ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1046 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا زەربىدار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-24 13:11
ئەسسالامۇئەيكۇم !!
دىيارىمىز ۋاقتى 2 ئاينىڭ 24 كۈنى ئۇزغۇنلۇق 1/8 تۇنجى ئايلانمىسى ئوينالدى
بارسېلونا 2-0 ئارسېنال
ئارسېنال ساھىبخان مەيداندا بارسېلونانى كۈتۈۋالدى ,
بۇ مەيدان مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ھەر ئىككىلى كوماندا نۇرغۇن خەتەرلىك ھۇجۇملارنى قىلىشتى ,مۇسابىقە داۋاملىشىپ 71 مىنۇتقا بارغاندا بارسېنا قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتتى نېمار سەبدىشى بەرگەن پاسنى قۇبۇل قىلىپ سۇيارىزغا پاس بەردى سۇيارىز پاسنى يەنە نېمارغا قايتۇردى نېمار بۇ توپنى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە مېسسىغا پاس بەردى مېسسى بۇ توپنى ئەپچىللىك بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ مەيداندىكى قاتماللىقنى بۇزدى , مۇسابىقە داۋاملىشىپ 83 مىنۇتقا بارغاندا ئەمدىلا مەيدانغا چىققان فۇلامىنو مېسسىنى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە يېقىتىۋەتتى ,رىپىر بۇ ھەركەتنى قائىدىگە خىلاپ ھەركەت دەپ ھۆكۈم قىلىپ بارسېلوناغا بىر نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلدى مېسسى بۇ توپنى ناھايىتى تەمكىن ھالەتتە ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 2-0 قىلىپ ئۆزگەرىتتى ,شۇنداق قىلىپ بارسېلونا مېھمان ھالەتتە ئۈچ نومۇرنى ساق-سالامەت ئېلىپ قايىتتى .مۇبارەك بولسۇن بارسېلونا !
ئىككى تەرەپ سەپ شەكلى :
ئارسېنال :چېخ ,بېيسەيلىن ,كېسچىرنى ,موتسارىكا ,مولىيار,كىكلان ,رامسەي ,سانچىس ,جامبىرلىن (ۋالكوت ),ئۆزىل ,گىرۇد (ۋېلبېك )
بارسېلونا :تېرىسگىن ,ئالۋىس ,پىك ,ماسچىرانو ,ئالبا ,بۇسكىس ,ئىنىستا ,راكتىچ ,نىمار ,مېسسى ,سۇيارىز ,
ئەڭ بۇرۇن توغرا پەرەز قىلغان ئەزا :مۇھەممەت 0999,مەشئەل 520 سىلەرگە ئازراق كۆڭۈل سوغا بار .
يۇۋېنتۇس -بەيرېن مىيۇنخىن
يۇۋېنتۇس كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا بەيرېن مىيۇنخىن كوماندىسنى كۈتۈۋالدى ,مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى ,ئالدىنقى مەيداندا مۇللېر ياخشى پۇرسەتتىن بىرنى تۇتالماي قالدى ,مۇسابىقە داۋاملىشىپ 43 مىنۇتقا بارغاندا مۇللېر كوستا بەرگەن پاسنى قۇبۇل قىلىپ تەمكىنلىك بىلەن بۇ توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ مۇسابقە نەتىجىسىنى 1-0 قىلىپ ئۆزگەرتتى ,كېيىنكى مەيداندا روبىن لەيۋەندوروسكى بەرگەن پاسنى قۇبۇل قىلىپ سىموۋۇللۇق ھالەتتە ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 2-0 قىلىپ ئۇرۇپ كىرگۈزدى مۇسابىقە داۋاملىشىپ 63 مىنۇتقا بارغاندا مەنزۇجىچ باس بەردى دىبالا بۇ توپنى ئەپچىللىك بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ئۇزغۇنلۇقلۇقتىكى تۇنجى توپىنى بارلىققا كەلتۈردى ۋە نەتىجە 2-1 گە ئۆزگەردى ,مۇسابىقە داۋاملىشىپ 76 مىنۇتقا كەلگەندە موراتا پاس بەردى بۇ توپنى سىترارو ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقىە نەتىجىسى 2-2 بولدى ,كېيىن ھەر ئىككىلى كوماندا خېلى كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەممەي ئاخىرى 2-2 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى .
ئىككى تەرەپنىڭ چىقارغان سەپ شەكلى:
يۇۋېنتۇس :بۇففۇن ,ئەنفۇلا ,بارزالى ,بونۇچ,لىچىستېينېر,پوگبا ,مارسىشىئو ,ھېدرا ,كۇئادىرادو ,دىبالا ,مەنزۇجىچ
بەيرېن مىيۇنخىن :نويېر ,بېرنات,ئالابا ,لام ,ۋىدال ,دىياگو ,دوگىلاس كوستا ,توماس مۇللېر ,روبېن ,لەيۋەنتوروسكى
|
|