ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 8589 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-25 22:32
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، پۇتبول مۇنبىرى تەرجىمىسى: 2-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتە، فرانسىيەلىك داڭلىق توپچى روبېرت پىرېس چېكىنگەنلىكىنى جاكارلدى. پىرېس بۇ يىل 42 ياش، پىرېسنىڭ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، فرانسىيە پۇتبول تارىخىدا ئەڭ شانلىق نەتىجە ياراتقان 1998-يىلىدىكى فرانسىيەلىك توپچىلارنىڭ تۇلۇق خوشلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ توپچى فرانسىيە پۇتبول كوماندىسىغا ھەمدەم بولۇپ 1998-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ۋە 2000-يىلىدىكى ياۋروپا لوڭقىسىدا چىمپىيۇن بولغان. 1973-يىلى توغۇلغان پىرېس دەسلەپتە فرانسىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى لانېس كوماندىسدا توپ تەپكەن. 2000-يىلى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى ئارسېنال كۇلۇبىغا قۇشۇلغان. پىرېس شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ شانلىق دەۋرىنى باشلىغان. «توپ كىرگۈزۈش ماشىنىسى» ھېنرى بىلەن ياخشى ماسلىشىپ كوماندىنىڭ ھۇجۇم سېپىدىكى يادرولۇق كۈچ بولۇپ قالغان.
2002-يىلى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدە چىمپىيۇن بولغان، 2004-يىلى ئارسېنال كوماندىسدا تېخىمۇ قالتىس ئوينىۋەتكەن، شۇ يىلى ئارسېنال كوماندىسى 49 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇدا يېڭىلمەي ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 115 يىللىق تارىخىدىكى بىر مەيدانمۇ يېڭىلمەي چىمپىيۇن بولغان تۇنجى كوماندا بولۇپ قالغان قالغان. بۇ جەرياندا پىرېسنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل تۇراقلىق بولغان. 2006-يىلى ئۇ ئارسېنال كۇلۇبىدىن ئايرىلىپ ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ۋىللارئىلار كۇلۇبىغا قۇشۇلغان. 2010-يىلى يەنە ئېنگىلاند بىرلەشمە سەھنىسىگە قايتىپ كەلگەن. پىرېس كۇلۇب ھاياتىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنىپلا قالماي دۆلەت كوماندىسىدىمۇ شانلىق نەتىجە ياراتقان. پىرېس دۆلەت كوماندىسدا 79 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 14 توپ كىرگۈزگەن. زىدانى بىلەن بىر دەۋىردە توپ تەپكەن بۇ تۆھپىكار توپچىنى فرانسىيە خەلقى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ......
|
-
|