ئالاھىدىكىلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇلۇپ توپ تەپكەنلىكى كۇماندسىدا يادىرولۇق رولى بىلەن كۇماندىنىڭ نەتىجە ئىلشىغا كۈچ قۇشماقتا، ھەمىدە خەلىقئارادا يىڭى ئەسىردىكى خەلىقئارا پۇتبول سەھنسدىكى بىردىنبىر تۇراقلىق ئۇتتۇرا ھۇجۇمچى دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.

661152-21742099-1600-900[1].jpg


ئىبىراھموۋىچ بىلدىغان تىللار : شىۋىت تىلى ، ئەرەپ تىلى ، بوسىنىيە تىلى ، ئىنگىلىز تىلى ، ئىتالىيان تىلى ، فىرانسوز تىلى ، گوللان تىلى ، ئىسپان تىلى قاتارلىق نۇرغۇن تىللارغا پىششىق بۇلۇپ تىل سەۋىيە جەھەتتە پۇتبولچىلارنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
2011-يىلى 11-ئايىدا شىۋىت تىلىدا ئۆزنىڭ ‹‹مەن ئىبىراھىموۋىچ›› (io ibra) ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرىغان بۇلۇپ ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى شىۋتسىيە The August Prize تەرەپدىن مەدەنىيەت مۇكاپاتىغا ئىرشكەن.



bd9d2623de58d04d925807bd[1].jpg


دىنى ئىتقادى: گەرچە بەزى مەنبەلەردە ئىبراھىموۋىچنىڭ دىنى ئېتقادى ئىسلام دىنى دەپ قەيىت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىبراھىموۋىچنىڭ ھازىرغىچە قايسى دىنغا ئېتقاد قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر مەلۇمات يوق. ئىبراھىموۋىچنىڭ دادىسى ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان،ئاپىسى كاتولىك دىنغا ئىتقاد قىلىدىغان خىرىستىيان ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇماتلار بار. ئىلگىرى ئىبراھىموۋىچ بەدىنىگە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئەرەپچە يىزىقتا چەككۈزگەن بۇلۇپ مۇخبىرلار ئىبرايىموۋىچتىن بۇ ئەرەپچە يىزىقنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ : دادام بىر ئىخلاسمەن مۇسۇلمان ،شۇڭا دادامغا بولغان ھۆرمەت يۇزسىدىن بۇ ئەرەپچە يىزىقنى چىكىۋالدىم دەپ جاۋاپ بەرگەن.


794_1510754_215585[1].jpg


مەيدان سىرتىدىكى تۇرمۇشى : ئىبراھىموۋىچنىڭ مەيدان سىرتىدىكى ھاياتىنى تىلغا ئالغىنىمزدا، ئۇنى بىر ياخشى ئەر ھەم ياخشى دادا دىيىشكە تامامەن بۇلىدۇ. ئىبراھىم ھازىرقى ئايالى مېلىنا بىلەن مالىمودىكى چاغدىلا بىر كۆرۈشۈپ ئاشىقى-بىقارار بۇلۇشقان. ئىبراھىمنىڭ ئايالى مېلىنا گەرچە ئىبراھىمدىن 11ياش چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتى ئىنتايىن چوڭقۇر. ھازىر ئىبراھىمنىڭ بۇ ئايالدىن ئىككى بالىسى بار. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىبراھىموۋىچنى ھەقىقەتەن بەخىتلىك دىيىشكە بۇلىدۇ


6a600c338744ebf8a2d5dc90dff9d72a6159a7fd[1].jpg


زىلاتان ئىبراھىموۋىچ شىۋىتسىيە پايتەختى سىتولھوكۇمدا تۇغۇلغان بۇلۇپ،ئۇ سابىق يۇگۇسلاۋىيىلىك كۆچمەنلەر ئەۋلادى. دادىسى بوسنىيىلىك،ئاپىسى بولسا كىرودىيىلىك. دادىسى ئۇرۇش سەۋەپلىك بوسىنيە-گىرىتسىگوۋىنا جۇمھۇريىتىدىن شىۋىتسىيەگە كۆچمەن بۇلۇپ كەلگەن .ئىبراھىموۋىچنىڭ ئاتا-ئانىسى شىۋىتسىيىدە تونۇشۇپ توي قىلغان.ئىبراھىموۋىچ سىياسى مۇھىت تۇراقسىز ، ئادەملەرنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى كاپالەتكە ئىگە قلىنمىغان بىر ۋەزىيەتتە تۇغۇلغان بۇلۇپ، ئۇ تۇغۇلغاندىن كىيىن داۋالاش،تەربىيلىنىش،ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولغان مالمو بازىرىغا يېقىن بىر كۆچمەن ئاھالىلەر رايونىدا چوڭ بولغان. بۇ خىل قىيىنچىلىق تۇرمۇش ئىبراھىمۇۋىچتا كىچىكىدىن باشلاپ،جاپاغا چىداپ قىيىنچىلىقلار ئالدىدا باش ئەگمەسلىكنى ۋە ئۆز كۈچى ۋە تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى،ھەر قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىمۇ مۇرەسسەچىلىك قىلماسلىق ئىديىسىنى يىتىلدۈرگەن ئىدى. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ئوخشاش ياشتىكى قۇرداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن جاھىل،ئۆزىنىڭ دىگىنىنى ھىساب قىلىدىغان تەرسا مىجەزلىك چوڭ بولغان بۇلۇپ ئۇنىڭ بۇ مىجەزى كىيىنچە ئۇنىڭ نۇرغۇن مۇۋەپپىقىيەت ۋە مەغلۇبىيەتلىرىگە سەۋەبچى بولغان ئىدى.

awzunex3862370[1].jpg


ئۇ مالىمودا دەسلەپكى تولۇقسىز مائارىپنى تۈگەتكەندىن كېيىن گەرچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلىق توغرىسىدىكى چاقىرىقنى تاپشۇرۋالغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇ مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ،پۈتۈن زىھنىنى توپ ئويناشقا قارىتىدۇ. ئۇ 10ياش ۋاقتىدا يۇرتىدىكى FK Balkan كۇلۇبىقا قۇشۇلۇپ تۇنجى قېتىم توپچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ .
ئۇ 1995-يىلى14ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا بالكان كوماندىسىنىڭ ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلەش بازىسىغا تاللىنىپ كىرگەن بۇلۇپ ، بۇ كۇلۇپتىكى ئەزالارنىڭ كۆپ قىسمى شۇ ئولتۇراق رايوندىكى بوسنىيە كۆچمەنلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئىدى. كېيىن ئۇ 1999-يىلىغا كەلگەندە بالكان كوماندىسىدىن تەخمىنەن 2مىليۇن ياۋرۇلۇق باھا بىلەن شىۋىتسىيە بىرلەشمىسىدىكى مالىمو كوماندىسىغا يۆتكۈلۈپ كىلىپ ئاندىن رەسمى تۈردىكى كەسپى بىرلەشمىدە ئۆزنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى باشلايدۇ.  1999-يىلىلىق مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ ئۆزىنىڭ كۇلۇبتىكى ھەقىقى كەسپى ھاياتىنى باشلىغان ئىدى. ئۇ مالىمو كوماندىسىغا قۇشۇلغاندىن كىيىن19-نۇمۇرلۇق جەڭ ساۋۇتىنى كىيىپ ،شۇ مەزگىللەردە ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارىتى ئارقىلىق شىۋىتسىيە بىرلەشمىسىدە كۆزگە كۈرۈنۈپ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇ 2000-يىلى مالىمو كوماندىسىدا تۇنجى لوڭقىغا يەنە شىۋىتسىيە بىرلەشمىسى لوڭقىسىغا ئىرىشىدۇ. ئۇ مالىمو كوماندىسىغا ۋاكالىتەن جەمئى 40مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 16توپ كىرگۈزىدۇ. ئەينى چاغدا لوندوندا تۇرۇپ ئىبراھىيموۋىچنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان ئارسىنال باش مەشقاۋۇلى ئارسىن ۋىنگىر شۇ ۋاقتتا ئۇنىڭغا ئارسىنال كوماندىسىغا قۇشۇلۇش توغرىسىدا تەكلىپ ئەۋەتكەن،ۋە ئارسىنال خىزمەتچىلىرىدىن ئىبراھىموۋىچنىڭ ئىسمى چۈشۈرۈلگەن ئارسىنالنىڭ9-نۇمۇرلۇق كىيمىدىن بىر قۇر ئەۋەتىپ ئۇنى ئارسىنالغا قۇشۇۋېلىش ئىستىگىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلگەن بولسىمۇ ،ئەمما ئۇ دەسلەپتە بۇ تەكلىپكە قۇشۇلۇپ كىيىن بەدەن تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ بۇلۇپلا تۇيۇقسىز قارارىنى ئۆزگەرتىپ ئارسىنالغا قۇشۇلۇشنى رەت قىلۋىتىدۇ. ئۇ 2001-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى لوندوندىن ئامىستىردامغا يېنىپ كەلگەندىن كىيىن يەنە بىر مەزگىل مالىمو كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ. كىيىن ئۇ مالىمو كوماندىسى بىلەن نورۋىگىيە پۇتبول كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق دوستلۇق مۇسابىقىسدە ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى ئارقىلىق بىر توپ كىرگۈزۈپ ،شۇ چاغدىكى ئاجاكىس كوماندىسىنىڭ باش مەشقاۋۇلى  莱奥·本哈克 نىڭ ئالاھىدە قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئاجاكىس كۇلۇبى مالىمو كوماندىسى بىلەن ئىبراھىموۋىچنى قۇشۇۋېلىش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ شۇ يىلى 7-ئايدا ئىبراھىموۋىچنى 8مىليۇن ياۋرۇلۇق باھا بىلەن شىۋىتسىيە تارىخىدىكى يۆتكۈلۈش رىكورتىنى بۇزۇپ ئاجاكىس كۇلۇبىغا قۇشۇۋالىدۇ.



