elan ornielan orni
كۆرۈش: 1777|ئىنكاس: 35

ئەستىن كۆتۈرۈلگەن زەردارلار !!~ ( نايىل )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nayil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-24 03:23  

    ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم !!~


    تارىختىن بۇيان كۆپلىگەن كوماندىلار  پۇتبول سەھنىسىدە بارلىق پۇتبول مەستانىلىرى قەلبىدە ئۇنتۇلماس ئەسلىمە ، ھاياجانلىق مىنۇتلارنى قالدۇرۇپ كەلدى . بۇ قاتاردا يەنە كۆپلىگەن زەردارلار ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كىشىلەر ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى . بەزىلىرى ھەتتا پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدىن ، پۇتبول سەھنىسىدىن كۆپ يىراقلاپ كەتتى . ئۇلارمۇ پۇتبول تۈرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ، نۇرغۇنلىغان داڭدار توپچىلارنى يېتىشتۈرگەن ۋە چاقناتقان زەردارلار ئىدى . ئەپسۇس ، ۋاقىت خۇددى ھەر بىرىمىزنى پۇتبولغا باشلاپ كىرگەن ۋە قىزىقىشىمىزنىڭ زورىيىشىغا سەۋەب بولغن چولپانلارنىڭ پۇتبولچىلىقتىن چېكىنگىنىگە ئوخشاش قايغۇلۇق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى . ئۇلارنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىمۇ بارا-بارا كىشىلەر ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى . مەن تۆۋەندە بۇ ‹‹ ئەستىن كۆتۈرۈلگەن زەردارلار ›› نى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن !! قېنى دېققىتىڭلار تۆۋەندىكى مول مەزمۇنلاردا بولسۇن !!!~



   1 . لېدىس بىرلەشمىسى كۇلۇبى   (  ئېنگىلاند )


    1.jpg


   لېدىس بىرلەشمىسى كۇلۇبى كۆپلىگەن مەستانىلەرگە ناتونۇش بولسا كېرەك . لېكىن لېدىس بىرلەشمىسى كۇلۇبى ئېنگىلاند پۇتبول سەھنىسىدىكى داڭدار كوماندىنىڭ بىرى ئىدى .
   لېدىس بىرلەشمىسى كۇلۇبى ئېنگىلاند غەربى يورك سېر رايۇنىدىكى بىردىنبىر كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى بولۇپ ، ساھىبخان مەيدانى ئېللاند رود مەيدانى .
   لېدىس بىرلەشمىسى كۇلۇبى 1904-يىلى ‹‹ لېدىس شەھەر كۇلۇبى ›› نامى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ ، 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قانۇنسىز كىرىم ئارقىلىق پۇتبولچىلارغا مائاش تارقاتقان دەپ 1919-يىلى ئېنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن پارچىلىۋېتىلگەن . شۇ يىلى بۇ كوماندا يېڭىدىن تەشكىللىنىپ ، لېدىس بىرلەشمىسى كۇلۇبى نامى بىلەن قايتا قۇرۇلغان . شۇنىڭدىن باشلاپ ياخشى نەتىجىسى بىلەن ئېنگىلاند يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە ئىزچىل پۇت تىرەپ تۇرۇپ كەلگەن . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 ~ 60 -يىللىرى تۆھپىكار تېرىنىر دون رېۋىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان . دون رېۋى يېتەكچىلىكىدىكى بۇ مەزگىلدە لېدىس بىرلەشمىسى كۇلۇبى 2 قېتىم ئېنگىلاند بىرلەشمىسى چىمپىيۇنى ، 1 قېتىم ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى چىمپىيۇنى ، 1 قېتىم ئېنگىلاند بىرلەشمە لوڭقىسى چىمپىيۇنى ، 2 قېتىم ياۋروپا يەرمەنكە لوڭقىسى چىمپىيۇنى ، 1 قېتىم خەير-ساخاۋەت ئايلانما مۇسابىقىسى چىمپىيۇنى بولغان .



    3.jpg


   كېيىن تۆھپىكار تېرىنىر دون رېۋى لېدىس بىرلەشمىسى كۇلۇبىدىن ئايرىلىپ ئېنگىلاند دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى بولغاندىن باشلاپ لېدىس بىرلەشمىسى كۇلۇبىدا چېكىنىش بولغان . 1975-يىلى دون رېۋى تېرىنىرلىق دەۋرىدىكى كوزۇر توپچى باندىنىڭ زور كۈچ چىقرىشى ۋە باش تېرىنېر ئامفېردنىڭ يېتەكلىشى بىلەن لېدىس بىرلەشمىسى يەنە كۆتۈرۈلگەن ۋە شۇ يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈشتىن مەھرۇم قالغان . 1982-يىلىغا كەلگەندە دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن ۋە 1990-يىلى داڭلىق تېرىنىر خوۋارد ۋېلكېنسوننىڭ يېتەكچىلىكىدە يەنە دەرىجە ئۆرلەپ چىققان . 1992-يىلى ، يەنى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمسى بولۇشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى يىلى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان .
   2001 \ 2000-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ، لېدىس بىرلەشمىسى كۇلۇبى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسدە لازىئو ، مىلان ۋە لاكرونا كۇلۇبلىرىنى مەغلۇب قىلىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن . لېكىن شۇ مەزگىلدىكى كۈچلۈك قوشۇن ۋالېنسيا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشتىن مەھرۇم قالغان .



