ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 5423 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بوۋاي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-21 23:11
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەممىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتى خەيرىلىك بولسۇن .
نەچچە كۈندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان ئاتال لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى بۈگۈن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە كۈن تەرتىپىگە قەدەم قويغان بولۇپ ، بۈگۈن چۈشتۈن بۇرۇن 3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ئۈرۈمچى ئۇتۇق كوماندىسى ، شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى كوماندىسىنى 6-2 نەتىجە بىلەن قىرغىن قىلىپ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ 3- لىكىنى قولغان كەلتۈرگەن . شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى كوماندىسى 4 -بولدى .
چۈشتىن كېيىن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە يەنى 1-2-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى ، سانجى گۇچۇڭ جانبالىق كوماندىسى بىلەن ، قەشقەر داغدام كوماندىسى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدى ، ئالدىنقى يېرىم مەيداندا قەشقەر داغدام 1-0 نەتىجە بىلەن ئۈستۈن ئورۇندا تۇردى . كېيىنكى مەيدان باشلىنىپ سانجى گۇچۇڭ جانبالىق كوماندىسى ھوجۇمنى كۈچەيتىپ داغدام كوماندىسىنى تەمىرتىپ قويدى ، جانبالىق كوماندىسىنىڭ غوللۇق ھوجۇمچىسى ئالىمجان ( كىرىستىيانو دەپ لەقىمى بار ) 2 توپ ئۇرۇپ ۋاقىتلىق ئۈستۈنلىككە ئۆتتى . بۇ كوماندىنىڭ ماسلىششى ناھايىتى ياخشى بولۇپ قەشقەر داغدام كوماندىسىنى خېللا تەمتىرتىپ قويدى . مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا تاماششىبىنلار بۇ قېتىملىق چىمپىيون كوماندا بەلگىلىنىپ بولدى دەپ قاراۋاتقان ۋاقىتتا قەشقەر داغدام كوماندىسىنىڭ ماھىرى ھالقىقى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى .
بۇ توپ بىلەن 90 مىنۇتلۇق كەسكىن جەڭ ئاخىرلىشىپ ئىككى كوماندا 2-2 نەتىجە بىلەن نۇقتا توپ جېڭىگە قەدەم قويدى . قەشقەر داغدام كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم نۇقتا توپ تەپكەن ماھىرى توپنى ئۇچۇپ چىقىرۋېتىپ قاغا سوقتى ، سانجى جانبالىق كوماندىسىنىڭ تۇنجى بولۇپ توپ ئۇرغان ماھىرىنىڭ توپىنى داغدام كوماندىسىنىڭ ۋارتاسى ئەپچىللىك بىلەن توسىۋالدى . ئاخىرىدا سانجى جانبالىق كوماندىسىنىڭ يەنە بىر ماھىرى نۇقتا توپنى تېپىپ چىقىرۋەتتى ، قەشقەر داغدام كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ئەڭ ئاخىرقى نۇقتا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ بۇ قېتىملىق مۇسابىنىڭ چىمپىيونلىقىنى جانبالىق كوماندىسىنىڭ قولىدىن تارىۋالدى . كاپىتان ئەڭ ئاخىرقى توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزگەندىن كېيىن داغدام كوماندىسى ئەزالىرى مۇنبىرىمىزدىكى ‹‹ئەلخان›› بودەكنى ئوتتۇرغا ئېلىپ ، قەشقەر ساماسىغا ئويناپ چېمپىيونلىقنى تەبرىكلەشتى .
داغدام كوماندىسىدىكى ماھىرلار قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىن خىللانغان ماھىرلار بولۇپ ماسلىششى ئالاھىدە كۈچلۈك ، ۋە ئۇزۇن مۇددەت بىرگە توپ تېپىش جەريانىدا ئەزالار ئارسىدىكى ئىتىپاقلىقمۇ ناھايىتى چوڭقۇرلاپ كەتكەن . داغدام كوماندىسى يەنە تۇنجى نۆۋەتلىك يەنى ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزۈلگەن قەشقەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشىپ ، قەشقەر بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى نۆۋەتلىك چىمپىيون كوماندا بولۇپ قالغان . بۇ قېتىملىق ئاتال لوڭقىسىدا چىمپىيون بولۇپ داغدام كوماندىسىنىڭ تەسىر دائىرسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتىردى .
مەن يېقىن كەلگۈسىدە موشۇ داغدام كوماندىسى توغرۇلۇق تەپسىلى ماتىرىيال توپلاپ كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىمەن . موشۇ كوماندىنىڭ تەپسىلى قۇرۇلمىسى بىلەن تەمىنلىگەنلەرگە ۋە داغدام كوماندىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قۇرغۇچىسى ۋە توپچىللىرى بىلەن ئالاقىلىش ئۇسسۇلىنى تېپىپ بەرگۈچىلەرگە ئالاھدە رەھمەت ئېيتىمەن .
ھۇررا داغدام كوماندىسى ...
مۇسابىقىنىڭ ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىپ تۇرغان بېرنابۇ باشلىققا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز . ( رەھمەت ) |
|