u=4163938502,2587583568&fm=21&gp=0[1].jpg


ئىبراھىموۋىچ ئاجاكىس كۇلۇبىغا قۇشۇلغاندىن كىيىن ئاجاكىس كۇلۇبىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باش رەئىسى ئادىريان ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغۇچە قاتتىق ئورۇندۇقنىڭ تەمىنى تېتىپ  تۈزۈك مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ. ئەمما 2001-يىلى ئادىريان ۋەزىپىسىدىن قالدۇرلۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا كەيمىن باش رەئىس بولغاندىن كىيىن ،ئۇ ئىبراھىموۋىچنىڭ يۇشۇرۇن تالانتىنى بايقاپ ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئېتبار بەرگەن. ھەمدە ئۇنى ئاجاكىس كۇماندسىنىڭ بىرلەشمدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقسىدە كىيىنكى يىرىم مەيداندا ئالمشىپ مەيدانغا چىقىردۇ .ئىبراھىموۋىچمۇ كەيمىننىڭ ئۇمۈدىنى يەردە قويماي ئالمىشىپ چىقىپلا  بىر توپ كىرگۈزىدۇ، بۇنىڭ بىلەن شۇ ۋاقىتتكى ئاجاكىس كۇماندسىنىڭ تىرنىرى 莱奥·本哈克  [سائوبىنخاك]  ئىبىراھىموۋىچنىڭ كۇماندىغا تىزلا ماسلىشىپ كەتكىنىگە قاراپ 2-ئايلانمدىن باشلاپ ئۇنى ئاساسلىق ئەزا قىلىپ مەيدانغا چىقىرىدۇ. ئاجاكىس كۇلۇبى شۇ يىلى ئىبراھىموۋىچنىڭ ھۇجۇمدىكى قالتىس ئىپادىسى بىلەن گوللاندىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشكەن. ئۇ يەنە شۇ يىلى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلىق بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ كاتتا سورۇندا ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىشقا باشلىغان. 2004-2003-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ فىرانسىيە زەردارى لىئون كوماندىسى بىلەن بولغان گۇرۇپ مۇسابىقىسدە ئۆزىنىڭ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى سەھنىسىدىكى تۇنجى توپىنى ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە كىرگۈزىدۇ. ئۇ يەنە مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا ئاز قالغان ۋاقىتتا  يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان بۇلۇش قەدىمىنىڭ تۇنجى مۇقەددىمىسىنى باسقان ۋە شۇنداقلا پۈتۈن ياۋرۇپاغا ئىبراھىموۋىچ دىگەن بۇ ئىسىمنى تۇنۇتقان ئىدى. ئىبراھىموۋىچ شۇ قېتىملىق چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىگە تايىنىپ 4 توپ ئۇرۇپ كوماندىسىنى 8كۈچلۈككە ئېلىپ كىرگەن بولسىمۇ لىكىن 4 كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقىسىدە شۇ چاغلاردىكى ياۋرۇپا زومىگىرى ئاس مىلان كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتكەن. كۆتۈرۈەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال دىگەندەك چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدىن شاللىنىپ كىتىش ئېغىر كىلىپ ئاران تۇرغاندا بىرلەشمە لوڭقىسىنىمۇ ئېيىنخوۋىن كوماندىسى تارتىۋالىدۇ.



u=3905939804,2335069480&fm=21&gp=0[1].jpg


«بوشاشمايدۇ نار تۈگە، چۆلدە ئاچ قېپ يۈرگەنگە» دىگەندەك، گەرچە ئىبراھىموۋىچ ئالدىنقى يىلى لوڭقىسىز قالغان بولسىمۇ ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن قىلچە بۇشىشىپ قالماي كىيىنكى يىلى ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ كوماندىسىنى بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشتۈرگەن. ئۇ 2003-يىلى8-ئاينىڭ 22-كۈنى بىرلەشمىنىڭ بىرىدا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىسدە يەتتە ئادەمنى ئالداپ ئۆتۈپ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان ئاجايىپ ئىسىل توپتىن بىرنى كىرگۈزگەن. شۇ ۋاقىتتا ئىبىراھموۋىچنىڭ كىرگۈزگەن بۇ  توپى Eurosport تەرىپىدىن شۇ يىللىق ياۋرۇپا سەھنسدىكى ئەڭ ئىسىل كىرگەن توپ بۇلۇپ باھالىندۇ. ئىنراھىموۋىچ ئاجاكىس كوماندىسىدا 2001-يىلىدىن2004-يىلىغىچە كۈچ قوشىدۇ. ئۇ ئاجاكىس كوماندىسىدا توپ تەپكەن ئۈچ يىل جەريانىدا ئىككى قېتىم گوللاندىيە بىرلەشمىسى چىمپىيۇنىلقغا،بىر قېتىم گوللاندىيە لوڭقىسى چىمپىيۇنىلىقىغا،بىر قېتىم كىرىيۇف لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشىدۇ. ئاجاكىس كوماندىسىغا ۋاكالىتەن جەمئى 74مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ جەمئى35توپ كىرگۈزىدۇ.



U1158P6T12D1889883F44DT20051120053153[1].jpg


2004-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ بىر مەيدان خەلقئارالىق مۇسابىقىسىدە ئىبراھىموۋىچ ئاجاكىس كوماندىسىدىكى سەبدىشى ،كوماندىنىڭ يادرولۇق ئوتتۇرا مەيدان ئەزاسى ۋاندىرۋاتنى تېپىپ يارلاندۇرۇپ قويىدۇ .ۋاندىرۋات ئىبراھىم مېنى قەستەن يارلاندۇردى دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت بارغانسىرى كۈچىيىپ كىتىپ ، ئاياكىس كوماندىسىنىڭ ئىچكى قىسمىنىڭ قالايمىقانلىشىشىغا سەۋەب بۇلىدۇ. كوماندا ئىچىدىكى ئىتىپاقسىزلىقتىن ھەم كوماندىدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى يەكلىشىدىن قاتتىق بىئارام بولغان ئىبراھىموۋىچ شۇنىڭ بىلەن 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۇنى ،يازلىق بازارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى تۇيۇقسىز يۇۋىنتۇس كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ بېرىشنى قارار قىلىدۇ.شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۆتكىلىش ھەققى 19مىليون ياۋرو بولغان.يۇۋىنتۇس كۇلۇبىغا بارغاندىن كېيىن ئۇ ناھايىتى تېزلا ئۆزىنىڭ قالتىس تېخنىكىسى ۋە يۇقىرى بولغان بەدەن سۈپىتى ئارقىلىق يۇۋىنتىس كوماندىسىدا ناھايىتى تىزلا ئالدىنقى 11 تىزىملىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ شۇ ۋاقىتتىكى يۇۋىنتىس كوماندىسىنىڭ يارلىنىپ ياتقان ئاساسلىق نۇمۇر ئالغۇچىسى تىرىزگۇتنىڭ يوقلىقىنى قىلچە چاندۇرماي تاغىل ئاتلىق شاھزادە دىل پىئىرو بىلەن ئىنتايىن ياخشى ماسلىشىپ كوماندىغا قۇشۇلغان تۇنجى پەسىلدىلا 35 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 16 توپ كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى بىر ياراملىق ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ،ھەمدە يۇۋىنتىسنىڭ شۇ  شۇ ۋاقىتتىكى باش مەشقاۋۇلى كاپىرونىڭ ئەتىۋارلىق ئادىمىگە
ئايلىنىدۇ.شۇ يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئاياقلاشقاندىن كېيىن چولپانخۇمارلىق كىسىلى ئېغىر بولغان ئىسپانىيە خانلىق مادرىد كوماندىسى يېڭىدىن يىتىشىپ كۆزگە كۈرۈنگەن بۇ شىۋىتسىيەلىكنى 70 مىليون ياۋرو چىقىرىپ سېتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما رەت قىلىشقا ئۇچرايدۇ.




