بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇچتىكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-2-21 23:01
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرلىك بولسۇن .
پۇتبول-ئىىس تۈتەكسسز جەڭ
. شۇنىڭدەك يەر شارىدىكى نەچچە مىليون مەستانىلەر دۇنياسىمۇ بىر خىل جەڭ مەيدانى. دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادنىڭ رايونلار ئارا تەكشى بولماسلىقى، ۋە رايونلارنىڭ ئىقتتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقى تۈپەيلى شۇ رايوندىكى خىلمۇ-خىل پۇتبول كۇلۇبلىرنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە مەستانىلەر جەلپ كۈچىدە پەرقلەر مەۋجۇت، پۇتبول دۇنياسىدا مەڭگۈلۈك دېگەن ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس! شۇنىڭدەك دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشكە ئەگىشىپ مەستانىلەر بىر رايوندىن بىر رايونغا ۋە ياكى بىر كۇلۇبدىن بىر كۇلۇبقا چوڭ جەھەتتىن ئېغىش، كىچىك جەھەتتىن شىددەت بىلەن كۆچۈش مەۋجۇت .
مېنىڭ بۇ يەردە توختىلدىغىنم ھازىرقى زاماندىكى پۇتبولنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسدىكى خانلىق مادرىد كۇلۇبى بىلەن بارسېلونا كۇلۇبنىڭ ئوتتۇرىدىكى زىددىيەت قانچىلك؟ زادى نېمە سەۋەبتىن مەستانىلەر ئۆز ئارا چىقىشالمايدۇ؟ دېگەن نۇقتا ئۈستىدە توختالماقچىمەن .
يېقىندىن بۇيان رېئال جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ تور، ئالاقە ۋاسىتىلىرى جەھەتتە بارسېلونا ۋە مادرىد مەستانىلىرى ئارىسىدا ئۆز-ئارا تور ئۇرشى قىلىدىغان، پۈتكۈل پۇتبول دۇنياسىدا مەستانىلەرنىڭ ئىككى كۇلۇبقا قارىتا ئېقىشى كۈچىيىپ ئۆز ئارا تۈكۈرۈك ئۇرشى قىلىدىغان ئەھۋاللىرى كۈندىن كۈنگە ئەۋج ئالماقتا .
مۇنبىرىمىزدىمۇ بۇ ئىشلار ئەۋجىگە چىقماقتا ، شۇ سەۋەبتىن كەمنى مۇشۇ توغرىسدا بىر ئىزدىنىپ بېقىشنى توغرا تاپتىم .
بۇلار زادى ئۆزى بىلىپ-بىلمەي شۇنداق قىلىدۇ، سەۋەبى نېمە؟ بۇنىڭ
تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى بارمۇ؟
تارىخى سەۋەب
مادرىدنىڭ تولۇق ئىسمى : خانلىق مادرىد، خانلىق-سۆزى بولسا خان ئوردىسنىڭ مەنپەئەتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بارسلونا بولسا خەلقنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ .
سىنىپىيلىكنىڭ قارمۇ-قارشى بولۇشى تۈپەيلى بۇلار ئوتتۇرسدا 100نەچچە يىللىق دۈشمەنلىشش شەكىللەنگەن، بارسلونانىڭ بىر تىرېنېرى مۇنداق دېگەن : كاتالونىيا بولسا بىر دۆلەت، بارسېلونا بولسا دۆلەتنىڭ كوماندىسى !
شۇڭلاشقا بۇ ئىككى كوماندا خەلقئارالىق مۇسابىقە ئويناپ بىرسى شاللنىپ بىرسى شاللانمغان ھالەت شەكللنىپ قالسا، بىر دۆلەتتىكى ئىككى كۇلۇب بولسىمۇ، شاللانغننىڭ مەستانىلرى شاللانمىغان كۇلۇبقا ھۇررا ... توۋلىماي ھەتتا شاللانمغننىڭ رەقىبىگە ھۇررا توۋلايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن .
سىياسىي سەۋەب
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى مادرىد بىلەن مۇستەبىت فىرانسىسكو فىرانكونىڭ ئۆز ئارا دوستلاشقان ۋە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزگەن .
شۇ سەۋەپتىن مادرىد قايتىدىن خان جەمەتى مادرىد دېگەن نامنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئەمسە بارسلوناچۇ ؟
ئەينى ۋاقىتتىكى رەئىس فىرانكو بولسا بارسلوناغا قارىتا ئېكىسپالاتسىيە يۈرگۈزۈپ، خەلىىققە زۇلۇم قىلغان، ھەقىقەتەن چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئىدى.
