ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 9185 |
تۆھپىسى: سەر |
|
[فېرگۇسۇن— كۈلرەڭ توپچىلار كىيىمىدىن كۆرۈش]
1996-يىلى، مانچېستىر 1-3 نەتىجە بىلەن جەنۇبى ئامپىتونغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، فېرگسۇن كۈلرەڭ توپچىلار كيىمىدىن ئاغرىنىپ:« توپچىلار مەيداندا بىر-بىرىنى پەرق ئېتەلمىدى» دېگەن.
«توپچىلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغان ۋاقتىدا، سەپداشلىرىنىڭ ئورنىنى بەك تەستە پەرق ئەتتى».
[ۋىنگىر—ئول تىراففوردنىڭ چىمى]
نۇرغۇن تۆۋەن دەرىجىلىك كوماندىلارنىڭ مەيدانىنىڭ چىم سۈپىتى ياخشى ئەمەس ئەلۋەتتە. ئەمما 2010-يىلى، ئارسىنال مېھمان مەيداندا 0-1نەتىجە بىلەن مانچېستىرغا ئۇتتۇرۇپ قويغان مۇسابىقىدىن كېيىن، پىراففىسورنىڭ گېپى ئاجايىپلا ئىدى، ئۇ:«بۇ يەرنىڭ (ئولد تىراففورد) چىم سۈپىتى بەك ناچاركەن، بىزنىڭ تېخنىكىلىق ئوينىشىمىزغا زور توسالغۇ ئېلىپ كەلدى.»دېگەن.
[داگلىش—توپنىڭ قاڭقىشى بەك كۈچلۈككەن]
1998-يىلى ئۇيۇشما لوڭقىسىدا، داگلىش يېتەكچلىكىدىكى نىيۇكاستىل1-3 نەتىجە بىلەن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ. داگلىشمۇ بۇ نەتىجىگە «توپنىڭ قاڭقىشى بەك كۈچلۈككەن» دېگەن كىلاسسك سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
[بېنتىز—ھەممىسى ئاپسۇننى قېتىۋالمىغانلىقتىن]
ئەينى ۋاقىتتىكى بېنتىزنىڭ لىۋىرپۇلسىغا قارايدىغان بولساق، قېتىلغان توپچىلارنىڭ ھەممسى كوماندىنىڭ كۈچىنى يۇقرى كۆتۈرۈشتە رول ئوينايتتى، ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاپسۇن يوق.
2009-10مۇسابىقە پەسلىدە، بېنتىز لىۋىرپۇل يۇقرى قاتلىمىنىڭ ئۆزىگە خالىغان توپچىلار سېتىۋېلىش ھوقۇقى بەرمىگەنلىكىدىن نارازى بولدى، چۈنكى يۆۋىدىچ، ئاپسۇن، دىستىنلارنى سېتىۋالالمىغان ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا 30 ياشقا كىرگەن ئاپسۇن يارلىنىش ئازابىنى تارتىۋاتقان، غەربى ھامدا تۈزۈك مەيدانغا چىقالمايۋاتقان ئىدى. ئەلۋەتتە بۇنداق ئەھۋالدا بېنتىز ئۆزىنىڭ «كۆزى»دىن ئاغرىنسا بولاتتى.
[رىجكارد—توپچىلارنىڭ قارت ئوينىشىدىن]
گوللاندىيە كوماندىسىنى يېتەكلەش ھەرقانداق بىر تېرىنىر ئۈچۈن سىناق، مەسلەن رىجكارد. 2004-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىدا، كوماندا قىيىن بولغان باشلىنىشنى باشتىن كەچۈردى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ رىجكاردنىڭمۇ پاسسىپ كەيپىياتى ئاشكارلىنىشقا باشلىدى.
ئۇ ئاغرىنىپ تۇرۇپ:«توپچلىرىم قارت ئويناشقا بەك بېرىلىپ كەتتى، باشقا نەرسە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى تارتالمايدۇ، مەن بەك ئەپسۇسلىنىمەن»دېگەن.
[پوچېتىنو—مەيدان بەك كىچىككەن]
بۇ پەسىل توتىنھامنىڭ ئىپادىسى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، ئەمما پوچېتىنونىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان كۈنلىرىمۇ بولغان.
ئالدىنقى پەسىل باشلىنىش پەيتىدە، ئۇ ساھىبخان مەيدانغا بولغان ئەيبلەشلىرىنى بىلدۈرۈپ قويدى:«كوماندىنىڭ ئۇسلۇبى كەڭ بولغان بوشلۇققا مۇھتاج، چوڭ مەيدانغا مۇھتاج، ئورۇن سېزىمى بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم ».
«ئاق بۇغا مەيدانى بەك كىچىك، ھېس قىلدىڭلارمۇ؟»
[مورىنيو—كىچىك بالا(球童) يوق تۇرىدۇ]
«ئالاھىدە بىرسى» بولغان مورىنىيو خۇلاسىلەش پىرى ئەلۋەتتە. بىراق 2011-يىلىدىكى ئىسپانىيە ئالى لوڭقىسىدا، رىئال مادرىد بارسىلوناغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تاپقان باھانىسى ئەجەبلىنەرلىك تۇراتتى.
ئۇنىڭ قارىشىچە بارسىلونادىكى كىچىك بالىلار (球童) مۆكىنىۋاپتۇ.
ئۈستىدىكىلەرنى خۇلاسىلىگەندە، بۇ سەۋەبلەر پەقەت سەۋەبلا ئىدى. |
|