20131210133410-230812241[1].png


2005-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئىبراھىموۋىچنىڭ ۋاقىتلىق كاپىتانلىقى ئاستىدىكى تاغىل ئات قۇشۇنى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ تاغىل ئات قوشۇنىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن ئاققۇزغان قان - تەرى بەدىلگە پەقەت شۇ يىللىق بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئىرىشىپلا قالماستىن بەلكى يۇۋىنتۇس مەستانىلىرى تەرىپىدىن 04\05 مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ ياخشى توپچى بولۇپ باھالىنىدۇ،شۇنداقلا يەنە 30 نەپەر داڭلىق پۇتبولچى بىلەن 2005-يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسىنى تاللاش تىزىملىكىگە كىرىدۇ ۋە بۇ تاللاشتا 8-بولۇپ باھالىنىدۇ. ئۇ 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۇنى 2005-يىللىق شىۋىتسىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالىنىدۇ.
2006-يىلى دۇنيانى لەرزىگە سالغان تېلفۇن ۋەقەسى سەتچىلىكى ئاشكارلانغاندىن كېيىن،يۇۋىنتۇسنىڭ،04-05،05-06 مۇسابىقە پەسلىدىكى ،بىرلەشمە چىمپىيونلىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ۋە يۇۋنتۇس بى دەرىجىگە چۈشۈرىۋىتىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يۇۋنتۇستىكى ھاياتىمۇ ئاخىرلشىدۇ....
ئىبراھىموۋىچ يۇۋىنتىسقا قۇشۇلغان ئىككى يىل ئىچىدە يۇۋىنتىس كۇلۇبىنىڭ ئۇدا ئىككى يىل ئىتالىيە بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرىشى ئۈچۈن زور تۆھپە قۇشىدۇ. ئۇ يۇۋىنتىس كوماندىسىدا جەمئى 70مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ جەمئى 24توپ كىرگۈزىدۇ.




000ae6364053086976f002[1].jpg


2006-يىلى يوۋىنتوس كۇماندسى ‹‹تىلفۇن ۋەقەسى››گە چىتىلىپ دەرىجە چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىن ئىبىراھموۋىچ 24 مىليون 800مىڭ ياۋرۇلۇق باھا بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمسىنىڭ يەنە بىر زەردار كۇماندسى ئىنتىر مىلانغا يۈتكىلىدۇ، بىراق ئىبىراھموۋىچ ئىنتىر مىلانغا يۈتكەلگەندە بۇنىڭغا رىقابەت ئىنتايىن كۈچلۈك كىلىدۇ ، شۇ ۋاقىتتكى ئىنتىر مىلاننىڭ داڭلىق ھۇجۇمچسى بىرازلىيەلىك‹‹ئىنتىرپادىشاھى›› ئادىرىيانو ، ئارگىنتىنالىق ھۇجۇمچىلار كىرسپو بىلەن كىروز ۋە چىللىق داڭلىق ھۇجۇمچى سۇيازو قاتارلىق داڭلىق ھۇجۇمچىلار بىلەن ئاساسلىق ئورۇن تالىشش كۈرشى باشلىندۇ، شۇ ۋاقىتتا ئىبىراھموۋىچ بىلەن ئادىرىيانو ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىغا چىقىپ ‹‹ئىنتىرنىڭ قوش خەنجىرى›› بۇلۇپ قالىدۇ، ئىبىراھموۋىچ ئىنتىرمىلانغا يۈتكەلگەن تۇنجى پەسلدىلا 15 توپ كىرگۈزۈپ كۇماندىنىڭ ئاساسلىق نۇمۇر ئالغۇچسى بۇلۇپ قالىدۇ.2007-2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئىبىراھموۋىچ ياردار ھالەتتمۇ ئىنتىر مىلان ئۈچۈن بىر پەسلىدە 17 توپ كىرگۈزۈپ ئىنتىر مىلان كۇماندسىنىڭ 1989-يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھەقىقى يۇسۇندا بىرلەشمە چىمپىيونى بۇلۇشىغا زور تۆھپە قۇشىدۇ. «چۈنكى 2005-2006-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى يۇۋىنتىسنىڭ چىمپىيۇنلىقى تىلفۇن سەتچىلىكى تۈپەيلىدىن ئېنتىرغا ھىساب قىلىنغان» شۇ ۋاقىتلاردا كىشىلەر ئىبراھىموۋىچنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى كۈرۈپ ئۇنى گوللاندىيەلىك رىۋايەتلىك چولپان ۋان باستىننىڭ ئىزباسارى دەپ باھا بىرىشكەن ئىدى. جۈملىدىن شۇ ۋاقىتتا ئىنگىلاد دۆلەت كۇماندسىغا تىرنىرلىق قىلۋاتقان ئىبراھىموۋىچنىڭ يۇۋىنتىس كوماندىسىدىكى ئىتالىيەلىك تىرنىرى كاپىرو ئىبراھىموۋىچقا: ‹‹ئىبىراھموۋىچ ئىزچىل ياخشى ئىپادسىنى ساقلاپ كىلۋاتقان ئۇتتۇرا ھۇجۇمچى،  ئۇنىڭ توپ ئويناش ئۇسلوبى ۋە تىخنىكسى ۋان باستىنغا ئۇخشايىدۇ››دەپ باھا بەرگەن.
ئۇ 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى شىۋىتسىيە پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم شىۋىتسىيە پۇتبول ئەپەندىسى بۇلۇپ باھالانغان ۋە شۇ يىلى ئۇ يەنە ياۋرۇپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتى نامزاتىنىڭ 30كىشلىك تىزىملىكىگە كىرىپ تىزىملىكتە 7-ئورۇنغا تىزىلغان.




11799587_144200488106_2[1].jpg


2008-2009-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ئىبىراھموۋىچ ئۇخشاشلا ياخشى ئىپادسى بىلەن بىر پەسلىدە كەسپىي ھاياتدىكى ئەڭ يۇقىرى توپ سانى 25 توپ كىرگۈزۈش بىلەن ئىتالىيە بىرلەشمسىنىڭ ‹‹ئالتۇن ئاياق›› مۇكاپاتىغا ئىرشىدۇ ھەم شۇ يىلى كۇماندىنىڭ بىرلەشمە چىمپىيونى بۇلۇشىغا كۈچ قۇشىدۇ. ئىبىراھىموۋىچ ئىنتىردا توپ تەپكەن ئۈچ پەسىلىدە ئۈچ قىتىم ئىتالىيە بىرلەشمسىنىڭ چىمپىيونلىقىغا،ئىككى قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىغا ئىرشىدۇ. ئىبراھىموۋىچ ئىنتىرغا ۋاكالىتەن 88مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 57توپ كىرگۈزگەن.گەرچە ئىنتىردا توپ ئۇرۇش ئۈنىمى قالتىس بولغان بولسىمۇ ،ئەمما بۇ سەرگەردان تۆگە يەنىلا بىر جايدا تۇرىۋىرىشنى خالىماي، 2009-يىلى 66 مىليون ياۋرۇلۇق يۇقىرى باھا بىلەن ئىسپانىيە زەردارى بارسلونا كۇماندسىغا قۇشۇلىدۇ.



u=797049089,1496671379&fm=21&gp=0[1].jpg


2009-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بارسىلونا ئورگان تورى باېسىلونا كوماندىسىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى 1-نۇمۇرلۇق ئوتتۇرا ھۇجۇمىچى، شىۋىتسىيە مۇنارى زىلاتان ئىبراھىموۋىچنى 66مىليۇن ياۋرۇلۇق باھا بىلەن كوماندىغا قۇشۇۋالغانلىقىنى ئىلان قىلغان بۇلۇپ شۇ ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ 5 يىللىق توختام تۈزگەن ئىدى. ئىبراھىموۋىچ بارسىلوناغا قۇشۇلۇپ تۇنجى يىلىلا بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلۇق بۇلۇپ جەمئى 41مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 21توپ ئۇرۇپ خېلى يامان ئەمەس نەتىجە يارىتىدۇ .ئۇ ئۆزنىڭ تۇنجى مەيدان ئىسپانىيە دىربىسى مۇسابىقسىدە زاپاس ئەزا بۇلۇپ مەيدانغا ئالمشىپ چىقىپ بارسلونا ئۈچۈن مادىرىد كۇماندسىغا شۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر توپىنى كىرگۈزىدۇ ھەمىدە بارسلونا كۇماندسىنىڭ 3 نۇمۇر ئىلىشىغا ياردەم قىلىدۇ،  لىكىن كىيىنكى يىلىغا قەدەم قويغاندا شۇ چاغدىكى بارسىلونا كوماندىسىنىڭ ئىسپانيەلىك داڭلىق مەشقاۋۇلى گۇئاردىئولا ئىبراھىموۋىچنىڭ ئىپادىسىدىن رازى بولماي 40مىليۇن باھا بىلەن داۋىد ۋىللانى ۋالىنسىيا كوماندىسىدىن بارسىلونا كوماندىسىغا ئېلىپ كىلىدۇ. ۋىللانىڭ كىلىشى بىلەن ئەسىلدىنلا يېرىم زاپاس،يېرىم ئاساسلىق بۇلۇپ مەيدانغا چىقىپ بىر خىل بۇرۇختۇرمىچىلىق ئىچىدە ئۆتىۋاتقان ئىبراھىموۋىچنىڭ بىراقلا كەيپى ئۇچىدۇ . ۋىللا كەلگەندىن كىين ئىبراھىموۋىچنىڭ كوماندىدىكى ئورنىدا تېخىمۇ تەۋرىنىش بولدى. ھەم ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىبراھىم ۋىللا بىلەن قەتئى چىقىشالمىدى. ئۇ بارسادىكى ۋاقتىدا بىر قېتىم مۇخبىرنىڭ سىز بارسادا ئۆزىڭىزنى ئەركىن ھىس قىلالامسىز دەپ سورىغان سۇئالىغا ئۇدۇللا قىلىپ « ياق،مەن بۇ يەردە ئۈزۈمنى خۇددى يەكلىنىۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن. بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى خۇددى مەكتەب باللىرىغا ئوخشايدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئىبىراھموۋىچتەك ھۇجۇم سىپىدە ئەركە ئۈگىنىپ قالغان ھۇجۇمچىنىڭ بۇنداق دىيىشى گۇئاردىئولانىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇدە، ئاخىردا گۇئاردىئولا بىلەن ئىبراھىم ئوتتۇرسىدا زىدديەت كىلىپ چىقىدۇ.