خانلىق مادرىد بولسا دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمغا ۋەكللىك قىلاتتى، بارسلونا بولسا خەلقنىڭ كۈچىگە ۋەكلىك قىلاتتى، بۇ خىل سىياسىي سەۋەب بۇلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىللك دۈشمەنلىشىش، قارىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
رايون مەسىلىسى
مادرىد بولسا ئىسپانىيەنىڭ چوڭ دائىرىسىگە تەۋە، بارسلونا بولسا كاتالونىيا رايونىغا تەۋە، بۇ رايوندىكى مىللەتلەر ئوتتۇرسىدا بولغان توقۇنۇش ئاز ئەمەس، رايون شەكىللەندۈرۈشى بولسا يۇز نەچچە يىللىق قارشىلشنىڭ بىر سەۋەبى .
شان - شەرەپ مەسىلىسى
بۇ ئىككى كۇلۇب ئىسپانىيە ئا بىرلەشمسنىڭ يۇز يىلدىن بۇيانقى يېرىمدىن كۆپ چېمپىيونلۇقنى مونۇپۇل قىلۋالغان ، شان شەرەپ قوغلىشىش سەۋەبىدىن بۇلارنىڭ ھەربىر دىبرىيسدا ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالماسلىق ساقلىنىپ كەلگەن .
رونالدو-مېسسى مەسىلىسى
ھازىرقى زامان پۇتبولىدىكى ئىككى گىگانت چولپان سەۋەبلىك، مەستانىلەر دۇنياسى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن .
مەيلى قايسى يەردە بولسۇن، بۇ ئىككى چولپان ئوتتۇرىدا قايسى 1- ، قايسى2- ، ئىكەنلىكى توغرىسىدا تالاش تارتىش، تۈكۈرۈك ئۇرۇشلىرى بىر كۈنمۇ توختاپ قالغنى يوق، مەستانىلەرنىڭ ھەرخىل ئاساس، سېلىشتۇرشى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ چىقىرىپ بەرگەن ھەرخىل سانلىق-قىممەتلىرى مەستانىلەر ئوتتۇرىدىكى كۈرەشنى تېخىمۇ ئەۋجگە چىقىرىپ، ئىككى كۇلۇبنىڭ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۋەتكەن. ھەر كىم ئۆزى ياخشى كۆرگەننى ياخشى كۆرىدۇ ئامال يوق، بۇنى بىر ئادەم دەلىل ئاساس بىلەن قايىل قىلالمايدۇ .
‹‹كالۋالار ››مەسىلىسى
راست گەپنى ئېيتقاندا بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ ناھايىتى كۆپ، بۇلار مەستانىلەرگە ۋەكللك قىلالمايدۇ، بۇلارنى ‹‹ 2-مەستانىلەر›› توپى دېيىشكە بولىدۇ .
ئۆز كۇلۇب تارىخى، ئۆز ئامراق كۇلۇبنىڭ قايسى ئىكەنلكنى ئېيتىپ ئېنىق بېرەلمەيدۇ، ھەتتا مەستانە كۇلۇبنىڭ تىزىملكنى سورىسا ئېيتىپ بېرەلمەسلكى مۇمكىن .
بەلكىم ئۇلار مەلۇم پۇتبول توپى مەستانىلەر ئارىسىدا بىر مەزگىل ياشاپ قالغان بولسا، شۇلاردىن ئاڭلاپلا مەن بارسېلوناچى ياكى مادرىتچى دېيىشى مۇمكىن. ۋاقىتتنىڭ ئۆتىشگە ئەگىشىپ كىچىكىدىن پۇتبولنىڭ نىملىكنى بىلمەي ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر ياش تۇرۇپلا ئاتالمىش كۇلۇبنىڭ «ئېسىل›› مەستانىلىرى بولۇپ قالىدۇ. ھەمدە مۇنازىرە سورۇندا پەيدا بولۇپ ئاتالمىش ‹‹بىلەرمەن مەستانىلەر›› توپنى شەكىللەندۈرىدۇ .
پۇتبول سىياسىيدىن ئايرىلىپ چىقالمايدۇ !
1898-يىلى شىۋىتسارىيەلىك كارخانىچى جوھان گامپىر ( Joan Gamper) بارسېلونا كۇلۇبنى قۇرۇپ چىقتى، ئارىدىن 3 يىل ئۆتۈپ خان جەمەتى مادرىد كۇلۇبى قۇرۇلدى، بايام بىز سۆزلەپ ئۆتكەندەك ئورۇن ۋە تارىخىي سەۋەب تۈپەيلى ئىككى كۇلۇب ئوتتۇرسدا رىقابەتلىشىش كېلىپ چىققان، 1943-يىلدىكى ئېنىق بولمىغان 11:1 نەتىجە ھازىرغىچە ئىككى كۇلۇب مەستانىلرى ئارىسىدىكى ئىختىلابنى جىددىيلەشتۈرۈپ كەلمەكتە .
بۇ ئىككى كۇلۇب قۇرۇلغاندىن كېيىن نۇرغۇن قېتىم بىر بىرنى دوستلۇق مۇسابىقسگە تەكلىپ قىلغان، 1902-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىرنابۇ مەيدانىدا تۇنجى قېتىملىق دوستلۇق مۇسابىقىسى ئوينالغان، مۇسابىقىگە 2000دىن ئارتۇق ئىككى كۇلۇب مەستانىلرى كۆرگىلى كەلگەن .
ناھايىتى كۆپ بارسلونا مەستانىلىرگەن نىسبەتەن ئېيتقاندا مادرىد كۇلۇبىغا ئۇچراپ قېلىش، خۇددى دۆلەت ئىچىدىكى خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى چىققانلىقغا ئوخشاش پوزىتسىيەدە بولىدۇ .
، بارسلونانىڭ بىر تىرېنېرى مۇنداق دېگەن : كاتالونىيا بولسا بىر دۆلەت، بارسېلونا بولسا دۆلەتنىڭ كوماندىسى !
بارسلونانىڭ رەئىسى مۇنداق دېگەن : بارسلونا بىر پۇتبول كۇلۇبى بولۇپلا قالماي ئۇ، دۆلەتنىڭ قوغداشنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ئۇنىڭدا بىر مەدەنىيەت بار، تىل بار .
10 يىلدىن بۇيان بارسلونانىڭ ئالغان شەرەپلىرى مادرىدتىن كۆپ. بىراق بۇ ئىسپانىيە ئۈچۈن كۈچ چىقرىدىغان ، ئىسپانىيە پۇتبولچىقىنىڭ شان شەرىپى ئۈچۈن كۈچ چىقرىدىغان بىر ماكاندىن چىققان ئىككى كۇلۇب يۈز نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ دوست بولالمىدى . بەلكىم دۇنيا لوڭقىسدا چىمپىيۇن بولۇش قېتىم ساننىڭ ئاز بولۇشى مۇشۇ ئىككى كۇلۇبنىڭ مۇناسۋېتنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلدىن بولسا كېرەك .
ھەددىن ئاشقان قارشىلىش ، مادرىد بىلەن بارسېلونانىڭ ئوتتۇرىدىكى زىددىيەت، بىر تەرەپتىن پۇتبول دۇنياسنى رەڭگارەڭلىككە تولدۇرسا بىر تەرەپتىن قورقۇنىش پەيدا قىلماقتا، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىنكى جىدىيچىلك بۇنىڭ دەلىل ئىسپاتى .
مادرىد رەئىسى : فىلورىىنتۇ مۇنداق دېگەن : ئەگەر بارسېلونا مەۋجۇت بولمىسا مادرىد ئۇلارنى كەشىپ قىلىپ چىقالايدۇ .
كاستىللا بىلەن لامايسىيا
كاستىللا بىلەن لامايسىيا بولسا مادرىد بىلەن بارسېلونانىڭ زاپاس قوشۇن تايانچ بازىسى شۇنداقلا ب دەرىجىدىكى كوماندىسى ،لامايسىيا دېيىلسە بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغنىمىز پۇيول، شاۋى، مېسسى، ئېنىستا، فابرىگاس بۇلار 36يىلدىن بۇيانقى لامايسىيانىڭ ئۈمۈدلۈك چولپانلىرى، بۇلار بارسلونانىڭ تارىخنى ياراتتى.
35 يىلنىڭ ئالدىغا قارىساق، ( Quinta )بۇ ئىسمنى تەرجىمە قىلغاندا مادرىد ‹‹ بەش بۈركۈتى›› دېگەن مەنا چىقىدۇ ، ، بۇلار مادرىدنىڭ تارىخنى ياراتتى، بۇلار كاستىللانىڭ ئۈمىد نۇرى بولۇپلا قالماي، شۇ دەۋردىكى مادرىدنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلغانلاردۇر، ئىسپانلار ئۇلارنى مادرىدنىڭ‹‹ ۋەھىمىلىك ئەترىتى ›› دەپ ئاتىغان. ھەر ئىككسنىڭ بىرى بىردىن ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن لامايسىيا بىلەن كاستىللا ئوتتۇرسدىمۇ توقۇنۇش، ۋە ئىختىلاپلار مەۋجۇت .