    2.jpg


   ئۇزۇن ئۆتمەي لېدىس بىرلەشمىسى كۇلۇبى .ئىقتىسادىدىن مەسىلە كۆرۈلۈپ ، ئاساسلىق توپچىلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان . كېيىنكى بىر نەچچە پەسىلدە لې داۋېد بوۋيېر ، ۋودگات ، كېۋىل ، ئالان شېمىس ، روبى كېن ، داكورد ، ۋېدوكا ، رىئو فېردىناند ، خارت ، فوللېر ، مېرنا ، روبېنسون ، مارتېن قاتارلىق داڭلىق توپچىلارنى ، شۇنداقلا ئاساسلىق سەپ شەكلىدىكى توپچىلارنى تامامەن سېتىپ بولغان . شۇ سەۋەبلىك كوماندىنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولماي دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن ۋە ھازىرغىچە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە چىقىشقا قۇدرىتى يەتمەي كەلمەكتە .
   لېدىس بىرلەشمىسى كۇلۇبى بۇندىن بۇرۇن كۆپلىگەن چىرايلىق ناملار بىلەن ئاتالغان . لېدىس بىرلەشمىسى كۇلۇبى كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹ ياشلار قوشۇنى ›› ، ‹‹ ئاق كىيىملىك قوشۇن ›› ، ‹‹ بىرلەشمە قوشۇن ›› ، ‹‹ توز قوشۇنى ›› ، ‹‹ ئاق ئەتتىرگۈل ›› قاتارلىق ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن داڭدار كۇلۇب ئىدى . بۇ شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان كۇلۇب ھازىر كىشىلەر نەزىرىدىن كۆپ يىراقلاپ كەتتى .




   2 . نوتتېنھام ئورمان كۇلۇبى   (  ئېنگىلاند  )


    5.gif


   نوتتېنھام ئورمان كۇلۇبى ئېنگىلاندنىڭ شەرقى مېدلاندېس رايۇنىغا جايلاشقان كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى ، شۇنداقلا ئېنگىلاند پۇتبول تارىخىدىكى شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان زەردار كوماندىنىڭ بىرى .
   نوتتېنھام ئورمان كۇلۇبى ئەسلى كەلتەك توپ كۇلۇبى ئىدى .  پۇتبولنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىشى سەۋەبلىك 1865-يىلىغا كەلگەندە ، سېلموس ئەر-ئايال كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمىغا كۇلۇبنى پۇتبول كۇلۇبى قىلىپ ئۆزگەرتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن . كۇلۇب يۇقىرى قاتلىمى چوڭ كۆلەملىك كۇلۇب يىغىنى ئېچىپ بۇ تەكلىبنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ پۇتبول كۇلۇبى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن . نوتتېنھام ئورمان كۇلۇبى ئېنگىلاند تارىخىدا ئەڭ دەسلەپتە قۇرۇلغان پۇتبول كۇلۇبىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . 1892-يىلى ئەنگىلىيە پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسىغا رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرگەن . 1898-يىلىغا كەلگەندە ، يەنى 6 يىلدىن كېيىن ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن .
   ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىلنىڭ ئاخىرى 80-يىلنىڭ باشلىرىدا شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان . بۇ مەزگىل دەل ئېنگىلاند كۇلۇبلىرىنىڭ ياۋروپادا زومىگەرلىك ئورنىدا تۇرۇۋاتقان ۋاقىتلىرى ئىدى . 1977-يىلىدىن باشلاپ ، لىۋېرپول كۇلۇبى ، نوتتېنھام ئورمان كۇلۇبى ۋە ئاستون ۋېلا كۇلۇبى ئارقىمۇ-ئارقا 6 قېتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلىقىنى مونۇپۇل قىلىۋالغانىدى .



    6.jpg


   1975-يىلى ، ئېنگىلاند ب دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى نوتتېنھام ئورمان كۇلۇبى ئەڭ ئاقىلانە بىر قارار چىقارغان . ئۇ بولسىمۇ شۇ مەزگىلدىكى داڭلىق تېرىنىر بېرىئان خوۋارد كولۇگنى باش تېرىنىرلىققا تەيىنلىگەن . شۇنىڭدىن باشلاپ نوتتېنھام ئورمان كۇلۇبىنىڭ شانلىق دەۋرى يەنە قايتا باشلانغان بولۇپ ، بىر پەسىلدىلا ئېنگىلاند ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە دەرىجە ئۆرلەپ چىققان . كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى دەرىجە ئۆرلەپ چىققان شۇ يىلى ، يەنى 1977-يىلى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە قوش چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن . 1978-يىلى ۋە 1979-يىلى ئۇدا ئارقىمۇ-ئارقا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنى بولغان . بۇنداق تېز ۋە ئارقىمۇ -ئارقا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىنى بەزى زەردار كۇلۇبلار 100 يىلدىمۇ قولغا كەلتۈرەلمەسلىكى مۆمكىن .
   ئەينى ۋاقىتتا نوتتېنھام ئورمان كۇلۇبىدا داڭلىق چولپانلار يوق دىيەرلىك ئىدى . داڭلىق دەپ قارالسا ئېنگىلاندنىڭ داڭلىق قاپقىچىسى خېلتون بىلەن مارتېن ئونېر ئىككىسى بار ئىدى . موھىمى ئۇلاردا ئىقتىدارلىق داڭلىق تېرىنىر بار ئىدى .



    7.jpg


   1993 \ 1992-يىللىق مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ، ئېنگىلاند ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسى ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە ئۆزگەرتىلدى . 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدە مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشى ، ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ رىقابەت كۈچىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى سەۋەبىدىن بۇ داڭدار كوماندا ئېگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى يولغا قويۇلۇپ بىرىنچى پەسىلدىلا ئاخىرىدىن سانىغاندا 3-ئورۇنغا تىزىلىپ دەرىجە چۈشۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى . دەرىجە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنكى ئىككىنچى يىلىلا 3-دەرىجىلىك بىرلەشمىگە دەرىجە چۈشۈپ كەتتى . بۇ ئەھۋال پۈتۈن ياۋروپا پۇتبول ساھەسىنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى . كېيىنچە كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ، ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە چىقىش ئەمەس ، ئېنگىلاند ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە چىقىشمۇ تەس بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالدى .
   نوتتېنھام ئورمان كۇلۇبى دۇنيا پۇتبول تارىخىدىكى بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقى ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىدىن ئاز بولغان ، شۇنداقلا 3-دەرىجىلىك بىرلەشمىگە چۈشۈپ قالغان بىردىنبىر ياۋروپا ئۇزغۇنى بولۇپ قالدى .
   نوقتىلىق سۆز شۇكى ، بىر چىمپىيۇن تېرىنىرنىڭ رولى چىمپىيۇن پۇتبولچىدىدىن كۆپ ئۈستۈن بولىدۇ !!!!~




   3 . بېلگىراد قىزىل يولتۇز كۇلۇبى    (  سېربىيە  )


    8.jpg


   بېلگىراد قىزىل يولتۇز كۇلۇبى سېربىيەنىڭ پايتەختى بېلگىرادقا جايلاشقان كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى بولۇپ ، يۇگۇسلاۋىيە دەۋرىدە 18 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولغان ، يۇگۇسلاۋىيە پارچىلانغاندىن كېيىن 6 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولغان ، سېربىيە تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ چىمپىيۇن بولغان زەردار كوماندا .
   بېلگىراد قىزىل يۇلتۇز كۇلۇبى 1945-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى قۇرۇلغان . يۇگۇسلاۋىيە بىرلەشمىسى 1946-يىلى يولغا قويۇلغان بولۇپ ، 1947 \ 1946-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ، يەنى بىرلەشمە مۇسابىقىسى يولغا قويۇلۇپ بىرىنچى يىلى بېلگىراد پارتىزانلار كۇلۇبى بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن ، زاگروب دېنامو كۇلۇبى ئىككىنچىلىككە ، قۇرۇلغىنىغا ئەمدىلا بىر يى؛ بولغان بېلگىراد قىزىل يولتۇز كۇلۇبى 3-لىككە ئېرىشكەن .
   1948-يىلى ، بېلگىراد قىزىل يولتۇز كۇلۇبى كۇلۇب تارىخىدىكى بىرىنچى چىمپىيۇنلۇق ، يەنى يۇگۇسلاۋىيە ئۇيۇشما لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . كېيىنكى 3 يىلدا ئارقىمۇ-ئارقا يۇگۇسلاۋىيە ئۇيۇشما لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولغان . بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇق ئارزۇيى بولسا 1951-يىلى ئەمەلگە ئاشقان . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بېلگىراد قىزىل يولتۇز كۇلۇبى پارتىزانلار كۇلۇبى بىلەن بولغان تىركىشىشتە ئەۋزەل ئورۇنغا ئىگە بولغان . ھازىرغىچە ئۇلار 29 قېتىم ئۇيۇشما لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئوينىغان بولۇپ ، 19 قېتىم بۇ تۈردىكى مۇسابىقىدە چىمپىيۇن بولغان .



    9.jpg


   1991 \ 1990-يىللىق مۇسابىقە پەسلىگە كەلگەندە ، بېلگىراد قىزىل يولتۇز كۇلۇبى تىرىشچانلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان . شۇ يىلى ئۇلار بىرمۇ مەيدان يېڭىلمەلىكتەك ياخشى نەتىجە بىلەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، كۇلۇب تارىخىدا ئۆچمەز ئىز قالدۇرغان . لېكىن بۇ قېتىملىق چىمپىيۇنلۇق بۇلارغا زور يوقىتىش ئېلىپ كەلگەن . يەنى بېلگىراد قىزىل يولتۇز كۇلۇبىنىڭ غوللۇق توپچىلىرىدىن يوگۇۋېچ ، مىخايلوۋېچ ، ساۋېسىۋېچ ۋە پىروسنېسكىي قاتارلىقلار ياۋروپا زەردارلىرىنىڭ نىشانى بولۇپ ، بىر-بىرلەپ كوماندىدىن ئايرىلغان . بۇ يوقتىش بېلگىراد قىزىل يولتۇزى كۇلۇبىغا زور بېسىم ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئۇلار يەنىلا زور تىزىشچانلىق كۆرسەتكەن . شۇ يىلى ئۇلار ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىدا مانچىستېر بىرلەشمىسى كۇلۇبىغا 1 : 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ بۇ لوڭقىدىن خوشلاشقان . لېكىن ئۇلار تويوتا لوڭقسى مۇسابقىسىدا ( ھازىرقى دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى ) جەنۇبى ئامرىكا تۇلپىرى چېلى كولو كولو كۇلۇبىنى 0 : 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇب قىلىپ ، تويوتا لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن .


    10.jpg


   ئۇلار يۇگۇسلاۋىيە پۇتبولچىلىقى شانلىق دەۋرىنىڭ ۋەكىلى ، شۇنداقلا شەرقى ياۋروپا پۇتبولىنىڭ يارقىن نامايەندىسى ۋە شان -شەرىپى ، ئۇلار ياۋروپا لاتىنچە پۇتبول ئۇسلۇبىنىڭ جەۋھىرى . بېلگىراد قىزىل يولتۇز كۇلۇبى ئىلگىرى نورغۇنلىغان داڭلىق چولپانلارنىڭ ئائىلىسى ئىدى . 2003-يىلىغا كەلگەندە ئۇلار رەسمىي پۇتبولچىلىقنىڭ تارىخىغا ئايلىنىپ قالدى . چۈنكى ئەينى دەۋىردىكى يۇگۇسلاۋىيەنىڭ ۋەكىلى ، شانلىق نەتىجىلەر ساھىبى بولغان بېلگىراد قىزىل يولتۇز كۇلۇبى كىشىلەر نەزىرىدىن كۆپ يىراقلاپ كەتكەنىدى . ئۇلاردا ‹‹ شەرقى يېرىم شار مارادوناسى ›› دەپ نام ئالغان سىتويكوۋېچ بار بولغان ، بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئختىيارى توپ تېپىپ قالپاق كىيگەن مېخايلوۋېچ بار بولغان ، 98-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتۇسنى بوغۇزلاپ تاشلىغان مىياتوۋېچ بار بولغان ، پۇتبول مەيدانىدىكى ‹‹ بالىتىچى ›› دەپ نام ئالغان پىروسىنېسكىي بار بولغان ، مىلاننىڭ سابىق تۆھپىكار جەڭچىسى ساۋېسىۋېچ بار بولغان ... بۇنداق سۆزلىسەك بەك نۇرغۇن چولپانلار بۇ ئائىلىدە چوڭ بولغان ۋە تونۇلۇپ چاقنىغان . يىغىپ ئېيىتقاندا ، بۇ كىلاسسىك لاتىنچە ئۇسلۇبتىكى بېلگىراد قىزىل يولتۇز كۇلۇبى يۇگۇسلاۋىينىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئېغىر تالاپەتكە ۋە بېسىملارغا ئۇچرىغان .