u=2049368769,83036217&fm=21&gp=0[1].jpg


ئىبراھىم  دەل مۇشۇنداق بۇرۇختۇملىق ئىچىدە يۈرىۋاتقان مەزگىلدە  AC مىلان كۇماندسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گالىيانى پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ  24 مىليون ياۋرۇلۇق يۈتكىلىش ھەققى بىلەن ئىبىراھموۋىچنى  ئىتالىيە بىرلەشمسىنىڭ زەردارى  AC مىلان كۇماندسىغا يۆتكەپ ئەكىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ بارسىلونا ھاياتى ئۇزۇنغا بارمايلا ئاياقلىشىدۇ. ئىبراھىموۋىچ بارسىلونا توپ تەپكەن مەزگىللەردە بىر قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چىمپىيۇنلىقىغا، بىر قېتىم دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىغا،بىر قېتىم ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرلار لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىغا،بىرقېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشىدۇ. ئۇ بارسىلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن جەمئى 34قېتىم مەيدانغا چىقىپ 20توپ كىرگۈزگەن ئىدى. ئەسكەرتىپ قۇيۇشقا تىگىشلىك بىر نوقتا شۇكى  گەرچە ھازىر ئىبراھىموۋىچنىڭ بارسىلونادىن ئايرىلغىنىغا خېلى مەزگىللەر بولغان بولسىمۇ ئەمما بۇ تۆگىنىڭ گۇئاردىئولاغا بولغان نارازىلىقى ھەم ئۆچمەنلىكى ھازىرمۇ يۇقىمىغان بۇلۇپ ئۇ يېقىندا ئامىركا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا گۇئاردىئولاغا زەمبىرەك ئوقى ئېتىپ« مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مەن گۇادىئولانىڭ مەشقاۋۇللۇق ھاياتىدا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى ھەممە كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىمەن، لېكىن ئادەم بولۇش جەھەتتە مەن ئۇنى ئەر كىشى دەپ قارىمايمەن.»دىگەن ئىدى. ئۇ يەنە قايسى كۈندىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ يىل يازدا پارىژ بىلەن بولغان توختامى ئاخىرلاشقاندا خانلىق مادرىد كوماندىسىغا قۇشۇلۇپ ئىسپانىيە دۆلەت دىربىيسىدە بارسىلوناغا توپ ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئۆچىنى ئېلىش خىيالى بارلىقىنى ئاشكارلىغان.


42166d224f4a20a4f7f5811e91529822730ed004[1].jpg


2010-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى يەنى يازلىق يۆتكۈلۈش بازىرى تاقىلدىغانغا ئىككى كۈن قالغان ۋاقىتتا ئىتالىيە زەردارى ئاس مىلان كۇلۇبى ئىبراھىم بىلەن توختام ئىشىدا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئىبىراھموۋىچ AC مىلان كۇماندسىدا گوللاندىيەلىك ھۇجۇمچى خۇنتىلار قالدۇرۇپ كەتكەن 11-نۇمۇرلۇق كىيمىنى كىيىدۇ.ھەمدە مىلان كۇمانسىدا ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ نۇرغۇنلىغان توپلارنى كىرگۈزىدۇ، ئۇ شۇ مۇسابىقە پەسلىدە مىلان كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 29مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 14توپ ئۇرۇپ 13ياردەمچى پاس چىقىرىپ مىلاننىڭ ھۇجۇم سىپىدىن چاڭ چىقىرۋىتىدۇ. ئىبراھىمنىڭ تۇنجى پەسىلدە ئۇرغان توپلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى بۇغۇزلاش خارەكتىرلىك توپلار بۇلۇپ ئۇ شۇ يىلى يەنى 2011-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن مىلاننىڭ 7يىل زارىقىپ كۈتكەن بىرلەشمە لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئالاھىدە تۆھپە قۇشىدۇ. ھەم شۇ يىلى AC مىلان كۇماندسىنىڭ بىيجىڭدا ئۈتكۈزۈلگەن ‹‹ئىتالىيە دەرىجدىن تاشقىرى››لوڭقسىدا ئېنتىر مىلان كوماندىسىنى يېڭىپ چىمپىيون بۇلۇشىغا كۈچ قۇشىدۇ.


d1a20cf431adcbef5c670250acaf2edda3cc9f10[1].gif


2011-2012 مۇسابىقە پەسلىدە مىلان كۇماندسى پاتو ۋە كاسانو قاتارلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ يارلانغان ئەھۋال ئاستىدا ئىبىراھموۋىچ روبىنخو بىلەن بىرلىكتە AC مىلان كۇماندسى ئۈچۈن تىرىشىپ مۇسابىقە ئويناپ مىلان كۇماندسىنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمسىدە ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ قۇشىدۇ بىراق 4 نۇمۇر پەرىق بىلەن نابىلوس كۇماندسىنىڭ كەينىدە قىلىپ 2-ئورۇندا كىلەر پەسللىك ئۇزغۇنلۇق بىلتىنى ئالىدۇ. ھەمىدە ئىبىراھموۋىچ شۇ پەسلىدە بىرلەشمىدە 29 توپ كىرگۈزۈپ ئۆزنىڭ كەسپىي ھاياتدىكى ئەڭ يۇقىرى توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى يارتىدۇ ۋە ئىتالىيە بىرلەشمسىنىڭ ‹‹ئالتۇن ئاياق›› مۇكاپاتىغا ئىرشىدۇ.  ئۇ ئاس مىلانغا قۇشۇلغان قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە ئىتالىيە بىرلەشمىسى چىمپىيۇنلىقى بىلەن ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئۇ ئاس مىلان كوماندىسىغا ۋاكالىتەن جەمئى 61قېتىم مەيدانغا چىقىپ 41توپ كىرگۈزگەن. بىراق 2012-يىلى يازىدا ئىبىراھموۋىچ 23مىليون ياۋرۇلۇق يۈتكىلىش ھەققى بىلەن فىرانسىيەنىڭ زەردارى پارىژسانىت گىرمان كۇماندسىغا يۈتكىلىدۇ ھەمىدە يىللىق مۇئاشى 13 مىليون ياۋرۇ قىلىپ بىكىتىلدۇ. شۇنىڭ بىلەن شىۋىتسىيەلىك بۇ مۇنارنىڭ ئىتالىيە بىرلەشمە ھاياتى ئاخىرلاشىدۇ. ئۇ ئۆزىنڭ پۇتبۇلچىلىق ھاياتىدا  ئىتالىيە بىرلەشمىسدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئەڭ ئۇزاق توپ تەپكەن بۇلۇپ ئۇ ئىتالىيەدە نۇرغۇنلىغان كوللىكتىپ شان-شەرەپلەرگە ئىرىشكەن بۇلۇپلا قالماستىن يەنە نۇرغۇنلىغان شەخسى شان شەرەپلەرگە ئىرىشكەن. يەنى ئۇ 2005- ،2008 -، 2009-،2011-يىللىرى ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەللىك ماھىر ،2008-،2009-،2011-،يىللىرى ئىتالىيە پۇتبول ئەپەندىسى،2009-2012-يىللىرى بولسا ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن مۇكاپاتى قاتارلىق شەخسى شان شەرەپلەرگە ئىرىشىدۇ.


