elan ornielan orni
كۆرۈش: 757|ئىنكاس: 12

يۇۋىنتۇس تۆمۈر بېكى ساقايدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tevez تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-25 00:44  

ئىگىلىنىشىچە يۇۋىنتۇس تۆمۈر بېكى چىئېلىنى بىلەن سول بېك ساندىرو تولۇق ساقايغان بولۇپ ، ھەپتە ئاخىرى ئىنتىر بىلەن بولغان دۆلەت دېربىسىگە چۈشۈش ئېھتىماللىقى چوڭكەن . چىئېلىنى 24- ئايلانما فىروسىنونى  بىلەن ئوينىغان مېھمان مەيداندا يارلانغان ،ساندىرو بولسا ئۆتكەن ھەپتە مەشىقتە يارلانغان بولۇپ ، بۇلارنىڭ قايتىپ كېلىشى ئالەگرى نىڭ قايتىدىن 3-5-2 سەپ شەكلىنى ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئاساس تىكلىگەن . 27- ئايلانما  29- چىسىلا دىيارىمىز ۋاقتى 01:45 تە ئىنتىر vs  يۇۋىنتۇس نىڭ دۆلەت دېربىسى دە بۇ ئىككى ماھىر ئاساسلىق بولۇپ چىقىش ئېھتىماللىقى چوڭ . بىراق ئوتتورا مەيدان ماتورى مارجىسىئو نىڭ يارىسى ئېنىق ئەمەس ، ئىنتىردىن يۆتكىلىپ كەلگەن ئەرنەندىس ئۇنىڭ ئورنىنى ئوينىشى مۇمكىن .


تاغىل قوشۇندىن باشقا قىسقا خەۋەرلەر :
ماروتا (يۇۋىنتۇس دىرىكتورى) : مادرىد بۇرۇنقى توختامدىكى ماددىغا ئاساسەن 35 مىليونغا موراتا نى قايتۇرۇپ سېتىۋىلىش ھوقۇقىنى ئىشلىتىشى مۇمكىنكەن ، بىراق موراتانى قايتۇرۇپ ئاپىرىپ ئىشلىتىش ئەمەس بەلكى مەقسىتى 40 مىليون ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى پۇلغا باشقا كوماندىغا سېتىپ ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن .
ھازىر موراتانىڭ مائاشى يۇۋىنتۇس بويىچە 3- يۇقىرى ئورۇندا ،يىللىقى 4 مىليون ، توختام مۇددىتى 2020-يىلى توشىدۇ .



بۇرۇنقى يۇۋىنتۇس تېرىنىرى ھازىرقى ئىتالىيە تېرىنىرى كونتى يازدا ياۋروپا لوڭقىسى ئاياقلاشقاندىن كېيىن چېلسىغا تېرىنىر بولۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ تېرىنىرمىش — ئېنگىلاند خەۋەرلىرى


دىبالا : كىچىك مېسسى ،ئاخشام بايرىنغا بىر توپ ئۇرۇپ كوماندىغا ئىشەنچ ئاتا قىلغان ئارگىنتىنالىق يېڭى چولپان ، كەلگۇسى دېلپىئېرو ئىزباسارى ، كېيىنكى مەيدان ئارىياندا  بايرىننى ئۇتۇپ سەككىز كۈچلۈككە كىرىشكە  ئىشەنچىسى زور .

كۇئاردىرادو: بايرىن گەرچە كۈچلۈك بولسىمۇ بىز كېيىنكى مەيداندىكى ئىپادىمىزنى جارى قىلدۇرساقلا ، گېرمانىيە دە ئۇلارنى شاللىۋىتەلەيمىز دەپتۇ ، ھەم روبىن كىرگۇزگەن توپتا ئۆزىدىن سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ توپنى تارتقۇزۇپ قويىشى سەۋەپچى بولغانلىقىنى ،كېيىنكى مەيدان خاتالىقنى قايتا سادىر قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپتۇ.