مادرىد ۋە بارسېلونانىڭ تارىختىن بۇيان سەپ شەكلى ھەشەمەت بولۇپ كەلگەن، تارىخقا قارىساق بىرنابۇ، كۇبالا،دىسىتىفانو ، پۇسكاش، كىرويىف ... 21-ئەسىردىن كېيىن رونالدو، بېھخام، رونالدىنخو، زىدانى، ھازىرقى م س ن بىلەن ب ب س قاتارلىقلار .
بارسېلونادا كۇبالا بولسا مادرىتتا دىستانفۇ بولغان، بارسلونادا رومارىئو، سىتيىچكوف، گۇئارىئولا دىن ئىبارەت 1-چۈش كوماندىسى بەرپا بولغان بولسا، مادرىتتا رونالدو، فىگو، زىدانىدىن تەشكىللەنگەن سامان يولى جەڭ كېمسى بولغان. ھازىرقى دەۋردە بارسلونادا مېسسى بولغان بولسا مادرىتتا رونالدودىن ئىبارەت ئىككى گىگانت رىقابەتتە .مادرىد بولسا پۇل خەجلەپ چولپان ئەپ كېلىشتىن قورقمايدىغان كۇلۇب .
فىلورىنتۇ رەئىس بولغاندىن مادرىدتتا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق چولپانلارنى ئېلىپ كېلىپ مەستانىلەرگە ھاياجانلىق ۋە پەخىرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلدى .
ھازىرقى ئەڭ كۈچلۈك ھۇجۇم كۈچى م س ن بىلەن ب ب س مۇ بارسلونا ۋە مادرىتنىڭ ھۇجۇم كۈچنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ .
ھەر ئىككىسى كوماندىنىڭ جەڭ قىلىش قوراللىرى .
بىز ھەممىمىز بۇ ئىككى ھۇجۇم كۈچنىڭ تىغمۇ-تىغ كۈرەش قىلغننى بىر نەچچە قېتىم كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق، ھەر قېتىملىق دىبرىيدا
جان تىكىپ توپ ئويناش، ئۆز كوماندىسى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشلەر بولدى، بۇ ئىككى ھۇجۇم كۈچنىڭ ئىپادىسىنىڭ قانداق بولۇشى ئىككى كۇلۇب مەستانىلىرىنىڭ زىدىيتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، پۇتبول دۇنياسنى كالۋالار دۇنياسى قىلىپ قويماقتا .
مەستانىلەر ئۇرشى، 97% مادرىد مەستانىسى بارسلوناغا ئۆچلۈك قىلىدۇ، نىمشقا ئاران 3% مەستانە ئۆچ ئەمەس ؟
بارسلونا بىلەن مادرىد پۇتبول مەيدانىدا ھەرگىز يول قويمايدۇ، شۇنىڭدەك مەستانىلەرمۇ ئۆزىنىڭ كۇلۇبنىڭ نام-ئاتاق، شان شەرىپى ئۈچۈن ئۆزى بىلىپ بىلمەيلا جان جەھلى بىلەن قارشىلىشدۇ .
ئاس گېزىتى بىر قېتىملىق بىلەت تاشلاپ راي سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان. پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى سىىز بارسلونانى ياقتۇرامسىز؟ دېگەن تېمدا بولغان.
نەتىجىسى ئادەمنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرغان 97 % مادرىد مەستانىلرى بارسېلونانى ياقتۇرمايدىكەن، ئاران 3% مەستانىلەر بارسلوناغا ئۆچ ئەمەسكەن .
1999-يىلى بىر قېتىملىق راي سىناش پائالىيىتىدە بارسلونانىڭ يېرىمدىن كۆپرەك مەستانىلرى مادرىدنىڭ چېمپىيونلۇق مۇسابىقلەردە مەغلۇپ بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى ئېنىقلانغان .
مەيلى قانداقلا مۇسابىقە نەتىجىسى بولسۇن، مەستانىلەرنىڭ ئۆسەك-سۆز، پىتنە-ئېىغىۋالىرى بىر كۈنمۇ توختاپ قالمىغان .