377adab44aed2e730cfd3abb8701a18b87d6fa15[1].gif


2012-يىلى يازلىق يۈتكىلشتە ئىبىراھموۋىچ 20 مىليون ياۋرۇلۇق باھا بىلەن فىرانسىيە زەردارى پارىژسانىت گىرمان كۇماندسىغا يۈتكىلىدۇ.ھەمدە كۇلۇب تەرەپ بىلەن بۇ يىل يازغىچە توختام تۈزۈدۇ. يىللىق مائاشى 15مىليون ياۋرۇ قىلىپ بىكىتىلىپ، فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى ئاڭ يۇقىرى مائاشلىق توپچىغا ئايلىنىدۇ.
ئبىراھموۋىچ پارىژسانىت گىرمان كۇماندسىغا كەلگەندىمۇ يەنىلا ئۆزنىڭ ياخشى ئىپادسى بىلەن  مەيدان بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسىگە قاتنىشىپ  بىرلەشمىدە  توپ ئۇزغۇنلۇقتا  توپ كىرگۈزىدۇ ۋە شۇنداقلا ئاز بولمىغان ئىسىل ياردەمچى پاسلارنى چىقىرىپ بىرىدۇ، ئىبىراھمىوۋىچنىڭ ياخشى ئىپادسى بىلەن يىتەكلشىدە پارىژسانىت گىرمان كۇماندسى 2012-2013-يىللىق فىرانسىيە بىرلەشمسىنىڭ چىمپىيونى بۇلىدۇ،شۇنداقلا ئىبىراھمىوۋىچمۇ فىرانسىيە بىرلەشمسىنىڭ ‹‹ئالتۇن ئاياق›› مۇكاپاتىغا ئىرشىدۇ ، ئىبىراھموۋىچ فىرانسىيە بىرلەشمسىدە كىرگۈزگەن 31 توپى بىلەن ئۆزنىڭ AC مىلاندا كىرگۈزگەن ئۆزنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى بىرلەشمىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ يەنە بىر بالداق يۇقىرىغا ئۆزلەيىدۇ. ھەمىدە پارىژ كۇماندسىنى باشلاپ ئۇزغۇنلۇقىنىڭ سەككىز كۈچلۈك كۇماندا قاتارىغا كىرگۈزىدۇ.ئىبراھىموۋىچ پارىژغا قۇشۇلغاندىن كىيىن  تۇنجى يىلى 34مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 30توپ ،ئىككىنجى يىلى 33مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 26توپ،ئۈچىنجى يىلى يارلىنىپ قېلىش سەۋەبلىك 24مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 19توپ كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلىدۇ. ھەمدە كوماندىسىنىڭ  تۆت قېتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنى بۇلۇشىغا ۋە ئىككى قېتىم فىرانسىيە لوڭقىسى چىمپىيۇنى بۇلىشىغا ئالاھىدە تۆھپە قۇشۇدۇ.




t_256083[1].jpg


2015-يىلى10-ئاينىڭ 5-كۈنى پارىژ سانىت ژىرمان كۇلۇبى بىلەن مارسىل كۇلۇبى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە شىۋىتسىيەلىك تۆگە ئىبراھىموۋىچ نوقتا توپتىن ئىككىنى ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ پارىژغا قۇشۇلغاندىن بۇيانقى كىرگۈزگەن توپ سانىنى 110غا يەتكۈزىدۇ. ھەمدە 保莱塔 «باسىتا»نىڭ رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپ پارىژ-سان ژىرمان كۇلۇبى تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس مەرگەنگە ئايلىنىدۇ.
2016-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى پارىژ كوماندىسى چىلسى كوماندىسنى بىلەن 2-1نەتىجە بىلەن يەڭگەن ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 16كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىدە ئىبراھىموۋىچ مۇسابىقىنىڭ38-مىنۇتىدا چىلسى كوماندىسىغا بىر ئىختىيارى توپ ئۇردى. شۇنداق قىلىپ ئىبراھىموۋىچ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە كۆك ئارمىيەگە 4-قېتىم توپ ئۇرۇپ كىرگۈزىشى بۇلۇپ قالدى. ئۇ ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ھازىرغا كەلگۈچە جەمئى 46توپ كىرگۈزدى. بۇ پەسىل ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە ھازىرغا قەدەر3توپ كىرگۈزدى. تىلغا ئېلىپ ئۈتۈشكە ئەرزىيدىغان بىر مەسىلە شۇكى ئىبراھىموۋىچ ئۆتۈپ كەتكەن ئون يىل ئىچىدە ھەر يىللىق چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسىدە توپ ئۇرۇپ ماڭغان تۇنجى توپچى بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا ئىبراھىموۋىچ ئىلگىرى- كىيىن بۇلۇپ ئاجاكىس، يوۋىنتىس، ئېنتىر، بارسېلونا، مىلان، پارىژ سانت گىرمان كۇلۇبلىرىدا توپ تەپكەن. ئوخشىمىغان 4 بىرلەشمىدە بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئىرىشكەن. شۇنداقلا بىر بىرلەشمىدىكى 3 قان رەقىپتە توپ تەپكەن. ھەمدە شۇ كۇلۇپلاردىكى ۋاقتىدا نۇرغۇنلىغان شەرەپلەرگە ئىرىشكەن، شۇنداقلا يەنە7چوڭ كوماندىدا ئۇزغۇنلۇق ۋە بىرلەشمە مۇسابىقسىدە توپ كىرگۈزگەن بىردىنبىر پۇتبولچى ماھىر ھىساپلىنىدۇ.




20141003135519_33527[1].jpg


ئىبىراھمىۋىچ شىۋىتسىيە دۆلەت كۇماندسىغا 2002-يىلى تاللانغان بۇلۇپ شۇ يىللىق كورىيە-ياپۇنىيە بىرلىشىپ ئۈتكۈزگەن 17-نۈۋەتلىك دۇنيا لوڭقسىغا قاتنىشىدۇ بىراق ياش ھەم تەجىربسى كەمچىل بولغان ئىبىراھمىوۋىچقا مەيدانغا تۈزۈك چىقىش پۇرسىتى كەلمەيىدۇ.
بىراق 2004-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقسىدا ئىبىراھموۋىچ دۆلەت كۇماندسىنىڭ 10-نۇمۇرلۇق كىيمىنى كىيىپ پىشقەدەم ماھىر لارسىن بىلەن شىۋتسىيە دۆلەت كۇماندسىنىڭ ھۇجۇم سىپدىكى كۈچلۈك قوش خەنجەر بىرىكمسىنى ھاسىل قىلىدۇ، ھەمدە شۇ يىللىق ياۋرۇپا لوڭقسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقسدىن ئۇڭۇشلۇق ئۈتۈپ 8 كۈچلۈك كۇماندا قاتارىغا كىرىدۇ ، بىراق 8كۈچلۈك مۇسابىقسىدە كۈچلۈك بولغان گوللاندىيە كۇماندسىغا 1 : 2 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ شاللىنىپ كىتىدۇ، 2006-يىللىق 18-نۈۋەتلىك دۇنيا لوڭقسىدا شىۋتسىيە كۇماندسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسدە ئىنگىلاد كۇماندسى بىلەن بىرلىكىتە پاراگۇاي ۋە تىرنىدا-دۇباگو كۇماندىلىرىنى يىڭىپ گۇرۇپپدىن 2بۇلۇپ چىقىدۇ، ئىبىراھمىۋىچ گۇرۇپپا مۇسابىقسىدە پاراگۇاي كۇماندسىغا ئۆزنىڭ دۇنيا لوڭقسدىكى تۇنجى تۇپىنى كىرگۈزىدۇ، بىراق 16كۈچلۈك كۇماندا مۇسابىقدە ساھىپخان گىرمانىيە كۇماندسىغا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ 8كۈچلۈك كۇماندا قاتارىغا كىرەلمەيىدۇ. 2008-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقسىدا ئىبىراھمىۋىچ يىتەكلگەن شىۋتسىيە كۇماندسى گۇرۇپپا مۇسابىقدە بىر ئۇتۇش ئىككى ئۇتتۇرۇش بىلەن گۇرۇپپدىن چىقالماي قالىدۇ، 2012-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقسىدا ئىبىراھمىوۋىچ يىتەكچلىكدىكى شىۋتسىيە كۇماندسى كۈچلۈك بولغان فىرانسىيە كۇماندسىنى مەغلوپ قىلغان بولسىمۇ بىراق بىر ئۇتۇق ، بىر تەڭلىشش ، بىر ئۇتتۇرۇش بىلەن گۇرۇپپدىن ساپ توپ سانى ئاز بۇلۇش سەۋەبلىك شاللىنىپ قالىدۇ.




20131220094141-111098298[1].png


2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى شىۋىتسىيە كوماندىسى بىلەن ئېنگىلانىد كوماندىسى بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئوينىغان بۇلۇپ شۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىۋىتسىيە مۇنارى ئىبراھىموۋىچ ئىنگىلانىد ۋارتارى خارىت ئۇرۇپ چىقىرۋەتكەن توپنى 33مىتىر يىراقلىقتىن يەرگە چۈشۈرمەيلا كەينىچە موللاقچىلاپ تىپىپ كىرگۈزۋەتكەن بۇلۇپ ئۇنىڭ بۇ توپى شۇ يىللىق ياۋرۇپا پوسكاش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.  ئۇ داۋاملىق ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان، قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان توپلارنى ئۇرۇپ مەستانىلەرنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە.


7c5ff0198618367a455ddf9e28738bd4b21ce5a8[1].jpg


2014-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى سەھەردە شىۋىتسىيە دۆلەت كوماندىسى ئىستونىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشكەن بۇلۇپ مۇسابىقە باشلىنىپ 3مىنۇتتىن كىيىنلا ئىبراھىموۋىچ بىر توپ ئۇرۇپ شىۋىتسىيە كوماندىسى ئۈستۈنلىككە ئىرىشكەن. مۇسابىقە داۋاملىشىپ 24مىنۇتقا قەدەم قويغاندا يەنە شۇ ئىبراھىموۋىچ يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ ئىستونىيە كوماندىسىنى 2-0ن نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلغان. ئىبراھىموۋىچ ھازىرغىچە دۆلەت كوماندىسىدا 50توپ كىرگۈزۈپ بولغان بۇلۇپ ئۇ ئاللىقاچان شىۋىتسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ مەرگەنلەر شاھىغا ئايلاندى.


20120309100719-618876090[1].jpg


ئىبراھىموۋىچنىڭ ئىرىشكەن شەخسى شان-شەرەپلىرى بولسا :

ئىتالىيە بىرلەشمسدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەللىك ماھىر--2005-يىلى ، 2008-يىلى ، 2009-يىلى ، 2011-يىلى
ئىتالىيە پۇتبول ئەپەندسى --- 2008-يىلى ، 2009-يىلى ، 2011-يىلى
شىۋىتسىيە پۇتبول ئەپەندسى--- 2005، 2007، 2008، 2009 ، 2010، 2011 ، 2012-2014يىللىرى (جەمئىي 8 قىتىم)
شىۋىتسىيە يىللىق ئەڭ ئۈلگلىك تەنھەركەتچى مۇكاپاتى --- 2007-يىلى
شىۋىتسىيە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر تەنھەركەتچى مۇكاپاتى --- 2007-يىلى ، 2010-يىلى
ياۋرۇپا پۇتبول بىرلەشمسى يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلى --- 2007-يىلى
ئىتالىيە بىرلەشمسى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن مۇكاپاتى --- 2009-يىلى ، 2012-يىلى
خەلىقئارا ئالتۇن پۇت مۇكاپاتى--- 2012-يىلى
فىرانسىيە بىرلەشمسى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن مۇكاپاتى--- 2013-2014-يىلى



sps1042-10318a[1].jpg


ئىبراھىموۋىچ ياراتقان ئومۇمى يۆتكۈلۈش سوممىسى بولسا:

بالكان-------مالمۇ=2 مىليون
مالمو-------ئاجاكىس = 7 مىليون 800 مىڭ
ئاجاكىس-----يوۋىنتوس = 19مىليون
يوۋىنتوس----ئىنتىر مىلان = 24 مىليون 800مىڭ
ئىنتىرمىلان---بارسلونا = 66 مىليون
بارسلونا----AC مىلان = 24 مىليون
ACمىلان---پارىژسانىت گىرمان=20مىليون
ئۇمومى قىممەت = 173 مىليون 600 مىڭ ياۋرۇ




u=507710144,1395952694&fm=21&gp=0[1].jpg


ئۇ كەسىپتە ئىنتايىن تەلەپچان بۇلۇپ ئۇ ھەتتا بىر قېتىم مۇسابىقىگە ياخشى تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن فىرانسىيە زۇڭتىڭى ھوللاندى تەكلىپ قىلغان كەچلىك زىياپەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلىۋەتكەن.  ئىبىرايوموۋىچنىڭ زۇڭتۇڭ خوللاندنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى بولسا ئالدىدا بىرىلماقچى بولغان فىرانسىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىسىگە كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىش بولۇپ ، ئۇ بۇ مەزگىلدە مۇسابىقىگە ياخشى تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ، ھەر قانداق ئولتۇرۇش ، يىغىلىش كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىغا بارماسلىق قارارىنى چىقارغان . تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارلىشىچە زۇڭتۇڭ 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى فىرانسىيەگە زىيارەتكە كەلگەن شىۋىتسىيە دۆلەت ئەربابلىرىنى كۈتۈۋالىدىغان بولۇپ ،ئۇ شۇ قىتىملىق ئولتۇرۇشقا شىۋىتسىيلىك بۇ داڭلىق مۇنارنىمۇ ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان. ئەمما ئىبىرايىموۋىچ 12-ئاينىڭ 3-كۈنى فىرانسىيە ئادەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ 16-ئايلانما مۇسابىقىسىدىكى پارىژ كۇلۇبى بىلەن فىرانسىيە ئادەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك كۇلۇپ لىر كۇلۇبىئوتتۇرسىدا ئكزتكۈزىلدىغان بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قۇيۇشنى خالىمىغانلىقتىن زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك تەكلىبىنى رەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان . مانا بۇ پەقەت تۈگىدىلا بار بولغان كەسىپچانلىق روھى يىتىلدۈرگەن كەسكىن پوزىتسىيە.



600x450_B7233A2400C90005[1].jpg


ئىبراھىموۋىچنىڭ خاراكتىر-مىجەزى خۇددى تەلۋە ئادەم مۇرىنھۇغا ئوخشاپ كىتىدىغان بۇلۇپ ئۇنىڭ مىجەزى ھەم چۇس ھەم يۇمۇرىستىك . ئۇ ئىسىل ئىپادىسى ئارقىلىق مەستانىلەرگە خۇشاللىق ئاتا قىلىپلا قالماستىن يۇمىرىستىك خارەكتىرى، غەلىتە مىجەزلىرى بىلەنمۇ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. تۆۋەندە بىز ئۇنىڭ مۇخبىرلارنىڭ بەزى سورىغان سۇئاللىرىغا بەرگەن يۇمۇرىستىك ھىم ئكزگىچە جاۋابىلىرىنى كۈرۈپ باقايلى.
1-كىم سىزنىڭ چوقۇنغۇچىڭىز؟
جاۋاب: ئەلۋەتتە مارادونا ئۇ بىر ئۇلۇغ توپچى،مەڭگۇ شۇنداق ئۇ مىنىڭ چوقونغۇچۇم.
2-ئەگەر سىز پوتپولچى بولمىسىڭىز نىمە كەسىپ قىلاتتىڭىز؟
جاۋاب: مەن15ياش ۋاقتىمدا توپ تىپىشتىن ۋاز كىچىشنى ئويلىغان ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا مەن مارىئودىكى تاش ئۇستىدە خىزمەت قىلاتتىم.بىراق مىنىڭ تىرنىرىم مىنى يەنىلا توپ تىپىشقا دەۋەت قىلدى،شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ قارىشىممۇ ئۆزگەردى.
3-كەسپى ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ چاقنىغان دەۋرىڭىز قايسى؟
جاۋاب:ئەلۋەتتە ئىتالىيە بىرلشمىسىنىڭ چىمپىيونلىقىنى ئىلىش مىنىڭ ئەڭ چاقنىغان دەۋرىم.شۇنداقلا ئىنگىلاندقا ئۇرغان 1-توپ.
4-ئەڭ نەس باسقان ۋاقىت قايسى؟
جاۋاب: مەن تاكى ھازىرغىچە ياۋرۇپا چىمپىيونلىقىنى ئالالمىدىم بۇ مىنىڭ ئەڭ ئۆكۇنىدىغان ئىشىم.
5-ئەگەر ئۆيۇڭىزگە ئوت كەتسە نىمىنى ئاۋۋال ئالىسىز؟
جاۋاب: مەن ھىچنىمىنى ئالمايمەن ھەرقانداق نەرسىنى قايتا پۇلغا ئالغىلى بولىدۇ .
6-ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىڭىز قايسى؟
جاۋاب: 鲍勃-马利的《One Love بۇ ناخشا كىشىنى بەكمۇ ئەركىن قىلىدۇ.
7-بىزگە بىر مەخپىيەتلىكىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز؟
جاۋاب : مەن تەيچۇەن گۇمپىسىنىڭ قارا بەلۋىغىنى ئالغان،مىنىڭ تەيچۇەن مۇسابىقىلىرىگە تىرنىر بولغۇم بار بىراق پوتپۇل سەۋەبلىك بۇلارنى قىلالمىدىم ئەگەر چىكىنسەم چوقۇم شۇنى قىلىمەن.
8-سىز ئۆزىڭىزگە قانداق باھا بىرىسىز؟
جاۋاب: كىشىلەر دائىم ھايات چېغىڭدا ئەپسانىگە ئايلىنالمايسەن دېيىشىدۇ. ئەمما مەن ھايات تۇرۇپلا ئەپسانىگە ئايلىنىپ بولدۇم.
9-سىز قانداق خىلدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچكە ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىسىز؟
جاۋاب: مەن ھەممىگە ئىگە بولۇپ بولدۇم.
مەندىن بارسېلونادا دوستۇڭ بارمۇ دەپ سوراۋاتامسەن؟ كۆرۈرمەنلەر سۇپىسىدا 90 مىڭ، پۇتبول مەيدانىدا 22 دوستۇم بار».
ئىبراھىم باشچىلىقىدىكى شىۋىتسىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە رونالدو باشچىلىقىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسىغا ئۇررۇتۇپ قۇيۇپ شاللىنىپ كەتكەندىن كىيىن مۇخبىر ئۇنىڭدىن :سىزنىڭ ھازىرقى ھىسياتىڭىزنى بىلىپ باققۇمىز بار. سىز بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى كۈرەمسىز؟ دەپ سورىغان چاغدا ئىبراھىم ئىككىلەنمەستىنلا «مەن قاتناشمىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە ئەرزىمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.
مۇخبىر بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ دىئالوگى:
بىر ئېغىز سۆز بىلەن مېسسىنى تەسۋىرلەپ بەرسىڭىز.
كارامەت.
كىرىستىيانو رونالدوچۇ؟
ئېسىل.
ئۇنداقتا سىزچۇ؟
ۋاھ......!!!!
مۇخبىر : ئىبراھىموۋىچ ئىنسانمۇ؟ ياكى ئۇنى ئىلاھ دېيىش كېرەكمۇ؟
ئىبراھىموۋىچ: زىلاتان ئىبراھىموۋىچ ئەلۋەتتە ئىنسان، خۇددى ئاق كىتنىڭمۇ بېلىق بولغىنىغا ئوخشاش
مۇخبىر: سىزنىڭ پۇتبول تېپىش ئۇسلۇبىڭىز شىۋىتسارىيە ئۇسلۇبىمۇ ياكى يۇگۇسلاۋىيە ئۇسلۇبىمۇ؟
ئىبراھىموۋىچ: ئىبراھىموۋىچ ئۇسلۇبى!
ئىلگىرى بەزى تاراتقۇلار ئىبراھىموۋىچنىڭ ھەمجىنىسلىقىدىن گۇمانلاندى . بىر قېتىم بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن مۇشۇ ئىش توغرىسىدا سۇئال سورىغاندا  ئۇنى جاۋابى بولسا: «سىڭلىڭنى............»
مۇخبىر: بەزى ۋاقىتلاردا كاۋانى بىلەن پاس بېرىشمەيدىكەنسىلەر ھە.
ئىبراھىموۋىچ: پۇتبولنى مەندىنمۇ بەكرەك چۈشىنەمسىز؟
مۇخبىر: ئۇنداققۇ ئەمەس.
ئىبراھىموۋىچ: ئەمىسە نېمىشقا پۇتبولنى تىلغا ئېلىپ ئولتۇرىسىز؟





rb_A4_5[1].jpg


2014-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى فىرانسىيە بىلەن گوللاندىيە ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق دوستلىق مۇسابىقىسىدە پارىژ سان ژىرمان كۇلۇبىنىڭ فىرانسىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى،ئىبراھىموۋىچنىڭ كۇلۇبتىكى سەبدىشى ماتويدى قاپقىغا ئارقىسىنى قىلىپ تۇرغان ھالەتتە مۇللاق توپ تىپىپ نۇمۇر ئالغان. بۇ مۇسابىقىنى كۆرگەن يۇمىرىستىك تۈگە ئىبراھىموۋىچ جەمىئەت ئالاقە تورى تىۋىتېر تورىدا: ھەي ماتويدى. مەن تۈنۈگۈن كەچ سىنىڭ توپ ئۇرغان كۆرۈشىڭنى كۆردۈم. ناھايىتى قالتىس! سەن چۇقۇم زىلاتاننىڭ مەشىقىنى ئوغرىلىقچە كۆرىۋاپسەن! دەپ ئۆزىنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇسى ئارقىلىق سەبدىشىنىڭ قالتىس ئىپادىسىنى ماختىغان ئىدى.  ئۇ يۇمۇرىستىك بۇلۇپلا قالماي يەنە ئىنتايىن پوچى توپچى ھىسابلىنىدۇ .ئۇ بارسىلونادىكى ۋاقتىدا بىر قېتىم مەشىق مەيدانىدا سەبداشلىرىغا «مەن مەشىق مەيدانىدا ئۆزەمگە بەك ئىشىنىمەن ، لېكىن مۇسابىقە مەيدانىدا مەن ئۆزەمنى تەڭرى كۆرىمەن» دىگەن.


f5d31f950a7b0208923593fa66d9f2d3562cc807[1].jpg


مانا بۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇب ھەم ئۆزگىچە خارەكتىرگە ئىگە زىلاتان ئىبراھىموۋىچنىڭ رەڭدارلىققا تولغان ئۆزگىچە ھاياتى. ئۇ ھازىرغا كەلگۈچە نۇرغۇن ئەگرى توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ كۆكرەك قەپىزىگە جايلاشقان بىر پارچە قىزىل گۆشنىڭ ھەر بىر قېتىملىق دۈپۈلدەپ سوقۇشىنى ئۆزىنىڭ ئەركەلىك جاسارىتىنىڭ قىيىنچىلىقلار ئالدىدا بوشىشىپ كەتمەسلىك توغرىسىدا ئۇنىڭغا بەرگەن جاراڭلىق سىگنالى دەپ چۈشەنگەنلىكتىن، ھايات مۇساپىسىدە ئۇچرىغان بارچە قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كەلدى. گەرچە ئۇ بىرەر قېتىم پۇتبولچىلىق ساھاسىدىكى ئەڭ كاتتا شان-شەرەپ بولغان ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئىرىشىپ باقمىغان بولسىمۇ، بىرەر قېتىم ئۆز كوماندىسىنى باشلاپ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى دەس كۈتۈرۈپ باقمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۈزلىكسىز تىرىشىش ۋە بوشاشماسلىق روھى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئۆزىنىڭ يەنىلا پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ قالتىس ماھىر ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ، بارىلىق پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ بىردەك ئىتراپ قىلىشىغا ئىرىشتى.




b19f279759ee3d6d34d6403742166d224e4ade59[1].jpg


گەرچە ئۇنىڭدىن خېلىلا ياش بولغان بەزەن چولپانلارنىڭ ئىرىشكەن چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ھەم شەخسى شان- شەرەپلىرى ئۇنىڭغا قارىغاندا كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ھەممىدىن قالتىس. چۈنكى ئۇنىڭدا تىرىشچانلىق ھەم ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتىكى ئالاھىدە ماھارەت بار.


5316973df8dcd100a618fb46708b4710b8122f25[1].jpg


ئۇ بىز مەستانىلەرنى يېشىل چىملىقتا ئۆزىنىڭ قالتىس ماھارەتلىرى،ھىچكىم ئويلاپ باقمىغان غەلىتە ھەركەتلەر ئارقىلىق توپ كىرگۈزىشلىرى بىلەن ھەيران قالدۇرغان ھەم زوق ئاتا قىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ مەيدان سىرتىدا بىزنى يەنىلا ئۆزىنىڭ خاس خارەكتىرى بولغان ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان.

fc3ff81f3a292df51038af72be315c6035a8732b[1].jpg


گەرچە ھازىر قىسمەن مەستانىلەر مىسسى ۋە كىرىستىيانو رونالدودىن ئىبارەت ئىككى گىگانىت چولپاننىڭ پۇتبول مەيدانىدىكى قالتىس ماھارەتلىرىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىپ،گوروھلارغا بۈلۈنۈپ بىرلىرى مىسسىنى،يەنە بىرلىرى رونالدونى ماختىشىپ ،ھەتتا بۇ ئىككىسى پۇتبولغا ئەمەس بەلىكى پۇتبول بۇ ئىككىسىگە تايانمىسا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمايدىغاندەك تەسەۋۋۇر قىلىشىپ يۈرۈشسىمۇ ئەمما ئۇ پۇتبولنى ھەقىقى مەنىسى بىلەن چۈشۈنىدىغان مەستانىلەرنىڭ نەزىرىدە شۇ ئىككىسىدىن قېلىشمايدىغان ئىنتايىن مۇكەممەل توپچى ھىسابلىنىدۇ.


u=652257967,1990341667&fm=21&gp=0[1].jpg


توغرا ! ئۇنىڭدا مىسسى بىلەن رونالدودا بار بولغان ئالتۇن توپ يوق. توغرا ! ئۇنىڭدا ئۇ ئىككىسى ئىرىشكەن ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى يوق. ئەمما ئۇنىڭدا دۇنياۋى چولپاندا  بۇلۇشقا تىگىشلىك ئىقتىدار ۋە تالانىت بار. ئۇ ئوخشىمغان بەش بىرلەشمىدە ئۆز تالانتى ئارقىلىق ئۆزى توپ تەپكەن كوماندىنى، شۇ بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئىرىشتۈرۈپ باققان بىردىنبىر پۇتبولچى .

5514317071468179679[1].jpg


ئۇ خۇددى تاشقى پىلانىت ئادىمى دەپ نام ئالغان بىرازىليەلىك رونالدوغا ئوخشاش پۇتبول دۇنياسىدىكى ئىككى قان رەقىب كوماندىلاردا توپ تېپىپ باققان ۋە ئۆزىنىڭ تېخىنىكىسى بىلەن ئۇلارنى قايىل قىلغان. قارشى تەرەپ مەستانىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن.

u=3301593407,665526567&fm=11&gp=0[1].jpg


نۆۋەتتە ئۇ 35 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ لىكىن  ئۇ پۇتبولنى چىن يۈرىكىدىن  ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن يېشىل چىمدا چېپىپ يۈرمەكتە.ئۇ ئەزەلدىن يېڭىلگىنىگە تەن بەرگەن ئەمەس، ھەم مەغلۇبىيەت ئالدىدا ئۆزىنى يۇقۇتۇپ قويغانمۇ ئەمەس.