ئالەگرىنىڭ قارىشىچە ، ئالدىنقى مەيداندا يۇۋىنتۇس ئەزالىرى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى كامچىل ،دادىللىق بىلەن ھۇجۇم تەشكىللەشكە جۇرئەت قىلالماسلىقنىڭ زىيىنىنى تارتقان ، ياخشى يېرى ئالمىشىپ چىققان ئەرنەندىس ئوتتورا مەيدان كونتىروللىقىنى ئاشۇرۇپ يۇۋىنتۇسنىڭ 2 توپ قوغلاپ يېتىشىگە زور تۆھپە قوشقان ، بىراق روبىن كىرگۇزگەن توپتا ئۇنىڭ ئارقا بەل ئۆتەشكە تېگىشلىك مۇداپىئە ۋەزىپىسىنى ياخشى ئۆتىمىگەنلىكىدەك سەۋەنلىكمۇ كۆرۈلگەن . ئالمىشىپ چىققان موراتا بىر پاس بېرىپ يەنە بىر ئالمىشىپ چىققان سىتۇرارو توپ كىرگۇزگەن ،ئۇلارنىڭ ئىپادىسىدىن تېرىنىر رازى ئىكەن .ئالەگرى يەنە  بايرىننىڭ 70 پىرسەنتلىك توپ كونتىرول قىلىشى چوڭ مەسىلە ئەمەس دەپ ئىپادە بىلدۇرگەن .

يۇۋىنتۇس بۇندىن بۇرۇنقى ئالتە قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى ئاۋۋال ساھىبخان تەڭلىشىش تارىخىدا ھەممىسىدە كېيىنكى مەيداندا قارشى تەرەپنى مۇۋاپىقىيەتلىك شاللىغان .


قېدىرا ھەم پوگبا : 0-2 دە ئارقىدا قېلىپ قەيسەرلىك بىلەن 2-2 تەڭلىشىش يۇۋىنتۇسنىڭ زەردار قان سېستىمىسىنىڭ ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرالايدىغان توپچىلارنىڭ يەنىلا بارلىقىنى گەرچە ، بىدال ،پىرلو ، تېۋىز كەتكەن بولسىمۇ ، ھازىرقى كوماندا پەسىل بېشىدىكى ماسلىشىش دەۋرىنى ئۆتكۈزۈپ ھازىرقى كۈچلۈك كوماندا ھالىتىگە قايتقانلىقىنى ،كېيىنكى مەيداندا بايرىننى چوقۇم شاللايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ، پوگبانىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ يۇۋىنتۇستا يوغان قۇلاق كۆتۈرگۈسى بار ئىمىش.



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-2-25 00:55:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا جاننى تىكتى بۇلار. سەت ئۇتتردى دەپلا ئولتۇرسام ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-25 00:55:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇۋىنتىسقا ئامەت يار بولسۇن،دىبالا ھەققىقەتەن ئىچىلىپ كىتىپ بارىدۇ جۇمۇ،كۆز تەگمىسۇن …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-25 00:56:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن ئۇنداق ئوخشاشلىق يۈز بىرىۋىرىشى ناتايىن. چۈنكى  كىيىنكى  مەيدان  بايرىنىڭ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-25 00:59:30 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاغىل ئاتلار  ئۆز مەيدانىدا  كەتكۈزگەن  ئىككى توپنىڭ  زىيىنىنى  بەك تاتىپ  قالىدۇ ،شۇڭا  بۇدا قىتىم  شاللىنىپ  كىتىشى  ئىنىق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-25 01:02:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4 كۈچلۈكتە يۇۋۇنتۇس ۋە ياكى بايرىن بىلەن چىقساق بولاتتى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-25 01:10:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنۇ قېرى ئەزانىڭ تۇنجى تېمىسغا مارەك بولسۇن،      ئالەيگىرىنىڭ ئادەم ئالماشتۇرشى مۇۋاپىقيەتلىك بوپتۇ،  گو  دىققەت قىلمىسا  بايرىنغا يەنە بىر قەرىزنى ئوشۇق قىلىپ كىتدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-25 01:29:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ىۋۇ دىبالا دىگەن بالىغا ئ‍ابلا باي بىر نىمە دەپ باقسا بولغىدەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-25 01:29:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاينىكىس   مادىرىت باسا يۇۋىنتىسلانى   يەڭگەن
گو   مادىرىت باسادىن تاياق يەپ بولدى   ئ‍ەمدى بۇلادىن مەغلۇپ بولسا
بايرىندا   تامامەن مەغلۇپ بولغان بۇلىدۇ،
ئاندرويىدتا يېزىلغانئاندرويىدتا يېزىلغان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-25 01:36:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىككىلسىنىڭ 8 كۈچلۈك ھەتتا 4 كۈچلۈك قاتارىدا بولىشىنى ئۈمۈت قىلاتتىم،ئەپسۇس بەك بالدۇر ئۇچرىشىپ قالدى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-25 09:32:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇداقى مەيداندا ئىش چاتاق مىنىڭچە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-25 10:10:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇندىنلا ئامراقتىم يۇۋىنتۇس كوماندىسىغا،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-6-1 19:15

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش