ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1640 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم،ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى ھەم بۇندىن كېيىنكى ۋاقتىڭلار خەيرىلىك بولسۇن.
بۆگۈن سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 2:00دە،ئىتالىيە بىرلەشمىسى26- ئايلانمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى ناپولى ساھىپخان ھالەتتە asمىلەن كۇماندىسىنى كۈتۈۋالدى.
ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ناپولى كۇماندىسى غەلبە قىلالىسا،ئۆزىدىن 2نۇمۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن سەركىلىك ئورنىدا تۇرۋاتقان يۇۋىنتۇس كۇماندىسىدن ئېشىپ قايتىدىن بىرىنجى ئورۇنغا چىقالايتى.
مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 38مىنۇت بولغاندا ناپولى كۇماندىسىنىڭ24-نۇمۇرلۇق ماھىرى چەكلەنگەن رايۇنغا يىقىن سول تەرەپتىن ۋارتاغا تەپكەن توپى asمىلەن ماھىرىغا تىگىپ كىتىپ يۆلىنىشى ئۆزگۈرۈپ ۋارتاغا كىرىپ كەتتى، ناپولى كۇماندىسى ۋاقتىنچە ئۈستۈلۈككە ئۆتتى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 42مىنۇت بولغاندا asمىلەن ماھىر خوندانىڭ يىراقتىن پاس تاشلىشى بىلەن asمىلەن كۇماندىسىنڭ28-نۇمۇرلۇق ماھىرى توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى ،شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى يېرىم مەيدان 1-1 بۇلۇپ ئاخىرلاشتى.
كىيىنكى يېرىم مەيدان باشلىنىپ ھەر ئىككىلى تەرەپ كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قىلغان بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي، مۇسابىقە 1-1 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى.
مۇسابىقە سىن كۆرۈنۈشى
http://www.dongqiudi.com/share/article/158249?id=158249&type=flash
http://www.dongqiudi.com/share/a ... 8249&type=flash
|
|