ئەگەر ئىجتىمائىي تور ئالاقىسدە : رونالدو قالپاق كىيپتۇ دەپ خەۋەر چىققان بولسا، ناھايىتى تېز بارسېلونا مەستانىلرى سۆز قالدۇرۇپ : ئەخلەت قالپاق دەيدۇ، مادرىد مەستانىلرى بۇنى كۆرۈپ سېنىڭ ئەخلەت مېسسرىڭدىن قالتىس دېيشىدۇ ...... شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىملىق چوڭ ئېغىز ، تۈكۈرۈك ئۇرۇشلىرى باشلىنىدۇ، بۇنىڭدىن بەزى چولپانلارمۇ مۇستەسنا ئەمەس، يېقىندىن چىققان پېك ۋە باشقا.... چولپانلارلاغا ئوخشاش شۇلارنىڭ گەپ سۆزى جېدەلنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدۇ! ئاخبارات ۋاستىلرى ئارلىقدا ئويۇن كۆرىدۇ .
دۆلەت ئىچىدە كاتالوگىيە رايونى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئەزەلدىن ياخشى بولغان ئەمەس، پۇتبول دۇنياسىدا ھەم شۇنداق، بۇ ئىشلارنى ھېچكىم ھەل قىلالمىدى، پۇتبول دۇنياسىدا ھەم شۇ .
خۇلاسە : مەيلى سىز مادرىتنى ياقتۇرماڭ ۋە ياكى بارسلونانى، بۇ ئىككى كۇلۇب ئوتتۇرسىدىكى تالاش تارتىش ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ .
ئەمدىن سەن نېمە دېمەكچى دەپ سورىسڭىز : بۇ ئىككى كۇلۇب ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپ ھەرگىزمۇ بىر كۈنلۈك ياكى مەلۇم ئادەملەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس، بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك رايونلار ئوتتۇرسدىكى دىن، مىللەت، تارىخ، مەدەنىيەتلەر ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشنىڭ پۇتبولغا سىڭىپ كىرىشىدىن بولغان، شۇڭا ھەربىرىمىزنىڭ كاللسدا ئاز تولا بىز نىمشقا مۇشۇنداق جىدەللىشدىغاندىمىز؟ بىزگە زادى نېمە پايدىسى تەگدى ؟ دېگەن سوئالنى قويۇپ ئويلاپ بېقىشنى ئۈمۈد قىلمەن .
ھەممىز شىنجاڭ رايۇنىدىكى پۇتبول مەستانىلىرگە ۋەكللىك قىلىمز ، مۇنبىرىمىز بولسا شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاز ساندىكى مۇنازىرە مۇنبىرى ئىچدە تارىخى ئۇزۇن ۋە تەسىر دائىرسى بىر قەدەر چوڭ مۇنبەر ھېسابلىنىدۇ ، بىزنىڭ ھەربىرىمزىنىڭ قىلشقان ئىنكاسى ، يازغان مۇنازىرە پاراڭلىرى مۇشۇ رايۇندىكى پۇتبول سۆيەر خەلقنىڭ ساپاسىغا چېتىلىپ قېلىشى مۇمكىن .
چوڭ جەھەتتىن بارسلونا ۋە مادرىت ، مېسسى ۋە رونالدوغا بۆلۈنۈپ تۇرغان ، مۇشۇنداق پۇتبول دۇنياسىدا ھەربىرىمز سېلىشتۇرۇش ، ۋە كۆڭۈل ئاغرىقدىن خالىي بولالمايمىز ، بۇ پەقەت بىر رايۇندىكى بىر توپ كىشلەر ئوتتۇرسدىكى ئىختىلاپ بولۇپ قالماستىن ، پۇتبول مەستانىلرى بار يەردىلا بولدىغان تالاش - تارتىشلار ، جىدەلنى تۈپ يىلتزىدىن تۈگەتكلى بولىمىسمۇ ، مۇنبەردىكى ھەرىبر ئەزانىڭ ئىنكاس سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ، ئارتۇقچە كۆڭۈل ئاغرىقدىن ساقلانساق ، شۇنىڭدىلا تالاش -تارتىش ئۆزلىكىدىن ئازىيدۇ ياكى پەسلەيدۇ ، ھەممىز ئۆز ئىنكاسىمىزغا ئىگە بولۇپ ، ئىناق مۇنبەر مۇھىتى بەرپا قىلساق دېگەن ئۈمۈتتىمەن .شۇندىلا سىرتتىن زىيارەت قىلدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان مۆھتىرەم مۇنبەر ئەزالىرىمىز قايتىپ كەلگەن بولاتتى.
تىل ۋە سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلكدىن بەزى نوقتىينەزەرلەر ئاددىي ۋە چۈشنىكسىز چىقىپ قالغان بولسا كەڭ مۇنبەرداشلارنىڭ چۈشنىپ ئوقۇپ كېتىشنى ئۈمۈد قىلىمەن .
2015- يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنى
( ئۇچتىكىن ) |