012911fpuptkgottfnvnxs[1].jpg


بۇ دۇنيادا خاتالىقلاردىن خالى مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ. ئىبراھىموۋىچمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە! ئۇ بەزىدە ئىنتايىن تەلۋەلىشىپ كىتىدۇ. باشقىلارغا ئېغىر ھەركەتلەرنى ئىشلەپ ئۇلارغا زوراۋانلىق قىلىدىغان قىلىقىرى پات-پاتلا كۈزۈمىزگە چېلىقىپ قالىدۇ. ئەمما كۆپۈنچە ھاللاردا ئۇنىڭ بۇ ياۋۇزلىقدا مۇتھەملىك ۋە ئۇششۇقلۇق ئەكىس ئەتكەن بولماستىن بەلكى، مۇتھەملىككە قارشى ئەركەككە خاس جاسارەت ئەكىس ئىتىدىغان بولغاچقا مەستانىلەر ئۇنىڭ بۇ ياۋۇز ھالىتىنى كۆرگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىنى سەلبى تەرەپكە بۇرىۋەتمەيدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا مەن ئىبراھىموۋىچنىڭ كېينكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 14مۇنبەر پۇلى +4600 تۆھپە +3 شۆھرەت +3 تىللا +7 يىغىش سەۋەبى
nayil + 50 قالتىس!
باتىستۇتا11 + 50 قالتىس!
بوۋاي + 3000 قالتىس!
تۇرانى + 50 قالتىس!
كەمپۈت + 50 قالتىس!
nur816 + 50 قالتىس!
جاغىستاي120 + 1000 + 3 قالتىس!
تۈمەن + 50 قالتىس!
orkax1208 + 50 + 2
قادىخان + 50 + 2 قالتىس!
ئۇچتىكىن + 50 نادىر ...........
بارسېلونا- + 50
تەمكىن + 50 قالتىس!
ئەلشىر + 50 + 3 + 3 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-2-27 08:51:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجىرلىك تىما بوپتۇ ، ئىبرايىموۋىچ نىڭ تەرجىمھالى مۇكەممەل بوپتۇ ، تولۇق چۈشەندۇق.   مارادوننادىن قالسىلا مۇشۇنىڭغا قايىل مەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 08:58:47 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل  تېما   بوپتۇ،،نادىرلاشقا   بىر  بېلەت  كەتتى،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 09:52:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل تىما  مۇشۇ  ئۇزغۇنلۇققا  ئىرىشىپ   باقماپتۇ  ھە
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 09:53:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چوڭ رونالدودىن قالسا ئەڭ ئامراق پۇتبولچى،رەھمەت غەلبە بۇرادەر جاپا چەكتىڭىز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 09:54:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما بوپتۇ، ئىبراھىموۋىچنىڭ دىنى توغرىسىدا مەن بەزى مەلۇماتلارنى يەتكۈزەي، «بۇمۇ ئەلبەتتە توردىن كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىم» ئىبىرايىموۋىچ بۇلتۇر تاراتقۇلار ئالدىدا مەن تەڭرىنىڭ ئوغلى«نەئۇزۇبىللا»  دىگەنلىكى ۋە قايسى كۈنى بىر چىركاۋ سېتىۋالغانلىقىلا بۇنىڭ مۇسۇلمان ئەمەسلىكىگە كىپىل بولالايدۇ، ئەلبەتتە بۇ تەرىپى بىزنىڭ ئىبراھىموۋىچنىڭ پوتبۇل ماھارىتىدىن ھوزۇرلىنىشىمىزغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، لېكىن ئەڭ مۇھىمى ھەممىنى بىلگۈچى پەقەت بىر زاتتۇر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 09:56:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 11:28  

دۇنيادا ئوخشاشمىغان تۈردىكى ‹‹ ھەرمىللەت، ھەرخىل ئېرقىتىكى ›› پۇتبول مەستانىلىرى بار. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ قەلىپ تۆرىدىن ئۇرۇن ئالغان قەھىرىمانلىرمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. لىكىن شۇنداق بىر تىزپۈكمەس قەيسەر ئىرادىگە ئىگە بىرقىسىم توپچىلار باركى. سىزگە يېشىل چىملقتىن ھۇزۇر ئېلىش تۇيغۇسى ئېلىپ كىلىپ ھەقىقى پۇتبولنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇپ، پۇتبول دۇنياسىدا سىزگە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ كىتىدۇ، پۇتبول دۇنياسىدىكى  قېرىماس تۆگە ئىبرايىمۋىچ دەل مۇشۇنداق توپچىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى، ئۇنىڭ مەيداندىكى جەسۇرانە روھى، ھەرقانداق بىر كومانددىكى ماسلىشىش ئېڭى ، ئۆزەگىچە بولغان مىجەز خارەكتىر ۋە ئاز ئۇچۇرايدىغان تەبىئي تالانت نۇمۇر ئېلىشتىكى سەرخىل ماھارەتلىرى ھەرقانداق بىر پۇتبول مەستانىسىنى قايىل قىلماي قالمايدۇ. مەيلى ئۇ قايسى كۇلۇپ مەستانىسى بولسۇن مەستانىلەر بۇ چولپاننى تولىمۇ ياخشى كۈرۈىدۇ. ئۇنىڭغا قايىل بۇلىدۇ. ئۇنى ھەرۋاقىت قوللاپ ئۇنىڭغا چەكسىز ئاپىرىن ئۇقۇيدۇ. ئىبرايىموۋىچ دەل مۇشۇنداق دۇنيا مەستانىلىرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ھەقىقى بىر چىملىق تۆگىسىدۇر.

توپچىلارغا مەستانەبۇلۇپ ، ئۇلارغا قايىل بۇلۇشتا، ھەرقايسىي كوماندىلارغا سىڭشچانلىقى يۇقۇرى توپچىلارغا يۇقۇرى باھا بىرىپ كەلدىم. شۇقارشىم بۇيىچە ئىبرايىم قەلبىمىدە مۇتەلەق ئۈستۈنلىكتە تۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە مەن مەستانە بولغان ، كونا توپچىلاردىن ، كاكا بىلەن ئىبرايىم نوچىلا قالدى...


مەستانىلەر ھاياتىمىزدا ھەرخىل چولپانلارنىڭ پۇتبولچىلىق دەۋىرگە شاھىت بۇلىشىمىز مۇمكىن، ئەمما ئوخشىمىغان كۇلۇپتا ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ ئوخشىمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن چىملىق زومىگەرلىرىنى كۆپ ئۇچۇرتالمايمىز. ھەرقانداق بىر مەستانە ئۇنىڭغا قايىل بولماسقا سەۋەپ تاپالمايدۇ.

ياشا ئىبرايىم سەن ئەڭ نوچىسى


ناشتىلىققا ئىسىل تېمىدىن بىرنى سۇنۇپلا،     نادىر بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +50 يىغىش سەۋەبى
غەلبە + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 09:58:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ئ‍ىسىل   تولۇق چىقىپتۇ    ،   ئ‍ىبراھىمۇۋىچ توغۇرلۇق تىمىلار  چىققان  لىكىن   بۇ  تىما  بەك  مۇكەممەل چىقىپتۇ   ،   ئ‍ىسىل تىما   ،   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 10:36:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇرايىم دارازا ئادەم  ئويلىمىغان  توپلارنى  ئۇرۇپ قۇيىدۇ،خاركتىرىدىن ئېلىپ .ئېيتقاندا كوماندىدا ئاكىسى بۇلالمىسا يۆتكىلىپ كېتىدۇ،ئۈزى خان ئۈزى بەگ بۇلۇپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن.مىسى، رونالدۇ بىلەن بىر دەۋىردى توپ تېپىپ قالغانلىقى  ئالتۇن توپ ئالالماسلىقىدىكى بىردىنبىر سەۋەپ دەپ قارايمەن ئۈزەمچە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 11:51:52 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانزاد1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-27 12:10  

ئەجىرلىك تىما،  نادىر تىما. ئالتۇن قەلىمىڭلار ھارمىسۇن. مۇنبىرمىزدە دەل مۇشۇ ئىبراھىموۋىچ توغرىسدىكى تىما كەم ئىدى. مانا بۇ بوشلۇق تولۇقلاندى. شىۋىتىسىيە تۆگىسى توغرىسدا نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇق.
مەزكۇر تىمىنى يىزىپ پۈتتۈرۈشكە قانچىلىك ۋاقىت كەتتى؟  سەۋىيە خىلى بار ئىكەن جۇما....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-27 11:53:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پۇتبول ساھاسىدەىلام ئەمەس سىرتتىمۇ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى باركەن ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-10 10:13

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش