بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جاغىستاي120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-23 22:26
پۇتبول لۈكچەكلىرى ۋەئەنگىلىيە پۇتبولچىلىقى
2007-يىلى ئەنگىلىيەدە ھەقىقى ھېكايە ئاساسىدا ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەنگەن فىلىم ( پۇتبول لۈكچەكلىرىنىڭ باش كۆتۈرىشى ) قويۇلغان . فىلىمدەباش پېرسوناژ
Carlton Leach نىڭ يۇقىرى ئاۋازدا قارشى توپچىلىرى ۋە مەستانىلىرىنى يۇقىرى ئاۋازدا تىللسشى بىلەن باشلىنىپ ، كىيىن مەيدان سىرىتلىرىدا ئۇرۇشۇپ ،
ئاخىرىدا جىنايەت شايكىلىرىغا قۇشۇلۇپ ، ئەڭ ئاخىرىدا ئەنگىلىيە يەر ئاستى دۇنياسىنىڭ ئاتامانىغا ئايلانغانلىقىدىن ئىبارەت ھېكايە سۆزلىنىدۇ ...
بۇ فىلىمدە گەرچە باشقا مەزمۇنلار بولسىمۇ ، لىكىن يەنە بىر تەرەپتىن قارىسا ئەنگىلىيەدىكى پۇتبول لۈكچەكلىرى ، توپ مەيدانلىرىدىكى زوراۋانلىقلارنى ئەكىس
ئەتتۈرۈپ بەرگەن .ئەمەلىيەتتە پوتبول لۈكچەكلرى ۋە پۇتبول مەيدانىدىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى 50-يىللاردىن تارتىپلا بار ئىدى ، ئەڭ دەسلەپكى پوتبول مەيدانىدىكى زوراۋانلىق ھەركەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن ئاددى ئىدى :
توپ مەيدانىدىكى توپچىلارنىڭ قوپال ، قاتتىق ئويناشلىرى مەستانىلەرنى ھاياجانغا سېلىپ ، قانلىرىنى قىزىتسا ، رېپىرنىڭ خاتا ھۆكۈملىرى مەيداندىكى كەيپىياتنى
تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىراتتى ، مەستانىلەر مەيدانغا كىرىشتىن بۇرۇن ياكى مەيدانغا كىرگەندىن كىيىنىكى ئىچىۋالغان پىۋا ، ئىككى تەرەپ مەستانىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا
قىلىشقان ھاقارەتلىك سۆز ئىبارىلىرى مانا شۇنىڭ بىلەن مەيداندا كوللىكتىپ ئۇرۇش باشلىنىپ مەيداندا زوراۋانلىق باشلىناتتى .
ئەلۋەتتە ، دەسلەپكى مەزگىللەردە زوراۋانلىق قىلغۇچىلار (پۇتبول لۈكچەكلىرى ) دېگەن بۇ نامغا ماس كەلمەيتتى ، ئۇلارنىڭ دەسلەپتە يەككە ھالەتتە ئىدى ، ئۇلار ئۇرۇشۇپ ،داۋاملىق ئىش تېرىپ يۈرۈيتتى ، ئەنە شۇنداقلارنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈركم كىشىلەر بۇنداق ئىشلاردىن ھوزۇر ھىس قىلىشاتتى . توپ مەيدانىدىكى قىزغىنلىق ، ئۇرۇشلار ، ئۇرۇپ چېقىشلار ئارقىلىق ئۇلار تۇرمۇشتىكى بېسىمدىن قۇتۇلۇشنى ئىزدەيتتى .
بىز ئەمدى پۇتبول لۈكچەكلىرى ھەم ئۇنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە ئاددىيلا توختىلىپ ئۆتەيلى :
پۇتبول لۈكچەكلىرى بولسا دائىم پۇتبول مەيدانىدا ئىش چىقىرىپ ، پۇتبول مەيدانىنى قالايمىقان قىلىپ ، ئاممىۋى تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كىشىلەرنى
كۆرسىتىدۇ ...( پۇتبولنى ۋاستە قىلىپ ئۆزىنىڭ مەلۇم مەقسىتى ، ئىنتىلىشنى ئىپادلەش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلايدىغان كىشىلەر بولسا كېرەك )پۇتبول لۈكچەكلىك ھادىسىسى بولسا جەمىيەت تەرەققى قىلىپ بەلگىلىك باسقۇچقا ،جەمىيەتىتىكى قالايمىغانچىلىق ۋە سى كۈرەش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان
ئالاھىدە ئىجدىمائىي ھادىسە .....
ئەمدى گېپىمىزگە قايتىپ كېلەيلى :
70-يىللارغا كەلگەندە پۇتبول لۈكچەكلىرى ئۆزگرىرىپ ، تەرەققى قىلىپ تەشكىللك ، پىلانلىق ھالدا كوللىكتىپ پائالىيەت قىلىدىغان بولغان . نۇرغۇنلىغان پۇتبول
لۈكچەكلىرى گۇرۇھلىرى قۇرۇلۇپ ، ئېنگىلاددا نام چىقىرىشقا باشلىدى ....
تۆۋەندىكى بىرقانچە داڭلىق پۇتبول لۈكچەكلىرى گورۇھلىرى :
ئارسىنال : قورال مەستانىلىرى
مانچېستىر بىرلەشمىسى : قىزىل قوشۇن
ئاستۇن ۋىلا : ۋىلا ياشلىرى
بىرمىڭھام : زۇلۇ جەڭچىلىرى
لىئېدىز بىرلەشمىسى : لىز مۇلازىمەت گۇرۇھى
بۇلار بولسا ئېنگىلانىد دىكى داڭلىق پۇتبول لۈكچەكلىرى گورۇھىلىرىنىڭ بىر قىسىمى خالاس .........
قىزىقارلىقى شۇكى بۇ دەۋىردە لۈكچەكلەردىمۇ ئاز تولا ئۆزگىرىش بولغان ئىدى ،ئۇلار پوتبول مەيدانىدا زوراۋان ئونسۇر بولسا ، ئۇرۇشىشتىن كىيىن مەيداندىن
ئايرىلغاندىن كىيىن مۆتىۋەرگە ئايلىناتتى . ئاممىۋى ئاپتۇبۇسقا چىقىشتا ئۆچرەت بىلەن چىقاتتى ، ئابتۇبۇستا ھامىلدار ئاياللارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئورۇن
بېرەتتى ....
1974-يىلى بىر نەپەر بولتون توپ مەستانىسى لونفېلىد توپ مەيدانىدا بىر نەپەر بىلاكپول توپ مەستانىسىنى
ئۆلتۈرۈپ قويغان ، بۇ تۇنجى قېتم توپ مەستانىسىنىڭ پۇتبول لۈكچەكلىرىنىڭ ھەركىتىدە قازا قىلىشى ئىدى . شۇ يىلى ، توتىنھام بىلەن توتىنھام رېس بىلەن چېلسى ئوتتۇرىسىدىكى دەرىجە ساقلاشتىكى مۇھىم مۇسابىقىدە ، ئىككى تەرەپتىكى لۈكچەكلەر قاتتىق ئۇرۇشقان بۇ
ھەم تاراتقۇللار تەرىپىدىن بىۋاستە تارقىتىلغان پۇتبول لۈكچەكلىرىنىڭ توقۇنۇشى ئىدى ...
بۇنداق ئەھۋالدا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئولتۇرالمايلا قالدى .ئۇلار 70-يىللاردا ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ «تەنتەربىيە بىخەتەرلىك قانۇنى» ، «تەنتەربىيە مەيدانى
بىخەتەرلىك قانۇنى» ھەم «ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ھەم تەنھەركەت مەيدانلىرى بىخەتەرلىك قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارنى تۈزگەن.
بۇ قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەردە پۇتبول لۈكچەكلىرىنىڭ تېرىغان ئىشلارنى ئامانلىق ئىشلىرى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلاتتى ، ئاساسلىق چەكلەش تەدبىرلىرى بولسا
جەرىمانە قويوش ياكى تەربىيە قىلىپ قويۇۋېتىش ئىدى . جازانىڭ يېنىكلىكى ،مەيدان ئەسلىھەلىرىنىڭ قالاقلىقى ، ساقچى كۈچلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەسلىكى
پۇتبول لۈكچەكلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى توسىيالمىدى .شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۇتبول لۈكچەكلىرىنىڭ قوراللىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆسكەن ئىدى ، قورۇق قول ئۇرۇشۇش
ياكى كالتەك توقماقلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئاللىقاچان ئۇلارنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان بوپ قالغان ئىدى ، CS گازى ، يەرلىك راكىتالار ئۇلارنىڭ
ياراق ئامبارلىرىغا كىرگەن ئىدى .
1985-يىلى 3-ئاي ، لۇتون بىلەن مىلۋال ئوتتۇرىسىدىكى ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ تۆتتىن بىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە چوڭ كۆلەملىك
توقۇنۇش يۈز بەرگەن ، جەمىئىي 800 دىن ئارتۇق كىشى ئۇرۇشقان...
1985-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بىرمىڭھام بىلەن لىز بىرلەشمىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە يەنە چوڭ كۆلەملىك توقۇنۇش يۈزبەرگەن ......
شۇكۈنى 5-دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى مۇسابىقىسى ، مۇددەتتىن بۇرۇن چېمپىيون بولۇپ بولغان بىرافورىد
كۇلۇبىنىڭ
ئۆزمەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان ، شۇ مۇسابىقىدە كۆرۈش سۇپىسىنىڭ ئاستىدىكى ئەخلەتكە توپ مەستانىلىرى تاشلىغان تاماكا قالدۇقى سەۋەپلىك ئوت كىتىپ توپ مەيدانىنىڭ يېرىمى ئوت دېڭىزىغا ئايلانغان ، شۇ قېتىملىق ۋەقەدە كۇلۇپ رەئىسى سام فوررىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 56 ئادەم قازا قىلىپ ، 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارلانغان ... بۇ ئېنگىلانىد پۇتبولچىلىقىدا يۈزبەرگەن 3 چوڭ پاجىئەنىڭ ئەڭ بۇرۇن يۈز بەرگىنى ئىدى .
پۇتبول بارغانسىرى مەيلى ۋاستىلىك بولسۇن ياكى بىۋاستە ھالدا بولسۇن بارغانسىرى زوراۋانلىق تۈسىدىكى تەنھەركەتكە ئايلىنىشقا باشلىدى ،شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا
بۇرژۇئالار بىلەن جەمىئىيەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر بارغانسېرى پۇتبول مەيدانىدىن ئايرىلىشقا باشلىدى ...ئۇلارنىڭ كېتىشى ماھىيەتتە قوللىغۇچى سودىگەرلەرنىڭ
كېتىشى ھەم مەبلەغنىڭ كېتىشى ئىدى .ئىش بارغانسىرى يوغىناشقا باشلىدى ،بۇلادېفۇدې ئوت ئاپىتىگە ئوخشاش جەمىيەتنىڭ نورمال تەرتىپى ھەم پۇقرالارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى خەۋىپكە ئۇچراشقا باشلىدى .
مۇشۇنداق تارىخى شارائىتتا ساچېر خانىم ئوتتۇرىغا چىقتىى. ساچېر خانىم ئەنگىلىيەلىك ئوڭ قانات سىياسىئون ، ئەنگىلىيەنىڭ 49-نۆۋەتلىك باش ۋەزىرى ، 1979-1990 يىلىغىچە ۋەزىپىدە ئولتۇرغان ، ئۇ ئەنگىلىيەدىكى بىردىن بىر باش ۋەزىر . دۇنيا سىياسى ساھەسىدە «تۆمۇر خوتۇن » دېگەن نام بىلەن مەشھۇر. ساچېر خانىم 1979-يىلى دوۋنىڭ كوچىسى 10- نومۇر يېڭى كىرگەن ۋاقىتلىرىدا (دوۋنىڭ كوچىسى 10-نومۇر بولسا ئەنگىلىيە باش ۋەزىر مەھكىمىسى )پۇتبولغا قىلچىمۇ قىزىقمايتتى . گەرچە ئۇ
ئىلگىرى ئېممىلىن خۇس بىلەن كېۋىن كېگان قاتارلىق چولپانلارنى قۇبۇل قىلغان بولسىمۇ بۇ پەقەت سىياسى ئېھتىياج ئۈچۈنلا .ئىدى خالاس ، بۇلادېفۇدې پاجىئەسى يۈزبەرگەندىن كىيىن ساچېر خانىم پۇتبول ساھەسى بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى . ئۇ پۇتبول لۈكچەكلىرىنى باستۇرۇش تىزگەنلەش ئۈچۈن ھەربى ساقچىلارنى يۆتكەپ ئىشلىتىپ ، ئىش تاشلىغان ئىشچىلارغا ئوخشاش تەدبىر قوللانغان ، ھەتتا مەخسۇس مۇشۇنداق ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «ئۇرۇش قىلىش ئىچكى كابېنتىنى ››قۇرغان.
1985-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى «ئۇرۇش قىلىش ئىچكى كابېنتى » ھېچقانداق تەييارلىققا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا ، لىۋىرپول بىلەن يۇۋۋېنتۇس ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بېلگىيە پايتەختى بېريۇسىلدىكى خېيسېل
توپ مەيدانىدا باشلانغان . ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇسابىقىدىن بۇرۇن لىۋىر پول توپ مەستانىلىرىنىڭ كۆرۈش رايونىنىڭ يېنىغا بىتەرەپ مەستانىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان .لىكىن بىر قىسىم يۇۋېنتۇس مەستانىلىرى بولسا ھايانكەشلەر قولىدىن شۇ ئورۇننىڭ
بېلىتىنى سېتىۋالغان .
مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ مەستانىلىرى تىللىششىقا ، ئۆزئارا بىر نەرسىلەرنى ئېتىشىشقا باشلىغان . كىيىن لىۋىرپول مەستانىلىرى ئارسىسىدىكى
پۇتبۇل لۈكچەكلىرى توساقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ، يۇۋېنتۇس مەستانىلىرىنى قوغلاپ ئۇرۇپ ئىش تېرىغان ، ئارقىندنلا زوراۋانلىقتىن مۇداپىئەلىنىش قىسىمى ھەركەتكە
كەلگەن شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا قىستا قىستاڭغا تولغان كۆرۈش سۇپىسى تېخىمۇ قالايمىقانلشىپ دەسىلىش ،ئىتتىرىش ۋەقەلىرى يۈزبەرگەن .ئاخىرىدا بىر تۈركۈم
مەستانىلەر قېچىپ قورشاۋ تام ئۈسىگە چىقىۋالغان ، تام زىيادە ئېغىرلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي يۇۋېنتۇس مەستانىلىرى رايونىغا ئۆرۈلۈپ كىتىپ ،39 ئادەم قازا
قىلىپ،600 دىن ئارتۇق ئادەم يارلانغان ... بۇ دەل مشھۇر «خېيسېل پاجىئەسى » ئىدى .بۇ پاجىئەدە 39 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ ،بۇنىڭ 32 نەپىرى ئىتالىيەلىك ، 4 نەپىرى بېلگىيەلىك ، 2 نەپىرى فىرانسىيەلىك ، 1 نەپىرى ئېرلاندىيەلىك بولۇپ ۋەقە پەيدا قىلغان ئەنگىلىيەلىكلەر بولسا تىنىچ ئامان قالغان .
بۇ ۋەقەدىن پۈتكۈل دۇنيا پۇتبول مۇنبىرى زىلزىلىگە كەلگەن ، ساچېر خانىم قاتتىق غەزەپلەنگەن .ساچېر خانىم «خېيسېل پاجىئە » سىدىن كىيىن ئۈچ ئىشنى قىلغان ، ئۇ ئۈچ ئىش ئەنگىلىيە پۇتبولچىلىقى ھەم ھەم تەنتەربىيە ساھەسىگە غايەت زور تەسىر
كۆرسەتكەن .....
1.«خېيسېل پاجىئەسى» يۈز بېرىپ ئىككىنجى كۈنى ساچېر خانىم بېلگىيە باش ۋەزىرى ھەم ئىتالىيە زوڭتۇڭىغا تېلگىرامما ، ئەنگىلىيەنىڭ خىجىللىقىنى بىلدۈرگەن .
كىيىن مېكسىكىدا زىيارەتتە بولاۋاتقان ئەنگىلىيە پۇتبولچىلىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسىنى قايتۇرۇپ كېلىپ يىغىن ئاچقان ھەم بىر ئايدا كىيىن ئېچىش پىلانلانغان
خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭمۇ يىغىنى ئالدىن ئېچىلغان .ئىككىلى قېتىملىق يىغىنىنىڭ تېمىسى پەقەت بىرلا ئىدى ، ئۇ بولسىمۇ ئېنگىلانىدنىڭ بارلىق كەسپى كۇلۇپلىرىنى ياۋروپانىڭ ئۈچ چوڭ لوڭقىسىدىن چېكىندۈرۈش ئىدى .شۇنى بىلىشمىز كېرەككى ،1977-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە 8 قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ،ئېنگىلانىدلىقلار7 قېتىمدا ئاغىرىغىچە كۈلەلىگەن
ئىدى . ئەمدىلىكتە ساچېر خانىمنىڭ قارارى بىلەن بۇ مۇسابىقىلەردىن چېكىنىش ئالدىدا تۇراتتى .6-ئاينىڭ 2-كۈنىگە كەلگەندە ساچېر خانىمنىڭ ماسلاشتۇرىشى بىلەن ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى مۇنۇلارنى ئېلان قىلغان : ئېنگىلانىدنىڭ بارلىق كۇلۇپلىرىنىڭ ياۋروپا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىشى چەكلەنگەن ، لىكىن مۆھلىتى ئېنىق بېكىتىمىلگەن .ئاخىرىدا باشقا كۇلۇپلار 5 يىلدىن كىيىن ، لىۋىرپول بولسا 6 يىلدىن كىيىن ياۋروپا مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن.
2.ئەنگىلىيە پۇتبول مۇھىتىنى تۈزىگەن ساچېر خانىم ساقچى كۈچىنى ئاشۇرۇپ پۇتبول لۈكچەكلىرىگە زەربە بېرىش بىلەن بىللە ،ھەرقايسى توپ مەيدانلىرىدىن يېپىق يوللۇق تېلۋېزور ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغان ، ئۇ يەنە ساقچى ئىدارىسىنىڭ پۇتبول لۈكچەكلىرى ئۈچۈن ئارخىپ تۇرغۇزۇشنى ، تىزىملىتىشنى رەت قىلغان قىلغان پۇتبول لۈكچەكلىرىنى
مەيدانغا كىرگۈزمەسلىكنى ، ھەتتا چەتئەلگە چىقىپ مۇسابىقە كۆرۈشىگىمۇ يول قويماسلىقىنى بۇيرىغان .پۇتبول لۈكچەكلىرىنى تېخىمۇ قاتتىق جازالاش ئۈچۈن بىر تۈركۈم يېڭى قانۇنلارنى ئېلان قىلغان . مەسلەن 1985 -يىلى تەنتەربىيە مۇسابىقە قانۇنىنى ئېلان قىلىپ مۇسابىقە مەيدانىدا قالايمىقان بىرنەرسە ئاتقانلارنى ، توپ مەيدانىدا قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ تەرتىپ بۇزغانلارنى جىنايى قىلمىش سادىر قىلغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىغان ...
يۇقىرىرىقى تەدبىرلەرنىڭ تازا ئۈنۈمى بولمىغان ، ساچېر خانىم پۇتبولنى ھەر ۋاقىت پارتىلاش ئېھتىماللىقى بومبىغا ئوخشاتقان ،ھەم بۇ بومبىنىڭ پىلتىسىنى
بالىلارنىڭ ھەربىر سائەتلىك تەنتەربىيە دەرسىدە دەپ قارىغان .....شۇنىڭ بىلەن 3-ئىشنى قىلغان .
3. 1989-يىلى يېڭى «مائارىپ قانۇنى » نى ئېلان قىلغان ...
يېڭى قانۇندا پۈتۈن ئەنگىلىيەدە بىر تۇتاش دەرىسلىك لاھىيەسى يولغا قۇيۇلغان. بۇ دەرىسلىك لاھىيەسىدە ئەدەبىيات ، ماتىماتىكا قاتارلىق يادرولۇق
دەرىسلەرنىڭ ۋاقتى كۆپەيتىلىپ ، تەنتەربىيە دەرسى بولسا مەكتەپلەرنىڭ ئەركىن ئورۇنلاشتۇرىدىغان دەرسى قاتارىغا چىقىرۋېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن
مەكتەپلەر تەنتەربىيە دەرسىنى چىقىرىپ تاشلىغان .شۇنڭ بىلەن بىرگە مۇئەللىملەرنىڭ دەرىستىن چاغلاردا ئوقۇغۇچىلارغا تەنتەربىيە ماھارەتلىرىنى ئۆگەتكىنىگە بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنىمۇ توختىتىۋەتكەن ...
مانا مۇشۇنداق ھەرخىل ئامىللار سەۋەبىدىن پۇتبول بىر مەھەل ئېنگىلانىددا بىر مەھەل نامى يوق ، ئورنى يوق ، ئىستالى يوق «ئۈچ يوق » مەھسۇلات بوپ قالغان ...
يۇقىرىقىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ، خېيسىل پاجىئەسىدىن كىيىن ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ھەرخىل قائىدە-قانۇنلار يولغا قويۇپ پۇتبول لۈكچەكلىرىنىڭ زورۋانلىق قىلىشىنى توسىماقچى بولغان بولغان بولسىمۇ ئاپەت ،پاجىئەلەر يەنىلا يۈز بەردى ...
1989-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى شېففىلىد نىڭ شىرسى قەلئەسى توپ مەيدانىدا ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ ئېلىپ بېرىلماقچى ئىدى .مۇسابىقىلىشىدىغان 2 تەرەپ ئايرىم — ئايرىم لىۋىرپول ھەم نودىڭھام كوماندىسى ئىدى .شۈكۈنى 10 ياشلىق چىياۋ ئېن ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ ياخشى بولۇشى سەۋەپلىك ئالاھىدە بىر
سوۋغىغا ئېرىشتى . ئۇ سوۋغا بولسا ئۇنىڭ ئامراق كوماندىسى لىۋىرپولنىڭ مۇسابىقە بېلىتى ئىدى .....
يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزغا ئوخشاش ئېنگىلانىد پۇتبول مۇنبىرىدىكىلەر ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ ئامانلىق خىزمىتىنى قاتتىق كۈچەيىتكەن ئىدى . شۇكۈنىمۇ گەرچە
تەكشۈرۈش قاتتىق بولسىمۇ ،لىكىن شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۈنۈممۇ ناھايىتى توۋەن ئىدى ،مۇسابىقە باشلاش پۈشتىكى چېلىندى . ئەمما يەنە 5000 غا يېقىن توپ مەستانىسى تېخى مەيدانغا كىرىپ بولالمىغان ئىدى ، ئەھۋال ، كەيپىيات ئىنتايىن جىددى ئىدى ، مۇشۇنداق جىددى ئەھۋالدا ساقىچىلار ئىشىكنى بىراقلا
ئېچىۋەتتى ،شۇنىڭ بىلەن پاجىئە باشلاندى .
مۇسابىقە ئاللىقاچان باشلىنىپ بولغان بولغاچقا ، مەستانىلەر ئىشىك ئېچىۋىتىلىشى بىلەنلا نەچچە مىڭلىغان مەستانىلەر كۆرۈش سۇپىسىغا قاراپ ئېتىلدى .
ئەينى چاغدا ئېنگىلانىد توپ مەيدانلىرىنىڭ كۆرۈش سۇپىسى لۈكچەكلەرنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىدىن ساقلىنىش سىم تور ئارقىلىق بىرقانچە رايونغا بۆلۈۋېتىلگەن
ئىدى . ئەسلىدىنلا قىستاڭچىلىققا تولغان كۆرۈش سۇپىسى نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ كىرىشى بىلەن تېخىمۇ قىستاڭچىلىق تولدى ، كۆرۈش سۇپىسى پات-پاراقچىلىققا
تولدى . كىشىلەر ئۆز-ئارا قىستىشىپ ، چوڭ كۆلەملىك دەسسىشىش ۋەقەسى يۈز بەردى ... بۇ قېتىملىق 96 نەپەر ئادەم قازا قىلدى ، يەنى دەل 96 نەپەر لىۋىرپول
مەستانىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى . بۇلارنىڭ ئىچىدە بايام تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن 10 ياشلىق ئۆسمۈر چىياۋ ئېن مۇ بار ئىدى ........ بۇدەل تارىختىكى مەشھۇر
شىرىس قەلئەسى پاجىئەسى ئىدى .
بۇ يەردە يەنە بىر دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئىش شۇكى :
ئەگەر شۇ ئىشتىن نەچچە ئاي بۇرۇن چىيا ئېننىڭ ئۆزىدىن 2 ياش كىچىك نەۋرە ئىنىسى سىتىۋېن لىۋىرپولنىڭ ياشلار تەربىيلەش بازىسىغا كىرمىگەن بولسا ئۇمۇ نەۋرە ئاكىسى چىياۋ ئېنغا ئەگشىپ شۇ مۇسابىقىنى كۆرگىلى بارغان بولاتتى ..پاجىئە يۈبېرىپ 8 يىلدىن كىيىن تۇنجى قېتىم لىۋىرپولغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە چىققان سىتۋېن يىغلىغان ھالدا « ئۇ ھازىر مېنى كۆرەۋاتىدۇ ، مەن مەڭگۈ ئۇنىڭ ئۈچۈن جەڭ قىلىمەن» دەيدۇ .سىتىۋېننىڭ نەۋرە ئاكىسى چىياۋئېننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ مۈرىسىگە شاپىلىلاقلاپ تۇرۇپ «سىتىۋېن، ئۇ سەندىن پەخىرلىنىدۇ » دېگەن .بىز بۇيەردە ئېيتقان سېتىۋېن بولسا ھارىرىقى لىۋىرپولنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى سېتىۋېن جېرراد ئىدى . شىرىس قەلئەسى پاجىئە سى جېرراد كەسپى ھاياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى ، كىيىنكى 17 يىللىدا ئۇ ھەر قېتىم ئەنفىلىد توپ مەيدانغا كەلگەندە ، تامغا ئۇيۇلغان 96 ئىسىمغا قارايىتتى.
ساچېر خانىمنىڭ شۇ تەدبىرلىرى سەۋەپلىك ياۋروپانىڭ پۇتبول مەركىزى بولغان ئېنگىلانىد قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان .1985-1990 يىلىغىچە بەش يىلدا ئېنگىلانىدلىقلار ئىشىكنى تاقاپ ئۆزئۆزىنى خوش قىپ يۈرگەن . ئەكىسچە ئۇ بەش يىلدا ياۋروپادا پۇتبول تاكتىكا ، تېخنىكائىدىيەلەر شىددەت بىلەن تەرەققى قىلغان .
1985-1994 يىلىغىچە بولغان 10 يىلدا فىرانسىيەدە 12 ياشتىن 16 قىچە بولغان ياش توپچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مەشىق ۋاقتى 2304 سائەت بولغان بولسا ، ئېنگىلانىد دىكىلەرنىڭ بولسا ئارانلا 1152 سائەت بولغان. ھەم شۇ يىللاردىكى توپچىلار مەشىق ۋاقتىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى ھەم تېخنىكا ئىدىيەلەرنىڭ قالاقلىدىن
ئىبارەت قوش زەربىگە ئۇچرىغان...
شۇ مەزگىللەردە ئەنگىلىيەدە پۇتبوللا زاۋاللىققا يۈزلىنىپلا قالماي باشقا تەنتەربىيە ساھەسىمۇ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن . بۇنىڭ ئىپادىسى بولسا ئەنگىلىيە 1996-يىلى
ئاتلانتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن مېدال تەرتىپىدە ئالدىنقى 30 نىڭ ئىچىدىن چىقىپ كەتكەن .....
دېمەك پۇتبول لۈكچەكلىرىنىڭ قالايمىقانچىلىق ، زوراۋانلىقلىرى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشىغا سەۋەپ بولغان ، ئەنە شۇ قاتتىق تەدبىرلەر
سەۋەبىدىن ئەنگىلىيە پۇتبولچىلىقى پۇتبولچىلى بىر مەھەل قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ...
ئاخىرىدا ئىككى نەپەر ئوخشىمىغان ياشتىكى ، ئوخشىمىغان ھېسياتتىكى ئككى داڭلىق پۇتبول لۈكچىكىنڭ سۆزلىرى ھۇزۇرىڭلاردا بولغاي :
داڭلىق پۇتبول لۈكچىكى E-Taylor مۇنداق دەيدۇ :
تۇنجى قېتىم خەتەرنى ھېس قىلغاندىن تارتىپ ھاياجانلانغىچە ،بۆرەك ئۈستى بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمۇن مېڭىنى روھلاندۇرۇپ ،سۇقۇشۇشتىكى غەلبىگە
بولغان ئىنتىلىش قورقۇشنىڭ ئورنىنى ئالىدى . شۇ كۈندىن باشلاپ ، پەقەت پۇتبول مەيدانىدا قالايمىقانچىلىق بولسىلا مەن جانلىنىپ ، ھەر ۋاقىت قوشۇلۇشقا تەييار
تۇرىمەن ...
داڭلىق پۇتبول لۈكچىكى ، ئىلگى C دەرىجىلىك خەتەرلىك شەخس دەپ قارالغان ئاندېرى نېكولىس مۇنداق دەيدۇ :
ياشلار ئېھتىيات قىلىڭلار ، ۋاز كېچىڭلار . سىلەر بۇنداق ياشتا پۇشايماغا قالماسلىقىڭلار كېرەك . سىلەرنىڭ تۈرمىگە كىرگۈڭلار بارمۇ ؟ ئاشۇ 5 مىنۇتلۇق
تەلۋىلىك سىلەرنىڭ شۇنداق كۆپ بەدەل تۆلىشىڭلارغا ئەرزىمدۇ ؟ ۋىجدانىمىز دىن ئېلىپ ئېيىتساق ، ئەرزىمەيدۇ ...
سەۋىيەرىمىنىڭ چەكلىكلىكى سەۋەبىدىن تېمىدا ھەرخىل سەھۋەن - نۇقسانلار بولۇشى مۇمكىن ، مۇنبەرداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى
تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .....
دوڭچىيۇدى ۋە بەيدۇ بەيكې دىن پايدىلىنپ يېزىلدى .......
|