   4 . ئېيىنخوۋېن كۇلۇبى   (  گوللاندىيە  )


    11.gif


   ئېينخوۋېن كۇلۇبى گوللانىيەنىڭ ئېينخوۋېن شەھرىگە جايلاشقان كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى ، شۇنداقلا گوللاندىيە پۇتبولچىلىقىدىكى يەنە بىر يارقىن نامايەندە . ئۇ مەيلى دۆلەت ئىچىدە بولسۇن ياكى ياۋروپادا بولسۇن ئەڭ مول -ھوسۇللۇق داڭدار كوماندىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇلار تەربىيلىگەن چولپانلار دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە ئاجايىپ زور ئۇتۇق نەتىجىلەرنى قازانغان .
   ئېينخوۋېن كۇلۇبى 1913-يىلى 8-ئاينىڭ 31- كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ ، دەسلەپتە ‹‹ PSV ›› ، گوللاندىيە تىلىدا ‹‹ فېلىپىس تەنتەربىيە بىرلەشمىسى ›› نامىدا ئاتالغان . ئۇلارنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ، كۇلۇب مەستانىلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ .
   1913-يىلى ، فېلىپىس شېركىتى گوللاندىيەنىڭ فىرانسىيە مۇستەملىكىسىدىن ئازاد بولۇپ ئايرىم بولغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرلەش يۈزسىدىن شېركەت خىزمەتچىلىرىدىن تەركىب تاپقان ‹‹ ئېينخوۋېن فېلىپىس تەنتەربىيە بىرلەشمىسى ›› كۇلۇبىنى قۇرغان . بۇ كۇلۇب تەرەققىي قىلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى بولۇپ قالغان .
   ئېينخوۋېن كۇلۇبى ياۋروپا پۇتبولچىلىقىنىڭ ، جۈملىدىن گوللاندىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ تۈۋرۈكلۈك كوماندىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن پۇتبول دۇنياسىغا تېخىمۇ رەڭدارلىق ئېلىپ كەلگەن كوماندىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇلار ئەڭ كىچىكى 1929-يىلىدىكى تېخى كەسپىيلەشمىگەن دۆلەت ئىچى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولۇشتىن تارتىپ ، ئەڭ يۇقىرى نەتىجە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ كەلدى . گوللاندىيەدىكى كىچىككىنە شەھەر ئېيىنخوۋېن شەھىرىنىڭ نامىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتۇپ كەلدى ، شۇنداقلا سانسىزلىغان شەرەپلەرنى قوچتى .



    12.jpg


   ئېيىخوۋېن كۇلۇبى گوللاندىيە بىرلەشمىسىدە 22 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنى ، 9 قېتىم گوللاندىيە لوڭقىسى چىمپىيۇنى ، 8 قېتىم گوللاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيۇنى ، بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنى ، بىر قېتىم ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولغان .
   ئېنيىخوۋېن كۇلۇبى نۇرغۇنلىغان پۇتبولچىلارنىڭ چولپان بولۇشىدىكى پەلەمپەي يەنى شوتىلىق رولىنى ئۆتەپ كەلگەن . نۇرغۇنلىغان ياش پۇتبولچىلار بۇ كۇلۇبتا توپ تېپىپ ياۋروپا زەردارلىرىنىڭ تاللاش نىشانىغا ئايلانغان ۋە چلپان بولۇش قەدىمىنى باسقان . ئېينخوۋېن كۇلۇبىدىن چاقناپ دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدە نۇر چېچىپ چاقنىغان چولپانلار ئىنتايىن نۇرغۇن ، ۋەكىل خاراكتىرلىكلىرى بولسا ، گۇلېت ، كومان ، رومارىئو ، رونالدو ، كوكۇ ، سىتام ، ۋان نىستىروي ، روبېن قاتارلىقلار . ھازىرقى پۇتبول سەھنىسىدىكى داڭلىق تېرىنىر ھېددىنىكمۇ دەل مۇشۇ ئېيىنخوۋېن كۇلۇبىدا داڭىق چىقارغان . ئۇ ئېينخوۋېن كۇلۇبىنى يېتەكلەپ 1988-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ بىراقلا ھەممىگە تونۇلۇپ كەتكەن .
   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېيىنخوۋېن بۇرۇنقىدەك ياۋروپادىكى زەردارلار قاتارىدا بولماي كەلدى . لېكىن دۆلەت ئىچىدە يەنىلا يۇقىرى نوپۇزىنى تىكلەپ تۇرماقتا . ئېيىنخوۋېن كۇلۇبىنىڭ توپچىلىرىنىڭ باشقا ياۋروپا زەردارلىرى تەرىپىدىن قېزىپ ئېلىپ كېتىلىشى بۇ كۇلۇبنىڭ ياۋروپادىكى مۇسابىقىلەردىكى نەتىجىسىگە زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسۈتۈپ كەلدى . دۆلەت ئىچىدە بولسا رەقىبى ئاياكېس كۇلۇبىغا بوي بەرمەي كېلىۋاتقان بۇ كۇلۇب بارا-بارا ئاياكېس كۇلۇبىغا تاقابىل تۇرۇشتا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى . بۇرۇنقى ياۋروپا سەركىسى بولغان بۇ كوماندىنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىپ ، ياۋروپا پۇتبول سەھنىسىدە يەنە بۇرۇنقىدەك شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ، شۇندقلا كەڭ پۇتبول مەستانىلىرىغا يۇقىرى سەۋىيىدىكى مۇسابىقىلەرنى تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد بىلەن ساقلىماقتىمىز .




   5 . رېيمىس كۇلۇبى   (  فىرانسىيە  )


    13.jpg


   رېيمىس پۇتبول كۇلۇبى فىرانسىيەنىڭ رېيمىس شەھىرىگە جايلاشقان كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى بولۇپ ، فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كۇلۇبلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .
   رېيمىس كۇلۇبى 1911-يىلى قۇرۇلغان ، ساھىبخان مەيدانى ئاۋگستې دىلاۋنى پۇتبول مەيدانى . بۇ مەيدان 1938-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە مۇسابىقە مەيدانى قىلىپ بېكىتىلگەن ۋە بىر قانچە مەيدان موھىم مۇسابىقىلەر بۇ مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن .



    14.jpg


   1956-يىلى بىرىنچى نۆۋەتلىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە فىرانسىيە زەردارى رېيمىس كۇلۇبى رەقىبلىرىنى ئارقىمۇ-ئارقا يەر چىشلىتىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەنىدى . بۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشتە رېيمىس كۇلۇبىنىڭ داڭلىق توپچىسى ، فىرانىسيە پۇتبولچىلىقىنىڭ ۋەكىللىك توپچىسى ‹‹ پۇتبول مەيدانىدىكى ناپالىئون ›› دەپ نام ئالغان رېيموند كوپا ۋە بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغۇچى يۇست فونتاينى زور كۈچ چىقارغانىدى . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بولسا كۈچلۈك رەقىب ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد كۇلۇبى بىلەن تۇتىشىپ قالدى . بۇ كەسكىن رېيمىس كوماندىسى خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلىقىنى تاتقۇزۇپ قويۇپلا قالماستىن ، كوماندا يادروسى رېيموند كوپادىن ئايرىلىپ قالدى . شۇ پەسىللىك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رېيموند كوپا خانلىق مادرىدقا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى ، شۇنداقلا خانلىق مادرىد بىلەن بىرلىكتە 5 قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى . رېيمىس كۇلۇبى زور تىرىشچانلىقلار بىلەن 3 يىلدىن كېيىن يەنە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى . لېكىن ھەل قىلغۇچتىكى كونا رەقىبى خانلىق مادىرىدقا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئۇزغۇن بولۇش ئارزۇسى يەنە كۆپۈككە ئايلاندى .
   

    15.jpg


   3 يىل خانلىق مادرىد كۇلۇبى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان رېيموند كوپا رېيمىس كۇلۇبىغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ ، 28 ياشقا كىرگەن يەنە بىر رىۋايەتلىك توپچى يۇست فونتاي مۇسابىقىدە ئېغىر يارىلىنىپ پۇتبوچلىلىقتىن خوشلىشىشى بىلەن رېيمىس كۇلۇبى بۇرۇنقىدەك شانلىق نەتىجە يارىتالمىغانىدى . نەچچە ئون يىلدىن بۇيان رېيمىس كۇلۇبى ئاستا-ئاستا ياۋروپا پۇتبول سەھنىسىدىن يىراقلىشىپ كەتتى . ياۋروپا پۇتبول سەھنىسىدىن غايىپ بولۇشلا ئەمەس ، فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى نەتىجىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى .


    16.jpg


   1958-يىللىق شىۋېتسىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقسىدە ، رېيمىس كۇلۇبىنىڭ قوش تۇلپىرى رېيموند كوپا ۋە يۇست فونتاي فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە ئارقىمۇ-ئارقا رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كەلگەندە ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندا بىرازىلىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغانىدى . بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە فىرانسىيە كوماندىسى گەرچە چىمپىيۇن بولالمىغان بولسىمۇ ، لېكىن يۇست فونتاي 13 توپ ئۇرۇپ شۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقسىنىڭ ‹‹ مۇنەۋۋەر مەرگىنى ›› بولۇپ باھالانغان . شۇ يىللىق ‹‹ دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ›› ساھىبى بولسا رېيموند كوپا بولغان .



   6 . راكرونا كۇلۇبى   (  ئىسپانىيە  )


    17.jpg


   راكرونا كۇلۇبى ئىسپانىيەنىڭ گالىسىيا ئاپتۇنۇم رايۇنىغا جايلاشقان بولۇپ ، 100 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە كۇلۇب ، شۇنداقلا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە چىمپىيۇن بولۇپ باققان 9 كوماندىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ .
   راكرونا كۇلۇبى 1904-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، 1941-يىلى تۇنجى قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە ئۆرلەپ چىققان . 1946-يىلى يەنە دەرىجە چۈشۈپ كېتىپ تاكى 1991-يىلىغىچە ئارىلىقتا يۈرۈپ ، شۇ يىلى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىگە قايتا دەرىجە ئۆرلەپ چىققان .
   راكرونا كۇلۇبى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشەلمىگەن . ئۇ ۋاقىتتىكى تۈزۈلمىدە پەقەت بىرلەشمە چىمپىيۇنىلا قاتنىشالايىتتى . 1992-يىلىغا كەلگەندە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسى تۈزۈلمىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنلىكى راكروناغا چوڭ ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن .  2000-يىلىدىن كېيىن راكرونا كۇلۇبىغا كۆپلىگەن بىرازىلىيىك توپچىلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قايتا باش كۆتۈرگەن ۋە ئىسپانىيە بىرلەشمىسى زومىگىرى بولغان بارسېلونا ۋە خانلىق مادىرىد كۇلۇبلىرىغا ئېغىر بېسىملارنى ئېلىپ كەلگەن .



    18.jpg


   دەرىجىدىن تاشقىرى راكرونا

   1992-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە دەرىجىدىن تاشقىرى راكرونانىڭ بىرىنچى دەۋرى ھېسابلىنىدۇ . 1992-يىلى راكرونا كۇلۇبى بىرازىلىيىلىك داڭلىق توپچى بېبېتو بىلەن ماۋرى سېلۋانى قوشۇۋالىدۇ . لىندورو ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ : ‹‹ بىزنىڭ ئەمدىكى نىشانىمىز ھەرگىزمۇ دەرىجە ساقلاپ قېلىش ئەمەس ، راكرونا كۇلۇبىنىڭ ئارزۇسى تېخىمۇ يۇقىرى ! ›› دىگەنىدى . دىگەندەك بىرلەشمە باشلىنىپ ئۇدا بەش مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن . ئەڭ موھىمى خانلىق مادرىد بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 2 : 0 نەتىجە بىلەن كەينىدە قالغان شارائىتتا 3 توپ ئۇرۇپ خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلغان . بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بېبېتو 2 توپ ئۇرۇپ راكرونا كۇلۇبىنى غەلبىگە باشلىغان . شۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقىدە بېبېتو 29 توپ ئۇرۇپ ‹‹ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن ›› بولۇپ باھالانغان . شۇ يىللىق بىرلەشمىدە 3-ئورۇنغا تىزىلىپ تۇنجى قېتىم ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى ئويناش سالاھىتىگە ئېرىشكەن .


    19.jpg



   1992-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە ، كۆپلىگەن توپچىلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن كوماندا سېپى كۈچلىنىپ بىرلەشمىدىكى ئەڭ خەتەرلىك كوماندا بولۇپ قالغان ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى مۇسابىلىرىدىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن .
   1998-يىلى رىۋالدو قاتارلىق چولپانلارنىڭ كوماندىدىن .ئايرىلىپ باشقا زەردارلارغا قوشۇلۇشى كوماندا كۈچىنى تەۋرىتىپ قويغان . نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان راكرونا كۇلۇبى ئىسپانىيەلىك داڭلىق تېرىنىر ئىرورېتانى باش تېرىنىرلىققا تەكلىپ قىلغان . ئېرورېتا ماكەي ، كاپدېۋېلا ، فورلان ، لوك ، رومېرو ، ۋالېرون ... قاتارلىق ياش قابىل توپچىلارنى كىرگۈزۈپ كوماندا كۈچىنى يەنىمۇ بىر بالداق كۈچەيىتكەن . شۇنىڭ بىلەن دەرىجىدىن تاشقىرى راكرونانىڭ 2-دەۋرى باشلانغان .
   2000-يىلى راكرونا خانلىق مادرىد ، بارسېلونا ۋە ۋالېنسىيا قاتارلىق زەردارلارنى مەغلۇپ قىلىپ تۇنجى قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمسى چىمپىيۇنى بولغان . تاكى 2004-يىلىغىچە بىرلەشمىدە ئالدىنقى 3 كوماندا قاتارىدا تۇرۇپ كەلگەن . ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىلىرىدە بولسا 49 مەيدان يېڭىلمىگەن ئارسىنال ، يۇۋېنتۇس ، بايرېن مىيۇنخېن قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلارنى مەغلۇپ قىلىپ ، ئىككى قېتىم 8 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن . 2004-يىلى بولسا 4 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن . 2004-يىلى مىلان بىلەن بولغان جەڭدە مېھمان مەيداندا 1:4 نەتىجىدە مەغلۇپ بولۇپ ، ساھىبخان مەيداندا مىلاننى 4:0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغان ، ئارقىدىنلا پارىژ سانت-ژېرمان كۇلۇبىنىمۇ قوش بوغۇزلاپ 4 كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرگەن .
   ياۋروپا زەردارلىرىغا بوش كەلمىگەن بۇ يېڭى زەردار پۇلنى كۆرسە تۇرالمايدىغان خوجايىنىنىڭ ئاسالىق توپچىلارنى كەينى-كەينىدىن سېتىپ چىقىرىشى بىلەن قىسقىغىنە 10 يىل ئىچىدە ھەممىنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان راكرونا كۇلۇبى ئاساسەن كۈچىدىن قالغان .




   7 . سامپۇدورىيا كۇلۇبى   (  ئىتالىيە  )


    20.jpg


   سامپۇدورىيا كۇلۇبى ئىتالىيەنىڭ رىگۇرىيا رايۇنىغا جايلاشقان كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى بولۇپ ، 1946-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى سامپىرىدارنېس كۇلۇبى بىلەن ئاندىرىئادرورىئا كۇلۇبىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن قۇرۇلغان .
   80-يىللاردىكى ئىتالىيە دۇنيا پۇتبول چولپانلىرىنىڭ جەمگاھى ئىدى . ھەر قايسى پۇتبول كوماندىلىرىدا دۇنيادىكى داڭلىق پۇتبول چولپانلىرى بار ئىدى . سامپۇدورىيا كۇلۇبى بولسا بۇ زور مەبلەغنى چىقرىشقا قۇربى يەتمەيىتتى . شۇڭا ئۇلار ياشلار مەشىق بازىسىغا كۆڭۈل بۆلۈشتىن ئىش باشلىغان ئىدى ۋە سامپۇدورىيا كۇلۇبىدىن چېكىنگەن توپچى ، ھازىرقى ‹‹ كۈمۈش تۈلكە ›› لىپىنى ياشلار مەشىق بازىسىنىڭ باش تېرىنىرلىقغا تەيىنلەپ دەسلەپكى قەدىمىنى باسقانىدى . شۇنىڭ بىلەن ساپۇدورىيادىن دېل پېئېروغا ئوخشاش تالانتلىق ياشلار چىقىشقا باشلىغانىدى . بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا بولسا تەجرىبىلىك تېرىنىر سابىق يۇگۇسلاۋىيە كوماندىسى باش تېرىنىرى بوسكوفنى تەكلىپ قىلغانىدى .
   سامپۇدورىيا كۇلۇبىنىڭ مىزانى ئەرزان باھادا ئىستىقبالى بار ياش توپچىلارنى سېتىۋېلىپ تەربىيلەشنى ئاساس قىلغان . بۇنىڭ مىسالى ، ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن مەنچىنى ، قاپقىچى پاگلىيۇكا ، ۋىئالى ، ماننىنى ، لومباردو ، ماركو برانكا ، دوسسېنا ...... قاتارلىقلار . پېللىرگىنى ، بونېتى قارارلىقلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئەلۋەتتە .

   

    21.jpg


   1988-يىلدىن باشلاپ سامپۇدورىيا كۇلۇبىنىڭ پىلانلىرىنىڭ مېۋىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغان . شۇ يىلى سامپۇدورىيا كۇلۇبى غالىبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسدە ئىككىنچى بولغان ۋە بىر يىلدىن كېيىن چىمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن . 1991 \ 1990 -يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئىتالىيە بىرلەشمسىنىڭ چىمپيۇنى بولغان . كېيىنكى پەسىلدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسىدە بولسا ئېسىل ئىپادىسى بىلەن ئىزچىل رەقىبلىرىنى مەغلۇب قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغە كىرگەن . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىسپانىيە زەردارى بارسېلونا كوماندىسى بىلەن قاتتىق تىركەشكەن ، مۇسابىقىنىڭ 111-مىنۇتىدا بارسېلونا توپچىسى كوماننىڭ ئىنتايىن چىرايلىق بولغان ئىختىيارى توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈشى بىلەن ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلۇق چۈشى بەربات بولغان . لېكىن بۇ قارا تۇلپار بىراقلا پۈتۈن دۇنياغا تونۇلۇپ كەتكەن .
   ئەپسۇس ، بۇ خوشاللىق ئۇزۇنغا بارمىغان ، كېيىنكى يىلى سامپۇدورىيا كۇلۇبىنىڭ رەئىسى ، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئاقىل پىلاننى ئويلاپ يۈرگۈزگۈچى مانتوۋانى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان . ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى كىچىك مانتوۋانى ئورۇن باسار بولغان . لېكىن ، كىچىك مانتوۋانى چىققاندىن كېيىن كۇلۇبتىكى ئاسالىق توپچىلار كوماندىدىن ئايرىلىپ باشقا زەردارلارغا ئېقىشقا باشلىغان . 1999-يىلىغا كەلگەندە ، ھەممىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغان سامپۇدورىيا كۇلۇبى دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن . گەرچە بىر يىلدىن كېيىنلا يەنە دەرىجە ئۆرلەپ چىققان بولسىمۇ ، لېكىن كوماندا كۈچى بۇرۇنقىدىن كۆپ ئاجىز ھالەتتە ئىدى . 2010-يىلىغا كەلگەندە بىرلەشمىدە 4-ئورۇنغا چىقىپ ، ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشكەن . ئەپسۇسلىنارلىقى ، كاسانو ، پاچىنى قاتارلىق توپچىلىرىنىڭ كوماندىدىن ئايرىلىشى سەۋەبىدىن تاللاش باسقۇچىدا بېرمىن كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتكەن . ھازىرمۇ بۇرۇنقى سامپۇدورىيانىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ .




   8 . ھامبۇرگ كۇلۇبى   (  گىرمانىيە  )


    22.jpg


   ھامبۇرگ كۇلۇبى گىرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھرىگە جايلاشقان كەسپىي پۇتبول كۇلۇبى بولۇپ ، 1963-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان . ھامبۇرگ قۇلۇبى گىرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى بىردىنبىر دەرىجە چۈشۈپ باقمىغان كۇلۇب ھېسابلىنىدۇ .
   ھامبۇرگ كۇلۇبى گىرمانىيە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىسىگە ئىزچىل قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بىردىنبىر كۇلۇب . كۇلۇب تارىخىدا 6 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنى ، 3 قېتىم گىرمانىيە لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولغان . 1977-يىلى تۇنجى قېتىم ياۋروپا غالىبلار لوڭقىسى چىمپىيۇنىلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن . 1983-يىلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسى ھەل قىلغۇچ جەڭدە ئىتالىيە بىرلەشمىسى سەركىسى يۇۋېنتۇس كۇلۇبىنى مەغلۇب قىلىپ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن .
   ھامبۇرگ كۇلۇبى ياۋروپادىكى 3 چوڭ مۇسابىقە تۈرىدە 5 قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئوينىغان بولۇپ ، بۇ جەھەتتە گىرمانىيەدە بايرېن مىيۇنىخېن كۇلۇبىدىن كېيىنكى 2-ئورۇندا تۇرىدۇ .



    23.jpg


   ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسىدىكى 1977-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە بولغان 8 يىل ۋاقىت سۆزسىز ئىنگىلاند بىرلەشمىسى كوماندىلىرىغا مەنسۇپ . 8 يىلدىكى ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلىقىنىڭ 7 سى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبلارنىڭ مونۇپۇللىقىدا بولدى . خېسسىل ۋەقەسىدىن كېيىن ئېنگىلاند پۇتبولىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ياۋروپادىكى زومىگەرلىكى ئاخىرلاشتى . بۇ ئورۇنغا خىرىسى ئېلىپ كېلەلەيدىغان كوماندا دەل فىدراتىپ گىرمانىيە بىرلەشمسىدىكى ھامبۇرگ كوماندىسى دەپ قارالغانىدى .
   1976-يىلى كۈچتۈڭگۈر بايرېن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدىكى ئۇدا 3 قېتىملىق چىمپىيۇنلىقى ئاخرلاشقاندىن كېيىن ، كېيىنكى 8 يىل ئاساسەن ئېنگىلاند كۇلۇبلىرىغا مەنسۇپ بولۇپ كەتتى . ئەينى ۋاقىتتا  ، يەنى 1977-يىلى لىۋېرپول كۇلۇبى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنى بولغاندىكى تۆھپىكار ئەزا ، ئېنگىلاندنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى كېۋىن كېگان ھامبۇرگ كۇلۇبىغا قوشۇلۇپ ، ھامبۇرگ كۇلۇبىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرغانىدى . 1979-يىلىغا كەلگەندە ھامبۇرگ كۇلۇبى بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىنى بايرېن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ قولىدىن تارتىۋالدى . 1980-يىلى ، يەنى كېۋىن كىگاننىڭ ھامبۇرگدىكى ئەڭ ئاخىرقى يىلى ، ھامبۇرگ كۇلۇبى ئېسىل ئىپادىسى بىلەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقسىگە كىردى . ئەپسۇس ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە نوتتېنھام ئورمان كوماندىسىغا ئۇتتۇرپ قويۇپ ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلىقىدىن مەھرۇم قالدى .



    25.jpg


   كېۋىن كىگان جەنۇبى ئامپىتون كۇلۇبىغا يۆتكۈلۈپ كەتكەندىن كېيىن ، 1983-يىلى ھامبۇرگ كۇلۇبى يەنە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ جېڭىگىچە غەلبە بىلەن كەلدى . ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ جېڭىدىكى رەقىبى بولسا، 1982-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق توپچىلىرىدىن تۈزۈلگەن يۇۋېنتۇس كۇلۇبى ئىدى . لېكىن ھامبۇرگ كۇلۇبى قىلچە بوشاشماي ئاخىرىغىچە جەڭ قىلىپ بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى . كېيىنچە ئاساسلىق ئەزالىرىنىڭ كوماندىدىن بىر-بىرلەپ ئايرىلىشى سەۋەبلىك ھامبۇرگ كۇلۇبى بۇنداق شانلىق نەتىجىلەرگە نائىل بولالمىدى . كېيىنكى 30 يىلدا ، ھامبۇرگ كۇلۇبى گەرچە دەرىجە چۈشۈپ كەتمىگەن بولسىمۇ ، بۇرۇنقى كۈچلۈك قوشۇن نامىدىن كۆپ يىراقلاپ كەتتى .


   
   
   
     تېما مۇشۇ يەرگىچە بولدى !!~ مۇنبەرداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن !!!~      (  نايىل  )




باھالاش

قاتناشقانلار سانى 14مۇنبەر پۇلى +1605 تىللا +5 يىغىش سەۋەبى
suykasiqi + 5 قالتىس!
nur816 + 50 قالتىس!
ئىزچىلار + 50 قالتىس!
تۈمەن + 50 قالتىس!
پۇتبول + 50 ماتىريال
ئويچان + 50 ئېسىل
تەمكىن + 50 قالتىس!
بارسېلونا- + 50 قوللاش!
ئېسىل + 50 قالتىس!
باتىستۇتا11 + 50 كۆۆيىمەندە تىما يېزىش.
مەشھەر + 50 قالتىس!
جاغىستاي120 + 1000 + 5 بەك ئېسىل
ئۇچتىكىن + 50 قالتىس!
سەركەردە77 + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2016-2-24 03:26:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىمابولاپتۇ .  بىربەلەت كەتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 03:28:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 03:25
ئاغزىمنى بۇزىۋېتىتىم  9-سىغا ئا س مىلان دەپ قوشاپ قويغا ...

ئۇنىڭغا بىر نەچچە يىل باردەك قىلىدۇ . لېكىن ئۇزۇن قالمىدى !!~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-24 03:28:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاي يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 03:25
ئاغزىمنى بۇزىۋېتىتىم  9-سىغا ئا س مىلان دەپ قوشاپ قويغا ...

ئۆزلىرىلا قوشۇپ قويماملا ئەمسە بوۋايكا ڭىھ ڭىھ ڭىھ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-24 03:31:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانزاد1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-24 03:36  

ۋاھ ۋاھ تىما بولار مۇشۇنداق بولار ، نادىرلەشكە بىلەت تاشلايمەن.
بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇنلىغان كونا زەردارلار باركەن ئەمەسمۇ ....
لىدىس بىرلەشمىسى كۇلۇبىنىڭ ئىسمىنى تۇنجى ئاڭلىشىم ئىكەن. ئۇلارنىڭ دەرجىدىن تاشقىرغا ئۆرلىشىگە تىلەكداشمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-24 03:32:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما نادىر بولاپ كىتىپتۇ لىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 03:34:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nayil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-26 14:11  
خانزاد1 يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 03:31
ۋاھ ۋاھ تىما بولار مۇشۇنداق بولار ، نادىرلەشكە بىلەت ت ...


رەھمەت !!~

لېدىس بىرلەشمىسى دىگەن مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى قان رەقىبى ئىدى . كانتوننا دەل مۇشۇ كۇلۇبتىن مانچىستېرغا قوشۇلغان . شۇڭا بۇ كۇلۇبنىڭ مەستانىلىرى كانتونناغا بەك ئۆچلۈك قىلىدۇ ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-24 03:34:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nayil يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 03:28
ئۇنىڭغا بىر نەچچە يىل باردەك قىلىدۇ . لېكىن ئۇزۇن قالم ...

................................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-24 03:38:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nayil يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 03:34
رەھمەت !!~

خانزاد ئەپەندىم ، توتتېنھام ئەمەس ئۇ ،  ...

ئۇيقىچىلقىتا خاتا كۆرۈۋاپتىمەن. ئۆزۈر ، تۈزتىپ بەرگەنلىرگە تەشەككۈر ، قەلەملىرى ھارمىغاي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-24 03:39:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن زەردارلار باركىنا!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-2-24 03:42:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستىن كۆتۈرۈلگەن زەردارلار :

مىلان ، ئېنتىر ، پارما ، بېرىمىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-24 04:40:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول يوللىغان ۋاقتى  2016-2-24 03:42
ئەستىن كۆتۈرۈلگەن زەردارلار :

مىلان ، ئېنتىر ، پارما ، ...

ماۋۇ پىكىرنىغۇ ئويلاشقان ، لېكىن جىدەلنىڭ ئىسپانىيەدىن ئىتالىيەگە ئۆتۈپ كېتىشىنى ئويلىشىپ توختام قالدىمغۇ !!!!~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|دوختۇرخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2016-5-10 13:04

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش